سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تورداشلارغا نەق مەيداندىن خەۋەر بەرمەكتە

خەلقىمىزنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى،شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت،سودا ئالاقە ۋە مائارىپنىڭ دۇنياۋىلىشىشى كۈندىن كۈنگە تېزلىشىشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشىكە بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.كىشىلەر ئۆز ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش،ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ كەسپىي ساھە ۋە خەلقئارالىق ئىلىم تەلەپ قىلىش جەھەتلەردە تىلنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى شۇنداقلا زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ كۆپ تىللىق ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا تونۇپ يەتمەكتە. بۇنىڭ بىلەن رايونىمىزدىمۇ خىلمۇخىل مائارىپ تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ ئىلىم سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە سورۇن ھازىرلانماقتا.بۈگۈنكى خەۋىرىمىز ئەنە شۇنداق بىر سۆيۈملۈك بىلىم ماكانى ھەققىدە بولغۇسى ئەلۋەتتە.

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم مەكتىپىنىڭ ئىككى يىللىق مەرىكىسىدە
خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم ئەپەندى باشچىلىقىدا 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان سابا مەرىپەت مائارىپ تىل تەربىيەلەش مەركىزى دەل بىلىم ئۆگىنىشكە تەشنا قەلبلەرگە دۇنيا يېڭىلىقلىرى ۋە بىلىم ئۇچۇرلىرىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك،سېستىمىلىق ھالدا يەتكۈزۈپ كەلگەن دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تىل تەربىيلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرىدۇر.سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ نىڭ ئىككى يىلى دەل سابانىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى ۋە كەڭ ئۆگىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ مەرىپەت ئوچىقىغا تاشلىغان ئوتلۇق قەدىمى بىلەن كۆكلىگەن بولۇپ مانا بۈگۈنكىدەك زور نەتىجە ۋە ئىككى يىللىق شەرەپنى بارلىققا كەلتۈرگەن سابا ساھىبلىرى ئۆتكەن ئىككى يىلنى تەبرىكلەش ۋە يېڭى قەدەملەرنى دادىل ۋە مەغرۇرانە بېسىش ئۈچۈن ھۇد ئېيىنىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ئويۇن قويۇش زالىدا «سابا مەرىپەت مائارىپ تىل تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى قۇتلۇقلاش» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.بۇ قېتىملىق سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى كېچىلىكىگە سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدە ئوقىۋاتقان 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەمدە مەرىپەتسۆيەر ياشلار،جامائەت ئەربابلىرى،مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرى شۇنداقلا مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى قاتارلىق دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىر ۋە ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئىلىم ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 1500دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى كېچىلىكى تاماششىبىنلىرىدىن كۆرۈنۈش

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۈزۈلمەس مىلودىيە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان(مالىك بەكتۈر) ۋە زۇبەيدە تۇرسۇن كېچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

ئاتاقلىق كومپىزوتور ئابلەت ئابلىكىم نومۇر ئورۇنلىماقتا
بۇ قېتىملىق سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى سەنئەت كېچىلىكىگە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۈزۈلمەس مىلودىيە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان(مالىك بەكتۈر) ۋە زۇبەيدە تۇرسۇن گەپدانلىقى ،رىياسەتچىلىك قىلىشتىكى چاققانلىقى بىلەن ناھايتى ياخشى رىياسەتچىلىك قىلدى. كېچىلىك سەھنىسىگە ئالدى بىلەن ئەلسۆيگەن ئاتاقلىق كومپوزىتور ، داڭلىق ناخشىچى شۇنداقلا سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ئەپەندىمنىڭ قېرىندىشى ئابلەت ئابلىكىم ئىشتىراك قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى قىلغاندىن كېيىن ئەزىز مېھمانلارغا بىرقانچە ئېسىل ناخشىلىرىنى سۇندى.ئارقىدىن يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ شوخ ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئۇسۇللۇق ناخشىسنى كېچىلىك ئىشتىراكچىلىرىغا تەقدىم قىلدى.بۇ قېتىملىق كېچىلىككە لىرىك ھەم مۇھاببەتلىك ناخشىلىرى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن « مەن بىلەن »،«بىر باي »قاتارلىق يېڭى ناخشىلىرىنى مېھمانلارغا سۇنۇپ كېچىلىك كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.كۆپلىگەن كېچىلىكلەرگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يېڭىلىقلىرى ۋە ئىشەندۈرگۈسىز سېھىرگەرلىكلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىنى لال قىلغان سېھرىگەر ئەنۋەر ئازات ئەلچىن بۇ قېتىملىق كېچىلىكتىنمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ ئۆزى تەييارلىغان ئەڭ يېڭى نومۇرلىرى بىلەن كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيرانلىق تۇيغۇسىغا باشلاپ كىردى.ئارقىدىن مۇھەببەت كۈيچىلىرىمىزدىن تالانتلىق ناخشىچى نۇرنىسا ئابباس جەزبىدار ئاۋازى ۋە ياڭراق مىلودىيىلىرى بىلەن سەھنە ئۈسىتى ھەمدە تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئەركىن شەكىلدە ئارقا ئارقىدىن ئۇيغۇرچە،كورىيىچە،تۈركچە ناخشىلىرىنى سۇنۇپ كېچىلىك كەيپىياتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

ئابلەت ئابلىكىم رىياسەتچىلەرنىڭ سابا ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى ئىش -ئىزلىرى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرمەكتە

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى كېچىلىكى 
يېڭىدىن يىتىشىۋاتقان ياش ناخشىچى ئابدۇۋەلى نومۇر ئورۇنلىماقتا


<<مەن ئۈچۈن>>ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن ياشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن،يېقىندا <مەن بىلەن >ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكەن ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن نومۇر ئورۇنلىماقتا

ياش سىھىرگەر ئەنۋەر ئازات ئەلچىن نومۇر ئورۇنلىماقتا

بۇلبۇل ئاۋاز ناخشىچى نۇرنىسا ئابباس سەھنىدە


ئابدۇرېھىم راخمان،قۇندۇزئاي تاش،ئامىنە ئابلا،ئىسلامجان ۋارىس،جۈرئەت ۋاھىت،ئابدۇكېرىم ئابلىمىت..قاتارلىق ئاكتىيورلارنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتى ئېكراندا كۆرۈنمەكتە،سەھنىدىكىلەرنىڭ 18 ياش ۋاقىتلىرىنى ئەسلەش
ئۆتمۈش گەرچە ئۇزاق جەريان بولسىمۇ ئۇنى ئەسلەش،شىرىن ئەسلىمىلەر قوينىغا خىيال كەبى قايتىش ئادەمنىڭ روھىنى تېخىمۇ كۆتۈرىدۇ ،سابادا شاتلىق مىنۇتلىرىدا ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلىغان ئاشۇ دەقىقىلەرنى تىلغا ئالغىنىمىزدا بۈگۈنكى كېچىلىككە نومۇر كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم ئاكتىيورلىرىمىزنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز،كېچىلىك داۋامىدا سەھنە چوڭ ئېكرانىدا جۈرئەت ۋاھىت،ئابدۇرېھىم راخمان،ئابدۇكېرىم ئابلىمىت،ئىسلامجان ۋارىس،قۇندۇزئاي تاش،ئامىنە ئابلا،مەستۇرە ،راھىلە ۋەلى ...قاتارلىق ئەل سۆيگەن ئاكتىيورلارنىڭ مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتى ئالدىدا چۈشكەن بىر پارچە كوللىكتىپ رەسىمى چىقىرىلدى ھەمدە ئىسھاق سۇلايمان،زۇبەيدە تۇرسۇن قاتارلىق رىياسەتچىلەرنىڭ تەكلىۋى بىلەن كۆپلىگەن كېچىلىكلەردە ئۆزگىچە رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ئاكتىيورلۇق سەنئىتىدە تالانتى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بۇ سەنئەتكارلىرىمىز سەھنىگە چىقىپ كەلدى ھەمدە مېھمانلارغا ئۆز سالىمىنى يەتكۈزگەچ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.بۇ ئارلىقتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەھنە ھاياتى، چەتئەل تىلى ئۆگىنىش جەريانىدىكى قىززىقاتلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە كۈلكە چاقچاقلار بىلەن تاماشىبىنلارنى يەنە بىر قېتىم ھاياجان ئىلكىگە باشلاپ كىردى.

ئۆتمۈشنى ئەسلەش،بۈگۈنگە سۆزلەش

تاماششىبىنلاردىن بىر كۆرۈنۈش

تاماششىبىنلاردىن بىر كۆرۈنۈش

تاماششىبىنلاردىن بىر كۆرۈنۈش

ئابلەت ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ئوغلى جەسۇر ئابلەت پىئانىنو مۇزىكىسى چالماقتا
بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ رەڭدارلىقى يەنە ئابلەت ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ئوغلى جەسۇر ئابلەتنىڭ نىڭ بېتخوۋىن سىمفونىيەسىنى كىشىلەر ئالدىدا جانلاندۇرىشى بىلەنمۇ ئىپادىلەنگەن بولۇپ،جەسۇرنىڭ بۇ تالانتى كېچىلىك ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىماي تۇرالمىدى.ئارقىدىن چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ «مەكتەپ گۈزىلى»ناملىق ناخشىسى،مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئىنىسى مەردان ئابلىكىمنىڭ شوخ لىرىكىلىق يېڭى مۇھاببەت ناخشىسى مېھمانلار ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.سابا تىل تەربىيلەش مەركىزى ئوقۇغۇچىلىرىدىن شېرىنگۈل مەتسالى ،زۇلپىيە،رامىلە ھۈسەن،زۆھرە پولات قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزتىلىدا ئېيتىلغان گۈزەل ناخشىلىرى بىلەن سەھنە كەيپىياتى تېخىمۇ جانلاندۇرۇلدى.سابا كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن ئىسھاق سۇلايمان ۋە زۇبەيدە تۇرسۇنلارمۇ سابا مەرىپەت مائارىپ تىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئاتاپ «ئوقۇتقۇچى»ناملىق نەسىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.


ياشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى شىرىنگۈل مەتسالى نومۇر ئورۇنلىماقتا

ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن رامىلە ھۈسەن،زۆھرە پولاتلار نومۇر ئورۇنلىماقتا

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى،يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى مەردان ئابلىكىم نومۇر ئورۇنلىماقتا

يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى زۇلپىيە نومۇر ئورۇنلىماقتا

ھەممەيلەنگەن تونۇشلۇق ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ سەھنىدە

ھەممەيلەنگەن تونۇشلۇق ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ سەھنىدە

ياش سىھرىگەر ئۈمىد نومۇر كۆرسەتمەكتە

ئىسھاق سۇلايمان،زۇبەيدە تۇرسۇن شىئېردېكلىماتسىيە قىلماقتا


كېچىلىكنىڭ باش ساھىبخانى مۆمىنجان ئابلىكىم سەھنىگە چىقتى
كېچىلىك گەرچە ۋاقتى ئوزاق داۋاملاشقان بولسىمۇ تاماششىبىنلار كېچىلىك ئىشتىراكچىلىرى ئازراقمۇ چارچىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئارلىقتا رىياسەتچىلەر سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتتى، ئارقىدىن بۈگۈنكى كېچىلىكنىڭ باش ساھىبخانى مۆمىنجان ئابلىكىم سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى ھەمدە مېھمانلار ھۇزۇرىغا ئۆزى سۆيۈپ ئېيتىدىغان ناخشىلىرىنى تەقدىم ئەتتى.ئارقىدىن مۆمىنجان ئابلكىم ئۆزىنىڭ سابا تىل تەربىيلەش مەرىپەت مەركىزىنى قۇرۇش مەقسىتى ۋە قۇرۇش جەريانىدىكى مۇساپىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.بۇ مىنۇتلاردا مۆمىنجان ئابلىكىم ناخشىلىرىنىڭ سادىق ھەۋەسكارى بولغان ئەمدىلا بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان باھادىر ئىسىملىك كىچىك دوست سەھنىگە چىقىپ كەلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ مۆمىنجاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى تولىمۇ سۆيىدىغانلىقى،ھەمدە ناخشىرىلىرىنى دوراپ ئېيتالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ كىشىلەرنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى.

ئەمدىلا بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك ئىنىمىز باھادىر ئۆزىنىڭ ماھارەتلىرى بىلەن مۆمىنجان ئابلىكىمنى دوراپ نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى


مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن باھادىر ئابلىمىت ئىنىمىز

مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزىنىڭ يېڭى ناخشىسى بىلەن تاماششىبىنلارغا سالام بەرمەكتە

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دىلمۇرات مۇئەللىم بىلەن بىرگە نەق مەيداندا ئېنگلىزچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ نىمىشقا سابا تىل تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى

مۆمىنجان ئابلىكىم ئۇستازى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەجرىگە كۆز يېشى قىلماقتا
ئاخىرىدا مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزىنىڭ مەيلى كەسپىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇش جەريانىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بولسۇن بۇ مۇساپىنى ئۆزى بىلەن بىللە باسقان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۆزىگە قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن، ئۆزىنى سەھنە ھاياتىغا باشلاپ كىرگۈچى ئۇستازى ۋە ئاتا مېھرىنى يەتكۈزگۈچى قېرىندىشى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تۆھپىسىنى تەسىرلىك يۈرەك سۆزلىرى بىلەن ئىزھار قىلىپ كۆز يېشى قىلدى.بۇنىڭ بىلەن سەھنىگە ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ،ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەھنىگە چىقىپ كەلدى ھەمدە مېھمانلارغا سالىمىنى يوللىغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ «ئامان بولسۇن» ناملىق ناخشىسىنى مېھمانلارغا سۇندى.ئەڭ ئاخىرىدا «بىزنىڭ ناخشىمىز»ناملىق گۈزەل ناخشا بىلەن پۈتۈن سەنئەت زالىنى زور ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمدۈردى،تاماشىبىنلارمۇ بىرلىكتە ئابدۇللا ئابدۇرىھىمغا جۆر بولۇپ بۇ ناخشىغا بىرلىكتە تەڭكەش قىلدى.ئارقىدىن رىياسەتچىلەر كېچىلىكنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۆمىنجان ئابلىكىم يۈرەك سۆزىنى بايان قىلماقتا


ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،تالانتلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەھنىگە چىقىپ مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن كۆرۈشمەكتە


ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدا بىزنىڭ ناخشىمىز كەڭ تاماششىبىنلار بىلەن بىرگە ئورۇندالدى



بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ

كېچىلىك ئاياغلاشقان دەقىقىلەر

كېچىلىك ئاياغلاشقان دەقىقىلەر

كېچىلىك ئاياغلاشقان دەقىقىلەر

كېچىلىك ئاياغلاشقان دەقىقىلەر

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىكى بىر قىسىم ئايال مۇئەللىمەلەر

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلىرى شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىرگە
ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن بولمايدىغاندەك ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان <سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>كېچىلىكى ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق نومۇرلىرى بىلەن مىڭلىغان سابالىق ئوقۇغۇچىلارنى ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلىشىش مىنۇتلىرىغا باشلاپ ئەكىردى.گەرچە بۇ كېچىلىك ھاياجان ئىلكىدە ئاياغلاشقان بولسىمۇ ئەمما سابا كېچىلىكىنىڭ يېڭى بىر يىللىق ھاياتى داغدام يوللار بىلەن باشلاندى.مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن سابا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ھەرقايسى كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سابانى ئەڭ ياخشى بىلىم ماكانىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۈن-تىنسىز تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

بىز ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق توردىكى بارلىق قېرىنداشلارغا بۇ قېتىملىق شاتلىق مىنۇتلىرى سەنئەت كېچىلىكى نەق مەيدانىنىڭ تولۇق جەريانىنى ۋىدىئولۇق فىلىم شەكلىدە سونۇش مەقسىتىدە سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى سەنئەت كېچىلىكى نەق مەيدان زىيارىتى ئېلىپ باردۇق ھەمدە كېچىلىك تەپسىلاتىنى تولۇق سۈرەتكە ئالدۇق ، نۆۋەتتە كېچىلىك نەق مەيدان فىلىمى جىددىي كىرىشتۈرىلىۋاتىدۇ.
ئەسلەتمە:12 يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ 1 يىللىق مەرىكىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ھەققىدىكى فىلىمنى بۇيەردىن كۆرۈڭ
2013-يىللىق سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە پات يېقىندا ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ.
كېچىلىكتىن باشلىنىشتىن بورۇن ۋە كىينكى ئەلكۈيى تورى زىيارەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات مۇئەللىم ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى ئىسمانگۈل غاپپارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەكتە

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ قېتىمقى كېچىلىك ھەققىدە ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ قېتىمقى كېچىلىك ھەققىدە ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

ئاتا-ئانىلار ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ سابا ھەققىدە سۆز قىلماقتا

كېچىلىككە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئاكتىيورلاردىن ئامىنە ئابلا سۆز قىلماقتا

ئابلەت ئابلىكىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلماقتا

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى تورى ۋە تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇزۇن مۇساپىسىدە كۈندىن كۈنگە زورىيىشىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى،ئىلىم سۆيەر ۋە بىلىم ئېلىشقا تەشنا ياش نوتىلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانىغا ئايلىنىپ دىيارىمىز تىل تەربىيلەش سەھنىسىدە ئەڭ يۈكسەك چوققىغا يەتكەن يۇلتۇز كەبى ماكان بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىلەكداشمىز!
كامالىي ئھېتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 15-كۈنى