- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 138
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 138
- تىزىملاتقان
- 2011-12-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-27
- UID
- 18576
- يازما
- 138
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 138
- تىزىملاتقان
- 2011-12-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-27
- توردا
- 7 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
بۇگۈن مىسرانىم مۇنبىرىدا «نورۇزنى ئۆتكۈزەمدۇق؟» تېمىسىدىكى بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. ماقالە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
يغاق پىكىرلىق كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى، قاچانكى بىزگە خەيرىلىك بىر ئىش يۈزلەنسە ، شۇ ئىشقا بىر پۇتاق چىقماي قالمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەشۇ ‹‹ پۇتاقچى ›› لارنىڭ دىن ۋە مىللەتنىڭ پايدىسىغا ئىش كۆرىدىغان دۇرۇس نىيەتلىك ۋە ياكى دىن ۋە مىللەتنىڭ زىيىنىغا ئىش كۆرىدىغان قىڭغىر نىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولمايدۇ. جۈملىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان قانۇنلۇق بايرامغا ئايلاندۇرۇش ئىستەكلىرى يېلىنجاۋاتقاندا، تورلاردا، كوچا – كوتاڭلاردا ‹‹ نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس ›› دەيدىغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار ئاۋۇپ قالدى. ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر ئۈچۈن نورۇز ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن دۇرۇس ئەمەسمۇ؟
1 نورۇز ھەققىدە پەيدا بولغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار
تورلاردىكى تاراپ يۈرگەن نورۇزنىڭ ھۆكۈمىگە ئائىت يازمىلار ، ئۇلار نەقىل قىلغان ئەسلى مەنبەلەرنى ئەستايىدىل كۆزەتكەندە، نورۇز ھەققىدىكى‹‹ پەتىۋا ›› لارنىڭ مۇنداق بىرقانچە مۇھىم نۇقتىلىرى بار ئىكەن.
1. « نورۇز » ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ « يىڭى كۈن» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى “ جەمشىت شاھ“ تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ”باھار بايرىمى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
2. مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ.
3. مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
بۇ ھەقتىكى مەنبە مەنزىلى: http://www.islamhouse.com/p/196646
2 ‹‹ پەتىۋا ›› لارغا رەددىيە
1. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە ئاۋۋال سېلىش ھاجەتكى، مەزكۇر پەتىۋانىڭ ئىشلىنىش جەريانىدا مۇنداق بىر چوڭ يېتەرسىزلىك ساقلانغان. يەنى، پەتىۋا بېرىلمەكچى بولغان ئىش – مۇئەممانىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى، ئوخشىمىغان قەۋملەردىكى ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشىگە قەدەر بولغان ئىنچىكە ھالقىلىرى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىنمىغان. ئالايلۇق، نورۇز بايرىمى يالغۇز پارسلارنىڭ بايرىمى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئەمما، ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، ئۆزبېك، قىرغىز… كەبى تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭمۇ نورۇز بايرىمىنى مىللىي بايرام ، تەبىئەت بايرىمى سۈپىتىدە قۇتلۇقلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنمىغان. بۇندىن باشقا يەنە بىر ئىنچىكە بىر ھالقا شۇكى، ئەرەبلەر بىلەن پارسلار ئارىسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي سىغىشالماسلىقنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم.
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكلىگە كەلگەن.
دىققەت: پارسلاردىن قوبۇل قىلىنغىنى بايرام مەدەنىيىتى ئەمەس، بەلكى ‹‹ نەۋرۇز ( نورۇز ) ›› دېگەن بىرگىنە سۆزدۇر.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ‹‹ تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار خرىستىئان دىنى ، يەھۇدى دىنى ۋە ئىسلامىيەت پەيدا بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا «ئۇلۇغ تەڭرى» دېگەن مەنىدىكى «كۆك تەڭرى» نامىدا ئاتالغان بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغان.«تەڭرى» سۆزى «تاڭ» ۋە «ئەرى» دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى «ئاسماننىڭ، جاھاننىڭ ياكى كائىناتنىڭ ئىگىسى» دېگەنلىك بولاتتى. تۈركىي مىللەتلەر تەڭرىگە ئاتاپ تاغلاردا، غارلاردا قۇربانلىق قىلاتتى، مۇقەددەس بايراملارنى ئۆتكۈزەتتى. قىيامەت(ئاخىرەت)نى <<ئۇلۇغ كۈن>>، روھ(جان)نى «تىن» دەپ ئاتايتتى، روھنىڭ ئإلمەيدىغانلىقىغا ۋە ئىنساننىڭ ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك ياخشى ئادەمنىڭ روھىنىڭ «ئۇچماغ»دەپ ئاتىلىدىغان جەننەتكە، يامان ئادەمنىڭ روھىنىڭ «تامۇ»دەپ ئاتىلىدىغان دوزاققا كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ›› ( يۈسۈپجان ياسىن : ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى شامانىزم مەسىلىسى ) ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ناھايىتى ئۇزاق زامان ئىلگىرىلا، زوروئاستېر دىنى شەكىللىنىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلاردىلا ‹‹ كۆك ( سۇمۇز ) مەشرىپى ›› نى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. تاكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئەرەب – پارس مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنلا مەزكۇر بايرامنىڭ ئىسمىنى پارسچىدىكى ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قوبۇل قىلىپ ‹‹ نورۇز ›› غا ئۆزگەرتكەن.
خۇلاسە، نورۇز بايرىمى دۇنيادىكى تۈركىي ۋە پارسىي قەۋملەر تەرىپىدىن ئوخشاش مەزگىلدە بايرام سۈپىتىدە ئورتاق نىشانلىنىدىغان ، ئىسمى ئوخشاش بايرام بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى قەۋمدىكى بۇ بايرامنىڭ يىلتىزى، تارىخي كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى باشقا – باشقىدۇر.
شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىم ئەرەب ئۆلىمالىرى چىقارغان ‹‹ نورۇز پارس زەردۇشتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارغا ئۆتكۈزۈش دۇرۇس ئەمەس ›› دېگەن پەتىۋاسى بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان.
2. ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتتىن باشقا ھېيت – بايرام بولمايدۇ ›› . مېنىڭچە بۇ پەتىۋانى ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن باشقا دىنىي بايرام بولمايدۇ ›› دەپ تولۇقلىغان تۈزۈك. ھەقىقەتتە ھەم مۇسۇلمانلاردا بۇ ئىككى دىنىي بايرامدىن ئۆزگە دىنىي بايرام بولماسلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەمما، ئىسلام ھېچقاچان مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ، مىللەتلەر ئۆزگىچىلىكىنى ئىنكار قىلغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىلەت – مىللەتلەرگە، تۈرلۈك ئىرقلارغا ئايرىپ ياراتقىنىدا ئېنىقكى ئۇلۇغ بىر ھېكمەت بار. ئەگەر خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش بىر تىلدا سايرايدىغان، ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئۇيقۇرمىسىدا ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان بولار ئىدى. شۇنداقكەن، دىنىي ئىتىقاد تۈسىنى ئالمىغان، دىنىي ئەھكاملارغا زىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىمىزگە خاس مىللىي بايراملارنى ، خاتىرە كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ نەرى خاتا ؟
دىن ھەققىدە ۋەزخاھلىق قىلىشقا لايىق بولمىساممۇ مۇنداق بىر دەلىل كۆرسىتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم:
مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مەدىنىگە كەلگەندە يەھۇدىلار بار ئىدى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتار ۋە بايرام قىلار ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنى بىزنى مۇسا پەيغەمبەر قۇتقۇزىۋالغان دەپ قارىشار ئىدى. بۇنى كۆرگەن رەسۇلىلاھ << بىز مۇسا پەيغەمبەرگە يەھۇدىيلاردىنمۇ لايىقراقمىز >> دېگەن ئىكەن ھەمدە ئۆزى ۋە ساھابىلەر شۇ كۈنى روزا تۇتۇشقان ئىكەن. دېمەك، ئۇنى چەكلىمىگەن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەنبە مەنزىلى: http://www.pdksp.net/vb/showthread.php?t=2307
ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ تەرجىمىھالى سۆزلەنگەن كىتابلاردا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئەلى ئىبنى تالىب بىلەن ئۇچراشقانلىقى سۆزلىنىدۇ؛ ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ كاتتا بوۋىسىنىڭ نورۇز كۈنلىرىدە مەلۇم مىقداردا ئەلىگە ھەسەل ھەدىيە قىلغانلىقلىرى خاتىرىلەنگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ مۇبارەك قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن ئىبارەت ئىككى بايرام مۇسۇلمانلار ئۈچۈن باشقا بايراملارغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەلدۇر. ئەمما، باشقا بايراملار ئەقىل ۋە تەبىئەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، دىنىي ئەقىدىگە قارشى بولمىسا، دىنسىزلىق ۋە شىرىك ئەقىدىگە ياتىدىغان ئىش – پائالىيەتلەر ئارىلاشتۇرۇلمىسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نورۇز كەبى ئۆزىگە خاس مىللىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشى دۇرۇستۇر.
3. ‹‹ ھېيت – بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ ››، بۇ دۇرۇس گەپ. بىرىنچىدىن ، نورۇز بايرىمى قانداقتۇر دىنسىزلارنىڭ بايرىمى ئەمەس. بەلكى ئۇ 1400 يىلدىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئىتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى ، جۈملىدىن ھېيت – بايراملىرىنى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە رەئىسلەپ كەلمەكتە. قارايدىغان بولسىڭىز، نورۇز مەزگىلىدە بارچە كىشىلەر ساۋابلىق ئىشلارغا ئالدىرىشىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئاتا – ئانا ، چوڭلارنى يوقلىشىدۇ، ئاجىز – مىسكىن ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، ئەجدادلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇيدۇ- دۇئا قىلىدۇ، ھويلا – ئارام ، رەستە – بازارلارنى تازىلايدۇ، ئىلمىي ئەنجۈمەنلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئىلىم ئالماشتۇرىدۇ، تارقىتىدۇ ، ئاداۋەتلەشكەنلەر ياراشتۇرۇلىدۇ …
ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە بىر قىسىم كىشىلەردە ھېلىغۇ نورۇز بايرىمى ئىكەن، مۇبارەك قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيىتىنىمۇ ھاراق – شاراپ ، كەيىپ – ساپا ، ئەيش – ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ناباب قىلمىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئەدەپ قالدى. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن بايراملارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ . شۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان كىشىلەرنى ئەيىبلەش كېرەك، ئەلۋەتتە.
3 خۇلاسە
نورۇز – ئۇيغۇرلارغا ئەزەلدىنلا يار بولغان، ئىجازەتسىز راۋا بولغان ئەنئەنىۋىي بايرامدۇر. نورۇز – تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى
------------------------------خوش ئەمدى ئۆز گىپىمگە كەلسەم:
بۇ تېمىدا نورۇزنى ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ ياكى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەكمۇ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە بوپتۇ. ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلار :«نورۇز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى. ئەنئەنىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك» دېگەن. نورۇزنى قوللىمايدىغانلار:«ئىسلام دىنىمىزدا روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئىككىلا بايرام بار. باشقىسى بىدئەت» ياكى :«نورۇزدىكى ئىت تالاشتۇرىدىغان، ساما سالىدىغان، داقا-دۇمباق چالىدىغان ئىشلارنى ئىسلام چەكلىگەن. شۇڭا ئۆتكۈزمەيمىز دېگەن. تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئادرېستىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. شۇ تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە پىكىرلىشىش مەقسىتىدە، بۇ تېمىنى يازدىم.
نورۇزنى ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىكتىكى بۇ ئىختىلاپ بولسا، دىننىي ئاڭ ۋە مىللىي ئاڭدىكى ئىختىلاپتۇر. يەنى بەزىلەر :" بىز دېگەن مۇسۇلمان، نورۇزنى ئۆتكۈزۈش بىدئەت" دەپ قارايدۇ. بەزىلەر :"بىز دېگەن ئۇيغۇر، بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك" دەپ قارايدۇ. قاراپ باقساق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە خاس دەلىلى، ئىدىيىسى بار. بىز بۇلارنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:
دىننىي جەھەتتىن: بەزىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇزنى ئۆتكۈزۈشى بىدئەت دەپ قارايدۇ. ئويلاپ باقساق بۇمۇ توغرا. چۈنكى، نورۇزدىكى ئىت، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ھەم شۇنداقلا ساما سېلىش ئىسلامدا يوق ھەمدە چەكلەنگەن ئىشلاردۇر. ئۇنىڭدىن سىرت، نورۇزدا داقا-دۇمباق، ناغرا-سۇناي چېلىشىپ، ئويۇن- تاماشا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇمۇ ئىسلامدا يوق ئىشلاردۇر. مانا مۇشۇ جەھەتلەردىن چوڭقۇر ئويلاپ كۆرسەك، نورۇز ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
مىللىي جەھەتتىن: نورۇز ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى. ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىز بۇ بايرامنى چوڭ كۆرۈپ، يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراپ، ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇ بايرامدا ئۆملۈكنى، تىنچ-ئامانلىقنى، مولچىلىق، باياشاتچىلىقنى تىلەپ كەلگەن. يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇرۇشقانلارنى ياراشتۇرۇپ كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن نورۇز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى يارقىن ئىپادە قىلىپ كەلگەن. بۇلارنى ئويلاپ كۆرسەك نورۇز ئۆتكۈزۈش زۆرۈردەك ھېس قىلىمىز.
ئەمدى ھەر ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
بىرىنچى، دىننىي جەھەتتىن:
ئالدى بىلەن سىز ئويلاپ كۆرۈڭ. دىن بىلەن مىللەتتىن بىرنى تاللا دەپ قالسا سىز قايسىنى تاللايسىز؟ ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدا دىننى تاللايدىغانلار مۇتلەق كۆپ بولىدۇ. چۇنكى، سىز مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى ئەرەب، مەيلى پارس بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بۇ دۇنيانىڭ بىر ئۆتكۈنچى دەۋر ئىكەنلىكىنى، ئاخىرەتتىن ئىبارەت بىر مەڭگۈلۈك دەۋرنىڭ بارلىقىنى، ئاخىرىتىڭىزنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى ئويلايسىز. بۇ دۇنيادا سىز ئۇيغۇر مىللىتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ساناقلىقلا ياشايسىز. ئەمما ئاخىرەتتە "ئۇيغۇر مىللىتى جەننەتكە كىرىدۇ" دەيدىغان گەپ يوق. بەلكى سىز چىن قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلسىڭىز، چىن مۇسۇلمان ھالىتىڭىزدە دۇنيادىن كەتسىڭىز ئاندىن جەننەتكە كىرىسىز. شۇڭا دىن، يەنى ئىسلام، مىللەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئىسلام، قۇرئان نېمە قىل دېسە، بىز شۇنى قىلىمىز. قىلما دېگەننى قىلمايمىز. قۇرئاندا ھېچقاچان ئىت، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ساما سېلىش، داقا-دۇمباق، ناغرا-سۇناي چېلىپ، ئويۇن- تاماشا قىلىش يوق، بەلكى چەكلەنگەن.
مانا مۇشۇ جەھەتتىن ئويلاپ كۆرسەك، نورۇز ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
ئىككىنچى، مىللىي جەھەتتىن:نورۇز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى. ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىز بۇ بايرامنى يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراپ، بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. نورۇز بىرنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. جۇڭگودا "نورۇز"__ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. خەنلەرمۇ بىزنىڭ بۇ بايرىمىمىزغا قىزىقىدۇ، ھەۋەس قىلىدۇ. نورۇز __ ئەمگەكچى خەلقىمىزنىڭ مىراسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى سۈپىتىدە جۇڭگودا يارقىن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلىرىمىز مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئاستا-ئاستا يوقىتىپ، غەرب ۋە خەن مەدەنىيىتى ھەر جەھەتتىن سىڭىپ كىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نورۇزنى قوللاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياتلار ئالدىدا :"توختا، مەن دېگەن ئۇيغۇر! مېنىڭ نورۇز بايرىمىم بار. سېنىڭ بايرىمىڭ ماڭا خاس ئەمەس" دەپ مەغرۇرانە تۇرغىلى ھەمدە ياتلارنىڭ بولمىغۇر مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى مەلۇم دەرىجىدە توسقىلى بولىدۇ.
مانا مۇشۇ جەھەتتىن ئويلاپ كۆرسەك، نورۇزنى ئۆتكۈزۈش، قوللاش كېرەك.
تەھلىل:بىز مىلللەت ۋە دىندىن ئالدى بىلەن دىننى تاللايمىز. چۈنكى، بىزگە ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغىنى مىللىتىمىزنىڭ نامى ئەمەس. بەلكى ئىسلام، ئىمان- ئېتىقاد. شۇ سەۋەبلىك بىز ئىسلام چەكلىگەن ھەر قانداق نەرسىدىن يىراق تۇرۇشىمىز، ئاللاتائالا بىزگە بۇيرىغان توغرا يولدا مېڭىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىر خەنزۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىلاھىغا، بۇددىسىغا ئىشىنىشنى، چاغانلاردا ئاتا-بوۋىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ سېرىق قەغەز كۆيدۈرۈشنى، چوشقا گۆشى يېيىشنى تاشلاپ، توغرا يولنى تاپىدۇ. ئىمان، ئىسلام، ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ ئاشۇ ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ.
مىللىي ئېڭىمىز بويىچە ئويلاپ كۆرسەك ھازىرقىدەك خەلقىمىز مىللىي ئېڭىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىپ، غەرب ۋە خەن مەدەنىيىتى ھەر جەھەتتىن سىڭىپ كىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نورۇزدىن ئىبارەت بۇ مىللىي بايرىمىمىزنى بىدئەت دەپ تاشلىۋەتسەك، غەرب ۋە خەن مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرىۋەرسە، مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى قانداق بولماقچى؟ نورۇز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دوپپا بايرىمى، ئانا تىل بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىمىزنى ئۆزىمىز ئۆتكۈزمەي تاشلىۋەتكەچكە، غەربنىڭ چاكىنا بايراملىرى بىزگە سىڭىپ، مىللىتىمىزنىمۇ، ئىمان- ئېتىقادىمىزنىمۇ يوقىتىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا بىز قايسى تەرەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك؟
نوقۇل دىن تەرەپتە تۇرۇپ نورۇزنى يوقىتىمەن دېيىشكىمۇ بولمايدۇ؛ نوقۇل مىللەت تەرەپتە تۇرۇۋېلىپ " نورۇز ئۆتكۈزىمەن، ساما سېلىپ ئىت سوقۇشتۇرىمەن" دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. بىزدە " شاكىلىنى ئىلغاپ مېغىزىنى تاللاش" دېگەن گەپ بار. بىز ئاخىرەت ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىننى تاللايمىز. ئەمما دىن دەپلا مىللەتنىمۇ تاشلاپ قويمايمىز. دېمەك، بىزگە ئالدى بىلەن لازىم بولغىنى دىن بولغانىكەن، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئىسلام يول قويغان دائىرىدە ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلام چەكلىگەن تەرەپلەرنى يوقىتىشىمىز كېرەك.
مەسىلەن: نورۇزدىكى ئىت، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ساما سېلىش، داقا- دۇمباقنى ياڭرىتىپ جاھاننى بېشىغا كىيىش ئىسلامدا چەكلەنگەن. شۇڭا بۇلارنى ئاستا- ئاستا يوقىتىش كېرەك. نورۇزدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاش، ئۇرۇشقانلارنى ياراشتۇرۇش، ئەل- جامائەت كۆرۈشۈپ ھال مۇڭ ئېيتىشىش، پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش، يوقسۇللارنىڭ ئەھۋالىنى سوراش... قاتارلىق ئەنئەنىلەر بولسا، ئىسلامغا ماس كېلىپلا قالماستىن، ئىسلام ئىنتايىن تەشەببۇس قىلىدىغان ئىشلاردۇر. شۇڭا مۇشۇ تەرەپلەرنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ھەر جەھەتتىن پايدا ئالغىلى بولىدۇ. يەنى، نورۇزدا قىلغان شۇ ئىشلار بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، ساۋابىغا ئېرىشكىلى، ھەم شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بايراملىرىنى ياتلارغا تونۇتقىلى بولىدۇ.
قۇرئاندىكى بىر ئايەتتە :" قىلىۋاتقان ئەمەلنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق" دېيىلگەن. نورۇز ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، نىيەت يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش بولسا، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، نىيەت ئويۇن تاماشا قىلىش، كۈلۈپ- يايراش، شەيتاننىڭ ئىشلىرىنى قىلىش، ئىسلام چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بولسا، بۇنداق ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز دۇرۇس بولمايدۇ.
شۇڭا مېنىڭ كۆز قارىشىم، نورۇزنى يا دىنغا، يا مىللەتكە تاقاپ، ئۆتكۈزىمىز ئۆتكۈزمەيمىز دەپ ئىختىلاپ قىلىشقاندىن كۆرە، نورۇزدىكى ئىت-توخۇ سوقۇشتۇرىدىغان، ساما سالىدىغان، قاتتىق ئويۇن- تاماشا قىلىدىغان ئىسلام چەكلىگەن ئىشلارنى يوقىتىپ، ئىسلام يولغا قويغان دائىرىدە نورۇزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ھەقىقىي بىر دۇرۇس، ياخشىلىق، بەرىكەت يېغىپ تۇرغان بايرامغا ئايلاندۇرۇش لازىم دەپ قارايمەن. شۇنداق قىلساق ناسارانىڭ روژدىستىۋا بايرىمى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، خانىم- قىزلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەندىن مىڭ ياخشىدۇ؟
ھۆرمەتلىك تورداشلار، مېنىڭ بۇ كۆز قارىشىمغا باھا بېرىپ باقامسىلەر؟ بۇ كۆز قارىشىم توغرىمۇ؟
نورۇزنى ئۆتكۈزۈش- ئۆتكۈزمەسلىك، ئۆتكۈزسەك قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا سىلەرنىڭ قانداق كۆز قارىشىڭلار بار؟
ئاپتور: ئېھرام
|
|