- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 39
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 159
- تىزىملاتقان
- 2010-9-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-17
- UID
- 5330
- يازما
- 39
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 159
- تىزىملاتقان
- 2010-9-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-17
- توردا
- 30 سائەت
|
يۇقۇردىكى تورداش ناھايتى ياخشى سۆزلەپتۇ . بولسا ۋاقتىدا تويىڭىزنى قىلىۋىلىڭ .
سىز سۆزلەپ بەرگەن ۋەقەلىككە قارىغاندا ، سىز ئۇ قىزنى پەقەت ئاخشىمىلا يوقلاپ تۇرالايدىكەنسىز . بۇنداق بولغاندا ھەققەتەن ئۇ قىزغىمۇ ئاسان ئەمەس ، گەرچە سىز بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇمۇ ئوخشاش خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولسىمۇ ، ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىنكى ئىشلار سىزگە نامەلۇم . بەلكىم ئۆيدىكىلەرنىڭ گىپى ياكى بىر قىسما قاراشلىرى ئۇنى ئىيقۇسىز خىجىللىقتا قويىشى ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىشى تۇرغانلا گەپ ، چۈنكى «ئاياللار دىگەن ئۆچكە يېغى» غا ئوخشايدۇ دەپتىكەن كونىلار . شۇڭا ئەتىسى سىزگە باشقىچە بىلىنگەن بولىشى مومكىن . شۇنداق بولغانكەن ، ئۇنى ياخشى كۆردىكەنسىز !، ئۇنداقتا سىزمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇللاردا كۆڭۈل بۆلۈڭ . ئانچە -مۇنچە ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ۋاقىتلاردا پەيدا بولۇپ قويۇڭ . ئۇ ياقتۇردىغان ، ئىرىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان سوۋغىلارنى ( مەيلى كىچىك نەرسىلەر بولسۇن) بىرىڭ . چۈنكى سىلەر تېخى كىچىككەنسىلە . شۇڭا سوۋغاتنىڭ ئاددى بولىشى ھېچ گەپ ئەمەس . ئەمما سىزگە شۇنى دىگىم كىلىۋاتىدۇ : قىز -ئاياللار سىز كۆپ يول قويىدىغان ، جان چىكەتسە چىكەتسۇن ئەمما سىز يىلىنىدىغانلاردىن ئەمەس . شۇڭا مۇۋاپىق يول قويۇڭ (ياخشى كۆرىسىز ئەمەسمۇ ؟) ، ئەمما سىز دىگەندەك يەنە باشقىسىغا قارىغۇدەك چىرايى بولسا ، سىلىق ھالدا «خۇداغا ئامانەت» دەڭ . ناۋادا سىزگە راستىنلا كۆڭلى بولسا ئۆزى سىزنى ئېزدەيدۇ . كۆڭلى بولمىسا شۇ تاللىغىنى بىلەن ئۆتسۇن . سىزگە شۇنداق بىرسى ئۇچرايدۇكى . ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن ھەر ۋاقىت ئۆمۈتلىنىڭ !. مەن بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سىېردىشالايدىكەنمەن سىز بىلەن .
يولداش ماۋزېدۇڭ ئۇيغۇرلارغا ناھايتى مۇۋاپىق بىر ئىسىل گەپنى قىپتىكەن . يەنى : ئارام ئىلىشنى بىلمىگەن كادىر، ياخشى كادىر ئەمەس دەپ . سىزمۇ ئانچە مۇنچە ئارام ئىلىپ قويۇڭ . سىز تېرىشسىڭىزلا بىر كۈندە بىر ئادەمنىڭ ئەمەس ، 10 ئادەمنىڭمۇ كۆڭلىدىن چىقمىغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ ، كۆڭلىنى ئالغىلى بولىدۇ . |
|