- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 87
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3409
- تىزىملاتقان
- 2010-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- UID
- 4845
- يازما
- 87
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3409
- تىزىملاتقان
- 2010-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- توردا
- 7 سائەت
|
ئاھۇ قېرىندىشىمىز بۇنى تېڭشۈن بىلوگىدىن تەرجىمە قىلدىم دىگىنىنى، كۆرگەنسىلەر؟...
بىزنىڭ ئورىپ-ئادەت، تۇرمىشىمىزغا ماس كەلمەيدىغىنىنى بىر قاراپلا ، نۇرغۇن يولداشلىرىمىز بايقىۋاپتۇ ، مانا .
قېرىنداش مىللەتلىرىمىزدىن بىز كۆرۈپ ھەم ئاڭلاپ كېلىۋاتقان رىياللىققۇ بۇ.
بېلىگە سۇيۇقئاش بارمىغان بەشتە ياخشى نەمۇنىلىك ئەر بولغاندىكىن ، ئاشۇنداق دوكلات، ئىلتىماسلارنى سۇنۇپ ئۆتمىسە ئامال يوق ئۇ بىچارىگىمۇ؟...
ئەمىلىيەتتە تورداشلارنىڭ تەھلىلىمنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ يەردە ھىچقانداق بىر مىللەتنى كەمسىتكەنلىك ئىشى يوق. ئەسەرگە ئېنكاس يېزىپ ، شەخسى كۆز قارشىمنى بىلدۈرىۋاتىمەن...
ئاھۇنىڭ ھەم سۇمەييە0999نىڭ ئېنكاسىدىن ، بىزنىڭ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ قانداقراق ئەرلەرنى ياقتۇردىغانلىغىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ...
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى مەن چۈشۈرۈپ باقاي ھە.
ئايال رۇخسەت سوراش ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئېرىگە تېلفۇن قىلىپ، سىزنىڭ رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلىمىدىم. سىز ھازىر باشلىغىڭىزدىن ئايالىمنىڭ مىجەزى يوقكەنتۇق ، دوختۇرغا ئاپىردىغان ئىشىم چىقىپ قالدى . دەپ رۇخسەت سوراپ ، تېزدىن ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ! ھە راست، قايتىپ كېلىشىڭىزدە 3 جىڭ بېلىق ئالغاچ كېلىڭ ، مېنىڭ بېلىق شورپىسىغا ئامراقلىغىمنى بىلىسىزغۇ؟... دەپ ئىلتىماسىنى تەستىقلىماپتۇ. ئۇ ئەرمۇ يامان ئىتتىك ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ، ئاغرىپ قالمىغان خوتىنىغا بېلىق شورپىسى قىلىش ئۈچۈن ، پەشتامىنى تارتقىنىچە ئاشخانىدا ئالدىراش بولۇپ كېتىپتىمىش... بۇ تەھلىل مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن! قالغىنىنى ئەقىللىق تورداشلىرىمىز پەرەز قىلىپ ، چۈشۈنۇپ بولدى.
ئاخىرىدا ، مەن ئاھۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، تورداشلارغا مەنىۋى ئوزوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. رەخمەت سىزگە! ھارمىغايسىز!!!... |
|