- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- UID
- 53582
- يازما
- 111
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- توردا
- 79 سائەت
|
adiyat يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 06:12 
ئىلياس بالام قاندا ماڭىدۇ شۇيولدا؟ ھەممە ئادەمدە لا ...
مانا تۆۋەندىكىدەك ماڭسىز دادا!
كۆرسىتىلگەن سۈننەتتىن ئارتۇقراق ئەمەل قىلىمەن دىگەن مەقسەتتە قىلىنغان ئەمەل سۈننەتكە خىلاپتۇر،خۇددى سۈننەتكە يەتكۈزەلمىگەن ئەمەلگە ئوخشاشتۇر.چۈنكى رەسۇرۇللاھ(س.ئە.ۋ)نىڭ ئىلىپ كەلگەن يولىغا بىر نەرسە قوشۇش بىلەن شۇ يولنى ئىلىپ تاشلاشنىڭ ئىچقانداق پەرقى يوقتۇر.قوشقۇچى ئادەم بۇنىڭدا نۇقسان باركەن مەن ئازراق قوشۇپ قوياي دىمەيدۇ،مىىنىڭ گۇناھىم كۆپ دەپ قوشۇدۇ،بۇ نەق بىر شەيتاننىڭ ئىنساننىڭ قەلبىگە كىردىغان يولىدۇر.ئاللاھسۈبخەنەۋەتەئەلا رەسۇلۇللا(س.ئە.ۋ)گە بۇيرىغاندا ‹دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار›،يەنى كۆرسىتىلگەن ئەمەلدىن كۆپ ئەمەل قىلىمەن دەپ ئويلىماڭلار دەپ بۇيرىغان. ئاللاھ ئىنساننى بىر يولدا مىڭىشقا بۇيرىغان بولسا شۇ يولدىن پەسلىمەسلىك ھەم يۇقارغىمۇ چىقماي شۇ يول ئۆزىدە توغرا يۈرۈش كىرەك.ئاللاھ بىزنى يولدىن پەسلىمەڭ دىمىدى،يولدىن ھەددىڭىزدىن ئىشىپ ماڭماڭلار دىدى. ئىنساننىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىشى كوپ ۋاقىتتا سۇننەت يولىدىن پەسەرەك ماڭغانلىق بىلەن ئەمەس،ئەكسىچە ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن ئادىشىدۇ.ۋە دىنغا بولغان زەرەر كۆرسىتىلگەن يولدىن ئىشىش بىلەن ھۇجۇتقا كىلىدۇ.ھازىرقى ۋاقىتتا كىتابى سۈننەتتە يوق بولغان ئەمەللەر پەيدا بولۇپ،بۇيرۇلغان نەرسىنى قىلماي باشقا نەرسىنى قىلىپ يۈرۈشتىن دىنىمىز زەيىپلەشتى.ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى كىشىلەرنىڭ تەرىپىدىن ئويلاپ چىقىلغان بەزى بىر نەپلە ئىبادەتلەر ۋە كىتابى سۈننەتتە يوق،رەسۇلۇللا(س.ئە.ۋ) قىلمىغان ئىشلارنىڭ شىرىك ئەمەللەرگە كىرىپ كىتىشكە يەنە شۇ يولدىن ھەددىدىن ئىشىپ مىڭىش سەۋەپ بولغان.
ئاللاھنىڭ بۇيرىغان يولىدىلا ماڭساق شىرىكتىن يىراق بولىمىز.لىكىن بەزى كىشىلەر ئۆزىنى قىيناپ كۆپ ئەمەللەرنى قىلماقچى بولىدىيۇ،تەكشۈرەپ كەلسەك پۈتۈنلاي شىرىك.پەيغەمبىرىمىز قىلغان سۈننەتتىن كۆپرەك قىلىش ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شۇ كىشىنى مەن بۇندىن كىيىن ئۆزۈمنى بۇ سۈننەتتىكى ئىشلاردىن پاكراك ساقلاي دىگەن تەسەۋۇرغا ئىلىپ بارىدۇ.ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ دىندىن چىقىپ كىتىشىگە مانا مۇشۇنداق ئادەملەر سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتتىن ئارتۇق ئىش قىلىش مۇتلەق سۈننەتكە زىتتۇر.
ئەسلى دىن تولىمۇ قولاي . ئىنسان نۇرغۇن سۇننەتنى قىلىشقا بىرەر كۈچ،بىرەر پۇل تەلەپ قىلمايدۇ لىكىن سۈننەتنى تەرك ئىتىشكە كۈچ، ۋاقىت،پۇل سەرىپ قىلىدۇ.گۇناھ قىلغان كىشىگە نىمە ئۈچۈن ئازاپ قاتتىق؟ چۈنكى ئاللاھ بەرگەن شۇ نىممەتلەرنى گۇناھ يولىغا سەرپ قىلغانلىق ئۈچۈن ئازاپ قاتتىق.ئاللاھنىڭ رەسۇلۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەر ۋاقتى،كۈچى،پۇلى تىجىلىپ قالىدۇ.ھاياتىمىزدا قايسى نەرسە سۈننەتكە خىلاپ بولسا شۇ ئىشىمىزنى تەكشۈرۈپ باقساق نۇرغۇن ۋاقتىمىز،كۈچىمىز،پۇلىمىز شۇ ئىشقا سەرپ بولۇپ كەتكەن بولىدۇ.
دىن مانا مۇشۇنداق ئاسان نەرسە.لىكىن بىزگە نىمىشقا قىيىن؟ چۈنكى بىز ئىسلام روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان دۇنيا قاراشتا ئۆسمىگەن ۋە بۇرۇنقى دەۋر جاھىلىيەت ئىسلامنى مەسخىرە قىلىدىغان نىزامدا ئۆتكەشكە بىزگە قىيىن تۇيۇلىدۇ.
ئاخىرىدا سۆزۈمنى بىر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي.كىمكى پەيغەمبىرىمىزدىن يىتىپ كەلگەن رىۋايەتنى يەنى سەھى ھەدىسنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىكەن ئۇ شەكسىز كاپىر بولىدۇ ۋە ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كىتىدۇ، قىيامەت كۈنى يەھۇدىلار ياكى ناسارالار بىلەن ۋە ياكى ئاللاھ ئۆزى خالىغان بىر كاپىر قەۋىم بىلەن بىللە بولىدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن! |
|