تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: layli0323

ئەلكۈيىگە ئۆزىڭىز ئامراق ناخشىنى يېزىپ قويۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2748
يازما
47
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 17:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەڭ ياخشى بوپتۇ ، مەنمۇ ئۆزەم بىلگەنلىرىنى يوللىۋىتەي ئەمسە ........  

  نىگارغا سۆز  ( ئابدۇللار )

  قەلبىم سوراي ئۇنى ئاڭلىغىن ،
قايەرلەردە يۈرىسەن سەرسان .
سىرلىرىڭنى مەندىن يۇشۇرۇن ،
كۈمۈپ قويدۇڭ قەيەرگە پىنھان .

كەچكۈزدىكى سۇلغۇن يۇپۇرماق ،
سىرلىرىڭنى سۆزلىدى ماڭا .
سەن ئۆزەڭنى ئالدىماق بولۇپ ،
يالغان كۈلۈپ يۈرەمسەن يانا .

ئوڭاي ئەمەس يۈرەكتىن سۈيۈش ،
ئۇنتۇشمۇ ھەم شۇنچىلىك قىيىن .
خاتىرەڭدىن ئۆچۈرگەن بىلەن ،
يۈرەكىڭدە ئەسلەيسەن كىيىن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا _ ئەپۇ قىلىش

UID
2748
يازما
47
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 17:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىكىمنى بىللە ئېلىپ كەت ( مۆمىنجان ئابلىكىم )

گۈلۈم يىراق كەتمەكچى بوپسەن ،
يۈرەكىمنى بىللە ئېلىپ كەت .
شاتلىقىمنى تۇتىمەن يوللۇق ،
ئازابىڭنى ماڭا بىرىپ كەت .

يىغلاپ قالساڭ مەن قالاي يالغۇز ،
ياشلىرىڭنى تۆكمە كۈلۈپ كەت .
ئازابىڭنى ئۇنتۇشۇڭ مۆمكىن ،
ئۆچمىكى تەس سالغان ئوتۇڭنىڭ .

مەيلى كەتسۇن باغلاردىن باھار ،
شىرىن ھىدى كەتمەس بويۇڭنىڭ .
شۇ باغلاردا كۈتىمەن يالغۇز ،
كۆرمىسەڭمۇ مەيلى بىلىپ كەت .

ھەر تۈنلىرى سىنى ئەسلىسەم ،
چۈشلىرىڭگە كىرىمەن بەلكىم .
پەقەت ئويلاپ قويغىن سېغىنساڭ ،
ياكى مىنىڭ ئۆتۈلسە قەدرىم .

كەتكەن بىلەن كەچمىدىڭ بەلكىم ،
چىن سۆيگۈمنى بىللە ئېلىپ كەت ..
پاك سۆيگۈمنى بىللە ئېلىپ كەت .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا _ ئەپۇ قىلىش

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
921
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30170
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 17:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 10قەۋەتتىكىsipaya يوللىغان 2010-06-18 16:48 غا قارتىلغان  :

. ئوسمۇرلەر ئىيتىدىغان ( قوقو ..قوق   قوقو ...قۇق خوراز چىللايدۇ ....) دەيدىغان ناخشىلاردۇ شۇ .

ياق خانقىىز
مەن تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغاندا  ئابدۇللا نىڭ مۆمىنجاننىڭ ، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ  يەنە خەلىق ناخشىللىرنى خاتىرە قالدۇراتتىم .
ئۇ چاغدا مۆمىنجاننىڭ ۋىسال ئىشقى دەك بىر قاتار يىڭى ناخشىلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
ھازىمۇ مەن شۇ ناخشىچىلارنىڭ ناخشىللىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن .
قارغاندا سىز  قوقوقوق  دىگەن ناخشىلارنى يىزىپتىكەنسىزدە؟   ھى ھى ھى
چاق چاق ھە

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

UID
2748
يازما
47
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 17:34:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەللەي بالام   ( نۇرىمان ئابلەت )

||قوينىغا ئالدى سىنى بۇ كەڭ دىيار ئاللەي بالام ،||
||سەن بىلەن بولدى ئاناڭ شات بەختىيار ئاللەي بالام .||
||ئەلدە بار شۇنداق ئۇلۇق تەمسىل - ماقال ئاللەي بالام ، ||
||بولغۇسى بولسا ئوغۇل تاشمۇ خۇشال ئاللەي بالام .||

||سۈبھى بىلەن ئاچتىڭ كۆزۈڭ بۇلۇپ ئوغۇل ئاللەي بالام ،||
||ئېلىپ بىلىم خەلقىڭ ئۈچۈن قايتا تۇغۇل ئاللەي بالام .||
||نۇرغا تولغان بۇ زامان ياردۇر ساڭا ئاللەي بالام ، ||
||بەخىت ئىچىدە ۋىسالىڭ باردۇر ساڭا ئاللەي بالام . ||
ئاللەي بالام ، ئاللەي بالام ، ئاللەي بالام ، ئاللەي بالام .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا _ ئەپۇ قىلىش

UID
1950
يازما
34
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
390
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 17:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   ‹‹كەلگەندە ئۆلۈم باشقا››
                                        نۇرتاي ھاجى

                                        تويماي كېتىسەن دوستلار،
                                        بۇ ئالەمگە قېرىنداشقا.
                                        ئايرىلماي ئامالىڭ يوق،
                                        كەلگەندە ئۆلۈم باشقا.

                                        قەدرىڭنى بىلەر شۇ چاغ،
                                       ئۆچەر ئەپۇدا ھەربىر داغ.
                                       قالار بولسىمۇ ئالتۇن تاغ،
                                       كەلگەندە ئۆلۈم باشقا.
  
                                       بولساڭمۇ قەبىھ سۇلتان،
                                       ۋەياكى بىر رەھىمدىل خان.
                                       چارىسىز بېرەرسەن جان،
                                       كەلگەندە ئۆلۈم باشقا.

                                      ‹‹ يارغا مەكتۇپ››

                                    كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل يارىم،
                                   تاڭنا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق.
                                   ئۆمۇر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ،
                                   ياشلىق دىگەن بىزگە دائىم يوق.

                                    ئارىسىدا يىگىت قىزلارنىڭ،
                                    بۈگۈن كەلگىن ئەتە جايىڭ يوق.
                                    تەنھالىققا كۆنمەيمەن ئەمدى،
                                    ئۆتتى كۈنلەر ياندا يارىم يوق.

                                      تاڭنا كۆرۈپ تونارسەنمۇ دەپ،
                                      شۇندىن ئۆزگە مەندە ۋايىم يوق.
                                      كىرمەيمەن ئەمدى باغلارغا يالغۇز،
                                      جەننەتكىمۇ سەنسىز رايىم يوق.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
921
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30170
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 17:42:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىزار

ئايرىلىپ كەتتىڭ يىراققا،
تاشلاپ مىنى ئوت پىراققا .
ساڭا كۆڭگەن بۇ قەلبىمنى
چۈشەنمىدىڭ ،
يارمەندىن بىزار بولۇپسەن .
چۈنكى ئۆزگەيارنى سۆيۈپسەن ،
پىچاقنى ئىلىپ يۈرەكنى
يارغىدەك بولدۇم .
كىچە ھەم كۈندۈز ،
كۆز ئالدىمدا سەن
نىچۈن مىنى مۇنچە قىينايسەن ؟
(قايتارما )
چىن سۆيگۈمىزنى
خار قىلما ئايرىلىپ كەتمە
بىۋاپا بولما ،
ئۈمۈتلىرىمنى شامالدا ئۇچۇرۇپ ،
مىنى مۇنچە ئىنتىزار قىلما .
سەنسىز بۇ ھايات ئۆتمەيدۇ،
يۈرۈكۈم ھىجرانغا چىدىمايدۇ .
بولدى قىل ئەمدى مىنى قىيىىما ،
يۈرۈكۈمنى جان داغلىما .
دەردۇ ئەلەم تاغ بولۇپ باستى ،
ھىجران منى دار بولۇپ ئاستى .
پىچىرلاپ ئىيىتقان سۆزلىرىڭنىڭ ،
يوقمىدۇر راستى ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

UID
2869
يازما
28
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1299
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 20:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئائىلە كىشلىرى

قىزىلگۈلنىڭ بىرىسەن،مەنمۇ شۇنداق مەجنۇنتال،
سوراش ھاجەتسىز بىر-بىرىمىزدىن،ھەر ئىككىمىز ئۇخشاش باھار.
كۆركەم تاغنىڭ بىرىسەن، مەنمۇ سۈزۈك بىر دەريا،
سوراش ھاجەتسىز بىر-بىرىمىزدىن، تاغ-دەريادا ئۇخشاش سادا.
قايتۇرما:
ئائىلىمىز بىر  ئىلىمىز جۇڭگو ھەمىمىز بىردەك كۈيۈنىمىز تەڭ،
ئائىلىمىز بىر  ئىلىمىز جۇڭگو سۈيۈپ ئۈتىمىز بىر نىيەت بىلەن.

قىزىلگۈلنىڭ بىرىسەن،مەنمۇ شۇنداق مەجنۇنتال،
سوراش ھاجەتسىز بىر-بىرىمىزدىن،ھەر ئىككىمىز ئۇخشاش باھار.
كۆركەم تاغنىڭ بىرىسەن، مەنمۇ سۈزۈك بىر دەريا،
سوراش ھاجەتسىز بىر-بىرىمىزدىن، تاغ-دەريادا ئۇخشاش سادا.
قايتۇرما:
بوراندا يار-يۈلەك سەپەردە بىر دىل  بىزنى تاۋلايدۇ جاپا-مۇشەققەت،
ئائىلمىز بىر ئەقىدە چوڭقۇر كۈڭلىمىز ھامان سەمىمى نىيەت.
قايتۇرما:
ئائىلىمىز بىر  ئىلىمىز جۇڭگو ھەمىمىز بىردەك كۈيۈنىمىز تەڭ،
ئائىلىمىز بىر  ئىلىمىز جۇڭگو سۈيۈپ ئۈتىمىز بىر نىيەت بىلەن.

كۆركەم تاغنىڭ بىرىسەن، مەنمۇ سۈزۈك بىر دەريا،
سوراش ھاجەتسىز بىر-بىرىمىزدىن، تاغ-دەريادا ئۇخشاش سادا.
قايتۇرما:
ئائىلىمىز بىر  ئىلىمىز جۇڭگو ھەمىمىز بىردەك كۈيۈنىمىز تەڭ،
ئائىلىمىز بىر  ئىلىمىز جۇڭگو سۈيۈپ ئۈتىمىز بىر نىيەت بىلەن.
سۇغۇق سىنايدۇ چىن مۇھەببەتنى، بۈيۈك زىمىندا ياشايمىز بىردەك،
ھەممىىز قەلىبداش يىلتىزىمىز بىر دوستلۇق ئەقىدە  ئۇخشاش بىر يۈرەك.

ئازاد زامان

ئۈتتۇق قانچە ئۈتكەلدىن ئاشتۇق داۋان،
تىز پۈكمەي جۇدۇنلارغاماڭدۇق راۋان.
پۈركەندە ۋەتەن نۇرغا كەتتى پىغان،
يوقسۇلغا قۇچاق ئاچتى ئازاد زامان.

قانلار ئەجرىگە كەلگەن ئازاد زامان،
قەدىرلىك پەخرىمىز  ئا بىزنىڭ ئەي.
سىنى ئاسراش ئا..سىنى قۇغداش ئەي،
مۇقەددەس بۇرچىمىز بىزنىڭ دوستلار ئامان.

ئۈچ پەردە

دۇتتارىم ئونبەش پەردە،
باش پەردە يامان يەردە.
ئوينىغىلى قويمامسىز،
كۈڭلۈم خالىغان يەردە.

دەرت كىلەردۇ دەرت كىلەر،
دەرت كەلگەننى كىم بىلەر،
مىنىڭ تارتقان دەردىمنى،
ياراتقان ئىگەم بىلەر.

رابىڭنى ئال يايرىم،
بېرىپ چۆللەردە چال يايرىم.
مەنم،ۇ سەندەك مۇساپىر،
غېرىپ كۈڭلۈمنى ئال يايرىم.

دەرت-ئەلەملەر كىلىدۇ،
ئۇغۇل باللانىڭ باشىگە.
سايدا تۈگىمىنى چۆرگىلەر،
كۆزىدىن ئاققان ياشىگە.

ئاتۇشنىڭ يۇلى يامان،
تۇشۇيدۇ ئۇتۇن سامان.
نادان باللار بىلمەيدۇ،
ھەممىدىن كۈيەك يامان.

شەھەردە سايرىغان بۇلبۇل،
ۋاي مانا ئەمدى سايرىماس بولدى.
ۋاي ئەزەلدىن قارىغان دوستلار،
ۋاي مانا ئەمدى تۇنىماس بولدى.


تۆت پەردە

تۆت پەردىگە چالمايتىىم،
چالدۇرغان مىنىڭ يايرىم.
راس گىپىڭنى ئېيتساڭچۇ،
ھەجەپ قىينالدى بۇ جانىم.

كىچە ياتتىم غەم بىلەن،
كىرپىكلىرىم نەم بىلەن.
قاچانمۇ كۆرۈشەرمىز،
سۆيگەن يايرىم سەن بىلەن.

ئەتىگەندە كۆلچەكتە،
مۇز تۇتۇپتۇ ئەينەكتەك.
قاچانغىچە يۈرەرمىز،
كاككۇك بىلەن زەينەپتەك.

مودەنخان
يارىم بىلەن ئىككىمىز،
جىنىم...ۋاي خىنىمەي ئايارەي.
بىر مەلىدە چوڭ بولغان،
جىنىم ۋاي خېنىم مودەنخان.

باشتا ۋەدىمىز شۇنداق،
جىنىم...ۋاي خىنىمەي ئايارەي.
ئايرىلماسقا دوست بولغان،
جىنىم ۋاي خېنىم مودەنخان.

ئاق بوز ئاتىم

ئاق بوز ئاتىم ئاق بوز ئاتىم،
يايلىڭنى ئۇزات.
بۈگۈن كىچە يار قاشىگە،
يەتكۈزگىن بوز ئات.

بۈگۈن كىچە يار قاشىگە،
يەتكۈزسەڭ بوز ئات.
يۆگىنىڭنى ئىلىپ تاشلاپ ،
قىلىمەن ئازات.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 30 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

كۇڭلۈڭ كۈتۈرگەننى ئەمەس، ۋىجدانىڭ كۈتۈرگەننى قىلغىن!

UID
2042
يازما
155
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
5586
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 20:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە بىر دەپتەر بارمۇ نىمە...ۋاقىت چىقىرىپ ئىكاس شەكلىدە يوللاپ بىرەي

ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ياشاش قىيىلاشتى.

UID
2884
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 23:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يارىڭنىڭ تىكىستىنى تۇللۇق بىلمەيتىم رەخمەت سىز گە.




خاتا ئىملا ئاستىغا سىزىپ قويۇلدى.
_ تەھرىردىن

UID
2869
يازما
28
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1299
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 03:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەپسىز ئايرىلىش

ئۈتكەن ئىدۇق زەپمۇ خۇشال،
كۈنلەرىمىز شېرىن ئىدى.
لېكىن ئەمدى ئاشۇ كۈنلەر،
كەلمەسكىلا كەتكەن ئىدى.

سەۋەبسىزلا ئايرىلدۇقبىز،
نىمە سىر بار  بىلەلمىدىم.
ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ سەن،
سىنى پەقەت ئۇنتالمىدىم.

دىلدىن سۆيگەن نىگارىنى،
ئۇنتۇش بەكمۇ قىيىن ئىكەن.
شۇڭا سىنى ئەسلىسەملا،
يۈرەكلىرىم يىغلايدىكەن.

سەنمۇ ئەسلەپ قۇيامسەن يار،
بىرگە ئۈتكەن مىنوتلارنى.
زىمىستاندا بىرگە ئويناپ،
ئېتىشقانتۇق ئاپئاق قارنى.

ھىچ بىلمىدىم خىيالىڭنى،
مۇشۇنداقلا ئۇنۇتتۇڭمۇ.
مىنى بۇنداق تىز ئۇنتۇشقا،
سىنىڭ كۆڭلۈڭ قۇيغانمىدۇ.

سەندىن سوراي ئەي بىۋاپا،
ماڭا يالغان كۆيگەنمىتىڭ.
يۈرەكنى قان-زەرداپ قىلىپ،
ئايرىلىشقا يۈرگەنمىتىڭ.

مەن سىنىڭمەن دىگەنىڭنى،
ماڭا قاراپ كۈلگەنىڭنى.
ھەمراھ بۇلۇپ يۈرگەنىڭنى،
ئۇنتاي دىدىم ئۇنتالمىدىم.

مۇھەببەتكە كۆيگەن يۈرەك،
تەنھالىققا كۆنمەيدىكەن.
سىنى مەڭگۈ ئۇنتاي دىدىم،
لېكىن كۈڭلۈم قويمايدىكەن.
سىنى مەڭگەۈ ئۇنتاي دىدىم،
لېكىن كۈڭلۈم قويمايدىكەن.
يۈرەكلىرىم قويمايدىكەن.
مىنىڭ كۈڭلۈم قويمايدىكەن.

سەن كىتىپ

بۈگۈن ئەجەپ زامان بولدى سەن كىتىپ،
ھالىم بەكمۇ يامان بولدى سەن كىتىپ.
سەن ئىدىڭغۇ ھاياتىمنىڭ بارلىقى،
شۇڭا ئۈلۈم ئايان بولدى سەن كىتىپ.

سېغىناتتىم كۈندە كۆرۈپ تۇرساممۇ،
ئەنسىرەيتتىم يىراق يەرگە ماڭساممۇ.
يىراقلاشقاچ رىشتمىزدە ئارلىقمۇ،
دەرتلىرىمگە دەرت قۇشۇلدى سەن كىتىپ.

يازمۇ كەلدى پۇراپ ئەنە جىگدىلەر،
يارى بىلەنم يۈرەر باغدا ئۆزگىلەر.
غېرىپلىقتا ئتسە يازىم كۈز كىلەر،
ئارمانلىرىم خازان بولدى سەن كىتىپ.

دوستلىرىممۇ دەيدۇ مىنى يارى يوق،
كۆيگىنىمنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق.
ئامال قانچە بۇ ھەسرەتكە چارە يوق،
كۈندە ئەلەم جانان بولدى سەن كىتىپ.

سېغىندۇرۇپ قامىتىڭنى جەزبىدار،
بىرلا كىتىپ بۇلۇپ كەتتىڭ كەم دىدار.
ياقتىڭ ھېدىڭ دەشت كۈڭلۈمگە ئەي نىگار،
كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى سەن كىتىپ.

خەير جانان كەتسەڭ بىر كۈن كىلۇرسەن،
كۆيگىنىمنى ھامان  بىر كۈن بىلەرسەن.
كېرەك ماڭا ۋۇجۇدۇڭنىڭ پاكلىقى،
پاك ۋېسالىڭ ئارمان بولدى سەن كىتىپ.

مەشرەپ سەيناسى

بۈگۈن بىزگە قۇتلۇق كۈن،
تەشنا بۇلۇپ كۈتكەن كۈن  مۇبارەك.
راسلاپ سورۇن ساھىپخان،
ھەرياقتىن كىلىپ مىھمان تىلەپ تىلەك.

قۇلۇم-قۇشنا قېرىنداش،
ئۇرۇق-تۇققان كەسىپداش دوست-ئاداش
كەلدى بەس-بەستە يىتىپ،
ئوتلۇق سالاملار ئېيتىپ ئالدىراش.

مەرھابا مىھمان ،كەپسىز خۇيۇڭ ئوبدان،
كۈلسۇن دىدار غەنىمەت.
يۈز كۆرۈشكە كۈندە ،بولسۇن ھەمراھ بىزگە،
كۈلكە شادلىق ۋە ئامەت.

نەغمە-ناۋا باشلاپ،غۇلاچلار تاشلاپ،
چۈشۈڭ ئۇسۇل ساماغا،
تازا ئويناڭ بىر پەس،دەسسەپ مەزمۇت چەبدەس.
قۇرايلى بەزمە راسا.

كۈڭۈللەر كۈلسۇن  گۈلگە تولسۇن ،
مەشرەپ سەيناسى.
بېرىپ شادلىق بىزگە،يەتسۇن پەلەك كۈككە،
نەغمە ناۋاسى.

ھەر ياقتا ياڭرار كۈلكە،خۇشاللىق قىلار جىلۋە.
سالدىم نەزەر،
مەشرەپ بىزگە بىر مەكتەپ،ئۈگىتىدۇ ئەدەب-ئەخلاق
دىللار كۈلەر.

مەشرەپ ئۇ بىر چوڭ سەينا،
تەلىم بېرىدۇ ساڭا ماڭا بارچىگە،
ئۈگىتەر بىزگە پەزىلەت،
ئۇندىن تاپىمىز ئىززەت ئالەمچە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 20 ئەجرىڭىزگە ر ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

كۇڭلۈڭ كۈتۈرگەننى ئەمەس، ۋىجدانىڭ كۈتۈرگەننى قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش