- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 22
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 22
- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- UID
- 47187
- يازما
- 22
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 22
- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- توردا
- 18 سائەت
|
مىنىڭ كۇندىلىك خاتىرەمدىن ئارىيە مەن نىمانداق شورپىشانە ھەرخىيالىمدا شۇ مىنىڭ كەچۇرمشىم .مەن ئەمدىلا 21ياشقا كىردىم بۇ كۇنلە نىمىشقىمۇ مىنىڭ بىشىمغا كىلدۇ دەپ ھەردايىم كۆزۇم ياشتىن قۇرمايدۇ .كىيىن يەنىلا ئۆزۇمگە تەسسەللىى بىرىپ خىلى -خىلى ئادەملەرگە قارغاندا ئۆزۇمنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ئۇھ سىنىپ ئولتۇرۇپ يەنە خىيالارغا كىتەتىم ..... يەنى بۇ كۇندىلىك خاتىرەمنى سىلەرگە يوللاشتىكى مەقسىتىم چۇنكىى يىقىندىن بۇيان كاللام پەقەت جايىدا ئەمەس شۇڭا بۇ مۇنبەردىكى ئاكا -ھەدىلەردىن ماڭا يول كۆرستشىنى ماڭا مەسلىھەت بىرشىنى ئۇمۇت قىلىپ كىچكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغىچە بولغان تۇرمۇش خاتىرەمنى سىلەرگە يوللدۇم .....ياخشى مەسلىھەت بىرىشڭلانى ئۇمۇت قىلىمەن ..رەخمەت شۇنداق بەخىتلىك ئىدۇقكى باشقىلارنىڭ بىزگە ھەۋىسى كىلەتتى ... دادام-ئاپام ،ھەدەم ۋە مەن بەخىتلىك ياشاۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىزگە كۆز تەگكەندەك ،دادام بىلەن ئاپام كۇندە تەگىشىپ قالىدغان دادام نەچچە كۇنىدە بىر كىلىدىغان ھەر كەلگەندە مەس كىلىپ بىزنى تىلايدىىغان ئاپامنى ئۇردىغان بولىۋالدى .بۇنداق كۇن داۋاملىشاۋەردى ، ئاپام بولسا كۇندە كۆزدىن ياش قۇرىمايتى . دادام تۇيۇقسىز ئاجىرشىش تەلپىنى ئوتۇرىغا قويدى .لىكىن ئاپام ئۇنمسا -ئۇنمغىنغا قويماي خىتڭنى ئال دەپ يامانلىق قىلدى دە ئاجىرشىپ كەتتى ..... سوت ئاپامىغا 5ياشقا كىرىگەن ھەدەمنى بۆلۇپ بەردى .مەن ئەمدىلا 3ياشقا كىرىگەن بولغاچقا ئاق قارىنى پەرىق ئىتەلمەيتىم مىنى دادامغا بۆلۇپ بەرىگەن ئىدى ... شۇنداق قىلىپ ئاپام ھەدەمنى ئىلىپ بۇ ئۆيدىن ئايرىلدى مەن بولسام بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ئولتۇراتتىم . ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مىنىڭ ئازاپلىق كۇنلىرىم باشلاندى .دادامنى بىر تۇغقان ھەدسى بولۇپ بەك ياخشى ئىدى مىنى بەك ياخشى كۆرەتتى .دادام ئەنە شۇ ئاجىراشقان كۇندىن باشلاپ بىز بۇرۇنقى ئۆيىمىزدىمۇ تۇرىمايتۇق .دادام كۇندە دىگۇدەك ئۆيگە كەلمگەچكە مىنى ھەدسىنىڭ يەنى كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆزى ئويۇنىنى -ئويناپ يۇرەتتى ....مىنىڭ كۇنلىرىم بولسا ئاپامنى سىغىنش ھەدەمنى سىغىنىش بىلەن يىغلاپ ھەتتا چۇشۇمدىمۇ ئاپامنى چۇشەپ يىغلاپ ئويغۇنۇپ كىتەتىم .دادام بىر كۇنى قايتىپ كەلدى ۋە كىچىك ئاپامغا ئۆزنىڭ سىرتتا بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالغىنىنى ئۇ خوتۇنىڭ شۇنداق ياخىشلىقىنى تاماقا شۇنداق ئۇستلىقىنى ئاغىزى-ئاغىزىغا تەگمەى ماختاۋاتاتتى يەنى بۇ تويغا كىچىك ئاپامنىڭ قوشۇلۇشى ئۇچۇن قايىل قىلماقچى بولاتتى .يەنى ئۇ خوتۇنىڭ قوسقىدمۇ ئۆزنىڭ بالىسى بارلىقىنى چاققانراق توي قىلمسا بولمايدىغانلىقىنى دەۋاتاتتى .كىچىك ئاپامدا نىمە ئامال بولسۇن ئۇلارنىڭ توي قىلشىغا قوشۇلغانمۇ بولدى .... شۇندىن بىر ھەپتە ئۆتۇپ ئۇلار ئاددى نىكاھ ئوقۇتۇپ بىز بۇرۇن تۇرىغان ئۆيدە باشقا بىر توڭ قاپاق ئايال پەيدا بولدى .شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ كۇنۇم تىخمۇ تەس كۇنگە قالدى .ئۇنى ئاپا دەپ چاقىراتتىم .دادام خىزىمەت ئۇچۇن باشقا يۇرتلارىغا سەپەرىگە ئاتلىناتتى .مەن تىخى كىچىك تۇرۇپلا ئۇ ئۆينىڭ بىر تازلىق ئىشچسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم ھەممە يەرنى كۇندە تازلاپ پارقىرىتىۋتەتىم .بىر ئىشنى خاتا قىلدىم بولدى يەيدىغىنىم داقا-دۇمباق ئىدى .يىتىم ئوغىلاق دەپمۇ تىلايتى .مەن چىداپ تۇرالماي ئاخىرى بىر كۇنى كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە قىچىپ كىتەتىم . دادام سەپەردىن قايتىپ كەلدى .مىنىڭ يوقلىقىمنى كۆرۇپ پەرەز قىلغان بولسا كىرەك كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە كىلىپ مىنىڭ نىمىشقا قىچىپ كەتكەنلىكىمنى ئۇ خوتۇننىڭ مەندىن ناھايتىمۇ .ئەنسىرگىنىنى كىچىك ئاپامغا دەپ ئۇ خوتۇنى ئاقلاپ كىچىك بالىنىڭ گىپىگە ئىشەنمەسلىكنى دەۋاتاتتى . دادامنىڭ گىپىگە ئىشەنمسىمۇ نىمە ئامال دادامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئارتۇق -تۇشۇك گەپ قىلمايتى .بىر كۇنى بىز ئۆي تازلاۋىتىپ مەن توڭلاتقۇ سۇرتىۋاتاتىم بۇيۇم پاكار ھەم كىىچىك بولغاچقا توڭلاتقۇنىڭ ئۇستىدە نىمىنڭ بارلىقىنى بىلمەي تۇيۇقسىز تىزگىنەك توڭلاتقۇنىڭ ئۇستىدىن چۇشۇپ كەتتى بۇ جەرياندا ئۆگەي ئاپام ئۇ يىتىمەك نىمىش قىلۋاتىسە دىگىنىچە بىشىمنى تامغا ئۇستۇرۇپ بىشىمنى يىرۋەتتى .داداممۇ نەق مەيداندا بولغاچقا ئاچچىقى كىلىپ ئۇراي دىسە ئۇنىڭ قوسقىدا بالا بار بىرەر خەۋىپ يەتمىسۇن دەپ يەنىلا قول تەكۇزەلمەي مىنى شۇ كۇندىن باشلاپ ئۇرماسلىقنى ياخشى تەربىيە بىرشىنى چىرايلىق مۇۋامىلە قىلشىنى ئۆتۇندى .شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ھىلسى چىقتى دادام با چاغلاردا ۋاي قىزىم دىسە يوق چاغلاردا ۋاي يىتىمەك دەپ يۇرەتتى ..شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئاستا -ئاستا چوڭ بولۇپ مەكتەپ يىشىغا يەتتىم .ھەم يىڭى مەكتەپ يولىغا قەدەم قويدۇم .ئوقۇيتۇم لىكىن خىيالىم باشقا يەرلەردە ئىدى .ئاپامنىلا ئويلايتىم ھەم كۇندە تاياق يىگەنلىرىمنى ئويلايتىم .ئىشقىلىپ دەرس كالامغا پەقەت كىرمەيتى،بەربىر ئۆيگە بارسساممۇ تاپشۇرۇق ئىشلىمەي ئۆي ئىشىنى قىلغاچقا دۆت بولۇپ قىلۋاتاتىم لىكىن رەسساملىقا بەكمۇ قىزىقاتىم .كۇندە رەسىم سىزىپ ئولتۇراتتىم .ئۆيگە ئويناپ كەچ قايتاتىم بىلىمەن ئۆيگە قايتسام سەۋەپسىزمۇ تاياق يەيدىغىنىمنى شۇڭا ئۆيدە كۆرمىگەن خوشاللىقنى مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئويناپ ئۆتكۇزەتتىم.......................داۋامى با
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-19 15:00):
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-19 15:37):
|
|