تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: bedar

ئايال كىشى بولماق نېمانچە تەس     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
44425
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-8
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 15:07:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭ ، ئەگەر سىز بەل قويىۋەتسىڭىز بالىڭىز بالىڭىز تۈگىشىدۇ ، مىنىڭ ئوغلۇممۇ 12 ياشقا كىتىپ بارىدۇ ، 2 ياشقىچە كۈندە دىگۈدەك تارتىشىپ قالاتتى ، ئەمما دوختۇرلار بۇ پەقەت كالتىسىينىڭ يىتىشمەسلىكىدىن بولغان ، جۇڭگو ئۆسمۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك بار ئىش بۇ ، بالاڭ 3 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن ياخشى بوپ كېتىدۇ دەپ تەسەللى بېرەتتى ، بىز ياش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى جەمەت ئىچىدە ئۇنداق تارتىشىپ قالىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بالىلار بوپ باقمىغانكىن ، دوختۇرنىڭ دىگىنىگە ئىشىنىپ يۈرۈپتىمىز ، 2 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ تارتىشىپ قېلىشىمۇ توختىدى ئەمما ، باشقا بالىلاردەك نورمال ئەمەس ، تارتىشىپ قېلىشىمۇ توختىدى ، بالا ئاندىن ماڭدى ، بىز بالا نورمال ئەمەس ، ئۆز يېشى بىلەن تەڭ بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئارقىدا دىسەك ، باشقىلار بالىلار 3 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئاندىن ھەر قايسى جەھەتلەردىن قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ، بەك ئالدىراپ كەتمەڭ دەيتى ، شۇنداق قىلىپ بالا 4 ياشقا كىرىپمۇ گەپ قىلمىدى 1 يېرىم ياش ۋاقتىدا دادىسىنى كەلدى دىسەك شۇ ھامان ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئىنتىلىپ كېتەتتى ، سۇ ، قوسۇقۇم ، ئاپا دەيتى ، باشقا گەپ قىلمايتى ، ئەمما يېشى چوڭايغانسىرى پەقەتلا گەپ قىلماس بوپ قېۋاتاتتى ، بىز ھىچ بولماي ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ چوڭ تەكشۈرۈتۈش قىلدۇق ، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە دوختۇرلار ئېنىق دىئاگنوز قويالمىدى ، ئاخىرىدا يېشى 90 غا ئۇلاشقان بىر پىراففىسورغا كۆرسەتتى ، ئۇ دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ 1 سائەتتەك تۇرۇپ كىتىپ ، ئاندىن ناھايىتى قىينالغان ھالدا : مېڭە تەرەققىياتى ياخشى ئەمەسلا دىيەلىدى ، شۇنىڭ بىلەن قانداق داۋالاش ھەققىدە مەسلىھەت سورىدۇق ، ئۇلار مەخسۇس مېڭە كېسەللىكلىرى داۋالاش تۈرى بويىچە داۋالىتىشىمىزنى ئېيتتى ، ئەمما 2 - دوختۇرخانىدا ئۇنداق بىمارلارنى داۋالايدىغان بۆلۈم يوقكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆسمۈر بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق ، ئەمما كۆرگىنىمىز ياتاقلار توشۇق ، ھەتتا كارىدوردىمۇ كارۋات قويۇش مۇمكىن ئەمەس ، ئاخىرى بىز ئۇقۇشۇپ ، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە مېڭە پارالىچ بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنى تاپتۇق ، ئۇلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ ، بالىنىڭ تۇنجى تارتىشقان ۋاقتىدىلا (2 كۈن قاتتىق قىزىپ ئاران يانغان قىزىتمىسى) مېڭە زەخمىلىنىش بولغانلىقىنى ، كۆپ مىقتاردىكى قېنىنىڭ قىزىش داۋامىدىكى يوقىرى قىزىقلىقتا كۈيۈپ كەتكەنلىكىنى ، شۇڭا مېڭىنىڭ ئەڭ نازۇك ئەقىل ھۈجەيرىلىنىڭ ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى ، دىمەك ئوغلۇم شۇ تۇنجى قېتىملىق تارتىشىپ قېلىشتا مېڭە پارالىچ بوپ قالغانلىقى ئېنىقلاندى ، بىز قاتتىق قايغۇردۇق ، ئەمما ئامال قانچە ، دوختۇر بىزگە بالىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغىنىمىزنى ، ئەمما توختاتماي داۋالاتساق ، داۋالاش مېڭىگە زورلاش تەسىرىدە مېڭە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، بىز ساقىيىش نىسبىتىنى سورىۋىدۇق ، ئۇلار ئېنىق دىيەلمىدى ، پەقەتلا داۋالاتساڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى بولىدۇ ، بىز ھۆددە قىلالمايمىز ، بەلكىم مۆجىزە يۈز بىرىپ ساقىيىپ كېتە ، ياكى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتە دىدى ، ئەلەكمۇللا ، بىز بالىنى داۋالىتىپ ساقايتىش نىيىتىگە كەلدۇق قانچە پۇل كەتسىمۇ ، بىز ساق بىر يىل تىركەشتۇق ، بىر يىل توشقاندىن كىيىن ، ئىلگىرى بالام سائەتلەپ گەپ قىلساقمۇ بىزگە قاراپ قويمايتى ، بىر يىلدىن كىيىن بىزنىڭ گەپ قىۋاتقىنىمىزغا دىققەت قىلىدىغان بولدى ، بۇرۇن بىزنى تونىمايتى ، تونۇيدىغان بولدى ، بىر ماڭسىلا توختىماي ماڭاتتى ، داۋالاشتىن كىيىن كىتىۋېتىپ ئارقىسىغا قاراپ باقىدىغان بولدى بىزنى بارمۇ يوق دەپ ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بالىمىزدا ئۈمۈت باركەن دەپ تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدۇق ، ئوغلۇم مېڭە پارالىچنىڭ كۆپ مىدىرلاش كېسىلىگە تەۋەكەن ، شۇڭا پۇلنىڭ ئامالىنى قىلساقلا باسقۇچ بويىچە داۋالىتىپ كىلىۋاتىمىز ، دىمەك 8 يىل بولاي دىدى ، ئەمما پەقەتلا بەل قويىۋەتمىدىم ، بۇنداق كېسىلى بار بالىلار تولىمۇ چىرايلىق ، مىھرى ئىسسىق كېلىدىكەن ، مىنىڭ بالامنى مەكتەپكە ئالمايدۇ ھەسسىلەپ پۇل تۆلىسەممۇ سىكونت جىم تۇرالمىغانكىن ، سىزنىڭ بالىڭىز ھىچ بولمىغاندا مەكتەپتە ئوقۇيالىغىدەك ئىقتىدارى باركەن ، شۇڭا ئوقۇتقاچ ، ئامال قىلالىسىڭىز ، قۇرۇق يىڭنە قۇيۇش ، ئۇۋىلاش ، دورىلىق ھورداق ئارقىلىق پەينى بوشىتىش ، كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان ئويۇنلارنى ئوينىتىش ، بېلىق قاچىسى ياسىتىپ بېلىق بېقىش قاتارلىق داۋالاش تۈرلىرى بىلەن داۋالىتىپ بېقىڭ ، قۇرۇق يىڭنە نېۋرونلارنى غىدىقلاپ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتسە ، ئۇۋىلاش ، دورىلىق ھورداق پەينى بوشىتىپ پۇلنى تۇلۇق دەسسىتىش ، ئويۇن ئويناش ۋە بېلىق قاچىسى ئارقىلىق مېڭىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، زېھنىنى ئېچىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ، قېنى بالىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ ، يەنىمۇ چىشىمىزنى چىداپ غەيرەت قىپ باقايلى ، ئۇلارغا پەقەت ۋە پەقەت بىز بولمىساق قەتئىي بولمايدۇ ھەمشىرەم ، مەيلى چىن پۈتۈڭ ياكى پۈتمەڭ ، پەقەت ھايات بولسىلا ، بىز ھايات بولساقلا ، ئۇلارنى ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە بېقىش پىشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن ، ۋايساش بىزنى تۇرمۇشتىن بەسىندۈرىدۇ خالاس ، ئۇنى تۇغدۇق ، دىمەك ئاخىرىغىچە ئېگە بولۇشىمىز ، سەۋرىچان ، چىداشلىق بولۇپ ئانىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-11-5 15:10):
پۇتنى دىگەن گەپ پۇلنى دەپ ئۇرۇلۇپ قاپتۇ .

UID
44425
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-8
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 15:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راست ، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ ئۆزىڭىز ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنى ئىزدەڭ ، ئاۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوغلىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا دىئاگنوز قويغۇزۇپ مېيىپلىق دەرىجىسىنى بېكىتىۋېلىڭ ، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، باللىرىمىز نورمال بالىلاردەك بولالمىغانكىن مېيىپ دىگەن گەپ ، بالىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن قارىسام ئوغلۇمغا ئوخشاشلا مېڭە پارالىچ (مىنگىت) كە ، شۇڭا مېيىپ دەپ چىقىرىدۇ تەكشۈرۈشتە ، ئاندىن كىنىشكە بىجىرىپ بېرىدۇ خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى ، ئاندىن بالىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىغا قاتناشتۇرىدۇ ئىلتىماس قىلسىڭىز ، تەستىقلانسىلا ھەر ئايدا ئاز بولسىمۇ تۇرمۇش پۇلى كېلىدۇ ، مېيىپلىق كېنىشكىسى بىجىرىلسە يەنى 1 - دەرىجىلىكتىن 2 - دەرىجىلىككىچە بولسا ھەر ئايغا يەنە 50 سوم مېيىپلىق ياردەم پۇلى قوشىدۇ ، بۇ پۇلنى يىلدا بىر قېتىملىق قىپلا تارقىتىدۇ ، بۇلار ئاز بولسىمۇ ھىچ بولمىغاندا بالىنىڭ تۇرمۇشىغا يارماق بولالايدۇ ، ئاندىن (سىز تۇرۇشلۇق جاينى بىلمىدىم ، ئەمما ھازىر ھۆكۈمەت ھەر قايسى شەھەرلەردىكى نوقتىلىق دوختۇرخانىلاردا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ ، مۇشۇنداق بىمارلارنى ‹‹مىھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارتا پائالىيىتى›› غا ئاساسەن ھەقسىز داۋالاۋاتىدۇ ) خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىغا مۇشۇ تۈرگە ئوغلىڭىزنى قاتناشتۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىڭ ، بىر قېتىمدا بولمىسا قايتا - قايتا ئىلتىماس سۇنسىڭىز تەستىقلاپ بېرىدۇ ، ئاندىن بەرگەن كارتىغا ئاساسەن شۇ بۆلۈمگە بېرىپ ئوغلىڭىزنى داۋالىتىشنى باشلاڭ ، بىر باسقۇچ تۈگىسە يەنە ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇڭ ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزغا كۆپ پايدىسى بار ، سىزمۇ بالا داۋالىتىش جەريانىدىكى زور سوممىدىكى چىقىمدىن ساقلىنىپ قالالايسىز ، روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن بېسىم ھىس قىلمايسىز ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

UID
47986
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 17:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا بارچە مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ كىسەللىرىگە شىپالىق ئۇلارنىڭ باشچىلىرىغا سەبىر-بەرداشلىق بەرگەيسەن.
ئاخشام بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يېرىم چىقىپ كەتكەن ئىدىم ، بۇگۇن كەرەپشە قېرىندىشىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يازغان ئىنكاسىنى ئوقۇپ كۆپ سۈيۈندۈم، شۇنداق ئەمەلىي پايدىلىق ئىنكاس بولۇپتۇ. كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر، ئاللا رازى بولسۇن ياخشىلىق مىزانىڭىزدا قىلىپ قۇبۇل ئەتسۇن قەدىرلىك قېرىنداش (كەرەپشە)!

ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا كۆپ قايغۇرۇپ كەتمەڭ ، ھەممە ئىشدا ئاللانىڭ ھېكمەتلىرى سىز بىز بىلمەيدىغان گۈزەل خەيرىيەتلىرى بولىدۇ. بالىڭىزدىن ھەرگىز دادىسى نۇمۇس قىلغاندەك نۇمۇس قىلماڭ ھەتتا شۇنداق بىر تۇيغۇلاردىمۇ بولۇپ قالماڭ، ئاللانىڭ تاللىشى سىز بىزنىڭ تاللىشىمىزدىن كۆپ قىممەتلىك ۋەقەدىرلىكتۇر.
كىم بىلسۇنكى بۇ بالا سىز ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئاچقۇچىلىرىدىن بولۇپ قالامدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئۇنىڭ ئىنسانىيلىق قىممىتى ھەرگىزمۇ چوڭ-چوڭ ئالى ئوقۇللارنى پۇتتۇرۇش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ بىلىم يوللىرى تۈرلۈكتۈر ھەممىنى بىلىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس ئەڭ زۆرۈرنى بىلىشىڭىز موھىمدۇر. ھىلھەم كىچىكمەيسىز تېرشچانلىق سەبىر- بەرداشلىقلا بولسا بالىڭىز سىز ئۈچۈن سىز ئويلاپ باقمىغان خەيرىيەت ئىشىكلىرىنى ئىچىپ بېرىدىغان سېھىرلىك ئاچقۇچ بولۇشى مۇھەققەقتۇر.
سىز ئۈچۈن خالىسانە قەلەم تەۋرەتكەن بۇ تورداشتىنمۇ ئاللا رازى بولسۇن! ئەي ئاللا يەنە گەپلىرىم ئۇخچۇۋاتاتتى ۋاقىت قىستاۋاتىدۇ ھەممىڭلارنى ئاللا ئىمانىي ۋە جىسمانىي ئامانلىق ۋە ئەمىنلىكتە قىلغاي ئامىن!
بۇ مىنىڭ تەرجمە قىلىۋاتقا ئىزدىنىشتىكى ئەسىرىمنىڭ ئادرىسى ھەممىسى بولغان ۋەقە ماڭا بىر چاغلاردا زور ئىلھام بولۇپلا قالماي  بەلكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ سەبىر بەرداشلىقنىڭ  نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويغان ھەم كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن

ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم

http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46315

باھا سۆز

begana  كىتىپتۇ .مۇمكىن بولسا ئاۋات مۇنبەرلەرگە بىرىڭ ،پايدىسىنى جقىراق ئادەم كۆر  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
begana  تەرجىمىڭىزنى.كۆز-ياشلىرىم بىلەن ئوقۇپ چىقىتىم.بىراق ئۇ يەردە توپا بىسىپ  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
18785
يازما
43
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 20:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك يوللىغان ۋاقتى  2012-11-5 13:42
ئۇكاشنىڭ ئاپىسى ئۆزىنىڭ ئوقۇمىغانلىقىنى ئىككى يەردە د ...

ئاۋۇ جۈملىنى بەكلا ياقتۇردۇم،شۇ قېرىندىشىمنىڭ ئورنىدا سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!

UID
18785
يازما
43
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 20:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karapxa يوللىغان ۋاقتى  2012-11-5 15:07
غەيرەت قىلىڭ ، ئەگەر سىز بەل قويىۋەتسىڭىز بالىڭىز بالى ...

بۇ ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىم.گەرچە باشتا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمدەك بۇ بىر قېرىندىشىمنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىشلار بولسىمۇ شۇ قېرىندىشىمنىڭ ئورنىدا سىزگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.ئاللا سىزنىڭ بالىڭىزغىمۇ ھەم شىپالىق بەرسۇن،رەھمەت قېرىندىشىم

UID
18785
يازما
43
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 20:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karapxa يوللىغان ۋاقتى  2012-11-5 15:29
ھە راست ، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ ئۆزىڭىز ئولتۇرۇشلۇق جايدىك ...

خاتالاشمىسام ئۇلارمۇ بالىنى سىز دېگەندەك مېيىپلىقىنى باھالاتقان،يېزىدىن ئانچە -مۇنچە ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ.كېيىنكى«مېھىرى-شەپقەت يەتكۈزۈش كارتا پائالىيىتى» دېگەننى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن،بۇ قېتىم ئۆيگە قايىتقاندا ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي،مۇمكىن بولسا بىللە ھەل قىلىشىپ بېرىمەن.سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت

UID
44542
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 21:17:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  نىمانداق  شور پىشانە ئايال دۇ ئۇ  .  ھەممىدىن ئاۋۇ بالىغا بەك ئۇۋال بوپتۇ ...... ۋاي ئىسىت

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1359
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43093
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئۇقۇپ ئىچىم بەك ئېچىشتى،،،،ئاللاھ  شىپالىق بەرسۇن،،،،ئۇ سەبىگە،،، تورداشلار دېگەندەك  غەيرەتلىك بولۇڭ،،،ئۇلۇغ ئاللاھ  مۇشكۈلاتلارنى ئاسان قىلغۇچى زاتتۇر،،،،،ئۇ ھەقىقەتەن ياردەم قىلغۇچىدۇر،،،،
مېنىڭ سىڭلىمنىڭ قىزىمۇ شۇنداق بوپ قالغان كىچىك چېغىدا ( 1ياشقىمۇ توشمىغان چاغچىغۇ دەيمەن ) قىزىغان بىلەن شۇنداق بوپ قالغان ،،،ھازىر 6 كىرىپ ئاشتى  بۇ يىللاتىدىن بىرى  خېلى گەپ قىلىدىغان ،،،گەپ -سۆزلەرنى ئاڭقىرالايدىغان بولدى،،،،سەۋرى قىپ ،،،سەۋەپ قىلىپ تۇرسىڭىز  ئاللاھ  ئاسانلىق بېرىدۇ،،،،

UID
4302
يازما
297
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8593
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ بىئارام بولدۇم بۇ تېمىنى ئوقۇپ ،مەن ھازىر ھامىلدار ،نەچچە ۋاقىت بولدى تۈزۈك بىرەر قاچا تاماق يەپ باقمىغىلى ،ھەممە نەرسە پۇرايدۇ ،بىئارام قىلىدۇ .5ئايدىمۇ يانمىغان بۇ سىزىكتىن شۇنداق ئەنسىرەيمەن.
بالىمۇ تىخى مىدىرلىمىدى ،دوختۇرلار بالا ئاجىز،يىتىلىشى ئاستا دەيدۇ ..
ئاغزىمغا زورلاپ تىقىپ قاچىنى قويۇشقا ئۈلگۈرمەي ياندۇرىمەن .....

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
340
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10113
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-6
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سەندەك قىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بۇ خۇددى تۈكۈرۈك قاچىسىنى سۈرتۈپ پارقىراتقاندەكلا ئىش. سەن ئۇ مەكتەپلەردە ھېچبىر قىممىتى بار نەرسە ئۈگۈنەلمەيسەن. ساڭا ھەم ساڭا ئوخشاش ئاياللار ھاياتىدا بىرلا خىل ماھارەتكە ئېھتىياجلىق، بۇنى ئۇلار ساڭا مەكتەپتە ئۈگەتمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىش...»

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش