تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4067|ئىنكاس: 46

ئايال كىشى بولماق نېمانچە تەس     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18785
يازما
43
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         ئايال كىشى بولماق نىمانچە تەس
     ئەسكەرتىش:بۇمېنىڭ بىر قېرىندىشىمنىڭ ئائىلىسىدە يۈز بېرۋاتقان راس ئىشلار،مەن پەقەت ئەسەر تىلىنىڭ راۋان چىقىشى ئۈچۈنلا بىرىنچى شەخىس تىلدا يازدىم،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    مەن ئاددىي بىر ئائىلە ئايالى،ئۆيۈم يېزىدا.مەدەنىيەت سەۋيەممۇ يۇقرى ئەمەس،تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا يۇقرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسىمۇ ئاتا –ئانامنىڭ قۇشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ سەيپۇڭلۇق ئۆگەندىم.نېمىشقىدۇ دەيمەن،شۇ چاغلاردا ئاتا –ئانىلار قىزلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتماي سەيپۇڭلۇققا بېرىشكە بەكمۇ ئامراق كېلدىكەنتۇق،مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئاياللاردىن سورىسىڭىز ئوننىڭ ئىچىدە يەتتە –سەككىزى سەيپۇڭلۇق ئۆگەنمىگەن بولسا قۇلقىمنى كېسىپ بېرىمەن.
   بۇ كەسىپنى بىر نەچچە يىل ئۆگەندىم،شۇ جەرياندا ھازىرقى يولدۇشۇم ،باللىرىمنىڭ دادىسى بىلەن تونۇشتۇم.ئاتا –ئانام،بولۇپمۇ ئاپام تويدىن بۇرۇن يولدىشىمنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى،سەۋەبى ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسى تولىمۇ پىخسىق(بىزنىڭ يۇرتلاردا پۈچەك دەپمۇ قويىمىز)،مېھمادارچىلىقى يوق،قائىدە بىلمەيدىغانراق كىشىلەر،ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىممۇ باشلانغۇچنىمۇ تولۇق ئوقىمىغان ئادەم.شۇنداق بولسىمۇ ئاتا-ئانامنىڭ قارشىلىقىغا قارماي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم.
    تويدىن كېيىنكى ئىككى يىلغايېقىن ۋاقىتتا قېيىن ئاتا-قېيىن ئاناملار بىلەن بىللە تۇردۇق.يولدىشىم بىلەن ياخشى ئىدىم،ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ يامان دېمەيمەن،پەقەت شۇ قېيىن ئانام راسلا بىر تىيىننىڭ تۆپىدە تىك تۇردىغان چىڭ ئايال.بۇ ئۆيدە تاماق ئەتسەم ئېغىزغا چىققۇدەك گۆش سالالمايمەن،چۆچۈرە،گۆشنان دىگەنلەرغۇ بۇ ئائىلىدە يوق گەپ.ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپامنىڭكىگە بارسام ئاپام بىچچارە گۆشنان،چۆچۆرە،شورپا بىلەن كۈتىدۇ.يولدىشىممۇ قورسىقىغا ئامراق ،ئۆزئۆيىدە يېيەلمىگەن تاماقنى ئاپامنىڭ ئۆيدە يېگەچكىمىكىن مېنىڭ ئۆيۈمگە ئۇ مەندىن بەك ئامراق ،مەن باراي دېمىسەممۇ زورلاپ دېگۈدەك ئەكىلىدۇ.
    توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى بويۇمدا قالدى،ئىككىلا ئائىلىدىكىلەر شۇنداق خوش بولدى.بىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن بۇ تۇنجى نەۋرە بولغاچقىمىكىن ئاپام ھەممىدىن بەك خۇشال ئىدى.شۇندىن باشلاپ ئاپامنىڭكىگە كەلسەم ئاپام قىلارغا قىلىق تاپالماي كېتىدۇ،نېمە دىسەم شۇنى ئېتىپ بېرىدۇ،شۇنداق چاغلاردا ئاپامنىڭ يېنىغا كۆچۈپلا كېلۋالغۇم كېلىدۇ،لېكىن بۇنداق قىلالمايمەندە.
   قېيىن ئاپاممۇ ئەلۋەتتە خۇشال بولدى لېكىن ئاغزىدىلا.ئېغىر ئاياق ئاياللار مېۋە-چېۋە،قۇۋۋەتلىكرەك نەرسىلەرنى يېيىشى كېرەكقۇ ئەسلى،بىراق بەش بالىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقان قېيىن ئانام مېنى ئۇنداق نەرسىلەردىن توسىدۇ.مېۋە يەل كېلىدۇ،قۇۋۋەتلىك نەرسە يېسىڭىز بالا قورسىقىڭىزدا يوغىناپ كېتىپ كېيىن تۇغۇتتا قىيلىنسىز دەپ مېنى ھېچنەرسە يېگىلى قويمايدۇ،مەن بىر نەرسە دېسەم ئۆزنىڭ بەش بالىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقىننى پەش قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ كۆنمەي ئامالىم يوق.يولدىشىممۇ ئانىسىنىڭ ياخشى بالىسى،قېيىن ئانام نېمە دېسە شۇ راس،ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟
     دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇردۇم،دوختۇر ئانا –بالا ئىككىلىمىزگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقىننى ئېيىتتى،ئۆيگە كېلىپ قېيىن ئاپامغا شۇنداق دېسەم قېيىن ئاپام يەنىلا ئۆزنىڭكىنى راس قىلدى،«دوختۇرلار نېمىنى بىلدىكەن،مەنمۇ ئېغىرئاياق چېغىمدا شۇنداق قىلغان،مانا بەش بالام تۈۋرۈكتەك چوڭ بولدىغۇ »دەپ مېنىڭ ياخشىراق كۈتۈنشۈمگىمۇ قوشۇلمىدى.شۇنداق قىلىپ  سەككىز ئاي بولغاندا ۋاقتىمدىن بىر ئاي بۇرۇن يەڭگىدىم، ساق –سالامەت يەڭگىگىنىمدىن خوشال بولغان ئىدىم،بىراق ئىشلار تېخى باشلانمىغان ئىكەن.
    بالا بەكلا كىچىك تۇغۇلدى،شۇنداقتىمۇ سالامەت ئىدى.ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالەمچە خۇشال بولدۇم،ئوغلۇمغا ئابدۇشۈكۈر دەپ ئىسىم قويدۇق.بالا تۇغۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى قاتتىق قىزىپ كەتتى،دوختۇرغا ئاپاردۇق،دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق بالامنى ساقلاپ قالدى.بىر ھەپتە دوختۇردا ياتقاندىن كېيىن دوختۇردىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرەيلى دەپ تۇرساق مەسئۇل دوختۇر كېلىپ:«كۆزتىشىمىزگە قارىغاندا بالنىڭ كىچىك مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تازا ياخشى ئەمەسكەن،مۇمكىن بولسا بىر مەزگىل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاتساڭلار ،بالا كىچىك،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالاتمىساڭلار كېيىنچە چوڭ بولغاندا ساقايتىش قىيىن»دېدى،بېيجىڭدا نەچچە يىل ئوقۇپ كەلگەن دوختۇر شۇنداق دەۋاتسا قېيىن ئانام يەنە بىلەرمەنلىك قىلىپ:«ۋاي ،بۇ دوختۇر خەق دىگەن پۇل ئېلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسە دەيدۇ،بالا ساپساق تۇرسا»دەپ داۋالىتىشقا ئۇنمىدى،يولدىشىممۇ ئاپىسىنىڭ تەرپىنى ئالدى،مەندە نېمە ئامال ،داۋالاتمايدىغان بولدۇق.مەسئۇل دوختۇر كەينىمىزدىن ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ بالىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىساق كېيىن پۇشايمان قىلدىغىنىمىزنى قايتا- قايتا ئېيىتقان بولسىمۇ بۇ گەپلەر مەندىن باشقا ھېچكىمنىڭ قۇلقىغا كىرمىدى.
بالا بىر ياشتىن ئاشقۇچە نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالمىدى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ دوختۇر خاتا ئېيىتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم.بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە بالام ماڭدى،لېكىن دائىملا پۇتىنىڭ تاپىننى كۆتىرۋالاتتى،ئوڭ قولىنىمۇ ئالدىراپ ئىشلەتمەيدۇ،ئۆز يېشىدىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا بەك يۇۋاش،بىر نەرسىگە قىزىقمايدۇ.دوختۇرغا ئاپاردۇق،دوختۇر:« بالا قورساقتىكى ۋاقىتتا ئېغىر دەرىجىدە ئوزوقلۇق يېتىشمىگەنلىك تۈپەيلى بالىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكەن،ئون –يىگىرمە مىڭ يۈئەن خەجلەپ ھازىرلا داۋالىتىۋەتسەڭلار يەنە كېچىكمەيسىلەر»دېدى.يول-
دۇشۇم پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بالىنى داۋالىتىشتىن يەنە باش تارتتى،دېمىسىمۇ ئائىلەم ئۈچۈن بۇ ئاز پۇل ئەمەس ئىدى،شۇڭا مەنمۇ پۇل تاپقاندا داۋالىتارمىز دەپ قايتىپ چىقتىم.
   « كېيىنچە داۋالىتارمىز» بۇ «كېيىنچە» بالا بەش ياشقا كىرىپ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكۈچە ئەمەلىيلەشمىدى.بەش ياشقا كىرگۈچە بالام گەپ قىلسا بىر كۆزىنى قىسۋالغان ۋە يول ماڭسا تاپىننى كۆتۈرۋالغاندىن سىرىت باشقا ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈنمىدى،شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ دىققەت قىلماي كېتىۋەردۇق.
   بەش ياشقا كىرگەن يىلى يازدابىر كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلىپ ئولتۇراتتۇق،بالام تۇيۇقسىزلا تېلىپ قالدى.ھېلىمۇ ياخشى يېنىمدا ئاپام بار ئىكەن،قول-پۇتلىرىنى ئۇۋلاپ بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كەلدى،شۇنىڭغىچە مەن نېمە بولغىننى بىلمەي ھاڭبېقىپ قاراپ تۇرۇپتىمەن،بالا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنلا مەنمۇ ئېسىمگە كەلدىم.شۇ كۈنىلا بالىنى ئوبلاسىتلىق دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق،دوختۇرلار يەنە شۇ گەپنى قىلدى«ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەن،مېڭىنىڭ يېتىلىشى نورمال ئەمەس» لېكىن بۇ قېتىم ئوخشىمايدىغىنى شۇكى بىز ئاللىبۇرۇن داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدۇق،ئەمدى ھەرقانچە داۋالاتساقمۇ بالا پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كېتەلمەيدىكەن.دوختۇر:«بۇ تېخى بىر باشلىنىش ئىكەن،بۇندىن كېيىن تېلىپ قالىدىغان ئىشلار دائىملا بولۇپ تۇرىدۇ،بالىغا ياخشى قاراڭلار،تېلىپ قالغاندا دەرھال تەدبىر قوللانمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ»دېدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئولتۇرسام –قوپسام بالامنىڭلا غېمى،ئويناۋاتقان يېرىدە تېلىپ قالارمۇ،داۋالاتسام ساقىيارمۇ،چوڭ بولغاندا قانداق قىلار؟
ئادەتتە ئۆيدىلا بولسام ئۇنى يېنىمدىن يىراق كەتكۈزمەيمەن،سىرىتقا چىقىپ ئوينىسىمۇ يىراققا كەتمەسلىكنى تاپىلاپ تۇرمەن،بىرەر ئىشىم بولۇپ قالسا ئۇنى ئاپامغا تاپشۇرۇپ قويىمەن،ئاپاممۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە يېنىدىن ئايرىمايدۇ،ھەممىمىز ئۇنىڭ بىز يوق يەردە تېلىپ قېلشىدىن قورقىمىز.
   بالا چوڭ بولغانسىرى كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى،نەچچە كۈندە بىر تېلىپ قالىدۇ،جاھىل،دېگىننى قىلىپ بەرمىسە يىغلايدۇ،يىغلىغان ھامان تېلىپ قالىدۇ،تاماق يېمەيدۇ،تېنى شۇنچىلىك ئاجىز.يولدۇشۇم تاكسى شوپۇرى،ئەتتىگەندە چىقىپ كەتسە كەچتە ئۇخلىغانغا ئاران ئۈلگۈرىدۇ،بالىنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارىمۇ يوق،ئۇنىڭ مېنى قانچىلىك ھارغۇزۋېتىدىغىننى بىلمەيدۇ.بەزىدە مەنمۇ شۇنداق زېرىكىپ كېتىمەن،ئۆينى تاشلاپ يىراق –يىراقلارغا كەتكۈم كېلىدۇ،بىراق،شۇنداق قىلىش مۇمكىنمۇ؟
   يولدىشىمنىڭ بالا بىلەن كارى بولمىسىغۇ مەيلى،ئاچچىقىمنى كەلتۈردىغىنى ئۇ مۇشۇنداق بالىسى بولۇپ قالغىنىدىن نومۇس قىلىدۇ.بالىنى نوپوسقا ئالدۇرۇش،يەسلىگە بېرىش،دوختۇرغا كۆرسىتىش دېگەندەك ئىشلاردا ئامال بولمىغاندا مەن بىلەن بىللە بارمىسا بىللە بارغىلى ئۇنىمايدۇ،بالىغا بىر كۈن قاراپ قالسىغۇ بولدى،خۇددى مەن شۇ كۈنى ئوينىغىلى بارغاندەك كەچلىكى مەن بىلەن ئۇرىشىدۇ،پۇرسەت تاپسىلا ئۆيدە تۇرماي سىرىتقا چىقىپ كېتىدۇ.بىلىمەن،ئۇمۇ بالىنىڭ غەلۋىسىدىن زېرىكىدۇ،چارچايدۇ،لېكىن مەنمۇ ئادەمغۇ؟مەن زېرىكمەمدىم،مەن چارچىمامدىم؟
  بالام بۇ يىل يەتتە ياشقا كىردى،مەكتەپكە شۇنچىلىك تەستە قوبول قىلدى.بالام مەكتەپتە،مەن ئۆيدە بولغىنىم بىلەن مېنىڭ ئەس يادىم بالامدىلا.مەنمۇ ئەمدىلا يىگىرمە يەتتە ياشقا كىردىم،ئوقىغان بولسام تېخى تويمۇ قىلمىغان بولاتتىم،لېكىن ھازىرقى ھالىتىمنى كۆرسە ھېچكىم مېنى تېخى ئوتتۇزغا كىرمىگەن ئايال دېمەيدۇ.كۈنلەر تېخى ئۇزۇن،بۇ بالام بىلەن ،يولدۇشۇم بىلەن بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈپ بولۇشنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،خۇدا ،ئايال كىشى بولماق نېمانچە تەس...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17057
يازما
439
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1549
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنىڭ ئەھۋالىدىن ئىچىم بەكمۇ سېرىلدى. ئاللانىڭ تەقدىرى، بۇنىڭدا نېمە ھېكمەت باردۇر؟

UID
48339
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-11
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس باشقىسى مەيلى چوڭلار يىغلاپ قاقشاپ ياكى ھېرىپ چارچاپ كۈننى ئۆتكىزەر لىكىن ماۋۇ بالا قاندان قىلار ،ھازىرغۇ كىچىككەن چوڭ بولسا قانداق قىلار،دادىسىنىڭ بۇ تۇرقىدا ئۇبالىغا ئاش بولىدىغاندەك ئەمەس،نىمىلا بولسۇن ئاللا شۇ بالىغا شىپالىق ئاتا قىلسۇن چۈنكى مەن ئۇنداق تىلىقىپ قالىدىغان ئىشنى جىق كۆگەن ئوبدان بىلىمەن كىچىك بالىغا بەكلا تەس

UID
43034
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-9
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى  ئاتا-ئانىلاردىمۇ  يوق دىگىلى بولمايدۇ خاتالىقنى . ئازراق  پۇلنى دەپ بالىلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدۇ ئەمەسمۇ........

UID
15655
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
722
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاالاھ ئاسان قىلا  ئىشىڭىزنى....

UID
18785
يازما
43
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مېنىڭ يازغانلىرىم ئەڭ ئەڭ ئادەتتىكى ئىشلار تېخى،بالىنىڭ ئۆزىنى كۆرسەڭلار چوقۇم يىغلاپ تاشلايسىلەر،بىچارە،قاش -كۆز،چىراي دېسە قىزبالدىنمۇ چىرايلىق،لېكىن شۇ  كېسەل...ھەي،خۇدا شىپالىق بەرسۇن!
  تورداشلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگىمۇ ھەم كۆپ رەھمەت.

باھا سۆز

aysakam  ئۇنىڭسىزمۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمغا كىلىپ بولدى ئۇ بالا.ئاللا شىپالىق بىرەر  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

UID
46628
يازما
111
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
111
تىزىملاتقان
2012-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-11
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم شىپالىق بىرە

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
967
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42690
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
242 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكاشنىڭ ئاپىسى ئۆزىنىڭ ئوقۇمىغانلىقىنى ئىككى يەردە دەپتۇ، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. خالىد ھۈسەيىنىينىڭ «مىڭ پارلىق قۇياش»ىدا مۇنداق قۇرلار باركەن:

«سەندەك قىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بۇ خۇددى تۈكۈرۈك قاچىسىنى سۈرتۈپ پارقىراتقاندەكلا ئىش. سەن ئۇ مەكتەپلەردە ھېچبىر قىممىتى بار نەرسە ئۈگۈنەلمەيسەن. ساڭا ھەم ساڭا ئوخشاش ئاياللار ھاياتىدا بىرلا خىل ماھارەتكە ئېھتىياجلىق، بۇنى ئۇلار ساڭا مەكتەپتە ئۈگەتمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىش...»

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
48295
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم، يۈرۈكۈم ئىزىلىپ كەتتى، تىلىپ قىلىش دېگەن تىلىقىپ قىتىپ قىلىش دىگەن گەپمۇ؟ بۇرۇن مەن بىلىدىغان بىر قىزنىڭ ئوغلىمۇ شۇنداق ئىدى. بەك كۈلۈپ كەتسە ياكى يىغلاپ كەتسە تىلىقىپ قالىدىغان، كىيىن ھەر ھېيتتا قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ قېنىنى پىشانىسى، مەڭزىگە سۈرتكەندىن كىيىن ساقىيىپتىكەن

UID
48295
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم، شىپالىق بەرگەيسەن دېمەكچى ئىدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش