مەرھۇم ئۇيغۇر گىتتار شاھزادىسى ، 20 يىل بورۇن ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا ساھەسىدە ئۆزگىچە پەللە ياراتقان تالانتلىق گىتتار ماھىرى،پەخىرلىك ناخشىچى ئەخمەتجان مەمتىمىنن ئۇزاتقان نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى(1991-يىلى 6-ئايدىكى سىن)توردا ئېلان قىلىندى 
ئەلكۈيى تورى قەھرىتان 19-كۈنى خەۋىرى :ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر گىتتار ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق گىتار ماھىرى، ئوت يۈرەك مۇزىكانت، كۆپكە ماھىر تونۇلغان ناخشىچى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن 1969ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تىۋەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1991ـ يىلى 6- ئاينىڭ 13-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئاران 22 يىلغا يېقىن ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆمرىدە 15 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجتىھاد بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،20 يىل بورۇن شۇ زاماندىكى خەلقىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان داڭلىق ئارتىسقا ئايلانغان.يالغۇز مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي ، نۇرغۇن ئىجادىي ناخشا - مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ يېزىپ ، خەلقىمىزگە سوۋغا قىلغان.
پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىن گەرچە ئارىمىزدىن كەتكىلى 20يىل بولغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرى ھېلىھەم خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا،چوڭلارنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئەسكە ئېلىشى بىلەن،ياشلارنىڭ 20يىل بورۇن ئارىمىزدا مۇشۇنداق بىر ئوغلاننىڭ چىققانلىقىغا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە.ئەمما تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئەخمەتجان مەمتىمىننى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكىلى 20يىل بولغان مۇشۇنداق كۈنلەردە توردا ئەخمەتجان مەمتىمىنىڭ مىيىت نامىزى چۈشۈرۈش نەق مەيدان سىنلىق كۆرۈنۈشلىرى بىلەن مەرھۇمنى يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئالىمىز.
بۇ سىنلىق كۆرۈنۈش 1991-يىلى 6-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزىسىدىكى ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ مىيىت نامىزىنى ئوقىۋاتقان قەبرىگاھلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدە ئەخمەتجان مەمتىمىن ھەققىدە شۇ يەردىكى يۇرت چوڭلىرىنىڭ سۆزلىرى ھەم ئۇنىڭ مىيىت جازىسىنى كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بېرىلگەن.بىز ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا بۇ كۆرۈنۈشنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە مەزكۇر تېمىنى ئېلان قىلدۇق. شۇنداقلا ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى بىرگە سۇندۇق.
مەرھۇم ناخشىچى ئەخمەتجان مەمتىمىنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش نەق مەيدانى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن تالانىتلىق گىتار ماھىرلىرىنىڭ بىرى . ئۇ 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ راۋاپ ، تەمبۇر ، دۇتتار ، غىجەك ، قاتارلىق چالغۇلارنى چالالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى . ئۇ 4 يېشىدىن باشلاپ ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق 1984-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىپ ، 1986-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن . بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن گىتار چېلىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى . 1987-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك <<يېڭى قاشتېشى >> سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ شۇ يىلى سىنتەبىردە <<تەڭرىتاغدا كۈز >> سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ <<ياشلىق كۈيى>> ،<<تاۋار بالىلار>> قاتارلىق ناخشىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . 1987-يىلى <<شىنجاڭ ياشلىرى >> ژورنىلى ئۇنىڭ سەھنىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش كۆرىنىشىنى 11-سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا باستى . بۇ ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولدى . ئۇ 1988-يىلى نويابىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن <<كۈلكە چولپانلىرى>> ، <<ياشلار ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى >> ، <<ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى >> ، << 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ سەنئەت بايرىمى >> ۋە 1989-يىلى <<يىپەك يۇرتىدا نورۇز >> قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى . ئەخمەتجان بۇ جەرياندا <<كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە>> ، <<ئۈرۈكۈم>> ، <<گۈزەل قىز >> ،<< سۇمبۇل چاچ >> قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىلىكتىرونلۇق گىتاردا ئۇرۇنداپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن <<1-دەرىجىلىك ئورۇندىغۇچى>> ، <<مۇنەۋەر ئورۇندىغۇچى>> ، << مۇنەۋەر ياش ناخشىچى >>ۋە << ئىلغار خىزمەتچى >> بولۇپ باھالىنىپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى . كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى << شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى >> ۋە << شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى >> تەرىپىدىن تەلەپلەر بويىچە داۋاملىق ئاڭلىتىلىپ كەلگەن . << شىنجاڭ ياشلىرى >>ژورنىلى 1991-يىل 3-سانىدا ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ۋە ئىش - ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ باسقان.
ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»،<<مىنىڭ گۈلۈم>>... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا - مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە بىر قانچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە VCDپلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان. شۇنداقلا شۇ نادىر ناخشا - مۇزىكىلرىنى سەھنىلەردە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ناخشلىرى 80ـ 90ـ يىللاردا مودا بولۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشلىرى قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.بىراق 1991-يىلى 1991ـ يىلى 6- ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن يۈرىكى ئوت بولۇپ يانغان ئوت يۈرەك سەنئەتكارىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
قىزبالا
كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە
ئانا
چاتما ناخشىلىرى
ئانا
چاتما ناخشىلار1
تەنھا
يوللۇرۇڭغا قارايمەن
مىنىڭ گۈلۈم
ئازغان قىزلار
مۇھاببەت بار ناخشامدا
كۆڭۈل بەرسەم بىلمەيسىز
گىتتار چېلىۋاتقان ۋە يوللاردا مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى
ھىندىستانچە ئېيتقان ناخشىلىرى
مەمەتجان روزى دوراپ ئېيتقان ئەخمەتجان مەمتىمىن ئورۇنلىغان كىلىمەن دەپ كەلمىدىڭ دىگەن ناخشا
ئەينى چاغدىكى ئاشۇ دەقىقىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگىنىڭىزدە ياكى ھازىر چوڭ بولۇپ ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ 20يىل بورۇن ئورۇنلىغان ئاشۇ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئۇنىڭ قىسقىغىنا سەنئەت ھاياتىدا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلماي تۇرالمايسىز شۇنداقلا بۇ پەخىرلىك سەنئەتكاردىن سۆيۈنىشىڭىز مۇمكىن،قېنى دوستۇم مەرھۇم ئەخمەتجاننىڭ يۈرەك سادالىرى ياڭرىغان جۇشقۇن ناخشىلىرىغا جۆر بولۇڭ،سىزمۇ 20يىل بورۇنقى بۈگۈنكى كۈنلەرگە قايتىپ بېقىڭ.
|