- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 35
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 35
- تىزىملاتقان
- 2012-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-23
- UID
- 50880
- يازما
- 35
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 35
- تىزىملاتقان
- 2012-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-23
- توردا
- 7 سائەت
|
ئەسەببىي ئىنگىلىز تىلىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى
لىياڭ ھەرگىزمۇ تۇغۇلىشىدىنلا ئىنگىىز تىلى تالانتى، تەبئىي ئىقتىدارى بىلەن تۇغۇلغان ئەمەس. ئەكىسىچە كىچىك ۋاقتىدا ئۇ شۈنچىلىك قورقۇنچاق، تارتىنچاق، ئىچ مىجەز بالا بولۇپ يات ئادەملەرنى كۆرسىلا قورقاتتى. ھەتتا تېلىفۇن قوبۇل قىلش ۋە كىنو كۆرۈشتىنمۇ قورقىدىغان بىر بالا ئىدى. ھۆسۈن تۈزەش جەريانىدا ماشىنا يۈزىنى كۆيدۈرىۋەتكەن بولۇپ سۆزلەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايىتتى.... تاكى ئالى مەكتەپنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىغىچە بۇ خىل ئەھۋالدىن قىلچىمۇ ئۆزگۈرۈش بولمىغان ئىدى.
ئالى مەكتەپتە لى ياڭنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئىنگىلىز تىلى دەرسى ئىدى.ئۈ مەۋسۇملۇق ئىنگىلىز تىلىنىڭ ھەربىرسىدە لاياقەتسىز بولۇپ، ھەربىرى ئۈچۈن قايتا- قايتا تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشكە قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسى 58 بولۇپ ئادەتتىكى پرىنسىپ بويىچە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ پارتىسى بىرىنچى قاتاردا بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا دائىم ئۇخلاپ ئولتۇرغىنى ئۈچۈن مۇئەللىم ئۇنى جازالاپ قەستەن لاياقەتسىز قىلىپ، تەتىل ۋاقتىدا ئۇنىڭ شىنجاڭدىن لەنجۇغا قايتىپ ئىمتىھاننى تولۇقلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى.
ئۇ ئىنگىلىز تىلى كونىر ( سۆزلىشىش ) لەرگىمۇ بېرىپ باققان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلىگەن ئىنگىلىز تىلىنىڭ نەقەدەر سەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. دائىم خاتالىق ئۆتكۈزەتتى. باشقىلار دائىم ئۇنى قارىتىپ قويۇپ بۇ جۈملە خاتا، ئۇ جۈملە خاتا دەپ ئۇنى ئەيىبلەيتتى. ئۇ بۇنداق ۋاقىتلاردا تولىمۇ خىجىل بولاتتى. ئۆزىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا ئۈمۈت يوق دەپ قارايتتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قارار چىقاردى. لېكىن ھەرقېتىم شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولاتتى. روھى سۇناتتى، تەكرار روھلۇنۇپ تەكرار مەغلۇپ بولاتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ كۆرەش ئىرادىسى سۇنۇپ تېخىمۇ تېڭىرقاپ، ئازاب بىلەن ئۇھ تارتىدىغان ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمۈت ئۆزگەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى....
ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا لى ياڭ ئاللىقاچان 13 پەندىن لاياقەتسىز بولۇپ بولغان بولۇپ، ئۇ قاتتىق نومۇس ھېس قىلدى. ئۇنىڭ يۈزى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىگە چوقۇم بۇ چۈشكۈن تۇرمۇش ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىمەن دەپ ۋەدە بەردى! ئۇ ئىنگلىز تىلىنىڭ ئېغىزتىلى قىسمىدىن بۆسۈشنى تاللىدى! تۆت ئايلىق ئەسەبىيلىك ئارقىلىق دۆلەتلىك 4- دەرىجىلىك ئىمتىھاندىن ئۆتىمەن دەپ قەسەم قىلدى.
بۇ ۋاقىتتا لى ياڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا كۆپ مىقداردا سۇئال ئىشلەشتىن باشلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز بىر پۇرسەتتە ئۈنلۈك ئاۋازدا تېكىسىت ئوقۇۋىتىپ پۈتۈن دىققىتىنىڭ يىغىلغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ھەركۈنى مەكتەپ بېغىدىكى ئادەمسىز جايلارغا بېرىپ يۇقۇرى ئاۋازدا ۋارقىراپ تېكىسىتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىر قېتىملىق ئىنگىلىزچە سۆزلىشىشتە باشقىلار ھەيرانلىق بىلەن ‹‹ لى ياڭ، سېنىڭ ئىلگىرلىشىڭ نېمانداق زور؟ ›› دەپ سوراشتى، ئۇ تۇيۇقسىز چۈش قوينىدىن ئويغانغاندەك بولدى! دېمەك يۇقىرى ئاۋازدا ئەركىن ئازادە توۋلاش ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى. ئۇ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇ سىنىپىدىكى ئىنگىلىز تىلىدا ئەڭ ناچار بىر ساۋاقدىشىنى ھەركۈنى بىرلىكتە تېكىسىپ يادىلاشقا تەكلىپ قىلدى.لەنجۇ ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ‹‹قەھرىمانلار›› راۋىقىدا لى ياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى زىمىستان سوغۇقلىرىغا قاراپ توۋلاشنى قەتئى داۋاملاشتۇردى. كۈنلەر بىر بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. قىش كېتىپ باھار كەلدى. يەرجاھان ئىسسىپ جۇت بوشىغان، گۈللەر ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان باھار پەسلى دەل تۆت ئاي توشىقان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇخىل جاپالىق مەشىق قىلىش شەكلى لەنجۇ ئۇنېۋىرسىتېتىدا ئۆزگىچە بىر مەنزىرە ياسىدى.ھەرقاچان ئۇلار كۆزىنى يۇمۇپ ئەركىن ئازادە باشلىرىنى چايقىشىپ ئىپتىخار ئىلكىدە ئىنگىلىز تىلى دۇنياسىغا كۆز ئاچقىنىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇلاردىن ‹‹ ھوزۇر ›› ئېلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايتتى. ھەيرانلىققا چۈمگەن كۆزلەر ئۇلارغا تىكىلگەن ئىدى ....
|
|