- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12
- تىزىملاتقان
- 2012-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-9
- UID
- 39532
- يازما
- 12
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12
- تىزىملاتقان
- 2012-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-9
- توردا
- 13 سائەت
|
بۇ 1990-يىلى ياز پەسلى بولغان ئىش قەشقەرگە ئەخمەتجان مەمتىمىن ئويۇن قويغىلى كىلىدىكەن دىگەن سۆز ھەممە يەرگە تارىلىپ ئاخىرى 7-ئاي مەزگىللەردە قەشقەرگە كەلدى ھىيىتكا چوڭ تىياتىرخانىسى ئالدى ھىيىتكا مەيدانى ئادەم دىڭىزىغا ئايلاندى شۇ ۋاقىتلاردا كاماردا 5 يۈەنلىك بىلەت ئالدىنقى رەتنىڭ 100 يۈەنگىمۇ چىقىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى (ئۇۋاقىتلاردا بىر كىلو گۆش قەشقەر شەھرىدە 8 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى) مەن تاغام بىلەن ئاخىرقى رەتنىڭ بىلىتىنى 25يۈەنگە ئىلىپ كىردۇق باشتا يىڭى قاشتىشى سەنئەت ئۆمىگىنىڭ ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا بۇ قەيەر بۇ خوتەن ناملىق ناخشا بىلەن ئويۇن باشلاندى ئاندىن ئۇسۇلچىلار ئۇسۇل ئوينىدى ناخشىچىلار ناخشا ئىيىتتى سۇلايمان روزى بىلەن سۇدىيە مەخمۇت ئاشپەزخان بىلەن زەگەجان قاسىمجان ماينۇرخان دىگەن لەپەرنى ئويناپ ئويۇن كەيپىياتىنى بىر بالداق كۆتۈردى ئارقىدىنلا رىياسەتچى ئەخمەتجان دەپ توۋلىشىغا مەيداندا گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ئەخمەتجان مەيدانغا چىقىپ ئەزىزانە قەشقەرگە كىلىپ ئويۇن قويۇشقا مۇيەسسەر بولالىغىنىدىن ئۆزىنى ناھايتى بەخىتلىك ھىساپلايدىغىننى بىلدۈرۈپ ناخشىلارنى باشلاپ كەتتى ئەخمەتجان ناخشىنى باشلاپ ئاخىرلاشتۇرغۇچە چاۋاك ئۈزۈلمەيتى ئەخمەتجان ئوندەك ناخشىنى ئىيتىپ سەھنىدىن چۈشەي دەپ تۇرۇشىغا قەشقەر خەلقنىڭ ئەخمەتجاننى پەقەت قويىۋەتكۈسى كەلمەيتى ئسقىرتىش توۋلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەخمەتجاننى يەنە بىرنەچچىنى ئىيتىپ بىرىشكە ئۈندەيتى ئەخمەتجان ئاخىر يەنە ئۈچ ناخشا ئىيىپ بەردى.مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق كىچىلىكتىن يەنە بىرنى كۆرۈپ باقمىدىم ئويۇن تۈگىگەندە تىياتىرخانىغا ئادەم كۆپ كىرگەنلىكتىن دەسسىلىش ۋەقەسى كىلىپ چىقتى بەخىتكە يارىشا ئۆلۈم يىتىم بولمىدى .مانا بۇ ئەخمەتجان مەمتىمىن ئىدى مەن ئەخمەتجان مەمتىمىننى سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن بۇنداق گىتار چالىدىغان ئوغۇل بالىدىن يەنە نەچچە يۈز يىلدا بىرسى چىقا؟ |
|