تۇنجى نۆۋەتلىك <<سابا لوڭقىسى >>باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس فىلىمى

2012-يىلى ئوغۇز ئېيىنىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كىيىن ، سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى 2012-يىللىق <<سابا لوڭقىسى >>باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپتە داغدۇغىلىق ھالدا باشلاندى.سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر قايسى جەھەتلەردە تالانت ۋە ئىقتىدارى بار ياشلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ، لېسكسىيە ، سەنئەت ، ساياھەت لاگېرى ، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرىستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ھەر يىلى <<سابا ناۋاسى >>سەنئەت كېچىلىكى ،<<سابادا شادلىق مىنۇتلىرى >>پىروگىراممىسى ،<<سابا لوڭقىسنى تالىشىش >>گۈزەل -سەنئەت -خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەنىدى .
سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇش ئىسىتىكىدە <<سابا لوڭقىسى >>2012-يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى تەشكىللەپ،دىيارىمىز بالىلىرىنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا ياخشى مەدەت بىرىدىغان،ئىلھام بولىدىغان بىر كاتتا پۇرسەتنى تەمىن ئەتتى.ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارنىڭ ئەل سۆيگەن ناخشىچى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە سابادىكى ھەرقايسى ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار تەييارلىغان بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتىنى تورداشلارغا خەۋەردار قىلىش ، ھەرقايسى پۇتبول سۈيەر پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ پۇتبول ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تورداشلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ تولۇق ئەھۋالىنى سۈرەتكە ئېلىپ ھەمدە بىر قىسىم تەپسىلاتلار بىلەن مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ ئەلكۈيىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا مۇناىسۋەتلىك رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ...

رەئىس سەھنىسىدىن كۆرۈنۈش

رەئىس سەھنىسىدىن كۆرۈنۈش

رەئىس سەھنىسىدىن كۆرۈنۈش

ئوقۇغۇچىلار ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار ۋە پۇتبول چولپانلىرىنى ئورىۋېلىپ بەس-بەستە ئىمزا قويدرۇماقتا
ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تىلەك سۆزلىرىنى بىلدۈرمەكتە

رىياسەتچى ئىسھاق سولايمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرغۇچىسى ، ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىمئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتاقلىق كومپىزوتور،ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىم ئورۇنلىغان ساما ناخشىسىغا ساما سالماقتا


ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىماقتا

ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت نومۇرلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر..

مۆمىنجان ئابلىكىم جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ چاقنىغان پۇتبول چولپانلىرى ھېسابلىنىدىغان دىيارىمىز ئوغلانلىرى بارى مۇھەممەدئەلى ۋە ئابدۇۋەلى قاتارلىق پۇتبولچىلىرىمىزدىن سۇئال سورىماقتا

11-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 -باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى .ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى يارقىن يۇلتۇز سانىلىدىغان خەلقىمىزدىن يىتىشىپ چىققان پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزدىن بارى ، ئابدۇۋەلى ، شۇنداقلا ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ، ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئاتاقلىق كومپىزوتور ،ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىم ، سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم شۇنداقلا پۇتبولسۈيەر كارخانىچى يۈسۈپ ئىمىن ۋە دىيارىمىزدا نام قازانغان بىر قىسىم پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ تىرىنىرلىرى ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلارنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا بالىلارنىڭ پۇتبول ئىشقىنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشىلىرى،داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆسمۈرلەرگە پۇتبول ھەققىدە بەرگەن تەلىملىرى ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى.ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ داغدۇغا ئېچىدە ئۆتكۈزىلىشىگە ئەگىشىپ مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى.تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى پۇتبولچىلىقمىزنىڭ پەخرىي يىگىتلىرى بارى بىلەن ئابدۇۋەلى باشلاپ بەردى .

ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاد-خۇراملىق مىنۇتلىرى


سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرغۇچىسى ، ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم،پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزدىن بارى مۇھەممەدئەلى،ئابدۇۋەلى بىرگە





سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرغۇچىسى ، ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ئەلكۈيى تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى ئەلكۈيى تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئەزىمەتلىرىمىزدىن بارى،ئابدۇۋەلى باشلاپ بەردى
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سىنىپلار ئارا مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئالدىنقى ئۈچ كوماندا سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى تەمىنلىگەن مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىندىغان بولۇپ،مۇسابىقە ھەر كۈنى تۈركۈملەر بويىچە ئوينىلىپ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندا يېپىلىش مۇراسىمىدا ئالاھىدە مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىنىدىكەن.



ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى،مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى ئىسھاق سۇلايمان،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ باش دېرىكتورى سەمى ئابلىكىم، سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى جۈرئەت مۇئەللىم قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەمەتجان ئۈمىدۋار،پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزدىن بارى مۇھەممەدئەلى،ئابدۇۋەلى بىرگە

سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىن مەردان ئابلىكىم ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار



ئەلكۈيى تورى ئەل سۆيگەن ناخشىچى،مەرىپەتپەرۋەر ياش مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈنلا تىرىشىپ قالماستىن،خەلقىمىزنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ چىقارغان زور تىرىشچانلىقىغا چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ شۇنداقلا تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن <<سابا لوڭقىسى>>نىڭ تېخىمۇ جۇلالىنىپ،بۇنىڭدىن كىين دىيارىمىزدىكى ھەممەيلەن ئىنتىلىدىغان پۇتبول مەيدانىدىكى جۇلالىق مۇكاپاتلارنىڭ،يارقىن سەھنىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى(ئوغۇز ئېيىنىڭ 14-كۈنى)