- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 366
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- UID
- 12992
- يازما
- 366
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- توردا
- 80 سائەت
|
ئەدەبىياتىمىز ھەمىشە كىشىلەرنى ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىدىغان ، ياتلىشىشنى سۆكىدىغان يازمىلارغا ھامىلىدار بولدى . بۇ جەمئىيەتنىڭ تاللېشىمۇ ياكى ئەدەبىياتنىڭ تاللېشىمۇ ھېچ چۈشەنمەي قالدىم . ئەگەر ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ، دېگەن قاراش يادرو قىلىنسا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەدەبىيات ھادىسىلىرى جەمئىيەتنىڭ تاللىشى بولغان بولىدۇ . چۈنكى ‹‹ ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى ›› دېگەن قاراشنى تاللىدۇق . ئۇنداقتا ئەدەبىياتنىڭ تاللىشى زادى نېمە ؟ ئەدەبىيات - ئۇ قەلىب ھېكايىسى ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ئىنسانلار پائالىيتىدىن تەشكىللەنگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەسلىي مەنىدە ئىنسانلار قەلىب ئېنىرگىيىلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانى . بۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسكەر بولۇۋاتقان ھەربىر ئادەم ئۆز ئېنىرگىيىسىنىڭ جۇلاسى بىلەن قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ .
مۇشۇ نۇقتىدا ئەدەبىيات مېنىڭچە بۇ چۈشىنىكسىز ئۇرۇش مەيدانىنى ئىپادىلەشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەشكىللىنىش جەريانىنى شەرھىيىلىشى كېرەك . بۇ ئەلۋەتتە ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئۇيقۇسىدا ياتقان تېنچلىق ئارىلىدۇر ، بۇ تېنچلىق ئارىلى دەل بىز ماھىيىتىنى بىلىشكە قادىر بولالمايۋاتقان روھتۇر . ماھىيتىنى بىلىشكە بىز قادىر بولالمىغان نەرسىنى بىز قانداقمۇ توغرا چۈشەندۇرۇپ بېرەلەيمىز ؟ دەل شۇ چۈشەنمەسلىك ئەدەبىياتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاپىرىدە قىلىدىغان بىرلەمچى سەۋەپ . ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىساق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ سەۋەبى نېمە دېگەن سوئالنى ئەلۋەتتە ئويلىماي تۇرالمايمىز . بىلىمىزكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ ئېڭى . ئاڭ ئىنساننى ھەرىكەتكە يېتەكلەيدۇ . بۇ ھەرىكەت كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۇرىدۇ . كىشىلىك مۇناسىۋەت تورلىرىدىن تۈزۈلگەن ئىنسانلار جەمئىيىتى يەككە ھالەتتىكى ئىنساننىڭ روھىي بايلىقىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ . سەنئەتكار دەل شۇ يەككە ھالدىكى ئىنساننىڭ مەنىۋىي بايلىقىنى ئىزدىگۈچى ئېكىسپىدىتسىيىچى ، تەۋەككۈلچى .
شۇڭا جەمئىيەت ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرى ھەققىدە گەپ ئېچىشتىن بۇرۇن ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلىشىشىمىز كېرەك . بۇ ئويلىنىش بىزنى بىھۇدە تالاش- تارتىشتىن خالىي قىلالايدۇ . |
|