- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-23
- UID
- 46978
- يازما
- 4
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-23
- توردا
- 0 سائەت
|
مەن ئۆزۈممۇ بىر قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن قىزنىڭ نۇقتىسىدىن سۆزلەي...
بىز قىزلار ھەممىدىن بەكرەك يىگىتىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنىشىنى،قوللاپ قۇۋەتلىشىنى،ئۆزىنى قوغدىشىنى بەكرەك خالايمىز.ياخشى كۆرگنلىكىنى بىر ئۆزىلا بىلىپ تىلى ئارقىلىق ئىپادىلىمەي،سىرتىغا چىقارماي‹قورسىقىمدىكىنى تاپ›دېيىشىنى پەقەتلا خالىمايمىز.شۇڭا ناۋادا سىز ئۇ قىزنى راستىنلا شۇنچىلىك ياخشى كۆرسىڭىز يۇقاردىكى دوستلىرىمىز ئېيتقاندەك ئۇنى ھالاللاپ ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ،ئاندىن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى ئۇقۇشماسلىقلارمۇ بىراقلا يۇيۇلۇپ كېتىدۇ،ھەم باشقىلار سىزدىن ئۇنى ھەرگىز تارتىۋالالمايدۇ.ناۋادا ھازىر توي قىلىش ئويىڭىز بولمىسا،ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ.ئىشلار دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟! قاراڭ،سىز كۈندۈزلىرىمۇ بىردەم-يېرىمدەم بولسىمۇ ۋاقىت ئاجىرىتىپ كىچىككىنە سوۋغىدىن بىرنى ياكى بىر تال ئەتتىرگۈلنى كۆتىرىپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەڭ،ئۇ چاغدا سىز ئىشىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالسىڭىزمۇ قىز بايىقى خۇشاللىقىدا سىزنىڭ مۇھىم ئىشلىرىڭىزغا دەخلى قىلمايدۇ.يەنە بىرسى،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيتىڭىز بولسا،ئارىلاپ كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭلار توغرىسىدا پاراڭلىشىڭلار.قىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.
بەلكىم مېنىڭ پىكرىم بەكلا بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالغاندۇ،بەلكىم بۇلارمۇ يېتەرلىك ئەمەستۇ.ئادەمگە ئادەم ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ.قېنى ئاۋۋال مۇمكىن بولسا مەن دېگەنلەرنى سىناپ كۆرۈڭ،پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىلەرگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن! |
|