- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 35
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 35
- تىزىملاتقان
- 2012-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-23
- UID
- 50880
- يازما
- 35
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 35
- تىزىملاتقان
- 2012-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-23
- توردا
- 7 سائەت
|
ئەسەببىيلەر چە ئۆزىنى بىغىشلاش
1990- يىلى 7- ئايدا، لىياڭ لەنجۇ ئۇنېۋىرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شىئەن ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىندى.قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە لىياڭنىڭ ئەمىلى كۆرەش قىلىش كۈچى يەنە بىرقېتىم يىغىلغان ئىدى.ياتاقتىن ئاشخانىغىچە 20 مىنۇتلۇق بىر توپىلىق يول باربولۇپ چااڭ توزان ئۆرلەپلا تۇراتتى. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز بۇرۇنلىرىنى ئېتىپ يىرگىنىشلىك قىياپەتتە بۇ كوچىدىن ئۆتۈۋاتقىنىدا لىياڭ ئىنگىلىزچە يادىلاش كارتۇچكىلىرىنى كۆتۈرۈۋىلىپ توختىماستىن يادىلايتتى.بۇ بىر بۆلەك يول ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چېنىقىش، ئىسراپ قىلسا بولمايدىغان بىر بۆلەك ئىدى.لىياڭ ھەركۈنى ئەتتىگەندە خىزمەت بىناسىنىڭ 9-قەۋىتىگە چىقىپ بولغىچە توختىماستىن يۇقىرى ئاۋازدا ئىنگىلىزچە جۈملىلەرنى ۋاقىرايىتتى. قىش كۈنلىرى ئاپپاق قارتوزىۋاتقاندا، يازكۈنلىرى تومۇزدا قۇياش يەر زېمىننى قىزدۇرىۋاتقاندا ئولتۇرغاندا، قوپقىنىدا ھامان توختىماستىن ۋارقىرايىتتى، ئۇنئالغۇغا ئەگىشىپ ئوقۇيتتى...لىياڭنىڭ روھىدىن تەسىرلەنگەن كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىشكە باشلىدى، سەپ ئۇزارماقتا، ئادەملەر كۆپەيمەكتە، ئەسەببىيلەر سانى ئاشماقتا ئىدى...بىر يېرىم يىللىق ئەمىلى ئىقتىدارنىڭ جۇغلىنىشى نەتىجىسىدە لىياڭنىڭ ھايات مۇساپىسىدە بىر چوڭ بۇرۇلۇش يۈزبەردى- يەنى 1992- يىلى لىياڭ گۇاڭجۇغا كىلىپ 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان رادىيۇ تىلىۋىزۇر ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ گۇاڭجۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ رىياسەتچىلىك سەھنىسىگە ئېرىشتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرى مەخسۇس بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنېۋىرسىتېتى، گۇاڭجۇ چەتئەل تىللىرى ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانىتلىرى بولۇپ، پەقەت بىر لىياڭلا غەيرى ئىنگىلىز تىلى كەسىپىدىكى تولۇق كۇرىس باكلاۋىرى ئىدى. لى ياڭ يەنە بىر قېتىم كىشىنى چۈچۈتكىدەك روھىنى نامايەن قىلدى: تولۇق ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ھەركۈنى ئىزچىل گۇاڭجۇ لىيۇ خۇا كۆلى باغچىسىغا بېرىپ ئەسەببىيلەرچە ئىنگىلىزچە ۋاقىرىدى، ئەتتىگەندىن كەچكىچە، بوران چاپقۇنلارغا قارىماي مەشىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىنگىلىز تىلىدىكى ئەمىلى ئىقتىدرى يەنە بىر پەللە، ئىنتايىن تېز يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى... لىياڭ يەنە گۇاڭجۇ خەلق رادىئو تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىنگىلىزچە پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسىگە ئايلىنىپ گۇاڭجۇ رايۇىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىنگىلىزچە پرۇگراممىلار رىياسەتچىسى ۋە جۇڭگو تەرجىمانلار جەمىيىتىدىكى ئەڭ ياش ئەزاسىغا ئايلاندى. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپلا لىياڭ ‹‹ كۆپ ئىقتىدارلىق تەرجىمە ماشىنىسى ›› دېگەن نامغا ئىگە بولدى ۋە ھەرسائىتى 400 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېغىزتىلى خاتىرىسى ۋە ھەرمىنۇتى 800شاڭگاڭ پۇلىلىق ئېلان كىرىشتۈرمە خاتىرىسىنى ئىجاد قىلىدى ۋە شاڭگاڭ، جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەڭ ئاۋازلىق تەرجىمانغا ئايلاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ‹‹ مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن گاچا، گاسلار ئىنگىلىزتىلى›› نى تونۇپ يەتكەن لى ياڭ ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتۇشىنىڭ غايەت زور ئىستىقبالىنى كۆردى دە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش مۇۋاپپىققيەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن 1994- يىلى لىياڭ پەقەت بىر چۈشتىن كىيىن ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ۋە خىزمەت كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ ئارخپىنىمۇ ئالماستىن خىزمىتىدىن ۋازكەچتى ۋە ‹‹ لى ياڭ كىرەيزى خەلىقئارا ئىنگىلىزتىلى كېڭەيتىش تونۇشتۇرۇش خىزمەت ئىشخانىسى›› نى قۇرۇپ، جاپالىق سازلىقتا پاراخۇت ھەيدەش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.
مانا بۈگۈن ئارىدىن توپتوغرا ئون يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.بۇ ئون يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئىشلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەركۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى ئون نەچچە سائەت بولۇپ نۇتۇق سۆزلەيتتى، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتاتتى، كىتاب يازاتتى ۋە ماتىرىياللاررنى تۈزۈپ، تەھرىرلەيتتى. ئاۋاز ئالاتتى، پروگرامما ئىشلەيتتى. شۇنداقلا خىلمۇخىل بىرلەشمە مۇلاھىزىلەرگە قاتنىشاتتى.ھەركۈنى كېچە سائەت 2:00 دىن كېيىن يېتىپ ئەتتىگەندە تاڭ ئاتماستىنلا تۇرۇپ تۈگىمەس خىزمەت تەكتىگە چۆكۈپ كېتەتتى.باشقىلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ ‹‹ ئىتتىن كىيىن ئۇخلاپ، توخۇدىن بۇرۇن قوپىدۇ، چوشقىدىن ئاز يەپ، ئېشەكتىن كۆپ ئىشلەيدۇ›› دېيىشەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىقاچان باشقىلار نىڭ نەزىرىدىكى بىر ئەۋلىيا غا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرى : قىلغىلى بولسىلا قاچان قىلىپ بولسا شۇچاغقىچە داۋاملاشتۇرىدىغان، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ھاياتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان توختىماس جەڭچى ! – ئىدى.
ئۇ ئون يىلدىن ئارتۇق ئەشۇ جاپالىق خۇلاسىلەر جەريانىدا ئۆزلۈكسىز يىغىنچاقلىدى، تىرىشتى، تەرتۆكتى، ئازاپلاردا يىتىلدى- ئاخرى ئۆزىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ۋە شانلىق بۈگۈنى: شىنجاڭدىن شاڭخەيگىچە، خېيلۇڭجاڭدىن شىنجۇ غىچە، خەلىقئارا چوڭ شەھەرلەردىن ئەڭ يىراق نامرات، قەدىمى يېزىلارغىچە ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئىنگىلىز تىلى كېڭەيتىش كىچىك گۇرپىسىنى باشلاپ جەنۇپ شىمالدا تەڭ جەڭ قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 دىن ئارتۇق چوڭ كىچىك شەھەر، 300 مىليۇندىن ئارتۇق كىشىگە ‹‹ئەسەببىي ئىنگىلىزتىلىدىن تې سۈرئەتتە بۆسۈش›› ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.تېلۋىزۇر، رادىئو، گىزىت – ژۇرناللار ئارقىلىق نورغۇنلىغا كىشىلەرگە ئىلھام بىرىپ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقيەت يولىغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرىتكە بولدى!
ئەسەببىيلىك دېگەن نىمە؟ لى ياڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ ئەسەببىيلىك دەل يۈزدە يۈز پىرسەنىت ئىشقا كىرىشىش ۋە ئۆزىنى ئاتاش دېگەنلىكتۇر! ئۆزىنى، مال دۇنيانى ۋاقىتنى ئۇنتۇش! بارلىق ئارلاشما كۆزقاراشلارنى قايرىپ قويۇپ قورقۇنچاقلىقنى بويسۇندۇرۇش، ئېتىقات ۋە ئىشەنچ تىكلەش. ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، چەكلىمىدىن ھالقىپ قان تەر بەدىلىگە ئۆز ئىچكى كۈچىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلش دېمەكلىكتۇر.›› لى ياڭ دەل شۇنداق دېگەن ۋە شۇنداق قىلغان كىشىدۇر! ئۆ ئۆزىنىڭ مېھنەتسىز ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈردى ۋە ئىسپاتلىدى! ئۇ ‹‹ ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىڭ ! ئۆزىڭىزنى قورقۇتۇڭ! ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى ئادەم بولىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىڭ !›› دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىلھام بېرىپ كەلدى. چۈنكى ئەجىر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، تەن ئىششىپ، قان يىرىڭلار ئاقاتتى. ھەركۈنى توپا يۇتۇپ، بورتوزانلىرىنى يەپ ناھايتى تېزلا كاناي راكى ۋە ئۆپكە راكى بىلەن ئاغرىپ ئۆلۈشكە توغرا كېلەتتى. شۇڭا ئۇ دائىم ‹‹ مەن ئىنگىلىزتىلى ۋە خەنزۇتىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەڭ مەيدانىدا ئۆلىمەن!›› دەپ قەسەم بېرەتتى.
لىياڭ جۇڭگو يېڭى دەۋىرىدىكى ياشلار ئىچىدىن چىققان قەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەرجايلاردا تارقىلىپ تۈمەن مىڭلىغان مۇۋاپپقيەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىلھام بەرمەكتە !ئۇنىڭ 03 مىليۇن جۇڭگولۇقنى راۋان ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ، 03 مىلىيۇن چەتئەللىكنى راۋان خەنزۇتىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ›› دىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشى نەچچە مىليۇنلىغان ۋەتەن سۆيەر ئاۋانگارتلارنى يېتەكلەپ كەلمەكتە! ھازىر لىياڭ يالغۇز ئەمەس، ئۇ ئاللىقاچان پۈتۈن مىللەتنىڭ لىياڭىغا ئايلىنىپ بولدى. دۇنيانىڭ ئورتاق لىياڭىغا ئايلىنىپ بولدى!....
|
|