تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4692|ئىنكاس: 47

يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53124
يازما
17
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ

ئاللاھ ساقلار پاختىدا ئوتنى،
چوغنى كۈلگە كۈمۈپ نەھايەت.
چوغدەك قىزلار قارا ھىجاپتا،
بەلكىم يىراق شۇڭا قىيامەت.
ئادىل تۇنىياز -«چۈمبەلدىكى كۆز»

پۈتكۈل ئالەمنىڭ سەرۋەرى ،ئىنسانىيەت ۋە جىنلارنىڭ خۇجىسى،جانابى ئاللاھ سۈبھانەۋەتائالانىڭ دوستى ،ھەبىبى ۋە رەسۇلى بولغان سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(ئۇنىڭغا جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن)ئەرلەردەك بۇلىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللاردەك بۇلىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان ئىدى.پەيغەمبىرىمىز لەنەت قىلدى دېگەنلىك جانابى اللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بۇلۇش دېگەنلىك ئىدى.بىراق پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەن ئىشلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ماڭدامدا بىر يۇلۇقۇپ تۇرماقتا.
ئەرلەرنىڭ ئاياللىشىشى،ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ئەر سىياق بىر نىمىلەرگە ئايلىنىپ كېتىشى قەلبىدە ئىمان بار ھەرقانداق كىشىنى ئازاپلىماي قالمايدۇ.چۈنكى بىر ئىسلام ئالىمى ئاياللار ھەققىدە توختىلىپ«ئايال خانلىرىمىزنىڭ دىن ۋە شەرىئەتتىن بىخەۋەر قېلىشى جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا،مەن –مەن دېگەن ئەرلەرمۇ ئاياللار ئالدىدا بىقۇۋۇل بولغاچقا ئاياللار ھازىر بىزنى دەۋزەخ ئالدىغا يېتىلەپ باردى»دەپ ئېيتتى.ئەتراپىڭىزغا قارىسىڭىز تۈمەنمىڭ رەڭلەر ئىچىدە شەيتانلارچە جىلۋە قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ ئاياللارئىدى.كېسىلىپ ئەرچە ياسالغان چاچلار، بۈدرە قىلىنىپ تەييار چۆپتەك كۈرىنىدىغان غۇژمەك چاچلار،ئىشقىلىپ چەكسىز ھاياسىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان چاچلار ئارىمىزدا كۈرمىڭ ئىدى..ياش قىزلارنىغۇ دىمەي تۇرايلى ھەتتا ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بۇلۇپ بولغان، يەنە كېلىپ بۇيىغا يەتكەن بالىلىرى بار بولغان ئاياللارمۇ ئىشتانلارغا پاتماي قالغا كاسسىسىنى پۇسكايتىپ،نىپىز كىيىملىرى يەتمىگەندەك ئىچىدىكى قىزىل،كۆك، قارا رەڭلىك باغىرداقلىرىنى نامايان قىلىپ ، سېركول كەبى نايناقلاپ مېڭىشسا ،ئۇ ئاياللاردىن كۆپرەك،ئەرلىرى بولمىشلارغا غەزىپىم تاشىدۇ .چۈنكى ئايال ئەرنىڭ ئوبرازى ئىدى.ئەگەر ئاشۇ ئەر خۇتۇنىنىڭ كۆكسىلىرى پاتماي قالغان تار مايكىلارنى، ئۇياتلىق يەرلىرىنى مانا مەن دەپ ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىشتانلىرىنى  كىيىشكە يول قويمىسا ئىدى ئاياللار ئۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتمەيتتى.
ئەرلەرنىڭ ئايالچە ،ئاياللارنىڭ ئەرچە بۇلىشى جانابى ئاللاھنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان ئىش.بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئانىلارنىڭلا ئىمانلىق بۇلىشى يېتەرلىك ئەمەس ،مۇھىمى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ،بالىلارنىڭ تېغى بولغان ئەرلەردە ئىمان بولمىسا ئاياللىرىنى تۈزىيەلمەيدۇ.ئەگەر ئەر تەقۋا ،ئايال پاسىق بولسا ئۇ ئەرنىڭ تەقۋالىقى ئاجىز تەقۋالىقتۇر.چۈنكى ئەرلەرئائىلىنىڭ پادىچىسى.قىيامەت كۈنى ئەرلەر ئائىلىسى ۋە خۇتۇنىدىن ھىساپ بېرىدۇ.ئۈزى نامازخان ،شەرىئەتنىڭ ئىچىدىكى ئەرلەر،ئۈزىنىڭ ئايالىنى يۈرۈش-تۇرۇش ،ئەقىدە ئىمان توغرىسىدا تۈزىيەلمىسە مىسالى ئۆينى يۇرۇتالمايدىغان جىن چىراق خالاس. مەيلى ئۇ قانچە ئىبادەت قىلسۇن ئۇنىڭ مۇسۇلمانى كامىللىقىدا شەك بار.ئەمما ئاياللار تەقۋا بۇلۇپ ،ئەر پاسىق بولسا ئايال ئېلاجىسىزدۇر.چۈنكى جانابى ئاللاھ تالاق قىلىش ھۇقۇقىنى ئەرلەرگە بەرگەن.ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئاياللارنىڭ جاھانغا پاتماي قېلىشىنى ئەرلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئەرلەر پىنھان گۈزەللىكلەرگە ئەمەس،بەلكى ئاممىۋى گۈزەللىكلەرگە بەكرەك مايىل بولغاچقا،ياغلىق ئىچىدىكى سۇمبۇل چاچلارنى ئەمەس،بەلكى كۈز خازانلىرىدەك پاخما چاچلارنى چوڭ بىلدى.ئۇزۇن كىيىملەر ئىچىدىكى نازۇك بەدەنلەرگە ئەمەس بەلكى بەدىنىنىڭ تەڭدىن تولىسى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان تار قىسقا كىيىملەر ئىچىدىكى ئىمانسىزلىق تاراملاپ تۇرىدىغان گۆشلۈك بەدەنلەرگە بەكرەك قىزىقتى.قاچاندۇر بىر چاغدا مەن خېلى دىيانەتلىك دەپ بىلىدىغان بىرەر يىلچە كۈرۈشمىگەن دوستۇمنىڭ تۇرقىغا سەمىمى تەكلىپىمنى بەرسەم ئۇ دوستۇم كىيىمدىن نېمە چىقاتتى دىمەسمۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يۇقاپلا كەتتى.تامچە سۇدا قۇياش ئەكسى زاھىر بولغاندەك،ئاشۇ بىر ئېغىز سۈزىدىن مەن ئۇنىڭ قاغجىراپ كەتكەن قەلبىنى ھىس قىلدىم.
ئىھتىمال بەزىلەر «ھەممىدىن نىيەت ئەلا،قىياپەتتىن ھېچنەرسە چىقمايدۇ »دەپ جۆيلۈشەر.بىراق مەن ئۇنداق قارىمايمەن.چۈنكى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىمان بولسا ئاشۇ ئىماننىڭ ئالامىتى ئۇ ئادەمنىڭ قىياپىتىدە ئايان بۇلىدۇ خۇددى ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم دېگەندەك.  قانداق ئايان بۇلىدۇ دېگەندە ئىمان ئۇنىڭغا چاچ ئەۋرەت ،ئەۋرەت جايلارنى ئوچۇق قۇيۇش ھارام دىگەننى بىلدۈرىدۇ.( ئىش ئورنىدا بېسىم بىلەن ياغلىقىنى  سائەتلىك ئېلىۋەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا)ئاندىن قالسا نىپىز يۇققا كىيىملەرنى كىيگەنلەر قىيامەت كۈنى يالىڭاچ قالىدۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولسا بارار جايى دەۋزەخ دىگەننى بىلدۈرىدۇ.ھەم يەنە بىز تەسۋىرلەپ بۇلالمايدىغان مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.چۈنكى ئىمان قەلىب ئۆيىنىڭ قۇياشى.ئۆيدە نۇر بۇلىدىكەن بىز ئىشىك تۈڭلۈكنى.تاقىۋەتسەكمۇ ئۇنىڭ نۇرلىرى ھامان جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
بۈدرە چاچ،پاخما باش ،قىسقا كىيىملىك يېرىم يالىڭاچ خېنىملارنىڭ «مەن سىرتتا ئۇنداق يۈرگىنىم بىلەن ئۆيدە ناماز ئوقۇيمەن ،قارىسا ئىسلامچە كىيىنىپ يۈرگەنلەردىنمۇ ناماز ئۇقۇمايدىغانلارمۇ كۆپقۇ»دىيىشلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.ھەتتا بىر دوستۇممۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ سىرتتا شۇنداق يۈرگىنى بىلەن ئۆيدە ناماز ئۇقۇشى ھەر ھالدا ئوقۇمايدىغانلارغا نىسبەتەن ياخشى دېدى .مەن بۇنىڭغا قۇشۇلمىدىم .چۈنكى دەسلەپ ئىمانغا كىرگەن چاغلار بولسىغۇ مەيلىدى،بىراق ئاشۇ نامىزى دەرگاھى ھەقتە مەقبول بولغان بولسا،كېيىنچە بولسىمۇ ئۈزىنى تۈزۈيتتى،ئۇنىڭ ئىمانى گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەن دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم.ئاشۇنداق ئۈزىنى تۈزەلمەي ئۇقۇغان ناماز،تۇرقى مۇسۇلمان بىنامازلارنىڭ ھەر ئىككسى رىياكار كاززاپلاردۇر .ئەمدىكى پۈتكۈل سىياسەتلەردە ياغلىققا تۈكرۈك چاچرىغان بۇ ئاي بۇكۈنلەردە بۇئەھۋال قەلبىدە ئىمان بار كىشىلەرنى قايغۇغا سالسا،ئىمان تۈرتكىسىدىن ئەمەس بەلكى ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ،ئاللىكىملەردىن قورۇنۇپ يېرىم يارتا ئارتىۋالغانلارغا نىسبەتەن كاتتا ئىش بولدى.ھەتتا ئۇلار سىرتلاردىمۇ باشقا ناھيە شەھەرلەرگە بارغاندىمۇ بايام دېگەندەك غەيرى دىندىكىلەردەك ياسىنىپ بېرىۋەردى.
پەيغەمبىرىمىز ؛كىمكى ئۈزىدىن غەيرىلەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ ئاشۇلاردىن بۇلىدۇ،قىيامەت كۈنىمۇ شۇلار بىلەن بىللە قۇپىدۇ دەپ ئېيتقان.شۇڭا سىز قايسى مىللەتكە ئوخشىۋالسىڭىز سىزمۇ شۇ مىللەتكە تەۋەسىز.ئۇنداق« نىيىتىمنى خۇدايىم بىلىدۇ »دىسىڭىز يالغانچىدۇرسىز.چۈنكى شەيتانمۇ پەرىشتە ئىدى. ئۇمۇ بىلەتتى .بىراق ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن قوغلاندى بولغان ئىدى.ئۇنۇتماڭكى يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۈرۈڭ.ئاۋۋال ياغلق بوينىڭىزغا چۈشتى،ئاندىن ئاستا-ئاستا يۇقىدى.يەڭلەر قىسقىراپ قولتۇق ،كۆكسىلەر ئېچىلىپ ،يوپكىلار تارلىشىپ، قىسقىراپ ،ئاپئاق يۇتىلار نامايان بولدى.سىز ئىككى ئۇياتلىق يەرگە نىپىز رەخىتنى دالدا قىلغاندىن باشقا ئاساسەن يالىڭاچ بولدىڭىز........
ئەي قېرىندىشىم ،ئۇنۇتماڭ بىز بەرىبىر ئۈلۈپ كېتىمىز.ھايات بىزگە بىر ئىمتىھان.بىز بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئەمەللىرىمىزدىن ھىساپ بېرىمىز.ئەگەر توۋا قىلىشقا ئۆلگۈرەلمەيلا ئۈلۈپ كەتسەك رەببىمىز ئالدىغا نېمە دەپ بارىمىز.؟ناماز ئۇقۇپتىمەنيۇ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ يۈرۈپتىمەن،ناماز ماڭا ئۆزلەشمەپتۇ .ياكى ناماز ئوقۇماپتىمەن ھەم،دائىما يالىڭاچ يۈرۈپتىمەن.يا قىمار ھاراق تاماكىدىن قول ئۈزمەپتىمەن،ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلشقا ئالدىرماپتىمەن دەپ جاۋاپ بېرىمىزمۇ؟
ياغلىقنى بوش كۆرمەڭ.ئۇ مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ بەلگىسى.ئاللاھتىن ھايا قىلىشنىڭ ئىپادىسى.سىزنىڭ ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىنىڭ ئاددى دەلىلى.ئەگەر سىز بىر ياقتىن ناماز ئۇقۇپ ،بىر ياقتىن ئۈزىڭىز خالىغانچە يېرىم يالىڭاچ يۈرىۋەرگەن بولسىڭىز،ئەمەللىرىڭىزنىڭ  دەرگاھى ھەقتە مەقبۇل بولمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
ئەي ئايال ياغلىقنى تاشلىۋەتمەڭ.ئۇ سىزنى بۇزۇق كۆزلەردىن ساقلايدۇ.يېرىم-يالىڭاچ كىيىنمەڭ،قەبرىدىكى ئىلان-چايانلار سىزگە ئىشتەي ساقلاپ كۈتمىسۇن.مۇسۇلماندىن غەيرىگە ئوخشىۋالماڭ .قىيامەتتە ئاشۇلار سېپىدىن تىرىلىسىز.
ئەي ئەر،مەھبۇبىڭىزغا قاراپ قۇيۇڭ.كۆكسىلىرى ،سېمىز بىلەك،يۇتىلىرى ،ئېچىلىپ قالمىسۇن.ئەگەر شۇنداق بولسا سىز دەييۈزلەردىن بۇلىسىز.قىيامەتتە ئاللاھ قارىمايدىغان يەنە بىر كىشى دەل دەييۈز كىشىدۇر.ئۇنداق كىشىنى جانابى ئاللاھ گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ.ئەگەر ئايالىڭىز ئاشۇنداق يۈرسىمۇ سىز غەزەپلەنمىگەن بولسىڭىز،ئىمانسىز ئەبلەخ ئادەمسىز.ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ دىمەڭ.جانابى ئاللاھ سىزنى ئەر قىلىپ ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن ياراتتى.دىمەك ئايالنى« ئالدىم»دېگەن كۈندىن باشلاپ،ئۇنىڭ ياخشى يامان ھەممە ئىشىغا ئىگەدۇرسىز.دىمەك ئوتنى ئايال تۇتسا سىزنىڭمۇ قۇلىڭىز كۈيىدۇ.نىيەت ھەممىدىن ئەلا ئەمەس،بەلكى ئەمەل ھەممىدىن ئەلا.چۈنكى نىيەتتە نىمە بولسا ئەمەلىيەتتە شۇ ئىپادىلىنىدۇ.
قارىسا ،غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشايدىغان بىر قىسىملارنىڭ « ئۇياتلىق يەرلىرىڭىزنى ئۇچۇق قويماڭ يامان بۇلىدۇ»يەي دىيىشلىرىنى ئاڭلىدىم.بىراق ئۇنداقلاردىن«چېچىڭىزچۇ؟چاچ ئەۋرەت ئەمەسمۇ؟»دەپ سورىغۇم كېلىدۇ. كۆپ سانلىق ئايال زىيالىيلارنىڭ باشلىرىنى ئۇچۇق قۇيۇپ،خەلقىم دىيىشلىرى شەيتانلىق.ئىلىم ئۈگۈنۈشتىن مەقسەت ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇنداق ئىلىم كىشىگە نادامەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇ بىچارىلەرگىمۇ ھەقنى تۇنۇش پۇرسىتى بىرەر.
ئەي قېرىندىشىم يازمامدا سىزنى رەنجىتكەن بولسام ئەپۇ قىلىڭ.ھەق ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق.مىھرىبان ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەھكەم ھىدايەتكە ئىگە قىلسۇن .چەكلىك ئۆمرىمىزنى پاخال شەرەپ.شەرمەندە شۆھرەت كۇيىدا سەرسان قىلماي،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىززەتلىك بۇلۇپ ياشاشقا مىھرىبان ئىگىمىز بىزنى نېسىپ قىلسۇن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28222
يازما
86
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
86
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-6
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىركەن ......!ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى .بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان ئەسەركەن .بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتكەن .
ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم .

UID
1859
يازما
42
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
308
تىزىملاتقان
2009-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-6
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،ئامىن!!!...

UID
1859
يازما
42
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
308
تىزىملاتقان
2009-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-6
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ سەۋەپلىك مەنمۇ خىزمەتنى تاشلىۋەتتىم.

UID
53354
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-2-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئاللا خىزمەت تاشلىغىدەك ئىرادە ، چىدام بىرىپتۇ ، ئاللا سىزگە رەھمەت قىپتۇ .....سىزگە ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن ............

UID
53358
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-2-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى،ئۆز ئەتراپىمىز دىن باشلايلى......

UID
11177
يازما
182
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1712
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ياخشى پىكىرلەرنى قىلىپسىز قېرىندىشىم ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، باشلىمىغان بولساق ھازىردىن باشلاپ رەسمىي باشلايلى.

UID
48437
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشائاللا.....   بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم   مەنمۇ ياغلىق سەۋەبىدىن  ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەشنى رەت قىلغان ئىدىم  تېخى تۈنۈگۈن بىر دوستۇم  خىزمىتىڭىنى قىلىپ نامىزىڭىنى ئوقۇپ يۈرسەڭمۇ بولىدىغۇ چوقۇم ياغلىق چېگىشىڭ شەرت ئەمەسقۇ نېمىشقا خىزمەت قىلمايسەن دەپ مېنى ئەيىبلىگەن ئىدى. مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالغان ئىدىم.  بۇ گەپلەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇشاللاندى.  ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!!!1

باھا سۆز

barkut  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ، ئەشۇ ئىتائىتڭىز ئۈچۈن .  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
52630
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم دوستۇم  ھارمېغايسز  بۇ سۈزلەدېن ھازېرقې مۇشۇ جەميېتېمېزدېكې ناچار ئەخلاقلېق قېرېنداشلېرمېز ئبرەت ئەپ قالا گەپنې باشتېن باشلاپ ناھايېتې توغرا قېلېپ سېز بۇ باش كېيېم دېگەن بېزلەرنېڭ ئېسمېمېز بېزنېڭ نامېمېز بۇنې ھەرگېز ئۇنېتماسلېقمېز كېرەك!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!  

UID
7485
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىدىن باشلاش ئەڭ ياخشى ئىبرەتتۇر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش