- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 9
- تىزىملاتقان
- 2011-12-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-2
- UID
- 18883
- يازما
- 9
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 9
- تىزىملاتقان
- 2011-12-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-2
- توردا
- 4 سائەت
|
ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ بۇ يىڭى يىللىق ئۈتكۈزۈلگەن كىچىلىدىن،ئىشتىياق باغلىغانلىغان قۇللۇغۇچىلىرىدىن بۇلۇش سالاھىتىگە ئېرىشكىنىمدىن ئۆزەمنى تۇلىمۇ بەختلىك ھىس قىلمەن ...! ئابدۇللائاكا سىزبۇ قەھرېتان-زېمىستان قىشتا ئۆزخەلقىڭىز ئۈچۈن ئوتلۇق يۈرىكىڭىزنىڭ ھارارېتىنى بېغىشلىغىنىڭىزغائاپرېن ئۇقۇيمەن. ئالاھىدەبىرمەيدان ئۈتكۈزۈلگەن بۇكىچىلىكتىن بايقىغان ھەمدە ھېس قىلغانلىرىم،(مۇقەددەس بۆيۈك ئۇيغۇر)مىللىتىمىزنىڭ تارېخىي كەچۈرمىشلىرى ۋەئىزلىرىنى،ئۇيغۇرئەدەبىياتىنى،ئۇيغۇرسەنئىتىنى،بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى،پارلاق كەلگۈسدىكى ئارزو-ئارمانلىرىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچدىغان ئاچقۇچى سىز.يىڭىچەتۇيغۇ،ئۆزگىچەھوزورئىلىپ كىلدېغان بۇنداق كاتتا ئېسىل سەنئەت كىچىلىك خەلقىمىزنىڭ چاڭقىغان دېلىغا ئۇسسۇزلۇق بەرگۈسى.سىزئۇيغۇرسەنئەتكارلىرىنىڭ سەركىسى. مەن بۇنەق مەيدان كىچىلىكىنىڭ زىيارەت فىلىمىنى قايتا-قايتاكۈرۈش جەريانىداشۇنداق بىركەمچىللىكنى بايقىدىم. سىزئۇيغۇرخەلقىمىزنىڭ ھەقىيقى قىياپىتىنى نامايەن قىلماقچى بوپسىز، لىكىن بىزئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تۇنۇتقان، بىزمەدھىيلەۋاتقان، مۇشۇ قىسقىغىنا نەچچەيىل ئىچىدە بايرام قىلىپ بىكىتكەن، موزىيلاردائاسارە-ئەتىقەقىلىپ تىزىلىپ قۇيۇلۋاتقان، يۇقۇلۇش گىرداۋىغابېرىپ قالغان، بىزئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي كىيىملىردىن بولغان باش كىيىمىمىز(دوپپا)پەقەتلا زىيارەت فىلىمىنىڭ رېياسەتچىسى بولغان ، ئەلكۈيى تورىنىڭ جاپاكەش مۇخپىرىنىڭ، يەنە بىرقانچە بۇكىچىلىكتىكى ياردەمچى قىزلارنىڭ، يەنە سىزنىڭ رەپىقىڭىزبولغان ئامىينە ھەدىمىزنىڭ بىشىدىلا باركەن، ھەتتا سىزگىمۇ باشقىلارسوۋغاقىلىپتۇ، خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق چولپانلىرمىزنىڭ،يەنەداڭلىق مەشھورشەخسلىرىمىزنىڭ،سىزنىڭ ئانسامبىلىڭىزدىكى سەنئەتكارلىرىمىنىڭ، يەنە تاماشبىنلىرىمىزنىڭ بىشىدا يوقكەن. ئاتىكاچىلىق قىلغىنىم ئەمەس بۇندىن كىيىنكى كىچىلىكلىرمىزدە بولسىمۇ مۇشۇ مەسلە تۇغرېسدا ياخشى ئويلانساق، چۈنكى سۇنىڭ بىششى نەگە قاراپ ئاقسا ئاخىرىمۇ شەگە بېرىپ تۇختايدۇ. ئۇيغۇر مەدەنيىتىمىزدىن چەتلەپ كەتمىسەك، ئۇيغۇر مىللىي ئۆرۈپ- ئادىتىمىزنى تاشلىۋەتمىسەك قېرىنداشلىرمىز،ھەقىيقەت تۇغرېسدا ئاتاقلىق شائىرمىز(ھاجى مۇختەربۇغرا) ئۇستازىمىز نەقىل كەلتۈرۈپ لىللا گەپ قىلىپتۇ.
ئابدۇللا ئاكا ئاددىيغىنا بىر ھەۋەسكار بۇلۇش سالاھىتىم بىلەن يۈرۈكىمنى قاپتەك قىلىپ سىزگە بىر تەخەللۇس ئۇيلاپ قويغانتىم ياقتۇرامسىزكىن؟ ناۋادا ياقتۇرمىغان بولسىڭىز سىزدىن تۈۋەنلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن، بۇنداق ئويلۇشۇمدىكى مەخسەت ، سىزتەربىيلىگەن بىر قىسىم ئالايىدە ئىقتىدارلىق سەنئەتكار باللار سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزدا يەنە سىزگە قۇيۇپ قويغاندەك ئاۋازدا سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزنى ئېيتماقتا ۋە بىرقىسىم ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە، يەنەبىر ئابدۇللا ئابدېرېھىم دەپ ياش بىرسەنئەتكار ناخشىچى بالا مەيدانغاكەلدى. بىزسىزنىڭ ناخشىڭىز دەپ ئاڭلىساق باشقىلار ئېيىتقان، ئابدۇللا ئابدېرېھىمنىڭ ناخشىسىكەن دىسەك باشقا بىرسى چىقىپ قالغان، زادى پەرقىنى ئەتمەك تەس كىلۋاتدۇ، قايسىسىنىڭ راس، قايسىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتمىز.
ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن ئوت يۈرەك سەنئەتكارىمىز
ئابدۇللا ئابدېرېھىم(سابائى) ئاكىمىزغا بېغىشلاپ
ئەجدادىمدىن چىققانتى ئەلشېردەك نەۋايى ،
مانابۈگۈن چىقتىغۇ ئابدۇللا ئابدېرېھىمدەك(سابائى) ،
سەن سايرىساڭ گۈلشەندەگۈللەربۇلارسەۋدايى،
يىقىملىق شۇ ئاۋازىڭ دەرتمەنلەرنىڭ ھەمرايى.
|
|