ئىگىسى: taxnayi-a

ئالىي مەكتەپ ھەققىدە تاققا – تۇققا خىياللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7538
يازما
37
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 22:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قارىغاندا بۇ تېما ئارقىلىق ئىچكىردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىزدەك بالىلار دەرت تۈكۈشىدىغان ئوخشايمىز.يۇقىرىدا تېمىغا ئىنكاس يازغانلار ئاساسەن ئىچكىردە ئۇقۇيدىغان بالىلاركەن.مەنمۇ ئىچكىردە ئۇقىۋاتقىلى 4 يىل بولاي دىدى.ئويلاپ باقسام،بۇ 4 يىلغا يېقىن ۋاقتتا ئېرىشكەنلىرىم ۋە يوقاتقانلىرىم خېلى باركەن.
  مىنىڭمۇ ئالىي مەكتەپكە دەسلەپ كەلگەندە زور ئىشەنچ ۋە ئۇلۇغ غايىلەر بىلەن كەلگەن ئىدىم.ئەپسۇس،2 يىللىق ھاياتىم تەييارلىق ئۇقۇش باھانىسى بىلەن بىھۇدە ئىسراپ بۇلۇپ كەتتى،سەۋيەم مىنوس چىقىپ كەتتى دىسەممۇ بولىدۇ. مانا ھازىر نەنجىڭغا كىلىپ ئۇقىۋاتقىلى 2 يىل بولاي دەپتۇ.كەسىپكە چۈشكەندىلا ئاندىن ئۆزەمنىڭ كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقىمنى يەنە بىر كۈچلۈك قېتىم ھېس قىلدىم.ئۆزى قىززىقمىغان كەسىپنى ئۇقۇشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ھېس قىلدىم.شۇنچە تىرىشىپ باققان بولساممۇ،كەسىپ ئالمىشالمىدىم.كەسپى دەرسلەرنى خېلى كۈچەپ ئۆگىنىپ باققان بولساممۇ،يەنىلا چۈشۈنمىدىم.ئۇقۇش ھاياتىمدا ئەززەلدىن سىنىپنىڭ ئالدى بۇلۇپ ئۇقىۋاتقان ئادەم ھازىر مانا سىنىپنىڭ كەينىدە قېلىشنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىماقتىمەن(مەن سىنىپىمدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچى،لىكىن نەتىجەم).2-يىللىققا چىققاندىن باشلاپ «تۇلۇق كۇرۇس 2- كەسىپتە ئوقۇۋاتىمەن.ئاللاھ خالىسا شۇنى ياخشى ئۇقۇپ كەتسەم دەيمەن.

UID
16297
يازما
175
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
535
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
140 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 23:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 22:48
قارىغاندا بۇ تېما ئارقىلىق ئىچكىردە ئىلىم تەھسىل قىل ...

بەزى كەسىپلەر ھەقىقەتەنمۇ تەس، بولۇپمۇ ئادەم قىززىقمىغان نەرسىلەر تېخىمۇ شۇنداق! ئەينى ۋاقىتتا كەسىپ تاللاشتا توغرا مەسلىھەت بەرگىدەك ئادەم بولمىغانلىقىنىڭ دەردىنى ئەمدى تارتىدىغان گەپ... ئەمما تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئويلاپ باقساق، بىز قىززىقمايمەن دەپ ئويلىغان پەنلەرنىڭمۇ قىززىقىدەك يىرى بار! ھەرقانداق نەرسىنى «مەن بۇنى ئۈگېنىش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى؟» دېگەننى ئويلاپ كىرىشسەك، قىززىقىپمۇ قالىدىكەنمىز...سىتېۋ جوبىسنىڭ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۈگىنىپ قويغان ھۆسىنخېتى ئاخىرىدا تولىمۇ ئەسقاتقىنىدەك... مەكتەپ ئۈگەتمەكچى بولغان چىچىلاڭغۇ نەرسىلەرنى مەلۇم مۇناسىۋەتتە بىر - بىرىگە باغلىۋالساق، ھەقىقىي ئۈگىنىدىغان نەرسىلەرنى قانداق تاللاشنى ئۈگېنىپ كېتىمىز...
    باتناپ يۈرۈپ ھېچنەرسىگە ئىرىشەلمەيمىز، ئەگەردە پەقەت بولمىسا كەسكىنلىك بىلەن قارا چىقىرىپ، ئىشەنچىمىز بار ئىشلارغا ئاتلىنىشىمىز كىرەك! ئۆزىمىزگە، قەلبىمىزگە ئىشىنىمىز!!

UID
31144
يازما
401
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 12:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،يۇرۇكۇمدىكى گەپنى قىلىپسىز ،مەنمۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا 计算机应用ئوقۇغان ،مەكتەپتە بىر يىل خەنزۇچە ئوقۇغاندىن كېيىن كەسىپكە چۇشكەن ،بىراق كەسىپكە چۇشكەندىن كىېين نەدىكى مۇرەككەپ نەرسىلەنى سوزلەپ ئەمىلىي بىلىم بەرمەي ،مەكتەپ پۇتتۇرگەندىن كېيىن ناھايتى ئەپسۇسلانىدىم ،مەكتەپتە خىلى ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇغان بولغاچقا جەميىەتكە چىققانداق چۇقۇم ئوگەنگەنىلىرىمنى ئشىلەتەيمەن دەپ ئويلىغان بىراق خاتالىشىپتىمەن ،ئەمەليتەت ،جەمييەت مەن ئويلغاندەك ئەمەسكەن.

UID
46978
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 17:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەتلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە ‹ئالىي مەكتەپ› دېگەن جاينى ئاجايىپ سىرلىق ھەم ‹ئۇلۇغۋار› تەسۋىرلەپ بېرەتتى...‹ھازىر تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتىۋالساڭلار بولدى،ئۇ يەرگە بارغاندا بۇنداق قىينىلىپ جاپا تارتىپ ئۆگىنىشمۇ كەتمەيدۇ،كۈنلىرىڭلار ئەركىن-ئازادە،ئويۇن-تاماشا ئچىدە ئۆتىدۇ...›دەيتتى.بىراق،مەن ئازۇيۇمدىكى ‹ئاجايىپ› ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈشىمىز ئۈچۈنلا بىزنى قىزىقتۇرۇپ ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىپتىكەن.ئالىي مەكتەپلەر بىزنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇى چارچىتىۋەتتى.راستىمنى ئېيتسام،ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسىپ ئىگەللەش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساختا گەپلەركەن.بەزىدە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ مۇشۇنداق بىر ساختا مۇھىت ئىچىدە ياشاپ ئۆزىمىزنى ھەم ئاتا-ئانىمىزنىمۇ ئالداپ تۇرمۇشىمزنى ئەپلەپ-ساپلاپ ئۆتكۈزىۋاتقىنىمىزغا پۇشايمانلارنى قىلىپ خېلىدىن-خېلىغا مۇنازىرىلىشىپ كېتىمىز.ئۆ-ئۆزىمىزنى ئالداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تۇرمۇشىمىزدىن ئېچىنىپمۇ قالىمىز.شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ،ئالىي مەكتەپلەر مائارىپى دېگەنلەر ھەممىسى ساختا گەپلەركەن.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش دېگەن پەقەت پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىدىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈش دېگەنلىككەن خالاس.....

UID
47045
يازما
98
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
98
تىزىملاتقان
2012-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 13:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxnayi-a يوللىغان ۋاقتى  2013-3-18 21:34
«چۇنكى تولۇق ئوتتۇرنىڭ مۇئەللىملىرى ئالىي مەكتەپنىڭ  ...

ئاللاھ بىزگە ئاشۇ سىز دىگەن ئۆملۇكلەرنى ئاتا قىلغاي ئىلاھىم!
بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى !

UID
46746
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 13:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mihman999 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-18 19:43
قىرىندىشىم ،مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئىچكىر تولۇقتا ئوقۇۋات ...

مەنمۇ ئۆزۈم ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئادەم، ھازىر ئالىي مەكتەپتە، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ،مەن شۇنداق ئويلايمەن ئىشقىلىپ..............ئالىي مەكتەپنىڭ قانداقلىقىنى چىقاندا بىلىپ قالىدىكەنمىز، مىنىڭمۇ ھازىرلا بىرە ئىش قىلغىم بار لىكىن شۇ دىپلوم بولمىسا ئىش قىلىش تەس بوپ كەتتى ئەمەسمۇ..............

UID
48085
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 19:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش