سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى تولۇق جەريانى ۋە ئەلكۈيى ئېكرانى مەخسۇس زىيارىتى ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ئالدى بىلەن ئوزۇن يىللاردىن بويان ئەلكۈيى تورىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭلارغا،ئەلكۈيى تورىنىڭ مەزمۇنلىرىمىزغا ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭلارنىڭ قىممەتلىك-تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى بىرىپ تۇرغانلىقىڭلارغا ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى شىركىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى_خادىملار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز شۇنداقلا ھەممىڭلارغا ئەبەدىي ئامان-ئىسەنلىك تىلەيمىز.
باھارنىڭ ھىدلىرى دىماقلىرىمىزغا ئورىلىۋاتقان،ھەممە بىر گۈزەل كېلەچەكككە قاراپ كۈلىۋاتقان، مۇشۇنداق مىنۇتلاردا تورىمىز بارلىق تورداشلارنى شۇنداق بىر خاسىيەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ھەم بارچە خەلقىمىزنى خۇشال قىلىدىغان بىر كاتتا پائالىيەتنىڭ تولۇق جەريانىنى ئورتاقلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. ئۇيغۇر سەنئىتىگىلا ئەمەس،مائارىپ ئىشلىرىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى ۋە ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ كىلىۋاتقان بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ،مەركىزىمزىنىڭ بىز تورداشلارغا كۆرسەتمەكچى بولغان بۈگۈنكى قوتلۇق مەرىكىسى مىنىڭچە نەچچە يۈز مىڭلىغان تورداشلارنىلا ئەمەس تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى مىليونلىغان خەلقىمىزنى خۇشال قىلىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمىي تېلەكلىرى،ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ دەپ ئويلايمىز ئەلۋەتتە.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى(چارشەنبە) ئەل سۆيگەن ناخشىچى ،مەرىپەتۋەر ئۇيغۇر ئوغلانى مۆمىنجان ئابلىكىم باشچىلىقىدا قورۇلغان <<سابا مەرىپەت،مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى>>دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەركەزنىڭ قوتلۇق بىر يىللىق تويى ئۆتكۈزۈلدى. ئۈشبۇ خاسىيەتلىك مىنۇتلارنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى بىلەن سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى بىرلىشىپ بۈگۈنكى تەنتەنىلىك مىنۇتلارنى ئالاھىدە خاتىرەلەش مەقسىتىدە<<شاتلىق مىنۇتلىرى>>پروگراممىسىدا پۈتۈن شىنجاڭغا نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلغان،ئەلكۈيى تورىدا تولۇق سۈرەتلىك نۇسخسى تارقىتىلغان<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش سابانىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش كاتتا مۇراسىمى غەلبىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.
سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ۋە ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتى فىلىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
ئەسكەرتىش:مەزكۇر فىلىم 2سائەتكە يېقىن داۋاملىشىدىغان بولۇپ،ھەر خىل شەكىلدىكى نۇسخىلىرى (سۈزۈكلىكى يۇقىرى ئاستىراق قويىلىدىغان،تېز قويىلىدىغان..دېگەندەك)تورىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق تورغا يوللىنىۋاتىدۇ مۇراسىمغا سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى،بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رەھبەرلىرى،دىكتور رىياسەتچىلىرى ،مۇھەرىر ۋە تېخنىكلىرى،ئەل سۆيگەن پەخىرلىك مائارىپچى ئۇستازلار،جامائەت ئەربابلىرى،سەنئەتكارلار شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(ئەلكۈيى تورى)، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى،شىنجاڭ گېزىتى،قانۇنچىلىق گېزىتى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.. قاتارلىق رايونىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرى،مۇخبىرلىرى ھەمدە سابا مەرىپەت مائارىپ مەركىزىنىڭ بىر يىللىق تويى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەرساھەدىكى كىشىلەر دىن بولۇپ 1000غا يېقىن ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.نەچچە مىليون خەلق رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق پائالىيەت نەق مەيدانىنى ئاڭلىدى.

تەبرىكلەش مۇراسىمى ئەل سۆيگەن ناخشىچى، ‹‹ سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى ›› نىڭ قۇرغۇچىسى، مەرىپەتپەرۋەر ئوغلان مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ بۇ مەركەز ھەققىدىكى قسقىچە تونۇشتۇرۇشلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەنزىل نىشانلىرىنى بايان قىلىش بىلەن باشلاندى.ئارقىدىن <<شاتلىق مىنۇتلىرى>>پروگراممىسى ئارقىلىق رەسمىي ھالدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەش پائالىيتى باشلىنىپ كەتتى. ‹‹ سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى ›› ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندە (2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى،سەيشەنبە )ئۆزىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى،قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ھەرساھە زاتلارنىڭ تەبرىكلىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى.
مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مەركەز بىر يىللىق مۇساپىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماملاپ،دىيارىمىزدىكى داڭلىق تىل تەربىيلەش مەركىزى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.خەلق قوللىدى،ئالقىشلىدى،رازى بولدى.دېمەك مۇشۇنداق نەتىجىلەر سابانى خۇشال قىلىپ،ئۇنىڭ داۋاملىق ئالغا بېسىشى ئۈچۈن مەنىۋى جەھەتتىن زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى.بۇ كۆڭۈللەرنى شاتلاندۇرىدىغان، شانلىق نەتىجىلەر مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ تىرىشچانلىقى، تالانتى ۋە زور ئىقتىسادى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا يار يۆلەك بولغان بارلىق مېھنەتكەشلەرنىڭ ئەجرىنىڭ مېۋىسى ئەلۋەتتە.
بۈگۈنكى بىر يىللىق قۇتلۇق كۈندە تەبرىكلەش،خۇلاسىلەش، ھەر بىر قوللىغۇچىغا رەھمەت ئېيتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بولغاچقا سەنئەت بىلەن زىچ باغلىنىشى بولغان بۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن تارتىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغىچە ھەممە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغاتلىرىنى سابانىڭ تەنتەنىسىگە جۆر قىلدى.

مەكتەپ مۇدىرى غەيرەت مۇئەللىم سۆز قىلماقتا 
ئەل سۆيگەن ناخشىچى،مەرىپەتۋەر ئوغلان ،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم سۆز قىلماقتا 
شاتلىق مىنۇتلىرىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەملەر پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ باش نازارەتچىسى ھەجەرگۈل قاسىم 
پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆز قىلماقتا 
سىتودنېتلارنىڭ ئالقىشى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن،ئەسلىدىكى تەسەۋۋۇر ئىنگىلىزتىلىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى دىلمۇرات مۇئەللىم،مۇتەللىپ مۇئەللىم،ئابباس مۇئەللىم

مۇراسىم نەق مەيدانى

ئابباس مۇئەللىم،دىلمۇرات مۇئەللىم،مۇتەللىپ مۇئەللىملەر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا



مۇراسىم نەق مەيداندىن كۆرۈنۈشلەر


سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا 
ئەل سۆيگەن ناخشىچى،داڭلىق كومپزىتور ئابلەت ئابلىكىم ناخشا ئورۇنلىماقتا 
مۇقام ئىزباسارى شىرئەلىي ئەلتىكىن نومۇر ئورۇنلىماقتا 
ياش ناخشىچى رەنا رۇزى ناخشا ئورۇنلىماقتا

ئەبەي تاققا -تۇققا يومۇرلىرىنى سۆزلىمەكتە 
ئابلەت ئابلىكىم،مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى مەردان ئابلىكىم ناخشا ئورۇنلىماقتا 

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر قانچە يارقىن نوقتا شۇكى: سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى بىر يىللىق قوتلۇق كۈنىدە ئوزۇن يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئۇنىۋېرېستېتلاردا تەسەۋۋۇر ئېنگلىزتىلى نامى بىلەن بارچە سىتودنىتلارنىڭ ھۆرمىتىگە ،قايىللىقىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان ئۈچ مۇئەللىم(مۇتەللىپ،دىلمۇرات،ئابباس)نىڭ سابا قوشۇنىغا قوشۇلىشى كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇردى ھەم سۆيۈندۈردى. بۇ پىدائىيلار سابانىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئورۇن ئېلىپ، مۆمىنجاننىڭ ھەربىر قەدەملىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغانلىقى ۋە تىلەك- ئارزۇلىرى توغرىسىدا سورۇن ئەھىلى بىلەن ئورتاقلاشتى.يەنە ئابلەت ئابلىكىم ۋە مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى مەردان ئابلىكىم سابانىڭ بىر يىللىق تويى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپ بۇ ئائىلىدىن سەنئەتكارلارنىڭ تېخى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى.كىچىك چولپانىمىز جەسۇر ئابلەت(ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئوغلى)<<جەسۇر بالىمەن>>ناملىق ئەڭ يېڭى ناخشىسىنى سورۇن ئەھلىگە تەقدىم ئەتتى.پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزىنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن سابانىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولدى،ئۆز ئارمانلىرىنى بىلدۈردى.
سابانىڭ قۇرغۇچىسى، ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم، تالانتلىق كومپوزىتور ،داڭلىق ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىم، سابانىڭ ئوقۇغۇچىسى ،ياش ناخشىچى رەنا روزى، ياش مۇقامچى شىرئەلى ئەلتىكىن، ‹‹تاققا- تۇققا ›› سۆزلىرى بىلەن تونۇلغان ھەبىبۇللا موللام (ئەبەي) ، مۆمىنجاننىڭ ئىنىسى مەردان ئابلىكىم، ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئوغلى جەسۇر ئابلەت ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشا ۋە كۈلدۈرگىلىرى ئارقىلىق سورۇن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ چىرايلىرىدىن كۈلكە كەتمىدى، قوللىرىدىن چاۋاك ئۈزۈلمىدى.


ئەلكۈيى تورىنىڭ رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت نەق مەيداندا بۇ ھەقتە تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە ئەلكۈيى تورى ئەل سۆيگەن ناخشىچى، مۆمىنجان ئابلىكىم،سابانىڭ قۇرغۇچىسى، مەرىپەتۋەر ئوغلان مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە سابانىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش نەق مەيدانىغا بېرىپ،نەق مەيدان ئەھۋالىنى ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدا ئالدىن خەۋەر بىرىش،پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرى ،ئىشتىراكچىلىرى ۋە سورۇن ئەھلى بىلەن كەڭ-كۇشادە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار سابا ئىنگلىزتىلى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە
 ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى تەبرىكلەش مۇراسىمى مەيدانىدا
بىز نەق مەيداندا ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارەت سەھىپىسى ئارقىلىق سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەم مۇراسىم ئەھلى بىلەن <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قورۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز >>نامىدىكى زىيارەت فىلىمىنى ئىشلىدۇق ھەمدە تەبرىكلەش پائالىيتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق قىسمى بىلەن بىرلىكتە كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىگە،ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىمگە،سابا مەرىپەت مائارىپ مەركىزىدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا بولغان كۆڭۈل سۆزۈڭلارنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى |