تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: ehrami

نورۇزنى ئۆتكۈزۈش- ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدىكى ئويلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
46729
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-5
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 22:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
329
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
6689
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-4
توردا
153 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت بىلەن مەدىنىيەت . جان بىلەن تەنگە ئوخشايدۇ. تەن بولمسا جان بولمىغىنىدەك، ئۇيغۇرلار بولمىسا، ياكى پارىسلار بولمىسا، ياكى خاۋارىجلار بولمىسا ، ئەرەپلەر بىلەنلا ئىسلام مەدىنىيتى يۇكسىلەلمەيدۇ.

مىللەت بىلەن مەدىنىيەت بىر ئۇقۇم. بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەرپى دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇنى ئاجىرتىش باغلىماسلىق ئىغىر گۇناھ. نورۇز مىنىڭچە بۇنى بىر تەنتەربىيە يىغىلىشى دىگەن تۇززۇك، بۇنىڭدا ئىلگىرى سۇرىلىدىغىنى ، ئوغلاق تارتىش،چىلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا مۇشائىرە،مۇنازىرە، دىگەندەكلەر تىخىمۇ بىيىتىدۇ. نىسارالارنىڭ دۇنياۋىي تەنتەربىيە بەيگە يىغىلىشلىرى بولسا، ئالدىدا ئايرۇپىلان بىلەن بىرىپ پۇل خەجلەيدۇ. تىكىشىدىغىنىنى دىمەيلى مەيلى، ماۋۇ ئۇيغۇرلاردىكىسى، تامنىڭ ئىچىدىكىسى كۆڭلىنى خوش قىلسا بولمايدۇ.   بۇ قانداق مەنتىقە بولدى ئەمدى. دىننى دومبا بىلەن ساقالغىلا باغلىۋالمايلى.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-5 12:20):
قىرىنداشلار

UID
1791
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2009-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 15:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزنى ئۆتكۈزۈش كېرەك، مېنىڭ بىلىشىمچە ئىسلام دىنى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ!

UID
13464
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 16:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilyas.hamit يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 05:32
تۆۋەندىكىنى بىر ئاڭلاپ ئاندىن ئۆتكۈزەمسىز ئۆتكۈزمەمس ...

بۇ سىندا «قالغان بايراملار ئەسلى بولمىغان، يېڭىدىن پەيدا بولغان بايراملار بولۇپ، بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ» دېيىلىپتۇ.

بىدئەت دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى يېڭىلىق دېگەن سۆز بولىدىكەن.
بۇرۇنقى چاغلاردا ئات- ئېشەكلەردە سەپەر قىلىپتىكەن، ھازىرقى چاغلاردا پويىز ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىمىز. بۇ بىدئەتمۇ؟

قانداق ئىشلاردىكى يېڭىلىق قارشى ئېلىنىدۇ؟ قانداق ئىشلاردىكىسى قارشى ئېلىنمايدۇ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىلمىغاننى قىلمايمىز دەپ يوغانچىلىق قىلىدىغانلار مۇشۇ جەھەتلەردىن ئويلاپ بېقىڭلار، بىز يەۋاتقان لەغمەننى پەيغەمبىرىمىز يېمىگەن بولىشى مۇمكىن، بىز كەيگەن دوپپىنى كەيمىگەن بولىشى مۇمكىن...
نورۇز ئۆتكۈزۈش بىدئەت بولسا، ئوخشاش مەنتىقە بويىچە دوپپا كېيىش، لەغمەن يېيىش قاتارلىقلارمۇ بىدئەت بولمامدۇ...
پەيغەمبەت ئەلەيھىسالام قىلغاننى چوقۇم ھەق دەپ ئېتىراپ قىلىمىز.
بىراق قىلمىغاننى ھارام بىلىپ قىلمامدۇق؟

ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. خالىغانلار ئۆتكۈزسە بولىدۇ، شەك قىلغانلار ئۆتكۈزمىسە بولىدۇ. ئۆتكۈزىدىغانلار ئۆتكۈزمىگەنلەرنى مىللەتنى سۆيمەيدۇ دەپ ئەيبىلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆتكۈزمەيدىغانلار دىنىي تونغا ئورىلىۋېلىپ، باشقىلارغا كاپىرلىق ئۇنۋانى بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

قايسى بىر جۈمەدە سۆزلىگەنىدى يەھۇدىيلارنىڭ كالا ۋەقەسىنى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش بۇ. تولا سوراپ ئۆزىمىزگە قىيىنچىلىق تېپىش ياخشى ئەمەس.

UID
46792
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 00:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amball يوللىغان ۋاقتى  2013-3-5 16:45
بۇ سىندا «قالغان بايراملار ئەسلى بولمىغان، يېڭىدىن پ ...

ئۆزۈمنىڭ ئەلكۈيى نومۇرى ئىچىلمىدى،نىمە بولدىكىن بىلمىدىم،مۇشۇ ئىنكاسنى يازىمە دەپلا بۇنى يىڭىدىن ئىلتىماس قىلدىم.

ئابدۇۋەلى قارىكام دىگەن 4-نادان سىزكەنسىز،يەنى ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدۇ!       
بىدئەت 2 خىل بولىدۇ :

«بىدئەت» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ئىجاد»،«ئىختىرا» ۋە «پەيدا قىلىش» دېمەكتۇر. لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىدئەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
       1. ھاياتلىق ئىشلىرىدا يېڭىلىقلارنى ئىختىرا قىلىش بولۇپ، بۇ، ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا كەشىپىياتلاردۇر. بۇ خىل بىدئەت يەنى ئىختىرا دىنىمىزدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردۇر.
       2. لىكىن قىرىنداشلىرىم قۇلاقتىن -قۇلاققا يەنە بىر بىدئەت دىنى مەسىلىلەردە يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇ خىل بىدئەت قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى دىنىمىزنىڭ ئىبادەت، ئېتىقاد ۋە باشقىلارنىڭ  پۈتۈن نىزام - سىستېمىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا تاكامۇللىشىپ بولغان. مۇسۇلمانلار شۇ نىزام ۋە سىستېمىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بېرەر شەيئىنى زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش، ياكى باشقىسىنى ئىختىرا قىلىش چەكلەنگەندۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ مۇشۇ دىنىمىزغا بېرەر يېڭىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى).
       مەنئى قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ تۈرلىرى:
       1. ئىتىقاد جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، بۇ ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان جەھمىييە، رافىزە، خاۋارىج ۋە بەزى شىئەلەرنىڭ ئېتىقادلىرىدۇر.
      2. ئەمەل - ئىبادەت جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلماسلىق ياكى يېڭى ئىبادەت شەكىللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش. بۇلار تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:


1.   (1) مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ ئەسلى بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن شەرىئەتتىن دەلىلسىز ھالدا ئىبادەت شەكىللىرىنى بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن:  پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش نامىزى ۋە باشقىلار قاتارلىق شەرىئەتتىن دەلىلى بولمىغان نامازلار.
       (2) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە بىر نەرسە زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش. مەسىلەن: رامىزان رۇزىسىغا شەك كۈنىنى قوشۇۋالغانغا ئوخشاش.
      (3) ئىبادەتلەرنى بۇيرۇلغان قائىدە - سىستېما بويىچە ئادا قىلماستىن، يېڭى قائىدە تەرتىپلەرنى پەيدا قىلىۋېلىش. مەسىلەن: ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەركىدۇنيا بولىۋېلىش، تەسبىھ بىلەن ساناشنى زىكىرنىڭ قائېدىسى ياكى شەرتى قىلىۋېلىش.
      (4) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزلىگىدىن ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: بارائەت كېچىسىنىلا كېچە نامىزىغا مەخسۇسس قىلىۋېلىش. چۈنكى كېچە نامىزى مەخسۇس بىر كېچە ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن ئىبادەت بولماستىن، بەلكى يىلنىڭ قايسى كېچىلىرىدە بولمىسۇن ئوقۇسا بولىدىغان نەفلە ئىبادەتلەردىندۇر. شۇڭا ئۇنى بارائەت كېچىسىگىلا مەخسۇس قىلىۋېلىش بىدئەت سانىلىدۇ. يۈقىرىقى بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. ئۇنىڭدىن بېرەرنى سادىر قىلغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىندا پەيدا قىلىۋېلىنغان ھەر قانداق يېڭى ئىش بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).


2.  مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان  دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتتى. ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە كەشىپىياتلارنى ئېچىش كېرەك ئېدى.  ئىسلام دىنى ھېچ قاچان تەرەققىياتنىڭ قارشىسىدا ئەمەس ، بەلكى تەرەققى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە رىغبەتلەندۇرىدۇ. دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى مانا مۇشۇ. ئاللاھتەئالا ھەممىمىزنى تۈغرا يولغا يىتەكلىسۇن.

UID
46792
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 00:28:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى نىمە بولدى ؟ بۇنى يىڭى تىزىملاتساملا بىر قىزنىڭ باش سۈرىتى تۇرىدىغۇ؟؟؟؟؟  باشقۇرغۇچىلار سىستىماڭلاردىن چاتاق چىقتىمۇ نىمە؟؟؟ بۇرۇنقى نومۇرۇم ئىچىلمىدى ، ماۋۇ مانداق تۇردۇ....

UID
46797
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 01:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز توغرىسدىكى تىما -ئىنكاسلار  يۇركىمنى سىقۋەتتى !مۇشۇ مۇنبەردىكى دىنىي ئولمالارنى ھاقارەتلەيدىغانلارنى ............. فەيغەمبەر ساللالاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسسلەللەم  بىرەر ئىختىلاپ ياكى توقۇنۇشقا يولۇقساڭلار دەرھار بىز تەرەپكە قايتىڭلار دىگەن . ھەر گىزمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئۇلۇغ مىللەتنڭ مىللى ئەنئەننىڭ ئەمەس بەلكى بىزتەرەپكە يەنى ئىسلام تەرەپكە دىگەن ...ئەنئەنمىز مۇنداق مىللىتىمىز مۇنداق دەپ باھانە كورسەتكەنلەر ئىمانىڭلار ئىتقادىڭلار شۇنچىلىككەن  !!!!!!بۇ دىن ھەرگىزمۇ سىلەردەك مىللەتچىلەرنىڭ دىنى ئەمەس ئاگاھ بولۇڭلار  .... قايىل بولمىساڭلار مەيلى ئەمما دىن ئولمالىرغا ھاقارەت قىلماڭلار  

UID
13464
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 02:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oyhan213 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 01:54
نورۇز توغرىسدىكى تىما -ئىنكاسلار  يۇركىمنى سىقۋەتتى !م ...

سىزنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىڭىزنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. لېكىن مەن ھۆرمىتىمنى قوزغىغان دىنىي ئۆلىمالار، ئىمام ئاخۇملار 10 مىليۇن ئۇيغۇرنى «بىز تەرەپ»، «سىلەر تەرەپ» دەپ سۆزلىمەيدۇ. «بىزدە مۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، دىنىمىزدا مۇنداق دېيىلگەن، مۇنداق قىلىش توغرا، مۇنداق قىلىش ئەھكامغا چۈشمەيدۇ، شۇڭا بىز مانداق- مانداق ئىشلارنى قىلمايلى» دەپ سۆزلەيدۇ. دىنىي بىلىمىڭىز مول بولىشى مۇمكىن، ئەمما بىلىم بىلەن پەزىلەت ئىككىسى ئىككى نەرسە، ئۈمىدىم «بىز تەرەپ»، «سىلەر تەرەپ» دەپ سۆزلىمىسىڭىز. رەنجىگەن بولسىڭىز ئەپۇ قىلغايسىز.

UID
13464
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 02:49:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilyas.hemit يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 00:24
ئۆزۈمنىڭ ئەلكۈيى نومۇرى ئىچىلمىدى،نىمە بولدىكىن بىل ...

توغرا مەن نادان كىشىمەن. لېكىن، بەزى چاغلاردا ئاقىللارنىڭ پىلدىن تارتىپ پىتقىچە قىلغان دەتالاش مۇنازىرىلىرىدىن زېرىكىپ، ئۆزۈمنىڭ نادانلىقىمدىن خوشال بولۇپ قالىمەن. نېمىشقا دېسىڭىز، بەزىلەر ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش ئۈچۈن،  ھەممە يامان گەپلەرنى قىلىدۇ. باشقىلارغا ئازار بېرىدۇ. باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدۇ. مەن نادان بولغاچقا، باشقىلارغا ئازار بېرەلمەيمەن، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلالمايمەن، گېپىمدە تۇرماسلىق ۋە سودىدا ھىيلىگەرلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايمەن. باشقىلارنى خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن. زەھەر گەپلەرنى كۆپ قىلالمايمەن، ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن باشقىلار بىلەن تالاشمايمەن. شۇڭا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم، ئايالىم، دوستىلىرىم، ياكى مەن بىلەن ئېلىم بېرىم قىلىشقانلارنىڭ ھەممىسى مېنى ياخشى كۆرۈشىدۇ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىشىدۇ، ھۆرمىتىمنى قىلىدۇ.

مەن ئۆزۈمنىڭ نادانلىقىدىن كۆپ شۈكرى قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، سىزمۇ مېنىڭ نادان ئىكەنلىكىمنى بىلىۋاپسىز. ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەنسىز.

UID
46750
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2012-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-6
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 18:00:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇزنى ئۈتكۇزۈشكە مەنمۇ قوشۇلىمەن.بىزدە شۇ ئىش قالغان ئەمدى ،ئادەملەنى تولا غاجاپ،ئەمدى غاجىمىغان شۇ بايراملىرمىز قالغان.بۇنداق مۇنبەرلەردە مۇنازىرە بارلىققا كەلمىگەندىمۇ ،ئەجداتلىرمىز ھىچيەردەبۇ دەتالاشنى قىلماي ئۈتكۇزۇپ كېلىۋاتقان بۇ بايرام ئەمدى بەس-مۇنازىرە قوزغاپ كەتتىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش