كۆرۈش: 15895|ئىنكاس: 44

بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى(كۈلكىلىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1381
يازما
483
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15899
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-15
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 16:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى


                                                 ھۆرمەتلىك رەپىقەم:
    ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ،تۆۋەنچىلىك بىلەن  سىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى،بۈگۈن كەچلىك تاماققا ئۆيگە قايتالمايدىغان بولدۇم،ئەسلىدە سىز بىلەن  ئائىلە سايمانلرى كۆرۈشكە  بارماقچى بولغان ئىدىم،ئامالسىز بۇ  ئىشنى كىيىگە سۈرۈشكە توغرا كەلدى.بۇ ئىش ئۈچۈن سىزگە بولغان ناماقۇللۇغۇمنى بىلدۈرىمەن، چوقۇم كەچ سائەت 10دا قايتىپ سىزگە بىر كۈنلۈك، ئىدىيىۋى ،خىزمەت ئەھۋالىمنى بىرمۇ-بىر دوكلات قىلىمەن.
   بۇ ئىش ئالدىن بەلگىلەنمىگەنلىگى ئۈچۈن،تەشكىلنىڭ 24سائەت بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قويدۇم ئالاھىدە ئەھۋالغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلارسىز.تېلىفۇن ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق رۇخسەت سورىسام مېنىڭ سەمىمى كۆڭلۈمنى سىزگە مۇۋاپىق ئىزھار قىلالمىغىدەكمەن شۇڭا بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
   مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىزنىڭ ئورنىڭىز بەكمۇ يۇقۇرى،سىز تاماققا بەك ئۇستا، سىز بىلەن بىللە  تېلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش مەن ئۈچۈن بەخت.مېنىڭ ھازىر شۇنداق ئۆيگە قايتىپ  تاماق يىگىم بار،شۇ  تاپتا كۆز ئالدىمدا سىز ئەتكەن ئوخشىغان تاماقلار ،مۇشۇنداق ئوخشىغان تاماقلارنى يىيەلمىگىنم ئۈچۈن بەكمۇ ئۆكۈنىۋاتىمەن .ئەگەر خۇدايم ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بەرسە ،ھازىرلا ئوقتەك بېرىپ،تۈنۈگۈن ئېشىپ قالغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قورۇمىسىنى ئېشىپ قالغان تاماقلارنى پاك-پاكىز يەۋىتەتتىم،چىنە-قاچىلارنى يۇيىۋېتەتتىم.ئەپسۇس،خۇدايىم ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرمەپتۇ.بۈگۈن  خەلقئارالىق  بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن،ئۆزەمنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇش يامان ئادىتىمنىڭ تۈرتكىسىدە،خىزمەتداشلاردىن 9  ئەر  ،بىرمۇ ئايال يوق،شېركەت يېنىدىكى ئاشپۇزۇلدا تاماق يەيمىز. تاماقتىن كىيىن خوجايىن باشچىلىغىدىكى،ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن،بۇ خوجايىن بىلەن بولغان چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە،كىرىمىمنىڭ ئېشىپ سىزنىڭ چوڭ-چوڭ خەجلىشىڭىزگە پايدىلىق بولغانلىغى ئۈچۈن تەستىقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
   سۆيۈملۈك رەپىقەم،مەن چوقۇم سىزنىڭ تەلىمىڭىز بويىچە،ھاراقنى ئاز ئىچىپ ،كۆكتاتنى كۆپ يەيمەن،بېرىشقا تېگىشلىك بولمىغان يەرلەرگە قەتئى بارمايمەن،سىز سىزىپ بەرگەن ئىنقىلاۋى چېگرىنى چىڭ ساقلايمەن.يۇيۇش-ئوۋۇلاشقا دائىر تۈرلەرنى رەت قىلىپلا قالماي،يەنە باشقا خىزمەتداشلارغىمۇ قاتناشماسلىق توغرىسدا تەربىيە قىلىپ ئىنقىلاۋى پاكلىقىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن.ئەگەر سېپىل سوقىدىغان ئىش بولۇپ قالسا،خاتىرجەم بولۇڭ،مەن ھەرگىز قاتناشمايمەن،ماجاڭ ئوينىغاندا كارتا سېرىگىلى بولمايدىغانلىغىنى سىزمۇ بىلىسىز شۇڭا بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
   سىزگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، كەچ سائەت 10دىن،0مىنۇت،15 سېكۇنت ئۆتكىچە چوقۇم ئۆيگە ئۈنۈپ بولىمەن.(تاماق ئۈستىلى يېنىدىكى سائەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ)بۇنىڭغا ھەر ئايلىق 50سوملۇق تۇرمۇش پۇلۇم بىلەن كاپالەت بېرىمەن.يۇقۇرىقى ئەھۋاللار ئەمەلىيەت،تەكشۈرىشىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن.
     ئەرلەر سىرتقا چىقىپ كەتسە ئاياللار ھامان ھەرخىل ئەندىشىلەردىن خالى بولالمايدۇ،ئەرلىرىنىڭ ياخشى- يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىناقسىزلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.ئەپەندىلەر سىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا  مۇشۇنداق ئىلتىماس يېزىپ سىناپ باقامسىلەر،ئۇنداقتا ئاياللىرىڭلار سىلەردىن يۈزدە-يۈز خاتىرجەم بولغان بولاتتى.

   مەنبە:تېڭشۈن بلوگى،ئاھۇ تەرجىمىسى(باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ)
سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
2101
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
850
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 16:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا ، مۇشۇنداق ئەرلەرمۇ بارمىدۇ ھازىر .
ئەگەر ھەممە ئەرلەر مۇشۇنداق بولسا ئائىلىدە ئۇرۇش ، جېدەلگە ئۇرۇن قالماسكەن .

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
1935
يازما
197
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
9861
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 17:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇجۇن~!نېمانداق ئادەم تەسىرلەندۈرىدىغاندۇ،ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا مەن بولسام"ئىجازەت!"دەپلا كەڭچىلىك قىلىپ،مەردلىك بىلەن تەستىق سېلىۋەتكەن بولاتتىمكەن!
ھەركىم باشقىلارنىڭ ئىشىغا دانا.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1445
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43179
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-9-1
توردا
67 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 17:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق ئەردۇ ئۇ،،،،،مەنمۇ بەكلا تەسىرلەندىم
مېنىڭ يولدىشىم رۇخسەتمۇ سورىماي كېچىلەپ كىرمەيدۇ  
يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
1381
يازما
483
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15899
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-15
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 17:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ قاراڭلار بىرەر يىگىت ياكى ئەر پىكىر قاتناشتۇرماپتۇ،خىڭ تازىمۇ سايىماخۇنكەن دەپ دېمىقىنى قېقىپ چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ
سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
3104
يازما
54
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1796
تىزىملاتقان
2010-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-2
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 18:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نەدە ئۇنداق ئەرلەر بار ،" كەچلىك تاماققا كېلەلمەيمەن " دەپ تېلفۇن قىلىپ قويۇشى چوڭ گەپ تۇرسا . [s:3]

كۆيۈمچان ئەزا

ھايا - قىز بوينىد

UID
405
يازما
374
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
12580
تىزىملاتقان
2008-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 18:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيتىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاياللىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلىدىغان ئەرلەر كۆپەيسە ، ئائىلە ئىناقلىقىغا ھەرقانچە كۈچلۈك بۆسۈشلەرمۇ كار قىلمىغان بولاتتى !
سىنىڭ شۇ تەرسا مىجەزىڭنى قىلچىمۇ ياقتۇرمىدىم !

UID
2272
يازما
306
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9546
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 18:33:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن قىزىقارلىق ... باشقا قىزلار بۇنى ئۆگىنىۋالمىسۇن جۇمۇ !
دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
2093
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
558
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-21
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 18:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ ھەمىمىسى بۇنداق بولسا ئاياللار قانداق بولۇپ كىتەر ؟
بۇچاغدا ئاياللار رۇخسەت سورىمايدۇ. (ئادەتتە باشلىقلار رۇخسەت سورىمايدىغان تۇرسا)
كىم  بار

يېڭى يۇلتۇز

┠愛┨┠伱Lǒvの无┨┠悔┨

UID
3353
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 19:20:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانچە ئېسىل ئەر كىشى ئۇ؟......................
┠愛┨┠伱Lǒvの无┨┠悔┨
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش