كۆرۈش: 73143|ئىنكاس: 112

يۈرىكىم سىزگە ئامانەت قالدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرىكىم سىزگە ئامانەت قالدى



(پوۋىست)

ساجىدە سۇلايمان


باشقا_باشقا شەھەردىن بىلىم ئېلىپ ئۆزىنى  مۇكەمەللەشتۈرۈش ،مۇكەممەل ئادەم بۇلۇپ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار
غايىنى كۆڭۈللىرىگە پۈككەن ئىككى ياش، پايىتەختىمىز بېيجىڭنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان چىڭخۇا ئۇنىۋىرىستېتىغا كېلىپ، مىڭلىغان ئونمىڭلىغان سەرخىللار توپىغا  قۇشۇلدى.
     كېچە_كۈندۈز جاپالىق ئۆگىنىش، تىرىشىپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە  ئۇلۇغ غەلبىلەر قولغا كەلدى. بۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتى ئۈچۈنمۇ، ھەرمىللەت سىتودنىتلىرى ئۈچۈنمۇ  زور شەرەپ ئىدى.    بۈگۈن يىللىق خۇلاسە يېغىنى چاقىرىلدى. ھەشەمەتلىك  يېغىن زالى كەلگۈسىنىڭ ئاچقۇچلىرى بولغان پۈتۈن مەملىكىتىمىز، ھەتتا  چەت مەملىكەتلەردىنمۇ ئېلىمىزگە ئېلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن سىتودنىتلار بىلەن تولغان ئىدى.  قىسقىچە قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن خىزمەت_ئۈگىنىش خۇلاسسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، يېغىن كۈن تەرتىپى بويىچە ،بۇ  يىللىق ئىلغار  تەتقىقاتچى ۋە مۇنەۋۋەر ئۇقۇتقۇچى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نامى ئۇقۇپ ئۆتۈلدى ، ھەمدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلدى . كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنۇتلار يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇراتتى، بۇ باسقۇچتا بۇ يىللىق ئەلىيۇل ئەلالارنىڭ نامى  ۋە ئۇقۇش مۇكاپاتى ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلاتتى.
      يېغىن باشقۇرغۇچى مەكتەپ مۇدىرى ئون  نەپەر ئەلىيۇل ئەلانىڭ ئىسمىنى ئۇقۇپ ئۆتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان_شەرەپلىرىنى مەكتەپ ھەم ئۆز نامىدىن  قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرى. زال ئىچى يەنە بىر قېتىم گۈلدىراس_ئالقىش سادالىرى بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، ئىسمى ئاتالغان ھەر مىللەتتىن بولغان ئون  نەپەر ئۇقۇغۇچى سەھنىگە چىققاندا تۆۋەندە ئولتۇرغان  مىڭلىغان كۆزلەر ئۇلارغا ھاياجان بىلەن تىكىلىپ قىزغىن چاۋاكلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئالقىشلىدى. بۇ سىتودنتلار ئۆزلىرىنىڭ ھارماي   _تالماي  تىرىشىپ ئۇگىنىشى، تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە  بۇ يىللىق ئەلىيۇل ئەلالىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتەك ئالىي شەرەپكە نائىل بولغانىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە باشلىرىغا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كېيىپ، خاس مىللىيچە كېيىنكەن ئىككى ياش__ شىنجاڭ قەشقەردىن كەلگەن ئەنقەر بىلەن شىنجاڭ ئۈرۈمچى  شەھىرىدىن كەلگەن نەرگىزە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پەخىرى سۈپىتىدە سەھنىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. بۇ ئىككى ياش بىر_بىرى بىلەن تۇنۇشمايىتتى ،  ئەمما بۈگۈنكى بۇ  شەرەپ مۇنبىرى ئۇلارنى بىر بىرىگە تۇنۇتتى. ئۆز نۆۋىتىدە  سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرغان چېھرى ئارقىلىق ئىللىق كۈلۈمسىرىشىپ، ئوزئارا  تەبرىكلىشىپ قۇيۇشتى . شۇندىن باشلاپ بىر_بىرىنى ئۇچىرتىپ قالسا  ئىللىق تەبەسسۇملىرى بىلەن سالاملىشىدىغان بولدى ، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا، مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدا ياكى مەكتەپ تەتقىقات يۇرتىدا ئۇچىرشىپ  قالاتتى . بۇنداق سورۇندا ئۇچىرشىش بىر_بىرىگە بولغان قايىللىقنى پەيدا قىلىپ،  ئۇلار ئوتتۇرسىدا بىرخىل يېقىنلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا  بىرەر تېما ياكى بىرەر  تەتقىقات تۈرى ئۇستىدە ئىزدىنىش، مۇھاكىمە ئېلىپ بارغانلىرىدا  ئۆز_ئارا بىر_بىرىنىڭ پىكىرىنى ئېلىشىدىغان ھالەت شەكىللەندى ھەمدە بۇ يېقىنلىق ئۇلار ئوتتۇرسىغا  ئىللىق مىھىرنى سالدى. ئۇلارنىڭ يېقىنلىقى شۇدەرىجىگە يەتتىكى،  كۈندە دېگۈدەك ئۇچىرشىپ تۇردىغان، ئېلىم تەھسىل قىلىش ياكى تەتقىقات سورۇنلىرىدا تېما تۇتۇپ تەڭ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بىرسى كېلەلمەي قالسا  يەنە بىرسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كاللىسىغا ھېچ نەرسە چۈشمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، كىيىن ئۇچىراشقاندا بولسا ئالدىنقى قېتىمقى كىلەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى  سۈرۈشتە قىلىشىدىغان، ياكى بولمىسا ئۆزلىرى  تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپكە چۈشەنچە بىرىدىغان بولۇپ قېلىشتى. بىر بىرىنى بىر  كۈن كۆرمىسە  سېغىنىشاتتى. بۇ قانداق ھىسىيات  ئەمدى؟ ياق، ئۇلار بۇنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان. بۇ يېقىنلىق  ئەزەلدىن ئۇلار ئوتتۇرسىدا مەۋجۇتتەك،  مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتىدىغاندەك  ھىچ بىر غەمسىزلا ئۆز تەتقىقاتلىرىنىڭ كۇيدىلا يۈرىشەتتى.
      ئەنە شۇنداق غەمسىز، ئەندىشسىز ئۇتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئۇچۇق ھاۋادا تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ  گۈلدۈرماما پەيدا بولغاندەك ئەنقەرنىڭ كۆڭلىنى ساراسىمىگە سالىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى.
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 100 ئىجادىيەت
sarkarda + 50 مەزمۇنى مول ..
nafisa + 50 ئېسىل ئەسىرى ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 200   باھا خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:48:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

بۇ كۈنى نەرگىزە بىلەن كۇتۇپخانىدا بىرگە ماتىريال كۆرۈپ ئەمدىلا ياتىقىغا  قايىتقان ئەنقەر  دوستلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن تۈزگەن سورۇنىغا ئۈلگۈرگەنىدى . بۇ  ياتاقتا  تۆت يىگىت بىرگە تۇرىدىغان بۇلۇپ ، بۈگۈن شەنبە بولغاچقا، يىگىتلەر ئامدىلا تۈگىگەن  ئىمتاھاننىڭ  ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىردەم گېكتار چېلىشىپ ناخشا توۋلاپ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېغىلغاندى،   ئەنقەر قولىدىكى ماتىرياللارنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ ئۇلار ئېيتىۋاتقان ناخشىغا جۆر بولدى. بۇ ياتاق ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ قىزغىن كەيپىيات ئون نەچچە يىگىتنى بىمالال سىغدۇرغانىدى . ئۇلار بىرتەرەپتىن  قىزغىن پاراڭلارنى قىلىشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا توۋلاپ  بەك خۇشال كەيپىياتتا ئولتۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ شوخ ناخشا سادالىرى ئوغۇللار ياتاق بىناسىنى ياڭرىتىپ، باشقا ياتاقتىكى ئوغۇللارنىمۇ جەلپ قىلىپ، «چاقىرىلمىغان مېھمان»لار بىر بىرلەپ بۇ ياتاققا توپلاشتى. ياتاققا پېتىشمىغان  يىگىتلەر پات_پات ئالمىشىپ چىقىپ  كىرىشىپ تۇراتتى . سورۇن ئەۋجىگە چىققاندا قوشنا ياتاقتىكى بىر يىگىت «كۆڭلى»نى  بىلدۈرۈپ بىر يالتىراق خالتىدا «زاكۇسكا»ئۈچۈن قۇرۇق مىۋە ۋە خاسىڭ مېغىزى دېگەندەك نەرسىلەر، يەنە بىر يەشىكتە پىۋا كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى . بۇ خالىس «ئىلتىپات» تىن  ھاياجانلانغان يىگىتلەر  بۈگۈن تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىماي  ئوينىماقچى بولۇشتى . ئۇلار قىزغىن  كەيپىيات ئىچىدە  ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغانلىرىمۇ :
«بۈگۈن ئىچمىسەم قاچان ئىچىمەن؟» دىيشىپ ئۆزلىرىگە مەدەت بىرىشىپ ئۆزىنىڭ «ئۇغۇل بالا»لىقىنى بىر نامايەن قىلىش  مەقسىدىدە  ئىچىشىۋاتاتتى . پەقەت ئەنقەرلا ھەرقانداق زورلاشلارنى رەت  قىلپ  بۇ «ھۇزۇر »دىن ئامان قالغاندى.  سورۇن بارغانسىرى قىززىماقتا، يىگىتلەر ئۆزىنى قويىۋېتىپ  راسا بىر «ياشىۋالدى»، تۈن يېرمدىن ئاشقاندا  ئۇيقۇسى كەلگەنلىرى بىر_بىردىن ياتاقلىرىغا قايتىشقا باشلىدى. كۆپرەك ئىچىپ قالغانلىرىنى سەل يەڭگىلرەكلىرى يولىشىپ چىقىپ كىتىپ،   ئاخرىدا يەنە مۇشۇ  ياتاقتا ياتىدىغان تۆت يىگىتلا  قېپ قالدى . پىۋىنىڭ قىزتىشى بىلەن يىگىتلەر ناخشىنى توختىتىپ قەلىبلىرىنى يىرتىشىپ ئۆز_ئارا دەرت تۆكۈشۈپ  كېتىشتى، نۆۋەت مەردان              ئىسملىك   يىگىتكە  كەلگەندە  يۈرەكنى ئىزىدىغان ھەسىرەت بىلەن قەلبىدىكى  نازۇك ھىسلىرىنى ئويغىتىپ، قەلب تارىللىرىنى چەككەن بىر قىزنىڭ دەردىدە  پۇچىلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى، پەقەت مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە قانداق ياخشى ئامال بولسا دوستلىرىنىڭ  ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ يىغلاپ كەتتى. بۇ ئۇشتۇمتۇت كەلگەن  زەربىدىن ئەنقەرنىڭ يۈرىكى ئاۋۇ مەرداندىن ئۆتە پۇچىلىنىپ كەتتى. چۈنكى مەرداننىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەككەن  بۇ مەبۇدە بولسا نەرگىزە ئىدى. ئەنقەر شۇ  مىنۇتنىڭ ئۆزىدىلا:
  « نەرگىزەنىڭ سۆيگۈنى بار، ئۇ مەن بۇلىمەن، سەن بىكار ئاۋارە  بولما» دېمەكچىمۇ بولدى. ئەمما ئۇ راستىنلا  نەرگىزەنىڭ سۆيگۈنىمۇ؟ ئۇ ئۆز قەلبىدىكى ئۇنىڭغا بولغان ھىسىياتىنىڭ قانداق ھىسىيات ئىكەنلىكىنى، نەرگىزە بىلەن  ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بۇرۇن ئويلاپ باققانمۇ؟ ئۇ  بۇلارنى ئويلاپ تېخىمۇ ئازاپلاندى.
ئۇ مەرداننىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى ياتاقداشلىرىغا قالدۇرۇپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاقتىن چىقىپ، كارىدۇرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى  دەرىزە ئالدىغا باردى. كۆزلىرىنى دەرىزە ئەينىكىدىن ئېلىپ يىراقلارغا ـــ شەھەر كوچىلىرىدىكى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراقلارغا تىكىپ: «نەرگىزە مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ ياكى بۇ مەرداننى تاللامدىغاندۇ؟ مەن نىمىشقا ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبىنى  تىڭشاپ باقمىدىم؟نىىشقا  قەلبىمنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلمىدىم؟» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، «ئەجىبا سەن  نەرگىزە بىر ئۆمۈر مەندىن  ئايرىلمايدۇ ، ئۇ پەقەت مەن ئۈچۈنلا يارالغان، دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭ؟» دەپ ئۆز ئۆزىگە نىدا قىلدى. شۇنداق، ئۇ  ھىچنىمىنى  ئويلىمىغان  ، ھەتتا نەرگىزە نى باشقا بىرەسى ياخشى كۆرۇپ قېلىشى مۇمكىن  بولمايدىغان ئىشتەك ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر  بىرگە ئۈگىنىپ ،تەتقىقاتنى بىرگە ئېلىپ باردىغاندەك خاتىرجەم يۈرىۋەرگەن ئىدى .
ـــــ دۇنيا ،مۇھەببەت تۇرمۇش دېگەنلەر بىر_بىرى بىلەن چېتىشلىق بۇلىدىكەن ، بىز دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلدۇق؟ قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ  يەنە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمىز؟ ھاياتنى كىم قانداق ئۆتكۈزمىسۇن، مۇشۇ دۇنيادا ياشاپ، يەنە ۋاقتى  سائىتى تۇشقاندا قايىتىپ كىتىدىكەن، ئۇنداقتا مۇھەببەتچۇ؟ بۇلۇپمۇ قىز _يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى  مۇھەببەت پەقەت  ئىككىلا يۈرەككە  تەۋە بۇلۇپ ، ئاشۇ بىر_بىرىگە تەشنا يۈرەكلەردە  ئۆز قىممىتىنى تېپىپ ، بۇ  ھاياتلىق ئالىمىنى مەناغا ئىگە قىلدى . ئاشۇ مۇھەببەت بولغاچقىلا  بۇ دۇنيا شۇنداق گۈزەل. ئەسلىدە بىر يۈرەك بىر يۈرەككىلا تەۋە بولغان بولسا مەسىلىمۇ ھەل بولغان بۇلاتتى. بىراق بۇ مۇھەببەتتە بىر يۈرەكنى بىر قانچە يۈرەك ئۆزىگە تەۋە قىلىپ نۇقتىلاشنى ئىزدەيدىغان ئىشتىن خالىي بولغىلى بۇلمايدىكەن. ئەنقەر ئاچچىق_تاتلىق خىياللار قاينىمىغا چۆكۈپ ،ئىزتىراپ ئىلكىدە ھەسرەتلىك تىن ئالدى. ئۇ ياتاققا قايتىپ كىرگەندە ياتاقداشلىرى كىيىملىرىنىمۇ سالماي ئوڭ_تەتۈر يېتىشىپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئىككى كارىۋات ئوتتۇرسىغا قۇيۇلغان ئۇستەلدە بولسا  ،ھەرخىل قۇرۇق ھۆل مىۋىلەرنىڭ شۈپۈكلىرى، يەردە قۇرۇق  پىۋا بۇتۇلكىلىرى  يانتۇ ياتاتتى . ئۆتكۈر چىراق يۇرىقىدا مەرداننىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىپ قالغان ئىككى تامچا ياش ئوتلۇققا چۈشۈپ كەتكەن ياقۇتتەك ئۇنىڭ كىرپىكلىرى ئارىسىدا يالتىراپ تۇراتتى . ئەنقەر ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتتى، بىراق ئۇنىڭدىمۇ نىمە گۇناھ ؟ ئۇ ياتاقنى يىغىشتۇرغۇسىمۇ كەلمەي ئورنىغا كىلىپ كىيىمى بىلەنلا سۇزۇلۇپ ياتتى. ئۇ ئۇخلىمىدى، ھەم ئۇخلىسىمۇ بولمايىتتى .چۈنكى تاڭ يورۇشقا ئاز قالغان بولۇپ تاڭ يورىسىلا ئەتىكى شەنبىلىك دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ  نەرگىزە ئىككىسى بىرگە ناشتا قىلىۋېلىپ، دۆلەتلىك كۈتۈپخانىغا بارماكچى بۇلۇپ بېكىتىشكەنىدى. شۇڭا ئۇ ئۇخلاپ قالسا خېلى ۋاقىتقىچە ئويغىنالماسلىقىغا كۆزى يېتىپ ئۇخلىمىغان ئىدى، تاڭ ئاستا _ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ياتاقداشلىرى تېخىچە ئويغانماي ئۇخلاۋاتاتتى، ئەنقەر بۇ بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇش  ئۈچۈن   ئاستا  ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا   چىقتى. ئەتىگەنكى ھاۋا شۇنداق ئۇچۇق  ئىدى، ئۇ ساپ ھاۋادىن قانغىچە نەپەس  ئالدى، ئاندىن ئۆتكەن  ئىشلارنى نەرگىزەنى، مەرداننى ئويلىغاچ مەكتەپنى  بىر  ئايلاندى. ئۇ  مەكتەپكە   كىلىپ مۇشۇ  كەمگىچە  بۇ  مەكتەپنى بۇنچىلىك كۈزىتىپ  باقمىغان  ئىدى.
ئەتراپتا رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەر، ئېگىز ئۆسكەن چىنار دەرەخلىرىنىڭ ياپراقلىرى سۈبھىدە ئەمدىلا كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاجىز نۇرلىرىدا ساغۇچ رەڭدە يالتىراپ تۇراتتى، ئۇ گۈل ئۈستىدە بىر بىرلىرىنى قوغلىشىپ يۈرۈشكەن  كېپىنەكلەرگە قارىدى، گۈل چاڭلىرىدىن شىرنە يىغىۋاتقان ھەرىلەرگە زوق بىلەن قاراپ، ئىختىيارسىز چىرايىدا  بىلىنەر بىلىنمەس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ يەنە بىردەم مېڭىپ، دەرەخلەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈۋاتقان ئوقۇغچىلارنى كۆردى،

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:49:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

مەقسەتسىز ئۇلارغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆكتە قاتارلىشىپ ئەركىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تۇرنىلارغا قارىدى، «ئاشۇ ئاق بۇلۇتلۇق كۆك قەھرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنىڭ دەرد-ئارمانلىرى يوقتۇر بەلكىم» دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىغىنىچە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىغا يېقىنراق يەردە توختاپ نەرگىزەنى كۈتۈپ ئولتۇردى. بىر كەمدە نەرگىزە گۈل چىرايىدىن خوش پۇراق ھىدلارنى تارىتىپ چىقىپ كەلدى. ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن نەدە ناشتا قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. ئاندىن:

ــ بۈگۈن كۇتۇپخانىغا بارمايلى دىسەم  قانداق قارايسىز نەرگىزە ؟ دەپ سورىدى ئەنقەر قىزارغان ئۇيقۇسىز  كۆزلىرىنى  نەرگىزەگە  تىكىپ.
ــ قانداق دەيسىز؟ باشقا  مۇھىم ئىشىىڭىز  چىقىپ  قالدىمۇ؟ ـــ سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بەردى نەرگىزە.
ــ شۇنداق،   سىز بىلەن دىيشىدىغان گەپ  چىقىپ  قالدى.
ــ ھە، شۇنداق ئىشمىدى؟ ئەمىسە چۈشتىن بۇرۇن تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى. دىيىشكىنىمىز بويىچە كۈتۈپخانىغا بارىدىغان ئىشنى چۈشتىن كېيىنگە قالدۇرساق دەخلىسى بولمايدىكەنغۇ؟  ـــ دېدى نەرگىزە.
ــ بۇلىدۇ . ناشتا  قىلىشتىن ئاۋال مەكتەپنى ئايلانغاچ سىزگە بەزى گەپلەرنى دەۋالاي دېگەن ئىدىم، قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كېتەرمۇ؟
ــ ياق ئېچىپ كەتمەيدۇ، ياتاقتا ئازراق پىرەنىك يەۋالغان ئىدىم، ئادەتتە ئىشىكتىن تاشتىسىز چىقىدىغان ئادىتىم يوق. سىزچۇ؟ سىز ئاغزىڭىزغا بىر تىكە نانمۇ سالماي چىققانسىز بەلكىم.
ـــ مەنمۇ ئازراق ناشتا قىلدىم. ـــ دېدى ئەنقەر ناشتا  قىلمىغانلىقىنى، ھەتتا كىچىچە كىپىك قاقماي چىققانلىقىنىمۇ يۇشۇرۇپ.
ــ ئەمىسە ۋاقىتنى تىېجەپ ئەتىگەنلىك ناشتىغا سىرتقا چىقماي چۈشلۈك تاماقنى بالدۇرراق يەيلى، شۇنداق بولغاندا چۈشلۈك  تاماققا يەنە  ئىككى سائەتتىن كۆپرەك  ۋاقىت باركەن  مۇشۇ  ئىككى سائەت ۋاقىتنى سىز  دىگەن پاراڭغا بەرسەك  يىتەمدۇ؟ ـــ دېدى نەرگىزە ئېغىزلىرىنى ئۇچلاپ.
ـــ  ماقۇل يۈرۈڭ مەكتەپنى ئايلانغاچ پاراڭ قىلايلى ئەمىسە، ــــ دېدى ئەنقەر ئۇنىڭغا يول باشلاپ ،  ئۇلار ھەرخىل رەڭلىك تاشلاردىن ياسالغان دەرەخلەر ئارىسىدىكى چىغىر  يولدا يانمۇ –يان  بىردەم  جىمجىت ماڭغاندىن كىيىن نەرگىزە «ئەنقەرگە بىر ئش بولدىمۇ  نىمە؟» دىگەن خىيالغا  كىلىپ  قالدى. بۇ ۋاقىتتا ئەنقەر گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قىنىلىۋاتاتتى.   نەرگىزە سۇئال نەزىرى بىلەن ئەنقەرگە قاراپ تۇرۇپ  قالدى –دە،
ـــ مىنىڭ يېنىڭىزدا ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ  قالدىڭىز ھە؟ھازىرقى ۋاقتىمىزنى تەتقىقاتقا بەرمەيدىغان بولغانىدۇققۇ؟   قېنى گەپنى  باشلىمامسىز؟ ــــ  دېدى چاخچاق ئارىلاش تەلەپپۇزدا.
ــ  سىز گە دەيدىغان گىپىمنى قانداق باشلاشنى  بىلەلمەيۋاتىمەن. ـــ دېدى ئەنقەر ئۇڭايسىزلىنىپ .
ــ قايسى گەپ  ئېسىڭىز گە كەلسە شۇ گەپتىن باشلاڭ قۇلاقلىرىم گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ بولدى، ـــ دېدى نەرگىزە يەنە چاخچاق قىلىپ.
ـــ مەن ...  مەن ... ــــ ئەنقەر دۇدۇقلاپ گەپلىرىنى  قىلالماي قالدى، نەرگىزەنىڭ بۇلاقسىمان كۆزلىرى ئۇنى تېخىمۇ ھودۇقتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى.
ـــ ھە   سىز نىمە بولدى؟  نەرگىزە ھەيرانلىق نەزەرى بىلەن ئەنقەرگە قارىدىيۇ  ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدن بىر ئىشنى سەزگەندەك قەلبىنى بىر خىل ھاياجان سىلكىپ ئۆتتى .
ــ بىز مەڭگۈ ئايرىلمىساق دەيمەن، ــــ دېدى ئەنقەر ئەگىتمەي گەپنىڭ نەق ئۆزىنىلا قىلىپ، نەرگىزە گەپنىڭ تىگىگە سەل يەتكەندەك بولۇپ يەرگە قارىۋالدى. ئۇنىڭ ئالمىدەك يۈزىدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس خىجىللىق گۈللىرى ئېچىلىپ ھۆسنىگە ھۆسن قوشتى.
ــ شۇنداق نەرگىزە مەڭگۈ  ئايرىلمىساق دەيمەن. مەن سىزنى ھازىرغىچە ماڭا تەئەللۇق دەپ قاراپ كەلدىم. سىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى تېخى بىلمەيمەن، شۇڭا بۇ گەپنى سىزنىڭ سەمىڭىزگە بىر سېلىپ بېقىشنى لايىق كۆرۈپ بۈگۈننى تاللىغان ئىدىم. ــــ دېدى ئەنقەر گېپىنى توختىتىپ.
ــ بۇ بەك ئۇشتۇمتۇت بوپ قالدىمۇ قانداق؟  بىز تېخى ئۇقۇۋاتىمىز،  ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئىككىمىز بىرلىكتە ئورۇنلىماقچى بولغان تەتقىقات  پىلانلىرىمىز بار. بىز تېخى چەت ئەلگە چىقىپ ئۇقۇشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز، ئەجىبا بۇلارنى ئۇنۇتتىڭىزمۇ؟ نېمە بۈگۈن توساتتىنلا بۇ گەپلەر ئېسىڭىزگە كېپ قالدى؟ ـــ دېدى نەرگىزە  ئەنقەرگە تىك قارىيالماستىن.
  ــ ياق ئۇنۇتمىدىم بۇ ئىش ئۇ ئىشىمىز غا  دەخلى  قىلالمايدۇ. مەن سىزنى بىرسى يېنىمدىن تارتىپ ئېلىپ كىتىدىغاندەكلا ئەنسىرەپ تۇرىمەن. ـــ دېدى ئەنقەر ئەندىشلىك خىياللىرىنى ئاشكارلاپ.
  ــ مەن يا جانسىز نەرسە بولمىسام كىم ئېلىپ كەتسە بۇلىۋىردىغان.مەن قۇشۇلسام  ئېلىپ  كىتەر؟ ــــ دېدى نەرگىزەمۇ نازلىنىپ
  ــ رەھمەت سىزگە نەرگىزە ئەمىسە مەن خاتىرجەم بولدۇم. ئەمدى يۈرەكلىك   «نەرگىزە مىنىڭ» دېسەم بۇلىۋىرىدۇ شۇنداقمۇ؟
  ــ ئۇنى يۇرىڭىزدىن سوراڭ. ـــ دېدى نەرگىزە ئۇنىڭغا تەتۇر قاراپ،  شۇنداق قىلىپ بۇ  ھاۋانىڭ ئۇچۇق پەيتىدە ئەتتىگەندە ئىزھار قىلىنغان سۆيگۈ مۇۋاپىقىيەتلىك جاۋابقا ئېرىشتى.

مىڭ بېشى

http://bidar.blogbus.com

UID
2309
يازما
519
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
17626
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2014-10-25
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز نازى!
بۇ ئەسرىڭزىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا بىر يىلدىن بېرى ئىنتىزار ئىدىم، يەنە ئىنتىزار قىلماي ئاخىرىنى تىزراق يوللارسىز!
بۇ پوۋسىت ھەقىقەتەن ئادەمگە مەكتەپتىكى سەبى چاغلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ‹ بىر ياخشىغا بىر يامان ھەرجايدا بار، يارىيار› دېگەندەك بىر يىلدىن بېرى نەرگىزە بىلەن ئەنقەرنىڭ مۇھەببىتى ئاخىرىغا چىقارمۇ دېگەن غەمدە يۈرىۋاتاتتىم، ئەمدى جاۋابىنى تىزراق بىلسەك بولاتتى. ئەسەرلىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك جەلپ قىلارلىق! سىزگە قايىلمەن، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ!
http://bidar.blogbus.com

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 داۋامى
      
 ئۇلارنىڭ  تۇنۇشۇپ قېلىشىمۇ ئاددى بولغىنىدەك سۆيگۈ  ئىزھار قىلىشىمۇ ئاددى  بولدى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇلارنىڭ بۇرۇنقى   يېقىنلىقىغا  يەنە بىر تاتلىق باغلىنىش قۇشۇلۇپ رىشتىسىنى تېخىمۇ مەھكەم باغلىدى.  دېگەندەك مۇھەببىتى ئۇقۇشىغا تەسىر يەتكۇزمىدى. ئىككىسى يەنە داۋاملىق ئۇقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ  ئۇقۇۋەردى . ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا ئىككىسى تەڭلا چەت ئەلگە چىقىپ ئۇقۇش ئۈچۈن ئىمتاھان  بەردى ، بەخىتكە قارشى  ئەنقەرگە فىرانسىيەدىن چاقىرىق كېلىپ،  نەرگىزەگە كەلمىدى.  ئۇلار كۆپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى. بۇ  ئىشتىن  كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان ئەنقەر بىر كۈنى كۇتۇپخانىدىن قايتىۋېتىپ:
  ـــ بولدى  مەن بارمايمەن نەرگىزە ،  كىلەر يىلى ئىككىمىز تەڭ بارايلى، ـــ دېدى  قەتئىي تەلەپپۇزدا، ـــ مەن سىزنى تاشلاپ كىتەلمەيمەن .
ــــ ياق سىز بېرىۋىرىڭ كىلەر يىلى مەن كەينىڭىزدىن بارىمەن مىنى شۇ يەردە  ساقلاڭ .مەن بارغىچە ئۇيەرنىڭ ئەلمى_تەلمىنى بىلىۋالغاچ تۇرسىڭىز ماڭا يول باشلىغۇچى بولىسىز ئەمەسمۇ؟  ـــ دېدى نەرگىزە گەرچە ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىسىمۇ ئۆزىنى قەستەن خۇشال تۇتۇپ.
  ــــ ياق  مەن قەتئىي  نىيەتكە كىلىپ بولدۇم،  رەت قىلىش ئېلتىماسىنىمۇ تەييارقىلىپ قويدۇم.
ــــ كىلەر يىلى ئىككىمىزگىلا چاقىرىق كەلمەي قالسىچۇ؟
  ــــ كەلمىسە مەيلى ، ۋەتىنىمىزدە ئۇقۇساقمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
  ــــ مەن ئۆزۇم سۆيگەن يىگىتنىڭ بىر قىزنى دەپ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى قايرىپ قويدىغان،                              ھىسىياتقا بېرىلىپ ئۆزغايىسىنى ئۇنتۇپ قالدىغان يىگىت بۇلۇپ  قېلىشىنى خالىمايمەن، ئەگەر يەنە  گىپىڭىزدىن يانمىسىڭىز مەن سىزگە (كەچۈرۈڭ ) دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالمايمەن. مىنىڭ سۆيدىغىنىم سىزدىن باشقا  يەنە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىۋاتقان، ئوت  يېنىپ تۇرغان يۈرىكىڭىز، پۇتۇن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ ئىجادىيەت قىلىدىغان ئىجادچان روھىڭىز، مىنى كۆيدۈرگىنى مانا مۇشۇلار.  سىز ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ مېنى تاللىسىڭىز، مەن سۆيگەن بارلىق خىسلەتلەر سىزدە بولماي قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەن يەنە  سىزنى سۆيەلەرمەنمۇ؟ شۇڭا سىز ھەرگىز ئارقىغا چېكىمەسلىكىڭىز كېرەك، بۇ يەردە پەقەت ئىلگىرى _كېيىنلىك مەسلىسىلا مەۋجۈت. سىز بېرىشىڭىز  كىرەك،  شۇنداق بولغاندا مېنىڭمۇ ئالغا ئېنتىلىش روھىم كۈچىيىدۇ. بىز بىرلىكتە  ئۇگىنىپ مىللىتىمىزنىڭ پارلاپ تۇرغان ئەتىسىنى يارىتىمىز، مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان سۆيگۈ بىزگە ھەمىراھ بولسا بىزمۇ مەڭگۈ بەخىتلىك بۇلىمىز.   مېنىڭ سۆيگەن يىگىتىم بىلىملىك، ئىستىقباللىق،  ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن  قۇربان بىرەلەيدىغان،  مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە  مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىشى ئۈچۈن  يۈركىنى ئاتىيالايدىغان زۆرۈر تېپىلسا  مۇھەببىتىنى قۇربان قىلالايدىغان بۇلۇشى كىرەك. ئەنە شۇنداق بولغاندىلا ئۇ  قەيەرگە بارمىسۇن ئۇنى سۆيدىغان يۈرەك ھامان ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارىدۇ، ــــ دېدى نەرگىزە جاسارەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئەنقەرگە تىكىپ.
  ــــ رەھمەت سىزگە سۆيۈملۈك نەرگىزە، مەن  نىمانچە بەخىتلىكتۇرمەن؟! مەن گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن، بۇلىدۇ  مەن  باراي، فىرانسىيەدە سىزنى كۈتىمەن.  ئەنقەر ھاياجىندىن قەلبىدىكى گەپلىرىنىمۇ  دىيەلمەي قالدى.  ئۇلارنىڭ  بۇگۇنكى ئۇچىرىششى ئەنە شۇنداق يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالدىغان غايىۋىي ئىستەكلەرگە  تۇلۇپ ئاخىرلاشتى.

كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ،  ئاخىرى ئەنقەرنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىمۇ  يېتىپ كەلدى، بۇ ئارىلىقتا ئەنقەر قەشقەرگە بېرىپ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ كەلدى، ئۇلار بىر _بىرىگە قېنىشىپ بۇلالمىغان كۆلىرىنى  ياشقا تۇلدۇرۇپ ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ ماڭدى.
  ـــ سالامەتلىكىزگە دىققەت قىلىڭ، يات ئەلدە سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەم يوق . ئەتىگەندە چۇقۇم ياخشى ناشتا  قىلىڭ،  كىتابلار  قاينىمىدا ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ، ــــ نەرگىزە ياشلىرىنى يامغۇردەك ئېقىتىپ تۇرۇپ  توختىماي تاپىلايىتتى . سۈيۈملۈك يارىدىن ئايرىلىشقا قىيالمىغان ئەنقەر بولسا، قۇلىقى يۇمشاق كىچىك بالىدەك «ماقۇل، ماقۇل»دىن باشقا گەپ قىلالمايتتى. ئۇلار ئايرۇدۇرۇمغا كېلىپمۇ ئېغىزلىرىدىن باشقا گەپ چىقىرالماي بىر_بىرىگە قارىشىپ ئۈن_تىنسىز تەلمۈرۈپ تۇرۇشتى. ئايرۇدۇرۇم رادىئو ئاۋازىدا ئەنقەر ئولتۇرىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ نومۇرىنى ئوقۇپ، شۇ نومۇرلۇق ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارنىڭ بېلىتىنى تىزىملىتىپ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  نەرگىزە ئۈركىگەن كىيىك بالىسىدەك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ دەرھال ئەنقەرگە قارىدى.
  ــ سۈيۈملۈك نەرگىزە مەن ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ،  مەن سىزنى كۈتىمەن، ـــ دېدى ئەنقەر ئاخىرقى مىنۇتلاردا  كۆڭلى بۇزۇلۇپ.
  ــــ   خاتىرجەم بۇلۇڭ چوقۇم دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ،  مېڭىڭ،  سىزنى ئاللاھقا  تاپشۇردۇم،  ئاق يول بولسۇن!
   ــــ سۈيۈملۈك نەرگىزەم يۈرىكىم سىزگە ئامانەت قالدى،  ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قۇيارسىز.
   ــــ شۇنداق، مەن سىزگە سادىق، پاك مۇھەببىتىم بىلەن خەۋەر ئالىمەن.  مەنمۇ سىزگە يۈرىكىمنى يوللۇق  قىلدىم ، ئۇ سىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ  بولىدۇ، سىزمۇ   خەۋەر ئېلىپ قۇيارسىز .  ئەنقەر  كۆزلىرىدىن پاتماي چىقىۋاتقان ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي نەرگىزەدىن ئايرىلدى، ئۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنىغا كەلگەندە بۇرۇلۇپ ئاخرقى قېتىم  نەرگىزەگە قارىدى، نەرگىزە بىر قۇلىدا يۈركىنى چىڭ بېسىۋالغان بۇلۇپ بىر قۇلى بىلەن ئاغزىنى قاماللاپ  يىغلاۋاتاتتى.  بۇ كۆرنىشتىن  ئەنقەرنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى، ئۇ قۇلىدىكى سومكىنى تاشلاپ نەرگىزەگە  قاراپ ئېتىلدى،  نەرگىزەمۇ بار كۈچى  بىلەن ئەنقەرگە  قاراپ يۈگۈردى . ئۇلار ئۆز_ ئارا گىرەلىشىپ كەتتى . مۇشۇ كەمگىچە قۇلىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇشماي ئۆتكەن بۇ ھايالىق قىز_يىگىت ئايرىلىش مىنىۇتلىرىدا  ھەممىنى ئۇنتۇغان ئىدى،  ئاخىرى يەنە ماڭمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغان نەرگىزە:
  ــــ بولدى مېڭىڭ ئۇلار ساقلاۋاتىدۇ، ـــ دېدى ئەنقەرنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرغاچ، بېشى بىلەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سۇپىسىنى ئىما قىلىپ.
  ــــ ماقۇل، خوش نەرگىزەم مېنىڭ سۈيۈملۈك نەرگىزەم.
  ــ خوش ئاللاھقا ئامانەت.  ئۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ  كۆزدىن غايىپ بولدى، نەرگىزە زالدىن يۈگۈرگىنىچە چىقىپ  ئايرودرۇم مەيدانىدا  ئاسمانغا قارىغىنىچە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بىر ئىزىدا پىرقىراپ كەتتى، دەل ۋاقتىدا بىر ئايرۇپىلان قاناتلىرىنى كەڭ ئېچىپ  بېيجىڭ ئاسمىنىدا پەيدا بولدى. نەرگىزە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدا ئاسمانغا قارىغانچە ئاچچىق تولغاندى ، ئۇنىڭ يۈرىكى  ئەنقەر بىلەن كەتكەن ئىدى  ئاھ !ئايرىلىش نىمە دېگەن دەھشەت ھە؟! نەرگىزە بەرداشلىق بىرەلمىدى . ئىچىدىن پارتلاپ چىقىۋاتقان  ھەسىرتىنى ھىچ باسالمايۋاتاتتى  شۇنداق قىلىپ  ئۇ چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن يىگىتىنى جاھاننىڭ ئۇ  تەرىپىگە ئۇزۇتۇپ قويدى.  يىگىتنىلا ئەمەس  ئۇنىڭغا قۇشۇپ يۈرىكىنىمۇ ئۇزىتىپ قويدى . ئۇ ياتىقىغا قايتىپ كىلىپ ياشلىرىنى  يامغۇردەك تۆككىنىچە خاتىرسىنى ئېلىپ  مۇنۇ مىسرالارنى قالدۇر دى:
    

ئۇزاتتىم  يار سېنى كۆزلىرىمدە ياش،
خوش دېگۈم  بار ئىدى چىقمىدى ئۈنۈم.
چوغ كەبى كۆيدۈرۈپ تۇرار لېۋىمنى،
«بىر سېنى سۆيىمەن» دېگەن شۇ سۆزۈم.

شۇقەدەر سۈيۈملۈك شىرىن دەقىقە
سەزدىڭمۇ سەن بىلەن كەتتى يۈرىكىم،
مەن قالدىم يېگانە ھەسرەت ئىچىدە ،
روھىمنى قاماللاپ قالدى بىرسىزىم.

نە قىلاي غېرىپلىق باستى دىلىمنى،
ھەسرىتىم، پىغانىم تۇرىدۇ تېشىپ،
ياتىمەن سىر تۆكۈپ مەيىن شامالغا،
تۇرسىكەن ھەر دەقىق ئېسىڭگە سېلىپ.

باغرىمنى تىلىدۇ ھىجرانىڭ نىگار،
پىراقنىڭ رەڭگىدە سارغايدى گۈلۈم.
  كۆرەرمەن قاچاندا جانانىمنى دەپ،
ھەسىرەتلىك ئۈمىدتە ئۆتەر بۇ كۈنۈم.


كېچە تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىمىغان نەرگىزە بۈگۈن تولىمۇ روھسىز، بەدەنلىرى تولىمۇ ئېغىر ئويىغاندى. ئۇ ياتاقداشلىرىغا بۈگۈن تازا ساقلىقى يوقلىقىنى، دەرسكە چىقالمايدىغانلىقىنى، مۇئەللىمگە ئېيتىپ قويۇشنى تاپىلاپ، قايتىدىن تام تەرەپكە قاراپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ بىردىن بىر يېقىن دوستى ئاي نىگار ئۇنىڭدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ مەكتەكە كەلگەندىن بېرى بىر قېتىممۇ، ھەتتا بىر سائەتمۇ دەرس تاشلىمىغان ئىدى. ئەنقەرنىڭ تۈنۈگۈن چەت ئەلگە ماڭغىنىنى ئاي نىگار بىلەتتى، دوستىنىڭ پىغان ئىچىدە كېچىچە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىماي ياش تۆككەنلىرىنىمۇ ئۇ سېزىپ ياتقان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئاستا بېرىپ نەرگىزەنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقتى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ قىززىتىپ قالماپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

ــــ ئاداش! مەنمۇ دەرسكە چىقماي ساڭا ھەمراھ بولايمۇ؟ دەپ سورىدى ئاي نىگار تۇمشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە نەرگىزەدىن.
ــــ رەھمەت ئاداش، مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر دەم ئارام ئېلىۋالاي، سەنمۇ دەرستىن قالمىغىن، ـــ دېدى نەرگىزە ئاي نىگارغا قاراپمۇ قويماستىن.
__ بولىدۇ ئاداش، مەن چۈشەندىم، ئەمما ماڭا ۋەدە بەر ئەمدى يىغلىمايسەن، شىرە ئۈستىگە ناشتىلىققا پىرەنىكلەرنى قويۇپ قويدۇم، چايمۇ دەملەپ قويدۇم ھازىرلار ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ناشتا قىلىسەن.
__ ماقۇل، مەن ۋەدە بېرەي جېنىم دوستۇم، بۈگۈنكى مۇشۇ گەپلىرىڭنى ئۆمرۈم بويى ئۇنتۇپ قالمايمەن، بولدى، ئەمدى ماڭغىن دەرسكە كېچىكىسەن.
__ بولىدۇ، خوش پەرىشتەم.
__ خوش.
نەرگىزە ياتاقتا يالغۇز قېلىپ، بۇلاقتەك كۆزلىرىنى چوڭ ئاچقىنىچە تۇرۇشقا تىكىپ تۈپتۈز ياتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتا قىلىشنى، ئاندىن مەكتەپ گۈللۈكىنى ئايلىنىشنى، كۇتۇپخانىغا چىقىشنى، يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىدى، بىراق ئۇنىڭ تېنى بەكلا ئېغىرلىشىپ، ھېچ مىدىرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇ ياتقىنىچە قانچىلىك ياتقىنىنىمۇ بىلەلمىدى، بىر كەمدە «بىر دەمدىن كېيىن قىزلار كىرسە، ئۇنچە قىلىپ  كەتمە، ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋالىسەن، دېگەندەك گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلىپ ئارامىمدا خىيال سۈرگىلىمۇ قويمايدۇ» دەپ ئويلاپ، مەجبۇرىي ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز كۆزلىرىنى يۇدى، چاي ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ قالغانىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن بىر  تال پىرەنىكنى ئاغزىغا سېلىپ سوۋۇپ قالغان چايدىن بىر ئوتلىدى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ناشتىلىقى شۇ بولدى. ئاندىن شىرە ئۈستىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ ئاستا مېڭىپ سىرتقا چىقتى، پۇتلىرى ئۇنى تۇنجى قېتىم ئەنقەر ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغان يەرگە ئەكىلىپ توختاتتى. ئۇ ئەتراپقا ئۈمىت بىلەن قارىدى، ئەنە ئاۋۇ قارىغاينىڭ يېنىدا ئۇ ئەنقەر بىلەن بويىنى تەڭلەشتۈرۈپ باققانىدى:
__ سىز نېمانچە ئېگىز؟ دېگەنىدى نەرگىزە ئەنقەرگە  ئەركىلەپ.
__ ئەسلى مەن ئېگىز مەمەس، سىز پاكار بولغاچقا پەرق مۇشۇنداق روشەن سېلىشتۇرما بولغان. ــــ دېگەنىدى ئەنقەرمۇ ئۇنى قەستەن تىرىكتۈرۈپ.
__ مەن پاكارما؟ كېلىڭە تەڭلىشىپ باقايلى قەنى؟
__ ئاۋارە بولماڭ، ھېلى بىكا ئۆزىڭىزنىڭ پاكارلىقىنى مېنىڭ ئېگىزلىكىمدىن كۆرۈپ يىغلايسىز. ــــ دېگەندى ئۇ نەرگىزەنى تېخىمۇ تىرىكتۈرۈپ.
__ ئەمىسە ئاۋۇ قىز بويىلىرى ئېگىز، زىلۋا بەدەن سىزگە تولىمۇ ماس كېلىدىكەن، قاراپ بېقىڭە، ــــ دېگەن ئىدى نەرگىزە، ئەنقەر نەرگىزە كۆرسەتكەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراپلا خەپ نەرگىزە دېگىنىچە ئۇنى قوغلىغان ئىدى، چۈنكى نەرگىزەنىڭ كۆرسەتكىنى  ناھايىتى ئېگىز بىر ستولبا ئىدى. نەرگىزە كۆزلىرى ياش، كۈلۈمسىرىگەن پېتى شۇلارنى خىيال قىلىپ قالدى. ئۇ نەگىلا بارمىسۇن ئەنقەرنىڭ ئىزى، ئۇلار ئىككىسىنىڭ شېرىن ئەسلىمىلىرى، يوللاردا، كۇتۇپخانىلاردا، تەجرىبەخانىلاردا ئۇنىڭ سىماسى. نەرگىزە بىر كۈن دېگەننىڭ بۇنداق ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. بۇرۇن ئەنقەر ئىككىسىگە ۋاقىت يېتىشمەي قالاتتى، ئۇلار تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىتنى قىسىپ ھېساپلاپ كېتىشەتتى، بەزىدە ھەتتا جىددىيچىلىكتە، سۆيگۈ مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىشقىمۇ ۋاقىت  ئاشماي قالاتتى. ئەجىبا ئەنقەر ھەممە ۋاقىتنى نەرگىزەگە قالدۇرۇپ كەتكەنمىكىنە؟ نەرگىزە بۈگۈننى تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزدى. ئۇ تېلېفوننى قولىدا كۆتۈرۈپلا يۈردى. تېلېفون تاسادىپىي سايراپ قالسىمۇ يۈرىكى سېلىپ كېتەتتى. تېلېفون ئىكرانىدا باشقا نومۇرلار كۆرۈنسە لاسسىدە بولۇپ قالاتتى. ئاي نىگار بىر كۈن ئىزدەپ ئۇنى مەكتەپنىڭ ئەڭ چېتىدىكى جىمجىت قارىغايلىقتىن تاپتى.
__ ھەي! قاچقۇن قىز! مېنىمۇ ئازراق ئويلاپ قويساڭ بولمامدۇ؟ قارا بۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ، ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى. تاس قالدىم ئادەم ئىزلەش ئېلانى چىقارغىلى.
__ كەچۈر جېنىم دوستۇم، مېنى ئىزدېگەنلىكىڭنى بىلمەي سېنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن.
__ قانداقراق؟ بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟ تاماقمۇ يېمىگەنسەن ھەقىچان، ھە؟
__ ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىپ بۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىم.
__ تۇرە ئورنۇڭدىن، خىياللار قاينىمىدىن قايتىپ چىق. تاماق يەپ كېلەيلى.
ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە تاماققا مېڭىشتى.
نەرگىزەنىڭ ڭۈنلىرى بىر خىللا رېتىمدە ئۆتمەكتە ئىدى. ئەنقەر كەتكىلى بۈگۈن تۆت كۈن بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر يوق. ئۇ نېمىشقا ئۈنتىنسىزلا يوقاپ كېتىدىغاندۇ؟ سۆيۈملۈك نەرگىزەسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پىغان چېكىۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۇيلىمامدىغاندۇ؟
      نەرگىزەنىڭ ئەنقەرسىز تۇرمۇشى باشلاندى. ئۇ ئەنقەرگە بولغان سېغىنىشىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سېلىپ قويۇپ، ئەڭ دەسلەپكى مەكتەپكە كەلگەندىكى ۋاقتىغا قايتىپ ئىجادىيەتكە، تەتقىقاتقا كىرىشىۋېلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتاتتى.  قانداقمۇ ئۇ ۋاقىتقا ئوخشاش بولسۇن؟ ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ دەسلەپ كەلگەندە غۇبارسىز، كەسىپكە ئىنتىلىپ تۇرغان يۈرىكى بىلەن ئىزدىنەتتى. ھازىر بولسا بۇ يۈرىكى يارىلاندى، ئۇ تازا قىزىپ تەھلىل قىلىۋېتىپ، بىر مەسىلىگە يولۇقسا دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپتىن ئەنقەرنى ئىزدەپ قالاتتى-دە، بىر پەس خىيالغا چۆكۈپ قالاتتى. سائەتلەپ، كۈنلەپ ساناپ تەستە بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزدى.
نەرگىزە مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا ئەمدى كىرىپ بىرنەچچە ژۇرنالنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ تىترەش ھالىتىگە لايىھىلەپ قويغان تېلېفونى تېلېفون كەلگندىن بىشارەت بەردى. ئۇ يۈرىكى سېلىپ دەرھال تېلفونغا قارىدى-دە،  ئىنكراندا نۇرغۇنلىغان 0 لەرنى، ئاخىرىغا ئۇلانغان ناتونۇش نومۇرلارنى كۆردى، ئۇ دەرھال كۇتۇپخاندىن چىقىپ ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ تېلېفوننى ئالدى.
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نەرگىزەم ، بۇ سىزمۇ؟ مەن ئەنقەر، ــــ دېدى ئەنقەر ئوتلۇق سېغىنىشى ئىپادىلەنگەن ئاۋازى بىلەن.
__ شۇنداق بۇ مەن،  ئامانمۇ سىز؟ نىمانچە يوقاپ كېتىسىز؟ نەرگىزە ئۇنىڭدىن تلېفون كەلسە دەيدىغان گەپلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان بولسىمۇ بىراق بىرسىنىمۇ دېيەلمەستىن ئۇنىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىرىۋاتاتتى.
__ كەچۈرۈڭ سۈيۈملۈك نەرگىزەم ، مەن بۇ يەرگە كېلىپ بىر تېلېفون قىلىشقىمۇ پۇرسەت چىقىرالمىدىم، ئاۋال مەكتەپكە كېلىپ ئورۇنلاشتىم، ئاندىن مەكتەپ بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم بۇنىڭغىمۇ جەريان كېتىدىكەن، بىز تېخى ھېچ نەرسە ئۆگەنمەپتۇق نەرگىزە، بۇ يەرگە كەلسىڭىز سىز سۈيۈنۈپ كېتىسىز ، مەن كەلگەن مۇشۇ نەچچە كۈندىلا تەشنالىقىمنىڭ تولىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. نەگىلا قارىماي ئۆگەنمىسە بولمايدىغان نەرسىلەر،  يەنە بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى سىزگە قىسىندىم، ئۆگىنىدىغان بىلىمنىڭ چەكسىزلىكىنى سىزگە قىسىندىم، نەرگىزەم، قاچانمۇ كېلەرسىز؟ ئەنقەر ھاياجېنىنى باسالماي سۆزلەپ گەپلىرى تۈگىمەيتتى. نەرگىزە بولسا ئەنقەرنىڭ ئاۋازىدىكى ھاياجان بىلەن ئۇ دەپ بەرگەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ خىيال قىلغاچ ئۇنىڭ گەپلىرىنى سۆيىنىپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئەنقەر ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ نەرگىزەنىڭ ئۆزىنى ئاسرىشىنى، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، فرانسىيىگە  تېزراق كېلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشقا ئالدىرىشىنى تاپىلاپ تېلېفوننى ئۈزدى. نەرگىزە ياشقا تولغان كۆزلىرىنى تېلېفونغا تىكىپ، تېلېفون ئىكرانىدا خۇددىي ئەنقەرنى ئەتراپى چىمەنلەر بىلەن ئورالغان بىلىم دېڭىزىدا ئۈنچە سۈزۈۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىپ، تېلېفوننى ئاستا تىترەپ تۇرغان لېۋىگە ياقتى. ئۇ يىغىسىنى توختىتالمىدى-دە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، راسا ھاردۇقى چىققىدەك بىر يىغلىۋالدى ، ئاندىن يەنە كۇتۇپخانىغا چىقىپ  باشقىچە بىر خىل غەيرەت بىلەن كىتاپلارنى ۋاراقلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئەنقەر تولا ۋاقىتلاردا چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا تېلېفون قىلاتتى، نەرگىزە ئەنقەرنىڭ  «سىز تېلېفون قىلمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، بۇ يەردە تېلېفون ھەققى بەك ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى كىشىلەر تېلېفوننى بىزدەك كۆپ ئىشلەتمەيدىكەن، تەتقىقات تېمىلارنى كۆپىنچە مۇئەللىم بىلەن بىرگە قىلىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ۋاقىتتا تېلېفون كېلىپ قالسا، بەك بىئەپ ئەھۋالدا قالىدىكەنمەن» دېگەن گېپىدىن كېيىن، سېغىنىپ كەتسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، ئۈنتىنسىز ئۇنىڭ تېلفونىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولاتتى. كۈنلەر سېغىنىش ئىچىدە ئۆتمەكتە.

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

ئۇنداقتا ئەنقەرچۇ؟
     ئەنقەر ئايروپىلاندىن چۈشۈپ يېڭىچە بىر دۇنياغا يېڭىچە بىر خىل ئارزۇ بىلەن قەدەم باستى، پىرانسىيىنىڭ ئازادە كوچىلىرى ئۇنىڭغا ئازادىلىك بېغىشلىسا، باشقىچە  بىر خىل دىن، باشقىچە بىر خىل سىندىكى تەلەتى سوغۇق ھەم جىددىي تۈس ئالغان، نېمىگىدۇر ئالدىرىشىپ كېتىپ بارغان كىشىلەر ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ئاجايىپ بىر خىل غېرىبلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، بۇ يەردىكى كۈنلىرىنىڭ ئۆز ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى،  ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مېھر مۇھەببەتنىڭ بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمسلىكىنى، يىراقتا، تولىمۇ يىراقتا قالغان ئانا ۋەتىنىدىكى  ئاشۇ ئىللىق چىراي خەلقنىڭ تولىمۇ سۈيۈملۈك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم بىلدۈردى. ئۇ ئايرىپورت ئىشىكىدە ئايرىپورت مۇلازىمىنىڭ ياردىمىدە سومكىلىرىنى كىرا ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردى. شوپۇرنىڭ تولۇق فرانسوز تىلىدا: «ياخشىمۇ سىز! ماشىنامنى ئىشلەتكىنىڭىزگە رەھمەت» دېگەن بىر جۈملە سۆزىدىن، بايىقى خىيالدىن سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدى. ئەنقەر دەرھال بارماقچى بولغان ئادرېسىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. شوپۇر ئادرېسنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بەردى-دە شۇنىڭدەن باشلاپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۇنى مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قويدى. ئۇ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپلا ھەيران قالدى، مەيدانلاردا نە بىر – بىرىلىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ يۈرگەن قىز-يىگىتلەرنى، نە توپ ئوينىشىپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇنى سەل سۈر بېسىپ، قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرۇۋىدى،  دەرۋازىدىن كىرگەندىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە  ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەكتەپ خەرىتىسى ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى يوق قىلدى. ئۇ خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن يۆنىلىش بويىچە مېڭىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇننى تاپتى. گەرچە بۇ يەردە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلىسىگە ئېرىشتى. زال ئىچىدە بىر ئىشخانىدىن بىر ئىشخانىغا يۈرۈشۈپ قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنى بېجىرىۋاتقان كىشىلەر، ئەنقەرنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىگىمۇ ھەيران قېلىشمىدى،  ئۇ باشقىلار كۆرسىتىپ قويغان تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىۋىدى ئىچكىرىدىن ئەر كىشىنىڭ «كىرىڭ» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ئۇ ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى، بۇ يەردە تولىمۇ  رەتلىك كېيىنگەن بىر خانىم بىلەن، يېشى 60 لەرگە بېرىپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر ئەر قەھۋە ئىچىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئۇلارغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى، ئۇلار ئۆز ئارا تونۇشلۇق بېرىشىپ بولۇشقاندىن كېيىن ھېلىقى خانىم ئەنقەرنى باشلاپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئاۋال ئىشخانىسىنى كۆرسىىتپ قويدى، ئۇ ئىشخانا ئالدىغا كېلىپ ھەيران قالدى، چۈنكى ئىشىكتە ئېنگلىسچە ھەرپ بىلەن ئەنقەر ئەپەندى دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. ـ
ــــ مانا بۇ سىزنىڭ ئىشخانىڭىز، تەتقىقاتلارنى مۇشۇ يەردە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ، ئەمدى ياتىقىڭىزنى  كۆرسىتىپ قوياي، بۈگۈن ئورۇنلىشىۋېلىپ، ئەتىدىن باشلاپ ئىش باشلىسىڭىز بولىدۇ، ـــ دېدى ھېلىقى خانىم ئەدەپ بىلەن بوش ئاۋازدا، ــــ مەرھەمەت بۇياقتىكى پەلەمپەيدىن چۈشەيلى، ـــ دېگىنىچە ئەنقەرنى باشلاپ ماڭدى، ئۇلار بايىقى خىزمەت بىناسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، بىر دەم مېڭىپ پاكار پاكار ئىككى قەۋەتلىك، بىر قەۋەتلىك بىنالاردىن ئۆتۈپ، ياپ يېسىل دەرەخزارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىچىك بىر داچا پاسۇندا سېلىنغان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، مانا بۇ سىزگە تۇرالغۇ سۈپىتىدە تەييارلانغان ئۆي، قالغىنىنى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ بېكىتسىڭىز بولىدۇ دەپ ئۇنى ئىچكىرىگە باشلاپ ماڭدى ھېلىقى خانىم. بۇ نەچچە كىشى بىرگە تۇرىدىغان بىرئېغىزلىق ئۆي بولماستىن، بەلكى، ئادەتتىكى 3 ئېغىزلىق، ئەسلىھەلىرى تولۇق بىر يۈرۈش ئۆي ئىدى. بۇ ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي بولۇپ، مەخسۇس چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ئۆيلەر ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئەنقەر دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلىشىۋالغان بولدى. مەكتەپ ئەتراپىدا نە تاماقخانا، نە تېلېفونخانا كۆرۈنمەيتتى، ئەنقەر ئەمدى يۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا ئىشىك يەڭگىل چېكىلدى. بايىقى ئۆزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان خانىم يەنە بەزى گەپلەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ قايتىپ كىرگەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان ئەنقەر ئىشىكنى ئېچىپلا ھاڭ تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى ئىشىك تۈۋىدە ئىككى ئەر بىر قىز تۇراتتى، ئۇلار ئۇيغۇر ئىدى، يات بىر مەملىكەتتە ئۆز مىللىتى كىشىلىرىنى كۆرۈش دېگەنمۇ بىر بەخت ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا ئەنقەر ئۇلارنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار ئەنقەرنى ئۇزۇن يىلدىن بېرى كۆرۈشمىگەن تۇغقىنىنى كۆرگەندەك قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ، ۋەتەننىڭ پۇرىقىنى پۇرۇۋالايلى دېيىشىپ پۇرىشىپ كېتىشتى. قىز بولسا بۇلارنىڭ بۇ قىياپەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ بىر چەتتە قاراپ تۇردى. كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى.
__ مېنىڭ ئىسمىن ئادىل، فرانسىيىگە كەلگىلى 12 يىل بولدى، مۇشۇ يەرگە ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم، بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان بولىدۇ، فارانسىيىگە كەلگىلى 2 يىل بولدى، مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ خانقىزنىڭ ئىسمى فرۇزى، بۇ قىزمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، لېكىن ئۆزى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانكەن، ئاتا ئانىسى كىچىك چىقىپ بۇ يەردە يەرلىشىپ قالغانكەن. فىرۇزىنىڭ ياردىمىدە فرانسىيىدە غېرىبسىنىپ قالمىدۇق، ـــ دېدى چۈشەندۈرۈپ  ئادىل دېگەن ياشتا چوڭراق، قارىماققا يېشى 50 لەردە كۆرۈنىدىغان كىشى. قالغانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەنقەردەك بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ يىراق فرانسىيىگە كەلگەنلىكىدىن سۈيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى تەبرىكلەشتى.
__ مېنىڭ ئىسمىم ئەنقەر، شىنجاڭ قەشقەردىن، ئۆزۈم بۇيىل جۇڭگو چىنخۇا ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈردۈم. بۇ يەردە سىلەردەك ۋەتەنداشلىرىمنى بۇنداق تېز ئۇچرىتامەن دەپ خىيالمۇ قىلمىغان ئىدىم. سىلەرنى كۆرۈپ بۇ بەختىم ئۈچۈن ھاياجانلىنىۋاتىمەن، ــــ دېدى ئەنقەر خوشاللىقىنى ئىپادىلەپ، ئاندىن ئۇلار تەقەززالىق ئىلكىدە ئەنقەرنى ۋەتەن توغرىلىق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئەنقەر ئۆزى يېڭىلىق دەپ قارىغان ئەھۋاللاردىن ئۇلارنى ئاز تولا خەۋەردار قىلدى. ئۇلار ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن بىردە كۈلۈشۈپ ھاياجانلانسا، بىردە كۆزلىرىگە ياش ئېلىشىپ ھەسرەتلىنىپ ئولتۇرۇشۇپ، ئەنقەرگە فرانسىنىڭ ئەھۋالى، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە  قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە فرانسىيىدىكى ۋەتەنداشلار توغرىلىق ئەنقەرنى كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتتى. ئەنقەر ئەخمەتجاننىڭ «بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى سىز كۆتۈرەلمەيسىز، بىزنى ئالىي شارائىت بىلەن تەمىنلەش ئۇلارنىڭ ئىشى، قانداق شارائىتنى تاللاش بىزنىڭ ئىشىمىز، بۈگۈنلا بۇ يەردىن كۆچۈڭ، بىز بىرگە تۇرايلى، مېنىڭ ياتىقىمدا يەنە بىر كانادالىق بار، ئىككىمىز بىرگە تۇراتتۇق، يەنە بىر ئېغىز ئۆي بىكار ئىدى سىز شۇ ئۆيدە تۇرۇڭ، شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ھازىرقى بۇ يەردىكى تۇرمۇش ئىستېمالىمىزغا ماس كېلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن، ئادىل بىلەن فىرۇزىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ئەخمەتجاننىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ چىقتى، ئەخمەتجاننىڭ ئۆزى تاماق ئېتىپ يەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئەنقەر قولىدىن تۆشۈك ئىشلىرى كەلمىگىنىگە ئىچىدە سەل خىجىل بولدى. ئەتىسى ئۇ ئالدىنقى كۈندىكى خانىمنىڭ يېنىغا كىردى، ئۇ خانىم ئەنقەرگە ئوقۇيدىغان سىنىپى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا جىددىيچىلىك باشلاندى. بىر ھەپتە بولغاندىكى دەم ئېلىشتا ئەخمەتجاننىڭ ياردىمىدە تېلېفون سېتىۋېلىپ ئاندىن ئاران دېگەندە ئاتا-ئانىسى ۋە نەرگىزەگە تېلېفون قىلالىغان ئىدى. ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى  تۇرمۇشى ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئىللىق مىھرى بىلەن تولىمۇ ئوڭۇشلۇق باشلاندى.

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 18:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

نەرگىزە بولسا يىراقتىكى دىلدارىنى ئەسلەپ تولىمۇ غەمكىن بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئەنقەر كەتكىلى بۈگۈن توپتوغرا بىر ئاي بولدى. گەرچە بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئەنقەر ئانچە مۇنچە تېلېفون قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ سۆزلىشىش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دېيىشەلمەي تېلېفون قويۇلاتتى. شۇڭا نەرگىزە سىنىپ، كۇتۇپخانا، ياتاق ئارىلىقىدا كۈنلىرىنى تەگسىز خىياللار قاينىمىدا ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بۈگۈن ئۇ يەنە كۇتۇپخانىغا باردى، ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان تۈر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى كۇتۇپخانىغا دوستى ئاينىگار كىرىپ كەلدى، ئۇلار ئۆزئارا تەبەسسۇملىرى ئارقىلىق سالاملىشىپ قويۇپ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشىۋەردى. بىر كەمدە ئاينىگار ئاستا نەرگىزەنىڭ يېنىغا كېلىپ:
__ ئاداش، قورساق چۈش بولدى دەيدۇ، ـــ دېدى تۆۋەن ئاۋازدا.
__  ھە... بىردەمدە چۈش بولدىمۇ؟ ئەمىسە تاماق يەپ كىرەيلى، دېيىشىپ كۇتۇپخانىدىن ئەمدى چىقىپ تۇرۇشىغا
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  خانقىزلار!  ــــ دېگىنىچە مەردان ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ كەلدى.
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،  سىزمۇ بۇ يەردىمىدىڭىز؟ بىز دىققەت قىلماپتۇق، ـــ دېدى ئاي نىگار.
__ شۇنداق، مەنمۇ كۆرمەپتىمەن، دېدى نەرگىزەمۇ قوشۇمچە قىلىپ.
__ مەن ئىچكىرىسىدىرەك، چەت ئەلچە كىتابلار تۈرىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا كۆرمىگەنسلەر بەلكىم، ـــ دېدى مەردان.
      مەردان ئەنقەر بىلەن بىرگە ئوقۇشىنى تاماملاپ بولۇپ ساۋاقداشلىرىنى ھەر يەر ھەر يەرلەرگە ئۇزۇتۇپ قويۇپ، مەكتەپتە قېلىپ يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ نەرگىزەگە بولغان سۈيگۈسىنى ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدى. چۈنكى، ئۇ تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان دوستى ئەنقەر نەرگىزەنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغانىدى. ئۇ ھەسرىتىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈردى، قەلبىگە ھېچقانداق قىزلارنى سىغدۇرالمىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە ئەنقەر چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، نەرگىزە قالدى. مەردان قانداقتۇر بۇنى پۇرسەت دەپ بىلمىدى، ئۇ ئۇلارنىڭ پاك سۆيگۈسىگە ۋە بىلىمىگە ھۆرمەت قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، نەرگىزەنى يوشۇرۇن قوغداپ يۈرەتتى، نەرگىزەنىڭ  جىمجىت خالىي يەرلەردە ئەنقەر ئۈچۈن چەككەن پىغانلىرىنى كۆرگەندە ئۇ نەرگىزەدىن بەكراق پۇچىلىنىپ كېتەتتى، بىراق يېنىغا بېرىشقا چۈرئەت قىلالمايتتى، بۈگۈنمۇ ئۇلارنى كۇتۇپخانىدا كۈزىتىپ تۇرغانىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تاماققا ماڭغانلىقىنى بېلىپ كەينىدىنلا چىقتى، ئۇلار بىرگە مېڭىشىپ تاماقخانىغا كىرىپ، تاماقلىرىنى ئېلىپ تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇ يەر، بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ تاماق يېگەچ گەپ ئەنقەر ئۈستىدە بولۇپ قالدى، نەرگىزە ئەنقەرنىڭ چەت ئەلدىكى ئۆزى بىلگەن ئىشلىىرنى  سۈيۈنۈپ تۇرۇپ بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردى، ئاخىرىدا ئۇلار ھەر خىل خىياللار بىلەن ياتاقىرىغا قايتىشتى، شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئۈچىسى بىرگۈ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى، ھەي..... مۇھەببەت دېگەن ئەجەپ بولىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا كۆيسەڭ، ئۇ يەنە باشقا بىرىگە كۆيىدىكەن، ھەممە نەرىسىنى ــــ يولى كېلىپ قالسا جاننىمۇ خالىس ئاتا قىلغىلى بولىدىكەن بىراق كۆڭۈلنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن، ئاي نىگار مەرداننى بەكلا ياخشى كۆرەتتى، مەردان نەرگىزەنى ياخشى كۆرەتتى، بىراق نەرگىزە ئەنقەرگە كۆيەتتى. مانا مۇشۇنداق زەنجىرسىمان ھالقا ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ ستودېنتلار ئۆگىنىشنىمۇ مۇھەببەتنىمۇ قولدىن بەرمەي غايىۋى ئىستەكلەرنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشۈپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ دائىم دېگۈدەك بىرگە يۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر بىرىگە ــــ ئاي نىگارنىڭ مەردانغا، مەرداننىڭ نەرگىزەگە بولغان مۇھەببىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋاتاتتى، نەرگىزە بولسا ئۇلار بىلەن بىرگە يۈرۈپ بىردەم بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىگە خۇش. نەرگىزە ئاي نىگارنىڭ دەردىنى بىلگەچكە، سىرتلارغا چىقماقچى بولۇشقانلىرىدا مەرداننى چاقىرىۋالايلى دەپ تۇراتتى، بىراق ئىشلار ئادەمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بىر قېلىپتا ماڭمايدىكەن، ئويلىمىغان يەردىن، مەرداننىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى كۆڭلىدە پەپىلەپ يېتىلدۈرۈۋاتقان بۇ ئۇلۇق سۆيگۈسى يىغىلىۋېرىپ ئىچىگە پاتماي ئاخىرى ئېتىلىپ چىقتى. بىر كۈنى نەرگىزىلەرنىڭ  بىر ياتاقدىشى ساقسىز بولۇپ قېلىپ، ئاي نىگار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەنىدى، نەرگىزە ياتاقتا يالغۇز كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك يەڭگىل چېكىلدى.
__ كىرىڭ! ـــ دېدى نەرگىزە  رۇسلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ مەردان كىرىپ كەلدى.
__ ئەسالامۇ ئەلەيكۇم، يالغۇزمۇسىز نەرگىزە؟ باشقىلار قەنى؟
__ ئايشەم ساقسىز بولۇپ قاپتىكەن، ئاينىگار ئۇنى دوختۇرغا ئېلىپ كەتكەن ، باشقىلار كۆرۈنمەيدىغۇ تاڭ؟ كېلىڭ ئولتۇرۇڭ، ـــ دېدى نەرگىزە مەرداننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ.
__ بولدى ئولتۇرماي، سىزمۇ يالغۇز قاپسىز، مەنمۇ شۇ. بولمىسا سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلىمۇ؟ ــــ دېدى مەردان ئۆرە تۇرغىنىچە.
__ قانداق بولا؟ ئاي نىگارلار كەلگەندە ئۇلار بىلەن بىرگە چىقايلى، بىردەم ساقلىساق ئۇلارمۇ كېپ قالا.
__ بولدى، مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغانىدىم، ئۇ بىكار بولسا ماڭا تېلېفون قىلىدىغان بولدى، بىز چىققاچ تۇرايلى ــــ دېدى مەردان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەممىنى بىلەتتى، ئاي نىگارغىمۇ قايتىپ كەلگەندە ئالاقىلىشايلى دەپلا قويغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چىقىپ كەتتى، شۇ ماڭغىنىچە باغچىغا كېلىپ توختىدى، ئۇلار مەكتەپنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ گېپىنى قىلىشىپ مېڭىپ، خالىيراق يەرگە كېلىپ ئۇسسۇلۇق ئىچىشكەچ ئولتۇرۇشتى.
__ ئاي نىگارغا تېلېفون قىلىپ بېقىڭا مەردان، ئۇلار قايتىپ كەلدىمىكىن؟ ئەمەلىيەتتە ئايشەم ئۇنچە ئېغىرمۇ ئەمەس ئىدى، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ باقماقچىكەنتۇق، ئاي نىگارنى بىرگە بارايلى دەپ تۇرۇۋالدى، ــــ دېدى نەرگىزە مەردان ئۈچۈن ئايشەمدىن نارازى بولغاندەك قىياپەتتە.
__ بولدى، ئۇ ئۆزى تېلېفون قىلماقچى بولغان، ئالدىراتمايلى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بولمىغىنىمۇ ياخشى بولدى، ـــ  دېدى مەردان.
نېمە دەيسىز؟ نېمىشكە؟ خاپولىشىپ قالدىڭلارمۇ؟
__ ياقەي، خاپولاشقىدەك ئوتتۇرىمىزدا نېمىش بار ئىدى دەيسىز؟ ئاي نىگار تولىمۇ مۇلايىم قىز.
__ ئەمىسە......
نەرگىزە بىر خىل چۈشەنمەسلىك نەزەرى بىلەن مەردانغا قارىدى.
__ مۇنداق ئىش، ـــ دېدى مەردان نەرگىزەدىن كۆزلىرىنى ئېلىپ ، يىراقلارغا تىكىپ، ـــــ مەن كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى سىزگە دەۋالاي، مەيلى مەن نېمە دېمەي گېپىمنى بۆلمەي تۇرسىڭىز.
__ بولىدۇ، قەنى دەۋېرىڭ، قۇلىقىم سىزدە.
__ مەن مۇشۇ مەكتەپكە كېلىپلا سىزنى ئۇچراتتىم، شۇندىن بېرى سىز قەلبىمنى ئىگىلىۋالدىڭىز، كېيىن بىلسەم مەن ئېغىز ئېچىپ بولغىچە  دوستۇم ئەنقەر ئاللىبۇرۇن سىزنى كەلتۈرۈپ بوپتۇ، مەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇ ياخشى بالا، سىزنىڭ بەختىڭىزنى كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، ئەڭ مۇھىمى سىزمۇ كۆڭلىڭىزنى ئۇنىڭغا بەردىڭىز. مەن ھەسرىتىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، قىلدەك تولغىنىپ يۈرىۋەردىم، قەلبىمگە باشقا قىزلارنى پەقەتلا سىغدۇرالمىدىم، ئاي نىگارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئاي نىگار ياخشى قىز، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، بەك يۈزى تۆۋەن، ئەخلاقلىق قىز بولغاچقا پىراقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈۋاتىدۇ، مەن بىلمەيمەن ئەمەس، بىراق مېنىڭ قەلبىمنى ئاللا بۇرۇن سىز ئىگىلەپ بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىدىغان مەندە نە يۈرەك، نە كۆڭۈل يوق. مەن سىزگە بولغان سۆيگۈمنى مەڭگۈ ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ يۈرگەنىدىم، بىراق يېقىندىن بېرىقى داۋاملىق ئۈچرىشىپ يۈرىشىمىز مېنى تېخىمۇ قىيناپ، يۈرىكىمگە زادىلا ئارام بەرمىدى. مەن كۆپ ئۆيلاندىم، ئاي نىگارنىمۇ ئويلىدىم، كۆڭۈل دېگەننى ھېسسىداشلىق قىلىپ كىملا بولسا بەرگىلى بولمايدىكەن، ھازىر ئەنقەرمۇ يوق، ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى، مەن سىزنى كۆڭلىڭىزنى ئەمدى ماڭا بېرىڭ دەپ مەجبۇرلىيالمايمەن، ئۇ قايتىپ كېلەلەمدۇ ياكى شۇ يەردە تۇرۇپ قالامدۇ، سىزمۇ ئۇ يەرگە چىقالامسىز، ياكى چىقالمامسىز بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ، مېنىڭ مەقسىتىم  بىرىنچىدىن، سىزگە بولغان ھەقىقىي كۆڭۈلۈمنى سىزگە دەۋالاي دېدىم. ئىككىنچىدىن سىزنىڭ ئاخىرقى نەتىجىڭىزنى كۆرمىگىچە ئىككىنچى بىر قىزغا كۆڭلۈمنى بېرەلمەيدىغانلىقىمنى، سىزنى شۇ ۋاقىتقىچە ــــ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئاخىرى چىققىچە مەيلى قانچىلىك ۋاقىت كەتسۇن ساقلايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قوياي دېدىم. ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشقا يەنىلا سىز ھوقۇقلۇق. ــــ مەردان گېپىنى تۈگىتىپ نەرگىزە قارىدى.
__ بۇ گەپلىرىڭىز ئۈچۈن نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم مەردان، سىزمۇ دېدىڭىز، مەن كۆڭلۈمنى ئەنقەرگە بېرىپ بولغانمەن، يۈرىكىمنى ئۇ ئېلىپ كەتتى. مەيلى ئۇ قايتىپ كەلسۇن، كەلمىسۇن، ياكى مەن ئۇنىڭ يېنىغا باراي ياكى بارالماي ئەنقەر بىلەن بولغان مۇھەببىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئەگەر بارالمىسام ئۇنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە رازىمەن. مېنى شۇنچىلىك چوڭ بىلىپ قەدىرلىگىنىڭىزگە رەھمەت، بىراق مەن سىز ئۈچۈن ئۇنچە قەدىرلەپ سۆيىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن، چۈنكى مەندىمۇ سىزگە بەرگىدەك ھېچنېمە يوق، مەن بارلىقىمنى ھەتتاكى ھاياتىمنىمۇ ئەنقەرگە ئاتىغانمەن. سىز بۇ ئاخىرى چىقماس ھىس-تۇيغۇلىرىڭىزدىن قايتىپ چىقىپ مۇھەببەت يولىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ، ئاي نىگارغا باشقىچە قەلبىڭىز بىلەن نەزەر سېلىپ بېقىڭ، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىز، ھەتتا مەندىنمۇ ياخشى، مەيلى سىز مېنى قانچانغىچە كۈتمەڭ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش. ئۇ قايتىپ كەلمىسە مەن مۇشۇ تەنھالىقىم بىلەن، ئۇنىڭغا بولغان ھەقىقىي پاك سۆيگۈم بىلەن دۇنيادىن ئۆتىمەن، كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋېرەي، مەن ئەزەلدىن مۇھەببەتلىك قەلب كۆزۈم بىلەن سىزگە قاراپ باقمىدىم، ھەم قارىيالمايمەن. سىز ئۆزۈڭىزنى ئارتۇقچە ئۈمۈتلەندۈرمەڭ، گەپ ئېنىق بولۇپ كەتسۇن، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەمدى بۇنداق گەپلەرنىڭ بولۇنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاي نىگار سىزنى ، مەن ئەنقەرنى سۆيگەندەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق سۆيىدۇ، سىز ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلەڭ، مەن سىزگە پەقەت كەچۈرۈڭلا دېيەلەيمەن مەردان، بىز ئەمدى قايتايلى.
__ كەچۈرۈم سوراش ھاجەت ئەمەس، مەن پەقەت كۆڭلۈمنى سىزگە دەۋېلىپ يارىلانغان يۈرىكىمگە ئازراق بولسىمۇ داۋا تاپتىم، بولىدۇ قايتايلى. بىراق مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك مەندىن رەنجىپ قالماسلىقىڭىزنى، مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈرمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئۇنداق قىلسىڭىز، مەنمۇ، ئاي نىگارمۇ ئازار يەپ قالىمىز. بۇ ئىشلارنى بىز مۇقىملاشۇتۇرۇۋەتمەيلى، بۇنىڭغا ۋاقىت جاۋاب بەرسۇن.
__ بولدى گەپ قىلماڭ، بىز قايتايلى، بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنى ھەم بۇيەرگە بىرگە كەلگىنىمىزنى ئاي نىگارغا دېمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنىڭسىزمۇ ئۇ دوستۇمنىڭ دەردى يېتىپ ئاشقۇچە بار.
__ بولىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ.
ئۇلارنىڭ سۆھبىتى مانا مۇشۇنداق نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولسىمۇ مەرداننىڭ قەلبى سەل يېنىكلەپ قالغان بولدى. ئۇلار ئۈنتۈنسىز مەكتەپكە قايتىپ كېلىشتى، ھېلىمۇ ياخشى ئاي نىگارلار تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى، شۇندىن بېرى نەرگىزە ئۇلاردىن ئۆزىنى سەل چەتكە ئالدى، نەرگىزە چىقمىسا، مەردان چىقمايتى، مەردان چىقمىسا ئاي نىگار ئازابلىنىاتتى، ئۆزىنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتقان نەرگىزە دوستى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتاتتى، شۇنداق قىلىپ، بېيجىڭنىڭ قۇرۇق سوغۇقلۇق قىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر خىل ئارزۇ، ھەۋەس، دەرت ھەسرەتلەر ئىچىدە بۇ ئۈچ دوست يەنە بېيجىڭنىڭ ئىللىق باھارىنى كۈتۈۋالدى. نەرگىزە قايتا ئىمتىھان بەردى، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى، ئەنقەردىن ئايرىلىپ نەخ بىر يىل بولغاندا نەرگىزەگىمۇ چاقىرىق كەلدى. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇ بۇ خۇش خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاي نىگارغا يەتكۈزدى. ئاي نىگار، مەردان ئىككىسى نەرگىزەنىڭ خۇشاللىقىغا جۈر بولۇشتى. ئەنقەرمۇ ئۇ يەردە سۈيلەپ بەزىبىر يوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ فرانسىيىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە تېلېفوندا تەبرىكلىدى، ھەمدە خوشلۇقىنى ئىپادىلىدى، ئاخىرى  ئۇنىڭ ماڭىدىغان كۈنلىرىگىمۇ ئاز قالدى، نەرگىزە ئاڭغىچە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ كەلدى. ئۇ ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى ساۋاقداشلىرى ئۇزۇتۇش چېيى بېرىپ، ئۇنىڭغا خوشاللىق، بەخت تىلەشتى، ئەتىسى مېڭىش ئالدىدا ئايرودرومدا:
__ مەردان، سىز ھەقىقەتەن ئېسىل يىگىت، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن، سىزنى ئەسلەپ تۇرۇمەن، سىزنىڭ بەختلىك بولۇشىڭىزنى كۆرگۈم بار، مۇشۇ دۇنيادا پەقەت ئاي نىگارلا سىزنى ھەقىقىي بەختتىن بەھرىمەن قىلالايدۇ، گېپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە ئىككىڭلارنىڭ چېچەك ئاچقان سۈيگۈ بېغىڭلارنى كۆرسەم دەيمەن، ــــ دېدى نەرگىزە مەردانغا قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ، ــــ ماڭا ۋەدە بېرىڭ، مېنى خاتىرجەم كەتسۇن دېسىڭىز ماڭا ۋەدە بېرىڭ!
__ بولىدۇ نەرگىزە مەن سىزگە ۋەدە بېرەي، مەن گەپلىرىڭىزنى چۈشەندىم، ئۆمرىڭىزدە مەندىن تەلەپ قىلغان بۇ بىر ئېغىز گېپىڭىزنى ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئورۇنلايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، مەنمۇ سىلەرنى ئەسلەپ تۇرۇمەن، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىپ قويۇڭ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك يىگىت ئىكەنلىكىنى مېنى دېدى دەپ ئېيتىپ قويۇڭ، ــــ دېدى مەردان، ئۇنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ ئۇلۇق بىر ئوت كۆيۈۋاتاتتى.
__ رەھمەت سىزگە مەردان، سىز قالتىس يىگىت. خوش دوستۇم ئاي نىگار، سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمەن، سىلەرگە مەڭگۈلۈك بەخت يار بولغاي! ـــ دېدى نەرگىزە  ئاي نىگارغا قاراپ.
__ خوش جېنىم دوستۇم، سىلەرگىمۇ مەڭگۈلۈك بەخت يار بولغاي! بېرىپلا تېلېفون قىلغىن، ئالاقىلىشىش ئادرېسىڭلارنى دەۋەتكىن. ئايرىلىشقا قىيمىغان كۆزلەرگە تولغان ياشلار پونتاندەك ئېتىلىپ چىقىپ يامغۇردەك تۆكۈلمەكتە. قەلبلەردە ھەر خىل ھەسرەتلەر. ئۇلار ئاخىرى خوشلاشتى، نەرگىزە تاتلىق ئۈمۈتكە تولغان ھاياجىنى بىلەن كۆككە پەرۋاز قىلدى. مەردان بىلەن ئاي نىگار كۆكتە ئايروپىلاننىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرۇشتى، مەردان خۇددى تېنىدىن بىر نەرسە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ، جىسمى جانسىز بولۇپ قالدى، ئۇ قوللىرىنى بۇرۇلكىسىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تېز تېز مېڭىپ ئايرىپورت ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىشقا جۈر ئەت قىلالمىغان ئاچچىق ياشلىرى يۈرىكىگە ئاقماقتا ئىدى، ئاي نىگارمۇ يۈگىرەپ دېگۈدەك مېڭىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

تۈگىدى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 50 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

UID
1934
يازما
383
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 19:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نازى، ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى تولىمۇ سۆيۈنۈپ ئوقۇيمەن. بۇ ئەسىرىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بولسۇن.  
بۇ تېمىنى ئوقۇپ، ئەلكۈيى تورىغا توردىشىمىز شەرق يۇلتۇزى نامىدا يوللانغان بۇ شېئىر ئېسىمگە كەپقالدى، بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان شېئىر ئىدى، يوللاپ قويدۇم.

   يۈرەك ساڭا ئامانەت قالدى،
ۋىسالىڭدىن ئورۇن ئېلىپ قوي.
تەگمەي قالسا ئورۇن ناۋادا،
ئۈنچىقمايلا دەرھال كۆمۈپ قوي.

يۈرەك ساڭا ئامانەت قالدى،
يارىسىغا مەلھەم بولۇپ قوي.
كۆتۈرەلمەس ئارتۇق ئازابنى،
دەرتلىرىدىن بىر ئاز يۈدۈپ قوي.

يۈرەك ساڭا ئامانەت قالدى،
سىرلىرىغا سىرداش بولۇپ قوي.
تۇمان باسقان ھەر بىر خىياللار،
بۇلۇتلارنى بىر يان سۈرۈپ قوي.

يۈرەك ساڭا ئامانەت قالدى،
شىۋىرلىسا قۇلاق سېلىپ قوي.
دولقۇن ياساپ ئاقسا ئارمانلار،
سۆيگۈڭ بىلەن توغان سېلىپ قوي.

يۈرەك ساڭا ئامانەت قالدى،
كۆيمىسەڭمۇ كۈندە كۆرۈپ قوي.
سۆزلەپ بەرسە كەچمىشلىرىمنى،
ئاچچىققىنا بىرنى كۈلۈپ قوي.
.....................
يۈرەك ساڭا ئامانەت قالدى،
ۋىسالىڭدىن ئورۇن ئېلىپ قوي.
كۈتۈشلەرگە بەرمىسە بەرداش،
قەۋرە ياساپ دەرھال كۆمۈپ قوي.
ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
457
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 19:28:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىدار، نەرگىزەنى چەت ئەلدىكى ئەنقەرنىڭ يېنىغا يولغا سېلىپ قويدۇم، ئۇلار ئىككىسى ياخشى ئوقۇپ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ئەرزىمەس ئەسىرىمنىڭ بايانلىرىنى ئېسىڭىزدە ساقلىغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

گۈزەل3.8  سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت، يوللىغان ئاۋۇ شېئىرىڭىز بىلەن ئەسىرىمگە ھۆسۈن قوشۇلۇپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ كېتىپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش