بەز يىمەيدىغان مۈشۈك نەدە بار؟
بىر ئەر يانفوندا بىرەيلەنگە قاتتىق-قاتتىق ئاۋازدا سۆزلەۋاتاتتى: < ئا! قويە ئۇ بىرنېمىنى، ئىككى بالىسى بار نەرسىكەن ئۇ، دەپ قوي ئەمدى ئىزدىمىسۇن، ئۆزى سۈركەلدى ئۇ بىرنېمە، ھىجىيىپ تۇرسا بەز يىمەيدىغان مۈشۈك نەدە بار دەيسەن؟>...
<بەز يىمەيدىغان مۈشۈك نەدە بار؟> بۇ بىر جۈملە سۆز كاللامغا شۇنچىلىك تەسىر قىلدى، بۇ سۆزنىڭ ئاياللارنىڭ ئەخلاقىغا قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى مۇشۇنىڭ بىلەن 3-قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى. ئېغىزدىن شۇنچىلىك ئېرەنسىزلىك، يېنىكلىك بىلەن چىققان بۇ بىر جۈملە سۆز 40 ياشتىن ھالقىغان بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا، شۇنداقلا ئىككى نارەسىدىنىڭ ئانىسىغا بەرگەن باھاسى ئىدى.
بۇ بىر جۈملە سۆز ئېيتىلماققا ناھايىتى ئاددى، ئەمما نورمال، دۇرۇس ئىنساننىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان سۆز ئەمەس، كاللىسىدا ھېچقانداق ئادىمىلىك خىسلەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ، ئىت -مۈشۈكتىن ھېچ پەرقلەنمەيدىغان، ئادەمسىمان مەخلۇقلارنىڭ سەپسەتىسىلا خالاس.
يۈرۈكۈم ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتۈنۈپ كەتتى، ئاياللىرىمىزنىڭ، ئانىلىرىمىزنىڭ غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتلىك جۈملىلەرنى ئاڭلىغاندا يۈرەكلەر قانداقمۇ ئۆرتەنمەي تۇرالىسۇن؟! ئاياق ئاستى بولۇۋاتقان قەدىر قىممەت، يوقىلىۋاتقان ئاياللىق نازۇكلۇق، تارتىنچاقلىق، ئانىلىق پاكلىق ۋە ئۇلۇغلۇق.....يوقىلىۋاتقان خىسلەتلەر، بىر مىللەت خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئۆلۈۋاتقان روھى، خۈنۈكلىشىۋاتقان ئوبرازى ئۈچۈن يۈرەكلەر قانداقمۇ لەختە بولماي تۇرالىسۇن؟!
كىمنى ئەيىپلەش كېرەك؟ ئاۋۇ ئەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ:<سەن ئەبلەق بىز ئاياللارنى، ئانىلارنى ئەرزىمەس تاشلانتۇق بەزگە ئوخشاتتىڭ، بىزنى ھاقارەتلىدىڭ دەپ ئەدەپلەش كېرەكمۇ؟> ۋە ياكى ھېلىقى لەنىتى
ئاتالمىش ئانىنى تېپىپ:<سەن پەسكەش شاللاقلىقىڭ بىلەن بىز ئاياللارنى ،ئەرلەر ئالدىدا تاشلانتۇق بەزگە ئايلاندۇردۇڭ>دەپ ئەيىپلەش كېرەكمۇ؟
ياخشى ئاياللىرىمىز كۆپ ئىدى، ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، لېكىن شۇنداق ئاز ساندىكى چېكىدىن ئاشقان لەنىتىلەر پۈتكۈل ئاياللىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۇرىۋەتتى، ئەرلەر ھەممىگە گۇمانلىق نەزەر بىلەن
باقماقتا، خۇددى دۇنيادا بىرمۇ ياخشى ئايال قالمىغاندەك.... شۇ شاللاقلىق بىلەن ، سۆيۈملۈك ئاياللىرىمىز
تاشلاندۇق بەزگە ، ئەرلەر جۈملىدىن دادىلار بولسا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ھەممىگە خۇددى بەزگە
تەلمۈرگەن مۆشۈكتەك شەھۋانى نەزەر بىلەن تەلمۈرۈپ يۈرۈشۈۋاتىدۇ.
بىز ئالدى بىلەن ئىنسان، ئاندىن ئايال، ئاندىن ئانا!
ئەڭ مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، ئەقىل كۆزلىرىمىزنى چوڭ ئېچىپ، بىزدىن باشلانغان، ئۆزىمىز تۇتاشقان مۇناسىۋەت تورىدىكى ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ رولىنى تونۇپ باقايلى:
بىز ئايال! دۇنيانى مېھىر- مۇھەببەتكە، ئىللىقلىققا، گۈزەللىككە پۈركۈگۈچى، دوست-يارەنلىرىمىزگە، يېقىنلىرىمىزغا ئىللىقلىق بىلەن، گۈزەل قەلبىمىز بىلەن، ئەڭ سەمىمى دوستلۇق ھېسسىياتىمىز
بىلەن دوستلۇق مېھرىمىزنى يەتكۈزگۈچى...
يولدىشىمىزغا ئاياللىق لاتاپەت، ئاپتاپتەك چېھرىمىز، ئاتەشتەك مېھرىمىز بىلەن ئىللىقلىق ۋە سۆيگۈ
ئاتا قىلغۇچى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە خوشاللىق ۋە كۈلكىلىرىگە جۆر، قايغۇ ھەسرەتلىر
ىگە تەسەللى بەرگۈچى، ئۇنىڭ ھاياتلىق تېڭىرقاشلىرىدا دانا مەسلىھەت، ۋە روھىغا ئىلھام ئاتا قىلىدىغان
ئاياللىق سەنئىتىمىز بىلەن ئۇنى مايىل، ئەقلىمىز ۋە ساپايىمىز بىلەن قايىل قىلغۇچى بىز!
بىز ئانا! پەرزەنت يېتىشتۈرۈشتىكى بىردىن-بىر پەرۋىشكار، پەرزەنتلەرگە ئادىمىلىك، ئىنسانلىق پەزىلەتلەردىن ساۋاق بەرگۈچى، پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتلىق كېمىسىدىكى رولچى، ئۇنى توغرا يۆنۈلۈشكە باشلىغۇچى كومپاس بىز!
پەرزەنت ۋە ئەرنىڭ ئىستىقبالى، بەختىنىڭ باش رولى بىزنىڭ قولىمىزدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش،
ئۈگۈنۈش خىزمەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىدا ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىمىز،
بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز، ئىدىيەرىمىز، تۇرمۇشتا تۇتقان يوللىرىمىز ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يۇسۇندا
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ، ئىدىيەسىگە ئۈن-تۈنسىز سىڭىپ بارىدۇ.
ھازىرقى بۇلغانغان ھاۋا، بۇلغانغان جەمىيەتتە ياشاۋاتقان ئۆزىمىزگە مەسئۇليەتچانلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ سوئال
قويۇپ باقايلى: بىز خىزمەت، تۇرمۇش، تۈرلۈك ئالاقە مۇناسىۋەتلەردە ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز،
ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە باشقا ئەرلەرگە قانداق تەسىر بېرىۋاتىمىز؟ بىزنى چۈشەنمەي پەقەت قىياپىتىمىزگىلا قىزىقىپ قارىغان ياكى ھەر خىل نەزەر ۋە مۇددىئا بىلەن تىكىلگەن كۆزلەرگە يولۇققاندا
قانداق تەسىر پەيدا قىلدۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەرىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدىغان
ئۆزىمىزگە خاس بولغان جاۋاپ بېرەلىدۇقمۇ؟ ياكى ئوغرى مۆشۈك ئېتىلسىلا يەمچۈك بولۇپ كېتىدىغان
<بەز >تەسىرىنى بەردۇقمۇ؟ ياكى ساپاسى يۇقۇرى، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدىغان ، ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان، روھى ساپ، ھېسسى ئامىللىرىدىن ئەقلى ئامىللىرى
ئۈستۈن تۇرىدىغان ، مىجەز خاراكتىرى ئېغىر ۋەزىنلىك ئايالنىڭ تەسىرىنى بەردۇقمۇ؟ ياكى ئۇلارغا تۈلكە جىننىڭ تەسىرىنى بەردۇقمۇ ۋە ياكى خاسلىقىمىز، ساپايىمىز، ئەقلىمىز بىلەن ئۇلاردا ھورمەت تۇيغۇسى
پەيدا قىلالىدۇقمۇ؟ ئۇلارنى گەپ-سۆزىمىز بىلەن قايىل، مايىل قىلىپ بىزدىن رىغبەت ئالىدىغان، بىزدىن
تەپ تارتىدىغان، بىزدىن سۆيۈنىدىغان، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا مەسلىھەت ئالىدىغان، تەسىر
بېرەلىدۇقمۇ يوق؟
مانا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى، بىزنىڭ ھەر-بىر ئېغىز سۆزىمىز، يۈرۈش-تۇرۇشىمىز، كىيىنىشىمىز،
قىسقىسى بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزدە ، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەرنى،ئائىلىنى، پەرزەنتنى ، مۇشۇ كىچىك بىرلىك ئارقىلىق جەمىيەتنى ، جۈملىدىن دۇنيانى ،ئۆز مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن رەڭلەرگە تولدۇرۇپ، ئىللىتىپ، ئۆز گۈزەللىكى بىلەن ئىنسانىيەت قەلبىنى نازۇك
تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك ئاياللار، ئانىلار! ھەر ۋاقىت ھەر زامان قەدىر-قىممىتىمىزنى ساقلايلى،
ئەڭ يوقۇرى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدا تۇرۇپ يۇقارقى سوئاللارنى ئۆزىمىزگە قويايلى، ئەرلىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ غۇرۇرىنى پايخان قىلمايلى!
ئاياللار گۈزەل، ئانىلار ئۇلۇغ دغگەن مىلودىيەنى پاك ۋە گۈزەل ئەخلاقىمىز بىلەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرايلى!
چۈنكى بىز <ئايال>!.....چۈنكى بىز <ئانا>!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-23 12:26
|