- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-23
- UID
- 46978
- يازما
- 4
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-23
- توردا
- 0 سائەت
|
ياخشىمۇسىز! مەن ئەسىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ھەم شۇنچىلىك ئەپسۇسلاندىم...
يېشىڭىز مەن بىلەن تەڭ ئىكەن،مەن تېخىچە ئاتا-ئانامنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ،ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ ياشاۋاتىمەن.ئوخشاش ياش،ئەمما ئوخشىمىغان شارائىت تۈپەيلى يۈز بەرگەن ئوخشىمىغان تەقدىر-قىسمەتلەر.
دوستۇم،(بىز تەڭ قۇرداش بولغاندىكىن سىزنى بۇنداق دېسەم كۆڭلىگىزگە كەلمەس؟)سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم:
ئېرىڭىز بىلەن يارىشىۋېلىڭ.مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىمۇ سەۋەپ بار.سىز ئۆزىڭىزمۇ كىچىكىڭىزدىنلا ئاتا-ئانىڭىز ئاجقىشىپ كەتكەنلىكتىن يېتىملىكتە چوڭ بولۇشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپسىز،يېتىملىك دەردىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دېمىسەممۇ ئۆزىڭىز بېىڭىزدىن كەچۈرۈپ باققان.‹چىدىغان بۆرە ياغ يەپتۇ،چىدىمىغىنى يۇڭ›دەپتىكەن.بۇ ئىشلارمۇ كىچىك چاغلىرىمدا مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلگەن،بىچارە ئاپام ھەرقانداق جاپالارغا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەرگەچكە،ئىنشائاللاھ ھازىرقىدەك تىنىچ-خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز.سىز قىزىڭىزنىڭمۇ سىز كۆرگەن كۈننى تەكرار كۆرۈپ كەلگۈسىدە سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەندىنمۇ بەتتەر كۈنگە قېلىشىنى خالامسىز؟ئەلۋەتتە ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا چىدىمايدۇ.ئېرىڭىز ئۆزى سىزگە يالۋۇرغان بولسا ۋاقتىدا يارىشىۋېلىڭ.پەرزەنت دېگەن ئەسكى بولسىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدىلا ھەقىقىي بەخـىتلىك بولالايدۇ.ئوبدانراق ئويلىشىڭ!كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىڭىزگە دۈشمەن بولۇپ قالمىسۇن.يەنە كېلىپ قىز بالا دېگەن ئانىنىڭ يېنىدا،ئانا تەربىيىسىدە چوڭ بولسا ياخشىراق.ناۋادا بىردەملىك ھېسىيات ئۈچۈن قىزىڭىز تىرىك يېتىمگە ئايلىنىپ قالسا كېيىن ئۇ چوڭ بولغاندا سىزدىن رەنجىشى مۇمكىن.شۇڭا ئويلىشىپ ئىش قىلىڭ.ھەممىگە سەۋىر كېرەك.ئېرىڭىزنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى ئوڭشاپ قەددىنى رۇسلاپ سىلەرنى بەخىتكە ئېرىشتۈرىدىغان كۈنلىرى كېلىدۇ.ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ!
ئاجىراشماڭلار ئاتا-ئانىلار،
يېتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار ...........
سىزگە ھەم ئائىلەڭلەرگە بەخت تىلەيمەن! |
|