تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: layli0323

ئەلكۈيىگە ئۆزىڭىز ئامراق ناخشىنى يېزىپ قويۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئاز بولساڭمۇ ، س

UID
2379
يازما
72
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2482
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-23
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 14:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمىگەن كىم بار

ئەجەل خازان ئەتمىگەن كىم بار
بۇ پەللىگە يەتمىگەن كىم بار
مەيلى شاھ بول ۋە ياكى گاداي
بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار

كىمگە نۆۋەت قاچان قايسى كۈن
ئەجەل كىلۇر چىقارماستىن ئۈن
ئۆچكەن كەبى ئوچاقتا تۈتۈن
بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار

ئاتا قىلىپ كەتتى بالىسى
قالدى تالاي ئىشنىڭ چالىسى
ئەزدى دىلنى ئاچقان ھازىسى
بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار

مەيلى گۈل بول ۋەياكى تىكەن
جان تىنىڭدە ئامانەت ئىكەن
بىخۇتلۇغۇڭ نادامەت ئىكەن
بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار

مۇزلىغان يۈرەك

ئاڭلىغۇم بار دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن
يېقىن تۇرۇپ تىنىقىڭنى نىدالىرىڭنى
يىراقسەنكى شۇنچە يىراق لىكىن نەپسى
ئۇرۇلىدۇ جۇغۇلدىتىپ مۇزدەك تىنىمنى

كىچەلەردە ئاڭلىنىدۇ سىنىڭ ئۈنلىرىڭ
دەرىزەمدىن كىلەر ئۈنسىز شىۋرىغان بىلەن
چۈشلىرىمدىن ئويغىنىمەن چۆچۈپ گاھىدا
مۇزدەك جىسمىڭ توڭلاتقاندا ئاھ قەيەردە سەن

چىرايىڭنى ھېچقايەردە ئۇچرىتالمايمەن
شىۋرىغانلار ئارىسىن ئىزدەيمەن پەقەت
ئارىلاشقان چىھرىڭ مەھكەم قار ئۇچقۇنىغا
كۈۋەجەيدۇ مۇزدەك سوغۇق ئاچچىق مۇھەببەت،

قېرىنداش بىز

قېرنداش بىز چىن قېرىنداش بىز
بىر يىلتىز بىر ئانىدىن بولغان
قارا كۆز بىز قاپقارا قاش بىز
قېرىنداشلىق مىھرىگە تولغان

تەڭرى تاغدەك ئاتامنىڭ بەستى
كۆتۈرۈلمەس زادى ئىسىمدىن
كار قىلمايدۇ رەقىبلەر قەستى
تىترىمەيمىز ھەرچاغ بېسىمدىن

قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز
مۇھەببەت مىھرىگە تولغان
قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز
گۈزەل ئەتىگە يول ئالغان

پاك كۆڭلىمىز ئانام كۆڭلدەك
شۇنچە سۈزۈك شۇنچىلىك ئاپئاق
سىلەر ئۆچۈن ئالقاندا يۈرەك
شۇڭا ئاتقان سۇبھى تاڭغا باق

قېرىنداش بىز چىن قېرىنداش بىز
تاڭ قۇينىدا بىزنىڭ بەختىمىز
قارا كۆز بىز قاپقارا قاش بىز
ئاپئاق بولسۇن لىكىن بەختىمىز
ئا.............ئا............
قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز
مۇھەببەت مىھرىگە تولغان
قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز
گۈزەل ئەتىگە يول ئالغان


ئاياللار

ياراشقان نەرسە يوقتۇر باشقا
يىگىتكە ئەرلەرگە ئەرلىكتىن
ئاياللارغا خاس نازاكەتتۇر
ياسانماق ئۇپا ۋە ئەڭلىكتىن

قۇيۇپ يولۋاسلارنى تەڭلىكتە
يارالغان تۇرسا مەرىت مەردانە
شۇ ئەرخەقلەر لايغەزەل بولسا
كىشى ئۆلمەمدۇ بۇ تەڭلىكتىن

ئاياللار نازىنىن گۈللەرگە
ھەجەپ ئوخشاشتۇر چىرايلىقتۇر  
ئاشۇ گۈلدەك قەلبى گۈل بولماي
تاپار خارلىق سەتەڭلىكتىن

جاھان كەڭرى دىيىشكەن بىلەن
يۇلى ئايرىمدۇر ھەربىر ئىشنىڭ
چىقىپ يۇلۇڭدىن قادەم باسساڭ
قۇتۇلالمايسەن خەتەرلىكتىن.....

مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

UID
2748
يازما
47
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 16:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتىمەن سىنى ( ئارزىگۇل خېلىل )

تەشنالىق بىلەن كۈتتۈم بىر ئۆمۈر ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .
تەشنالىق بىلەن كۈتتۈم بىر ئۆمۈر ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .

يەتكۈدەك تارتتىم ئازاب ئۇقۇبەت ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .
يەتكۈدەك تارتتىم ئازاب ئۇقۇبەت ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .

ئاشىققا كۈتۈش يېرىم دىداردۇر ،
تەلمۈرگەن كۈزۈم ھەرچاغ بىداردۇر .
ئاشىققا كۈتۈش يېرىم دىداردۇر ،
تەلمۈرگەن كۈزۈم ھەرچاغ بىداردۇر .

ھەسرەت پىغانىم يەتتى پەلەككە ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .
ھەسرەت پىغانىم يەتتى پەلەككە ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .

ئىشقىڭدا سەرسان يۈرىمەن تەنھا ،
قالمىسۇن يۈرەك ھىجراندا داغدا .
ئىشقىڭدا سەرسان يۈرىمەن تەنھا ،
قالمىسۇن يۈرەك ھىجراندا داغدا .

ئايدىڭ كىچىدە ئاي ھەمرا ماڭا ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .
ئايدىڭ كىچىدە ئاي ھەمرا ماڭا ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .

سۆيگۈنىڭ بېغى بولغاندا بوستان ،
بولمىسۇن ماڭا مەڭگۈلۈك ھىجران .
سۆيگۈنىڭ بېغى بولغاندا بوستان ،
بولمىسۇن ماڭا مەڭگۈلۈك ھىجران .

ۋىسال ماڭا كۈلۈپ باققىچە ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .
ۋىسال ماڭا كۈلۈپ باققىچە ،
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .
كۈتىمەن يەنە كۈتىمەن سىنى .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا _ ئەپۇ قىلىش

UID
2748
يازما
47
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 16:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز   ( ئابلەت ئابلىكىم )

دادا !.. نورۇز بايرىمى دىگەن قانداق بايرام ؟..
ئوغلۇم !..... نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، تاجىك ، ئۆزبىك ، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى . ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 21 كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىدۇ ، بۇ قىش پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىپ ، باھار پەسلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ . ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇ كۈننى نورۇز بايرىمى قىلىپ تۈرلۈك ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر بىلەن  تەبرىكلەپ ، تەنتەنە قىلىپ كەلگەن .
ھە ....... چۈشەندىم دادا .
باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
مۇھاببەت ھەم ئىناقلىقنى ،
يۈرەكتىن كۈيلىگەن نورۇز .

نورۇز كەلدى باھار كەلدى ،
كەڭ دالىلار ياساندى ئۇز .
نورۇز كەلدى باھار كەلدى ،
كەڭ دالىلار ياساندى ئۇز .

ھايات قولماق قەلىبلەر شاد ،
يىگىت ئىشچان ۋاپادار قىز .
ھايات قولماق قەلىبلەر شاد ،
يىگىت ئىشچان ۋاپادار قىز .

باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
مۇھاببەت ھەم ئىناقلىقنى ،
يۈرەكتىن كۈيلىگەن نورۇز .

نورۇز باھار يىلنىڭ بېشى ،
يېڭى ھايات باشلايدىغان .
نورۇز باھار يىلنىڭ بېشى ،
يېڭى ھايات باشلايدىغان .
ئۈمۈد بىلەن مەنزىل تامان ،
قۇتلۇق قەدەم تاشلايدىغان .
ئۈمۈد بىلەن مەنزىل تامان ،
قۇتلۇق قەدەم تاشلايدىغان .
ئۈمۈد بىلەن مەنزىل تامان ،
قۇتلۇق قەدەم تاشلايدىغان .

باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
مۇھاببەت ھەم ئىناقلىقنى ،
يۈرەكتىن كۈيلىگەن نورۇز .

تەبىئەتتە ھەربىر گىياھ ،
كۆكلەم بىلەن بولدى غۇنچە .
تەبىئەتتە ھەربىر گىياھ ،
كۆكلەم بىلەن بولدى غۇنچە .
يىشىللققا تەشنا دىللار ،
نورۇز كىلىپ كۈلدى شۇنچە .
يىشىللققا تەشنا دىللار ،
نورۇز كىلىپ كۈلدى شۇنچە .
يىشىللققا تەشنا دىللار ،
نورۇز كىلىپ كۈلدى شۇنچە .

باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
مۇھاببەت ھەم ئىناقلىقنى ،
يۈرەكتىن كۈيلىگەن نورۇز .

باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
باھارنى چىللىغان نورۇز ،
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز .
مۇھاببەت ھەم ئىناقلىقنى ،
يۈرەكتىن كۈيلىگەن نورۇز .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
sarkarda + 50 تۇلىمۇ مول ئ ..
nafisa + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 70   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا _ ئەپۇ قىلىش

UID
2984
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 17:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت..سىزگە،،

اا

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
347
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10120
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 20:22:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھ ،ناخشا تېكىستى دىگەننى ياغدۇرۋېتىپسىلەرغۇ ،مەن سازلان ئەپەندى يوللىغان" بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار "ناملىق ناخشىغا قەۋەتلا ئامراق .ھەر بىر مىسرا يۈرەككە تېگىدۇ بۇ ناخشىنىڭ .

پاك تۇغۇلۇپ ،ئۇيقۇ بىلەن ياشاپ ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز .

كۆيۈمچان ئەزا

قاسىمجان

UID
3013
يازما
83
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3090
تىزىملاتقان
2010-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 21:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇشۇ.قارغاندا.مەنمۇ .يوللاپ قۇيسام بولغۇدەك.ياخشىكەن


خاتا ئىملا ئاستىغا سىزىپ قويۇلدى.
_ تەھرىردىن

يېڭى يۇلتۇز

ساپ ئەقىدە ئاز س

UID
2829
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 22:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن

ئۆتتى سەندە سەبىي چاغلىرىم ،
گۈلگە تولدى سەندە باغلىرىم .
بىرى ماڭا بەرسىمۇ جەننەت ،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن .

مەيلى خوۋلۇق كۆرمەي سېنىڭدىن ،
بېھۇدە دەرت تارتاي سېنىڭدىن .
ئەجەل شارابى ئېچەي سېنىڭدىن ،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن .

راھەت كۆرمەي قالاي جاپادا ،
مەيلى سەرسان بولاي تالادا .
مەيلى دۇچار بولاي بالاغا ،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن .

توختار سەندە ئاخىرقى نەپەس ،
ئۆزگە يۇرتقا قىلمايمەن ھەۋەس .
ئۆز ئىلىدىن كەچكەن ئەر ئەمەس ،
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

بىلىم باشقا ، ئەخلاق باشقا .

UID
2549
يازما
101
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3501
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-11
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 23:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 26قەۋەتتىكىsaturn يوللىغان 2010-06-19 22:53 غا قارتىلغان  :
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن

ئۆتتى سەندە سەبىي چاغلىرىم ،
گۈلگە تولدى سەندە باغلىرىم .
بىرى ماڭا بەرسىمۇ جەننەت ،
.......
ناخشا دىسە مۇشۇنى دىسە.......قەدرىنى بىلمەيدۇ دە ياش باللا جىق نەرسىنىڭ.....

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!

تىرىشچان ئەزا

سۇلايمانغا قالم

UID
2963
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1187
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قۇرۇق كىرمىدىم .<<سەرسان روھ>>نى ئالغاچ كەلدىم.

سەرسان روھ

بىر سەبىي ئىگىسىز يۈرەر تەمتىرەپ،
ھاياتتۇر ئانىسى،تىرىك ئاتىسى.
نىشانسىز،ماكانسىز يۈرەر تەلمۈرۈپ،
سارغايغان ياپراقتەك يۈرەك پارىسى.

بالىنىڭ قەلبىدە دادا بىر خۇدا،
ئانىلار قۇچاغى ھايات جەننىتى.
ئۇلاردىن ئايرىلغان پەرزەنت باغرىنى،
قۇمۇشتەك قورۇيدۇ قىسمەت-ھەسرىتى.

ئاتىسى بار تۇرۇپ يىتىم ئاتالسا،
ئانىسى بار تۇرۇپ تالادا قالسا.
بۇنىڭدىن ئېغىرراق ئازاپ بولامدۇ؟
بىر سەبىي قان ئۈچۈن يورۇق دۇنيادا.


مەخمۇت سۇلايمان ئورۇنلىغان.

UID
2225
يازما
8
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 09:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا كىيىك
مەخمۇت سۇلايمان
( بۇ چۈش ئەمەس ناملىق فىلىمنىڭ ناخشىسى )
كۆيدى جىسمىم كۈل بولۇپ،
پەقەت يۈرەك سەرسانە قالدى.
گۈلشىنىم بولدى خازان،
كىتەي يىراقلارغا ئەمدى.

كىلىدۇ يالغۇز كىيىك،
قانغا مىلەندى گۈل-گىياھ.
ئوۋچىنىڭ قانلىق ئوقى،
قىلغاچ نىگارىدىن جۇدا.

مەنزىلىم نەدۇر مىنىڭ،
ھىجران چۆلىدە قايمۇقۇپ.
بولسا چۈش كۆرگەنلىرىم،
كەتسەم ئىدىم بىر ئويغۇنۇپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش