ئالتۇن توغراق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2013يېڭى يىل ناخشا كېچىلىكى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس زىيارەت فىلىمى  ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى،ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورى ۋە شىركىتىمىزدىكى ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر نامىدىن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭىزلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز،2013-يىلىدا ھەر بىر تورداشقا ئالەمچە يېڭى نەتىجىلەرنىڭ يار بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ھەممەيلەن يېڭى يىل خۇشاللىقىغا جۆر بولىۋاتقان،كونا يىلنى شانلىق نەتىجە،ئۆزگىچە تەجرىبە - ساۋاقلار بىلەن ئوزۇتۇپ،يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سەركەدىسى ،ئۇستاز ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خەلقىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي مىۋىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان «ئالتۇن توغراق »ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2013يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ يىل بېشىنى خۇشاللىق دەقىقىلىرىدىن كۈتىۋېلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە كەڭ خەلقىمىزگە كەڭرى داستىخان ھازىرلىدى.

2012-يىلى كۆنەك ئېيىنىڭ 29-30-31-كۈنلىرى ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارلىق كۈيچىسى،دەۋرىمىز سەنئىتىنىڭ گۈل تاجىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «ئالتۇن توغراق »ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئويۇن قويۇش زالىدا غەلبىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.ئەلكۈيى تورى ئۈچ كۈنلۈك كېچىلىك نەق مەيدانىغا مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ كېچىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى،نەق مەيدان كەيپىياتى شۇنداقلا كېچىلىككە قاتناشقۇچى تاماششىبىنلارنىڭ ھىسياتىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىىتىدە جىددىي خىزمەت ئىشلەپ كەڭ تورداشلارغا 2013-يىللىق يېڭى سوۋغات تەييارلىدۇق.
ئالتۇن توغراق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2013ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدان زىيارەت فىلىمى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يېڭى يىللىق سوۋغات سۈپىتىدە جاپالىق مەشىق قىلىپ ، كەڭ تاماششىبىنلارغا ھەقىقىي نەق مەيداندا ئورۇنلانغان ناخشىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش،ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي ناخشىلىرىنى ئاڭلارمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ قېتىملىق كېچىلىك ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ھەقىقىي سەركەردە ناخشا چولپىنىغا لايىق ماھارەتلىرى،ناخشا ئېيتىشتىكى يۇقىرى سەۋىيەسى ،ئابدۇللا ئانسامبىلىدىكى بارلىق مۇزىكانتلارنىڭ نەق مەيداندا مۇزىكا چېلىش قابىلىيتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىنتايىن غەلبىلىك ھالدا مەيدانغا چىقتى.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ناخشا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە كېچىلىككە تاماششىبىن بولۇپ كىرگەن نۇرغۇن كىىشلەرنىڭ يۈرىكى لەرزىگە كەلدى.ھاياجاندا كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىدى،ۋەتىنىم سەن ئانام،خەلقىم بار قاتارلىق ھەرخىل يېڭى ناخشىلىرى تاماششىبىنلارنى قىقاس چوقانلارغا،ئۈزۈلمەس چاۋاكلارغا باشلىسا،ھەر بىر ناخشا ئارىسىدىكى ئارلىقتا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قىززىق پاراڭلىرى تاماشىبىنلارنى كۈلكە -چاقچاق دۇنياسىغا باشلىدى.ھاياجانلىق مىنۇتلار،ھەقىقىي ئاۋاز،ھەقىقىي مۇزىكا بىلەن ئورۇندالغان نەق مەيدان ناخشىلار كىېچىلىك قاتناشقۇچىلىرىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا قايىللىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.ئەينى يىللاردا مودا بولغان زىلالە،بىرگە ئوينايلى ،مەجنۇنتال،بىزنىڭ ناخشىمىز قاتارلىق ناخشىلارنىڭ يېڭىدىن ئاكورتلاشتۇرۇلغان،مۇزىكىسىز ئوقۇلغان ھالەتتىكى نۇسخىلىرىنى تاماششىبىنلار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن بەس-بەستە بىرگە ئورۇنلىدى.قىسقىغىنا ئىككى يېرىم سائەتلىك ناخشا كېچىلىكىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن نۇرغۇن قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارغا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى ھەققىدە نەق مەيدان ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش،تاماششىبىنلارنىڭ كېچىلىك ھەققىدە ئالغان تەسىراتلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە كېچىلىك ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدانىدىن تاللانما رەسىملەر (رەسىملەر تولۇقلىنىۋاتىدۇ) 


















































ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا،قايتا تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغان يارقىن نوقتا شۇكى،بۇ قېتىملىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكى مەيلى نەق مەيدان مۇزىكا چېلىشتا بولسۇن،ناخشا ئورۇنلاشتا بولسۇن ھەقىقىي يۇسۇندا ئورۇندالدى،ساختا ناخشا،ئۈنگە ئېلىنغان مۇزىكىلاردىن خالىي ھالدا ئورۇندالغان ئىككى يېرىم سائەتتىن ئاشقان ناخشا كېچىلىكى ئۇدا ئۈچ كۈن ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى،زىيارەت جەريانىدا بىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئازراق زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بايقىدۇق،بىراق ئۈچ كۈندىكى ناخشا ئورۇنلاش ماھارىتى ھەر كۈنى ئۆزگىچە ۋە يېڭى تۇيغۇلارنى تاماششىبىنلارغا بەخش ئەتتى.ھېچقانداق ئىككىلەمچى ئامىل كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ ياخشى چىقماسلىقىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىدى.خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ياراملىق ئوغلانىدىن پەخىرلەندى.بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم شۇنداقلا ئابدۇللا ئانسامبىلىدىكى بارلىق مۇزىكانت قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ،ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتى ئۈچۈن يۈرىكى ئوت بولۇپ يانغان بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزغا ئولۇغ ئاللادىن ئىشلىرىغا بەخت ۋە ئامەت تىلەيمىز.شۇنداقلا مۇشۇنداق يېڭى ناخشا كېچىلىكىنىڭ پات - پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى |