itarim يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 12:09 
ئىش ئورنىدا بېسىم بىلەن ياغلىقىنى سائەتلىك ئېلىۋەتكە ...
سىز بۇنداق بېسىملارغا ئۇچراپ باقماپسىز ،بەكلا تەلەيلىككەنسىز ،بۇنداق بېسىمغا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىئىيىتى ئۇچراۋاتىدۇ ، قارىغاندا سىز بېسىمغا ئۇچرىغۇدەكمۇ ئەمەس ئوخشايسىز ، بىز ئون نەچچە يىل تىرىشىپ ئوقۇپ ئېرىشكەن خىزمەت ئۇ ،ھۆكۈمەت بىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغىنى يوق ، ئۆزىمىز قاتمۇ -قات ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ ئېرىشكەن خىزمەتنى نىمە دەپ خەقكە تاشلاپ بەرگۈدەكمىز؟! سىز پۇلىنى بەك چوڭ بىلمەيدىغان ئوخشىمامسىز ،مانا مەن ھالاللاپ تاپقان ،قان تەر بەدىلىمگە كەلگەن ئاشۇ پۇلۇمنى بەكلا چوڭ بىلىمەن ، سىزدەكلەرنىڭ كىچە -كۈندۈز جاينامازدىن قوپماي قىلغان ئىبادىتىدىن بىزدەك خىزمەتچىلەرنىڭ شۇنچە بېسىمنى يېڭىپ ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق خەلقىمىز ئۈچۈن ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ يەنە سىز چوڭ بىلمەيدىغان ھالال ھەققىمىزنىمۇ ئېلىپ قىلغان ئىبادىتىمىز ئارتۇق ،قالغىنىنى ياراتقان اللاھ بىلىدۇ .