ئىگىسى: umidwar

‹سابا لوڭقىسى›پۇتبول مۇسابىقىسى نەق مەيدان فىلىمى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13396
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
87
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-3
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 21:29:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۆمۈنجان ئابلكىم ئەمدى ياخشى ئىشلارىنى قىلشقا باشلاپتۇدە ..بۇ ئاكا -ئۇكا قېرىنداشلىنىڭ ناخشلرىنى بەك ياقتۇرىمەن ....

UID
11145
يازما
54
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1044
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:16:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىلى  شىنجاڭدا پۇتبول قىزغىنلىقى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى بولدى دىيىشكە بولىدۇ،ئەلكۈيى تورىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگو بىرلەشمە ب دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلىش،خەلق نەزىرىگە چۈشكەن ھەرقايسى پۇتبول  ئەزىمەتلىرىنى ئەلكۈيى زىيارەت فىلىملىرى ئارقىلىق بىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ، چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى ،بۇ يەردە مەن پۇتبول تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى  ئاتىغان ئەلكۈيى شىركىتىگە ، ھەر بىر ئەلكۈيى خىزمەتچىسىگە ئالدى  بىلەن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.تىرىشچانلىقىڭلار توختاپ قالمىسۇن.
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ سەنئەت ساھەسىدەىلا ئەمەس،مائارىپ،ئىلىم مەرىپەت ،كىشىلىك ئالاقە شۇنداقلا ئەخلاقى پەزىلىتى جەھەتتىكى ئادەم ئۈلگە قىلغۇدەك ئالاھىدىلىكىنى كۆرىۋاتىمىز،ئاڭلاۋاتىمىز،بۈگۈنكى شەرەپلىك ئىشىغا كەلسەك مەن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم،بۇ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىلا ئەمەس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ ھەر دائىم يار بۇلىدىغان پۇرسەت ئەمەس.داڭلىق چولپانلارنىڭ بالىلارغا پۇتبول قىزغىنلىقى ،تىرىشچانلىق ھەقققىدە مەدەت بىرىشى،داڭ قازانغان پۇتبول  چولپانلىرىمىزنىڭ بالىلارغا قانداق قىلىپ ياراملىق پۇتبول ئەزىمىتى بولۇپ يىتىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدە بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرىشى بەلكىم سەبى قەلبى يۈكسەك ئارمانلارغا تولغان كىچىك ئۆسمۈرلىرىمىز قەلبىدە كەلگۈسى بىر گۈزەل ئارزۇ - ئۈمنىد ئويغىتىشى مۇمكىن.شۇڭابارى،ئابدۇۋەلى،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم...قاتارلىق ھەرقايسى پەخىرلىرىمىزەە رەھمەت ئېيتىشقا،.خەلق بىلەن ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق يېقىن تۇرۇشقا ئۈندىشىمىز ھەقلىق دەپ قارايمىز.
خوش ئۇنداقتا خەلق قەلبىدە پەخرىمىز،ئەزىمىتىمىز دەپ نام ئالغان بارى،ئابدۇۋەلى قاتارلىق پۇتبول چولپانلىرىدىن توپنى ياخشى ئوينىغانلىقى،ئىچكىرىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىپلا ئولتۇرامدۇق ياكى ئۇلارغا ئازراق تەنقىد بىرىشنىمۇ مۇۋاپىق كۆرەمدۇق دېگەن مەسىلە مىنىڭچە ئوزۇندىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوي _خىيالى بۇلىشى مۇمكىن.شەخسەن ئۆز ھىسياتىم بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا بارى ۋە ئابدۇۋەلى ھەققىدە مەن ئاڭلىغان گەپ سۆزلە بەزى چاغلاردا مىنىڭ كۆڭلۈمنى تۇلىمۇ يېرىم قىلىدۇ.بارى ئادەتتە خەنزۇچە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ بەس- بەستە ئكز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدىكەن.ئەمما ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىۋىزىيە تور قاتارلىق ھەرقايسى تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارتىىنى قوبۇل قىلغاندا ئادەتتە ئىنتايىن ئاقسا، ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيەسى يوق،ئىككى ئېغىز گەپنى ئوڭشاپ دىيەلممەيدىغان تىپتىكى ئادەملەرگە ئوخشاپ قالىدىكەن،تەلەي يۇلتۇزىغا ئۇنى تەكلىپ قىلغاندىكى تېلىۋىزىيە زىيارىتى،توردىكقى بىر قىسىم زىيارەتلەر شۇنداقلا مۇشۇ فىلىم ئىچىدىكى بۇ ئىككى ئەزىمىزتىمىزنىڭ قېلىق ، ھەركەتلىرى بۇلارنىڭ كەمچىلىكىنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى اسانلا ھىس قىلالايدۇ.
ئېھتىمال بارى مەن جۇڭگو خەلقى خېلى بىلىدىغان داڭدار پۇتبول چولپانى دەپ ئۆزىگە تەمەننا قۇيىشى ۋە ياكى ئۇنىڭ ئەسلى مىجەزىدە بىلىم ساپاسى تۆۋەن،پەقەت پۇتبول ساپاسىلا قابىلىيتى بار بۇلىشى مۇمكىن،ئەمما ئۇ مەيلى ئۆزىنى قانداق ئويلىسۇن ئۇ ھازىر مىللى كىملىكى ئۇيغۇر ،سالاھىيتى پۇتبول چولپانى دەرىجىسىدىكى بىر داڭلىق شەخس،بۇ يەردە مەن بارىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئازدۇر- كۆپتۇر ئۆز مىللىتىنى ، خەلقىنى ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ نۇپۇز جەھەتتە تۆۋەن كۆرىدىغان روھى بار دەپ قارايمەن،خەلق كۆتۈرۈشنى بىلەەن بارىنى تاشلىۋېتىشنىمۇ بىلىدۇ.شۇڭا بارى ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان،تاراتقۇلار ۋە خەلق ئالدىدا قېلىقسىز ھەركەت چىقىرىدىغان،ئكككى ئېغىز ئۇيغۇرچىنى ئوڭشاپ دىيەلمەيدىغان يامان خۇيىنى ئۆزگەرتىشى كىرەك.بارىنىڭ قېلىقسىز ھەركەتلىرىنىڭ شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىدا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئابدۇۋەلىگىمۇ يۇقىۋاتقانلىقىغا قاراپ مەن سونۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دېگەن سۆزگە ئىشەنگەندەك بولۇپ قالدىم.بارى سىز بىزنىڭ پەخرىمىز ئەمما پەخرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا سىز ئۆزىڭىزنى ساپاسىز،قالاق تىپتىكى ئادەملەر قاتارىدا كۆرسەتسىڭىز بولمايدۇ.سىز ئانچە مۇنچە گەپ قىلىشنى،ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىكى جاسارەتنى ئۆزىڭىزدە جارى قىلدۇرۇڭ،خىنىم مىجەز ، بالاڭزا مىجەزىڭىزنى تاشلاڭ،سىزنى ئەركىلەتكەن خەلقىڭىز بۇنداق مېڭىۋەرسىڭىز سىزنى ساۋاقداپ قويمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق،بۇ ئۇچۇرنى بارى ،ئابدۇۋەلى ھەم مۇناسىۋەتلىك پۇتببولچى،بىر قىسىم سۆز قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ياخشى ھەزم قىلىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن.

UID
29798
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 13:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قېتىمقى سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئويۇشتۇرغان پائالىيتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم . پائالىيەت مەيلى قەيەر ، مەيلى قاچان ، مەيلى كىم ئويۇشتۇرغان ، مەيلى كىملەر قاتناشقان بولسان بۇ بىر ئەھمىيەتلىك ھەم ماختىغۇدەك ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپتۇ . مۇمكىن بولسا « سابا » لا ئەمەس قۇربىتى يار بەرگەن كارخانا ، ئىدارە - ئورگان قاتارلىقلارمۇ مانا مۇشۇلارغا ئوخشاش ئەمەلىي ھەركىتى ئارقلىق دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن كۆپرەك ئېلھام ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ھەرخىل پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان تېلىۋىزور ۋە ئەلكۈيى تورى ئارقلىق خەۋەردار بولىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ئويۇشتۇرۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ سەرخللىقىغا قاراپ قورۇلغىلى ئۇزۇن بولغان ئۇرۇن دەپ ئويلاپتىمەن . تېخى بۇلارغا ئىككى يىلمۇ بولماپتۇ . بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن « ئۆسمۈرلەر رەسساملىق ۋە خەتتاتلىق مۇسابىقىسى » خەۋىرىنى كۆرۈپ مەنمۇ پەرزەنتىمنى سابانىڭ رەسساملىق سىنىپىغا تېزىملىتىش ئۈچۈن ئالاقىلاشسام ئۇلاردا رەسساملىق تەربىيلەش سىنىپى يوقلىغىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت بولسا بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر مەيدان سەھنە ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدىم . بەلكىم بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن . سابانىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

UID
15385
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-29
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 17:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ،ئاللا مۆمىنجانغا تېخىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلغاي.

UID
47582
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 19:44:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ ! ئابدۇللا ئاكىمىز،ئابلەت، مۆمىنجان ئاكىللىرىمىز ،ۋە ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئاكىللىرىمىز، مۇشۇنداق ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى تارقىتىۋاتقان شىنجاڭ تىلۋېزىيە ئىستانسىدىكى ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق ئاكىللىرىمىز چارچاپ قاممىسۇن!ئۇلارغا كۆز تەگمىسۇن  !!  ھارمىغايسىلەر بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن !!  

UID
31250
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 19:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابا مەرىپەت مائارىپ تىل  تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ  پارلاق ،  تېخىمۇ  گۈللۈنۈپ، كېتىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !!!

UID
48199
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 00:04:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن جەنۇبتىكى يىراق يېزا مەكتىپىدىن ئۈرۈمچىگە قوش تىلدا تەربىيلىنىشكە كىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا 19-مەكتەپتە پىراكتىكا قىلىپ ،بۇ قېتىمقى سابا پۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا نەق مەيداندا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ، مۆمىنجاننىڭ « ئويغۇر دىگەن مۇشۇنداق »دىگەن ناخشىسىنى ۋە ئابلەت ئاكىمىزنىڭ ئيتقان ناخشىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناخشىغا جۆر بۇلۇپ ساماغا چۈشكىنىنى كۇرۈپ ھاياجانلانغىنىمدىن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمدىم ، ئۈزۈمنىڭ ئويغۇر بۇلۇپ قالغىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ، مەن فىلىمدىكى ئۈزۈمنى كۈرۈپ بەك خۇشال بولدۇم ، ھازىر بۇ مۇسابىقىنى كۈندە تۇللۇق كۈرىۋاتىمەن ، لىكىن كۆڭلۈم يېرىم بولغىنى قايسى بىر ئەزانىڭ دىگىندەك ئىككى پۇتبۇل چولپىنىمىزنىڭ كەلگـۈسىنىڭ ئۈمۈدلىرى بولغان شۇ ئۇماق باللارغا ئىلھام بولغىدەك ئىككى ئېغىز گەپ قىلالماي ئۈزىنى چۈشۈرۈشى ئاشۇ نەق مەيداندىكى مەن ۋە باشقا بارلىق ئويغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى دەپ ئويلايمەن ، ھەقىقەتەن بالىلىقىنى تاشلىماپتۇ ، بۇ پۇتبۇل چولپانلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئۈزىدىكى كەمچىلىكىنى تۈگىتىپ ئۈزىنىڭ كىملىكنى ئۈنتۇپ قالماسلىقىنى ، ئويغۇرلارنىڭ پۇتبۇل ئويناشتىكى ئارتۇقچىلىقنى جۇڭگوغا دۇنياغا تۇنۇتۇشىنى ئۈمدى قىلمەن .

UID
48244
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 22:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ ئېسىمدە: باشلانغۇش مەكتەپ ۋاقلېرىمدا تۇپا مەيداندا يۈز-كوزلۈرۈم ،كىيىملېرىمنىڭ مەينەت بۇپكەتكىنىگە قارىماي ئۇينايتتىم.ئۇ چاغلادا نەدە بۇندا مۇسابېقىلەر .......ھازىر نىمىدىگەن ياخشى!!!
چولپانلېرىمىزگە ئاپىرىن!!!!!!!!بۇندىن كىيىنكى ئىشلېرىڭلا تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن!!!!

UID
48223
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 23:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىگىتنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى نېمىگەن ياخش ىفىلىمنى كۆرۈپ بىرخىللا بوپ قالدىم ، بارى بىلەن ئابدۇۋەلىنى خەق ھۆرمەتلەپ تەكلىپ قىلسا چوڭلارنىغۇ كۆزگە ئىلمىسۇن ، ئاۋۇ كىچىك قارا كۆزلەرنىڭ ئۆزىگە ئامراقلىقىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئىككى ئېغىز ئوغاۋالىدەك گەپمۇ قىلالماپتۇ... نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ، پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىز خەنزۇ تېلۋىزورلىرىدا سۆزلىگەن گەپلىرىنىڭ چارىكىنى بولسىمۇ مۇشۇنداق ئۇيغۇرلار ئالدىدا دىسە نىم بولاتى

UID
48223
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 23:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش