- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-7
- UID
- 47366
- يازما
- 3
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-7
- توردا
- 3 سائەت
|
مەن بۇ تېمىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر نۇسخىسىنى ئاڭلىغان ئەمما ئاخىرى يوق ، يىرىمىنى ئاڭلىغانتىم،ئاخىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كۆرمىگەن تور بەت قالمىغانتى، بۈگۈن يازما نۇسخىسىنى تىپىۋىلىپ خۇددى ئەنقەر بىلەن نىڭ فىرانسىيىدە ئۇچىرىشىدىغانلىقىنى بىلىشىپ چەكسىز خۇش بولغانلىقىدەك مەنمۇ مۇھەببىتىمنى تىپىۋالغاندەك چەكسىز خۇش بولدۇم ، رەھمەت نازى ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. ئەمدى بۇ يازما ئۈستىدە توختىلىپ باقاي،ئويلىغانلىرىمنى دىسەم يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى مىنىڭچە ئانچە ياخشى بولمىغان، مەسىلەن: باشقا جايدىن چاقىرىق كىلىپ ئەنقەر بىلەن دىدارلاشمىقى تىخىمۇ ئۇزىرىغان بولسا ، ياكى بولمىسا ئىككىسى بىر يەرگە جەم بولغان تەقدىردىمۇ كۈتۈلمىگەن ھاياتلىق تېراگىدىيىسى بىلەن ئىككىسى بىر بىرىدىن ئايرىلىپ كەتسە ياكى ئىككەيلەننىڭ بىرى بەزى بىر سەۋەپلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتسە ، كۆز يۇمۇشنىڭ ئالدىدا ئاساسى تېمىدىكى يۈرۈكۈم سىز گە ئامانەت قالدى ...................... دىگەندەك يۈرەكنى تىتىرەتكۈچى سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ كۆز يۇمغان بولسا ، ئاخىرىدا ئىككەيلەننىڭ دەسلەپتە ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدا ئايرىلغان ۋاقىتتىكىدەك سۆيگەن يارىغا بولغان سىغىنىشىنى بىر پارچە شىئېر ئارقىلىق ئىپەدىلەپ چەكسىز ئازاپلىق سىغىنىش ھىسياتى بىلەن ئىپادىلەپ ئاخىرلاشتۇرغان بولسىڭىز مىنىڭچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى تىخىمۇ بەك قوزغاپ ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تىخىمۇ بىيىتىپ روھى زوق بىرىشىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەنتۇق دەپ ئويلۇدۇم ، ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىز.
|
|