ئاتا-ئانىمىز بىزنى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ، دەپ بىلىدۇ. ئوقۇۋاتقىنىمىز راست، بىراق ئوقۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن سۆزلەپ كەلسەك بىز خۇددى ئۆزىمىزگە ئوقۇمايۋاتقاندەكلە تەسىر بېرىمىز. دەرسلەرنىڭ چوڭ جەھەتتىن ئۆلۈك ئۆتىلىدىغىنى راست. بىراق شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنىڭ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كەينىدە تۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا پەرق بار(پۈتۈنلەي ئەمەس). مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىسىتىدا دەرس ئاڭلاپ باققان، بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى(خەنزۇتىلى سەۋىيىسى ياخشى ئەمەس)كىتابنى خەنزۇچە سۆزلەۋېتىپتۇ، بىر ئاڭلىسا خەنزۇچە گەپ قىلىۋاتقاندەك، يەنە بىر ئاڭلىسا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتقاندەك. گەپ خەنزۇچە بىراق ئاھاڭ ئۇيغۇرچە. ناۋادا مۇشۇ مۇئەللىمگە دەرسنى ئۇيغۇرچە ئۆتكىن دېگەن بولسا بەلكىم كىتابقا قارىماي تۇرۇپ بەك نوچى سۆزلىۋەتكەن بولار ئىدى، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.
ئالىي مەكتەپتە باشقىلارغا ئوخشاش ۋاقىت ئېڭىنى ياخشى يىتىلدۈرۈپ، دەرسكە ۋاقتىدا چىقىش، ئىمتىھانلارغا ئوبدان تەييارلىق قىلىش(ئۆلۈكتەك، ساراڭدەك)...ۋەھاكازالارنى سەپتىن چۈشۈرىۋەتكەندە، مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋاپتىمەن: بۇرۇن ئۆيدىكىلەر قىلىپ بەرمىسە ھېچنېمە قىلالمايتتىم، مۇستەقىللىق ئېڭىم يوقتى. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن قاتتىق مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىتىلدۈردىمكىن، ھەتتا بىر قېتىم ھەدەمنىڭ تويىغا ئۈلگۈرىمەن دەپ، ئۆزۈم يالغۇز پويىز بىلە كېتىۋەرگەن، قايتىپ بارغاندا ئاپام بۇ قەھرىمانلىقىمنى ئاڭلاپ تاسلا قالغانتى ھوشىدىن كەتكىلى؛ بۇرۇن يەيدىغان تامىقىمدىن يېمەيدىغان تامىقىم تولىتى. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن تاماقنىڭ ناچارلىقىدىن ھەرقانداق تاماق دەپ ئىسمى بارلىكى تاماقنى يەۋېرىدىغان بولدۇم. تاماقنى قەدىرلەيدىغان، بۇ تاماق ئوخشىماپتۇ، دېگەن گەپنى ئاغزىمدىن چىقارماسلىققا تىرىشىدىغان نوچى ئادەتنى يىتىلدۈردۈم؛ بۇرۇن دۇنيا مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپلا ئويلاپ يۈرەتتىم. ئالىي مەكتەپكە كەلگەن كېيىن نەزەر دائىرەم ئېچىلدى. ۋاقتىم چىقسىلا ئۇ-بۇ شەھەرلەردە ساياھەتتە بولدۇم. دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھوللىۋودنىڭ نادىر فىلىملىرىدىن كىنوخانىدا ھوزۇرلاندىم، قەھۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقتىم. داڭلىق ماركىلىق كىيىم سېتىش سودا-سارايلىرىنى ئايلاندىم دائىم دېگۈدەك، بەزىدە بىرەر تال ئېپمۇ قويدۇم مەخپىي

؛ بۇرۇن ئۇيغۇرنى سۆيۈش دېگەن ئۇقۇم مەندە يوقتى. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان، سودا قىلىۋاتقان(ھەرتۈرلۈك)، ھەم ... قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم، مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۈگەندىم، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىن يېزىقىدا ئۆلچەملىك يېزىلىشىغا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، ئۇيغۇرچە ساپ تىلدا سۆزلەشكە تىرىشتىم...قىسقىسى، مەندە ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان بىر تاتلىق قەلب بارلىققا كەلدى.
دادام مەن قىزىمنى 20يىلغا يېققىن ئوقۇتقۇدەكمەن دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېنىڭ كۆڭلۈممۇ يېرىم بولدى. دادام قانداقتۇر بۇ گەپنى باشقىچە مەنىدە دېمىگەن بولسىمۇ، تا ھاززىرغىچە ئوقۇيمەنلا دەپ، دادام-ئاپام ئۈچۈن تۈزۈك بىر ئىش قىلىپ بەرمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ ئوقۇش مۇساپەمنىڭ غەلبىلىك ئاياغلىشىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا بولىشى مۇمكىن. ھەرقانچە ئۆلۈك مائارىپنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە ئوقۇغان بولساقمۇ بىراق مۇشۇ ئوقۇش جەريانى بىزگە نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان تۈردىكى ساۋاقلارنى بېرىدۇ. بىر قىز بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن گەرچە تەڭ ياشلىق ئانچە ئوقۇمىغان قىزلار بىلەن ئوخشاش قايتىپ بارغاندىن كېيىن توي قىلىپ، ئائىلە قۇرۇپ، بالىلىق بولۇش...دېگەندەك ئوخشاش تۈردىكى پەلەمپەيلەرنى بېسىپ ئۆتسەممۇ، بىراق مەن تۇتقان ئائىلىنىڭ باشقىچە مەنىدە تۇتىلىدىغانلىقىغا، مېنىڭ پەرزەنتىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئائىلە تەربىيىسىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
تەشنائىنىڭ يازمىسىغا رەھمەت. بۇندىن كېيىنكى ئۈگۈنۈش، خىزمەت مۇساپىڭىزنىڭ غەلبىلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن، بىرلىكتە تىرىشايلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-19 16:13