- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-27
- UID
- 39949
- يازما
- 14
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-27
- توردا
- 19 سائەت
|
(ھىكايىنىڭ داۋامى)
ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكەن تۆت كۈن
2- كۈنى تاڭ سەھەر!....
ناماز بامداتتىن كېيىن اللەدىن ئائىلىمىزگە بەرىكەت، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن سالامەتلىك تىلەپ دۇئا قىلىپ بولۇپ، نېمىشقىكىن جاينامازدىن تۇرۇپ كەتمەي بىردەم خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم. ئايالىم بىلەن ئىككى ئوغلۇم (ئۈچىنچى ئوغلۇم بەش ياشقا كىرگەن بولغاچقا ئۇ تېخى ناماز ئۇقۇمايتتى) نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا، ئەتىگەنلىك شىرىن ئۇيقۇسىنى باشلىغان ئىدى. راستىنى دېسەم نامازدىن كېيىنكى روھى ئاراملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئولتۇرۇپ، جىمجىتقىنە خىيال سۈرۈش ماڭا نېسبەتەن تولىمۇ ھوزۇرلۇق بىلىندى. خىيالىمدا بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ھېيىتنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتىم. بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە كىم-كىملەرنى يوقلاش، كىم-كىملەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيتلاپ بېرىش، كىمنىڭكىگە بالدۇر، كىمنىڭكىگە كېيىن بېرىش لازىملىقى قاتارلىقلارنى خىيالەن رەت-تەرتىپكە تۇرغۇزدۇم. مەن ئۆيلىرىگە ھېيتلاپ بېرىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغانلارنى مۇنداق تۆت تۈرگە ئايرىدىم: بىرىنچىسى: تاغا-ھاممىلىرىم، ئىككىنچىسى: ئۇستازلىرىم، ئۈچىنچىسى: مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم، كەسىپداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ۋە يىقىن ئارىلىشىپ بىللە ئۆتۈۋاتقان دوستلىرىم، تۆتىنچىسى، ئوقۇغۇچىلىرىم؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ھىچقايسىسىنى بىر-بىرىدىن تۆۋەن ئورۇنغا قويالمايتتىم. ئۇلار ئەتراپىمدا خۇددى پۇختا سېپىلدەك مېنى چۆرىدەپ تۇرغاچقىلا مەن ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى ساقلاپ، بوران-چاپقۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماي ياشاۋاتقان ئىدىم. ئوچرىمىدىم ئەمەس، ئۇچرىدىم. ھاياتىمدا بىر قانچە قېتىم بوران-چاپقۇنلارنىڭ دەھشەتلىك زەربىسىگە ئۇچرىدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك نەسىھەتلىرى، دۇئا-تىلەكلىرى، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ياردەملىرى، مەندىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرى مېنىڭ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلىشىمگە تۈرتكە بولدى. شۇڭا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنى يوقلاش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇلارنى ئويلىغانسىرىم خىيالىمدىن ئۆزۈممۇ خۇشھال بولۇپ قالدىم. چۈنكى، مەن اللە بەلگىلىگەن بۇ ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە توغرا تاللاشقا ئىگە قىلىنغان ئىدىم.
ئىلگىرىكى يىللاردا مەن كىچىكىمۇ ياكى ئەقلىم كىچىكىمۇ بىلمىدىم، مەسىلىنى بۇنداق ئىنچىكىلىك ۋە نازۇكلۇق بىلەن ئويلاپ باقىمىغان ئىكەنمەن. راستىنى دېسەم ئالدىنقى يىلدىكى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا سىرتتا بولغاچقا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاپ بارالمىغان ئىدىم. ئۇلار مەن ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدى، نېمىلەرنى دېيىشتى، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئەمما، بۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۇم يىرىم بولۇشقا باشلىدى. مەندە ئۇلارنىڭ ئەجرى بەك كۆپ ئىدى.
تاغا-ھاممىلىرىم –ھەممىسى- ماڭا ئامراق ئىدى. مېنى ياخشى كۆرەتتى. مېنى «بىلىم ئىگىسى» دەپ چوڭ كۆرەتتى. ئازاپ ۋە قىينچىلىقلارغا يولۇققىنىمدا ماڭا زور تەسەللى ۋە ئىلھاملارنى بەرگەن ئىدى. ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ ياش تۆككەن ئىدى. دادام بىلەن ئانام خىلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، ئۇلار مېنى ئۆز بالىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، «بالام» دەپ ئاتايتتى. مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئازاپلارنى ئۆزىنىڭ ئازابىدەك كۆرسە، مېنىڭ ئۇتۇقلىرىمنى ئۆزىنىڭ ئۇتۇقى بىلىپ، مەن ئۈچۈن خۇشھال بولۇشقان ئىدى.
ئۇستازلىرىممۇ ماڭا بەكلا كۆيۈنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن مەن بۆگۈنكى «مەن»گە ئايلىنالىغان ئىدىم. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۇستازلىرىمنى رەنجىتكەن، خاپا قىلغان، ھەتتا كۆپ قېتىم ئۇلارنى چېچىلدۇرغان ئىدىم. ئەمما، ئۇلار مېنىڭ ھامان بىر كۈنى كامالەتنىڭ مۇشۇ پەللىسىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئالدىن بىلگەندەك مېنى يانلىرىدىن قوغلىماي، مەندىن نەسىھەتلىرىنى ئايىماي پەپىلەپ ئۆستۈرگەن ئىدى. ياخشى ئوقۇيالمىسام، ياخشى يازالمىسام كەمستمەي، تۆۋەن كۆرمەي ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان، قايتا سىناپ بېقىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئۆزىنىڭ پىيادە يول يۈرۈپ، قاتتىق نان غاجاپ ئوقۇغانلىرىنى تەمسىل قىلىپ ئىرادەمنى تاۋلىغان ئىدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! دوستلىرىم ھەققىدە ئازىراق سۆزلەشكە رۇخسەت قىلغايسىز!.....
مەن دوستىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى زور مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قەدىرلەيمەن. چۈنكى، بىزنىڭ دوستلىقىمىز تامادىن، شەخسى مەنپەئەتتىن تامامەن خالى بولغان غەرەزسىز دوستلۇق ئىدى. مەيلى ئەينى يىللاردا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم بولسۇن ياكى ھازىر خىزمەتتە، كەسىپتە ۋە جەمئىيەتتە بىللە يۈرگەن دوستلىرىم بولسۇن ھەممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇئەييەن پرىنسىپنى دوستلۇقنىڭ ئاساسى قىلىۋالغان ئىدۇق.
قانداق پرىنسىپ دەپ سوراۋاتامسىز؟
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش پرىنسىپى، ئەقىدە ۋە ئەخلاق پرىنسىپى، ھەقنى ۋە سەبرىنى تەۋسىيە قىلىش پرىنسىپى، دوستلۇقنى قەدىرلەش پرىنسىپى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياش پرىنسىپى ئىدى. ئەقىدە ئاساسىغا ئەمەس، ئەكسچە مەنپەئەت ۋە تاما ئاساسىغا قۇرۇلغان دوستلۇقنىڭ ئۆمرى ھامان قىسقا بولاتتى. ئۆزى ئۈچۈن ساغلام بىر ئەقىدىنى ئوزۇق قىلمىغان دوستلۇق ھالاكەت ۋە پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
مەن خىلىدىن بىرى بۇ ھېيتتا باشقا كىشىلەرنى چالا قويساممۇ، ئەمما، ئوقۇغۇچىلىرىمنى ھەرگىز چالا قويماي، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە تولۇق ھېيتلاپ بارىمەن دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك بىر ئورۇنغا ئىگە ئىدىم. ھەر بىر ئىشتا ئۇلارغا ئېغىزىمدا قۇرۇق گەپ قىلىشتىن كۆپرەك ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆلگە بولۇپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە كىرەكلىك ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقسامكەن دەپ ئويلايتتىم.
ھېلىمۇ ناھايتى ئېنىق ئېسىمدە، مەن ئوتتورا تېخنىكۇمدا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا بىزنىڭ بىر ئۇقۇتقۇچىمىز بار ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىدى، ھەر بىر ئىشنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. سەمىمىي تەربىيە بېرەتتى ۋە نەسىھەت قىلاتتى. بىر كۈنى چۈشتە پىشىن نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ چىقىۋاتسام، توساتتىنلا ئۇ مېنى چاقىرىپ قالدى. قارىسام ئۇ مەيداننىڭ بىر چېتىدە ماڭا قاراپ تۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىۋىدىم، ئۇ يانچۇقىدىن بىر دانە تاغاقنى چىقىرىپ چاچلىرىمنى چىرايلىق قىلىپ تارىغاندىن كېيىن «ھە ئەمدى بولدى، ھەر دائىم چېچىڭىزنى تاراپ، مۇشۇنداق رەتلىك يۈرۈڭ ھە» دېدى. مەن خۇشاللىق ھەم ھاياجان ئىلكىدە مۇئەللىمگە نېمە دەپ رەھمەت ئيتىشنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدىم. شۇ ئەسنادا بىر ساۋاقدىشىمىزمۇ ھاجەتخانىدىن چىقىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىۋىدى، مۇئەللىم دەرھال قولىنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئالدىدىكى ئېتىلمەي قالغان سىرتمىنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ قويدى ۋە «بۇندىن كېيىن دېققەت قىلىڭ ھە» دېدى.
مەن ئون نەچچە يىلدىن بىرى بۇ ئىشلارنى زادىلا ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم، ئەمما، بۇنىڭ مەندە ساقلىنىپ قالغان تەسىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە چوقۇم ئەمەلىيەتچىل، كەمتەر، سەمىمىي، دۇرۇس ۋە توغرا نىيەتلىك بولۇش كىرەك. ئوقۇتقۇچىدا مۇشۇنداق سۈپەتلەر مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىنى ياراملىق قىلىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ دېگەن ئەقلىيە ياكى ھېكمەت بولدى.
بۆگۈنكى كۈندىكى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارامسىز ياكى كۆپ ئىللەتلىك بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل يەنىلا مۇئەللىم ئىدى. كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار مۇئەللىم قالپىقىنى كىيىۋېلىپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي، روھىي ساپاسىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئۆلگە تىكلەپ بېرەلمەيدۇ. دەرس مۇنبەرلىرىدە سۆزلىگەنلىرى باشقا بىر گەپ، ئەمەلىيىتىدىكىسى بولسا باشقا بىرگەپ بولغىنى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. مەسىلەن، مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنى تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئەمما، سىنىپتىن چىقىپلا ئۆزى تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، ئىسىنى ھاۋاغا پۈۋلەپ ئۆپكىسىنى زەھەرلەيدۇ. نەزەرىيە بىلەت ئەمەلىيەت ئوتتورىسىكى بۇ خىل قارمۇ-قارشىلىق، بۇ خىل ھاڭ ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ يالغانچى، ئىككى يۈزلىمە، ساختىپەز قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يالغانچىلىق قانداقتۇر يېڭى بىر باشلىنىش بولماستىن، بەلكى، ماركىستىن قالغان ئۇدۇم ئىدى. ماركىسىزىمچىلار قىلچە ئاساسسىز ھالدا «خۇدا يوق» دېيىشىدۇ (دۇنيادا بۇنىڭدىن چوڭ يالغانچىلىق بولماس)، ئەمما، ئۇلار ئارقىدىنلا ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە «ئىھ تەبىئەت سەن بۇ گۈللەرنى نىمانچە چىرايلىق ياراتتىڭ-ھە» دەپ جۆيلۈشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىق خاراكتىرى بويىچە ھەقىقى ياراتقۇچىنى خۇدا دېيىشتىن قېچىپ، يارىتىلغۇچى بولغان تەبىئەتنى خۇدا دەۋالىدۇ.
بىر كۈنى مەن مەكتەپنىڭ مەيدانىدا ئىدىم، بىر ئوقۇغۇچى توپ ئۇيناۋىتىپ، توپنى قارشى تەرەپكە تەپكەن ئىدى، ئەمما، بۇ توپ ئويلىمىغان يەردىن بىر ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۆرىسىگە تېگىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئوقۇتقۇچى توپ تەپكەن ئوقۇغۇچىنى سىنىپنىڭ تېمىغا ئۈسسۈتۈپ خىلى قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى. مەن بۇ كۆرۈنۈشكە قاراپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ كىچىككىنە سەھۋەنلىكىنى كەچۈرەلمەيدىغان بۇ خىل ئىچى تارلىق، چىدامسىزلىق، يوغانچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىك ئۇنىڭغا نەدىن كەلدى؟. كىچىككىنە بىر ئوقۇغۇچىدىن قىساس ئالىدىغان بۇ خىل ياۋۇزلۇق، رەھىمسىزلىك ۋە زومىگەرلىك ئۇنىڭ ئەسلى تەبىئىتىمۇ ياكى سوتسىيالىستىك تەربىيە ۋە كومىنىستىك ئەخلاقنىڭ تەسىرى بىلەن يات مۇھىتتىن ئۇنىڭغا چاپلاشقان ئىككىلەمچى ئامىلمۇ مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى پەرق ئېتەلمەي قالدىم.
ئومۇمى مۈلۈكچىلىكنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان سوتسىيالىزىم خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ھامىيىسى بولغان كاپىتالىزىمنى يوقۇتۇشتا پومىشچىكلارغا، باي-غوجاملارغا، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارغا ۋە چەتكە باغلانغان ئۇنسۇرلارغا سوتسىيالىزىم دىكتاتۇرىسىنىڭ كۈچىنى ئەنە شۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن تونۇتقان ئىدى.
ئون يىللىق مەدەنىيەتنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىدە خامان كەبى دۆۋلىنىپ كۆيدۈرۈپ تاشلانغان قۇرئان-ھەدىسلەر، كىلاسىسك توم-توم ئەسەرلەر، قىممەتلىك نەسىھەتلەر، جەۋھەرلەر، مىللىي خەزىنىلەر كۈلگە ئايلىنىپ يوقالغان ئاشۇ يىللاردا مېھىر-مۇھەببەت، سۆيگۈ، شەپقەت قاتارلىق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا نىسبەتەن مەلھەم كەبى شىپالىق رول ئوينايدىغان بۇ خىسلەتلەرمۇ سوتسىيالىزىم دىكتاتۇرىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاللىقاچان پاچاقلىنىپ تۈگەپ كەتكەچكە ھىلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ توپ تېگىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىسىدىن قىساس ئېلىشىنى توغرا چۈشەنمەي ئامالىمىز يوق.
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مەن ئەمەلىيەتچىل بولۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تىپىك ئۆلگە تىكلەپ بېرىشنى ئاساسلىق مەسىلە سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. چۈنكى، مىللەت ۋە ئۇممەتنىڭ بۈگۈنكىدەك بۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى نۇرغۇن سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئېغىزىدا قۇرۇپ گەپ جىق بولۇش، ئەكسچە ئەمەلى ئىش ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولۇش ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈندۈر.
ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا، چوڭلار كىچىكلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە، ھوقۇقدارلار پۇقرالارغا، بايلار كەمبەغەللەرگە، ساقلار كېسەللەرگە مەسئۇل بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ھەممە جايدا ياخشىلىق گۈللىرى پۇرەكلەپ ئېچىلغان بولاتتى. ئەمما، بۈگۈن نېمە بولدى؟ بۈگۈن چوڭلار قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دائىرىسىدىكىلەرگە بولغان مەسئۇللۇق سالاھىيتىنى ئۇنۇتتى. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىگىنى، ياشاشتىكى غايە مەقسەتلەرنى، مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنىسىنى ئۇنۇتتى. ۋاھالەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولۇشۇڭلار لازىم» دېگەن ئىدى.
شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىمان ۋە ساغلام ئەقىدە كونترۇل قىلغان بولۇشى كىرەك. كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قانۇننىڭ بېسىمىدىن قورقۇشتىن كۆپرەك، اللەنىڭ جازاسىدىن قورۇقۇش تۇيغۇسى بولۇشى؛ كىشىلەرنى يامانلىقتىن قايتۇرۇپ، ياخشىلىققا يۈزلەندۈرىدىغان تۈرتكىلىك ئامىل قانۇنغا بولغان ئىتائەتتىن كۆپرەك، اللەغا بولغان ئىتائەت بولۇشى كىرەك. چۈنكى، قانۇن ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تولۇق 24 سائەت كۈزتىپ تۇرۇشقا ئامالىسز. ئەمما، اللە ھەر ۋاقىت بەندىلەرنى تولۇق كۈزىتىپ تۇرالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارا ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەردار بولالايدۇ.
ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھاراق ھارام قىلىندى ھەمدە ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى چەكلەش ئۈچۈن «سىلەرگە ھاراق ھارام قىلىندى» دېگەن بىر جۈملە ئايەت نازىل بولدى. ئايەت نازىل بولغان ھامان كىشىلەر ھاراق ئىچىدىغان قاچا، چۆگۈن ۋە كۈپ-ئىدىشلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئىككىنچىلەپ ھاراقنى ئېغىزىغا ئالمايدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئاشۇ چاغدا مەدىنىلىكلەر بىر بۇيرۇق بىلەن ئىچىشتىن ۋاز كېچىپ تۈكۈۋەتكەن ھاراقلارنىڭ پۇرىقى بىر نەچچە كۈنگىچە مەدىنە كوچىسىدىن يوقالمىغان ئىكەن.
مانا بۇ قەلبى ۋە ھەرىكىتىنى ئىمان ۋە ئەقىدە كونترۇل قىلغان ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان جەمئىيەتنىڭ يامانلىقتىن قېچىپ، ياخشىلىققا يۈزلىنىشىنىڭ بىر ئەمەلىي مىسالى. ئەمما بۆگۈنچۈ؟ بۆگۈن ئىنسانلار تەرەققى قىلدى، ئۆتمۇشتىكىگە قارىغاندا كۆپ ئەقىللىق ۋە پاراسەتلىك بولدى. دوختۇرلار ھاراق ۋە تاماكىنىڭ زىيىنى، ئۇلارنىڭ بىر مونچىلىغان تۈپ ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكرار تەكرار تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈپ دەلىللىدى. خەلقئارادا مەلۇم بىر كۈننى تاماكا چەكلەش كۈنى قىلىپ بىكىتتى. ئىسلام دۆلەتلىرىدە ھاراق چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلدى. جازا ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس جازا ئىجرا قىلىش خادىملىرى بەلگىلەندى. ئەمما، سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشچە، زەھەرلىك ئىچىملىك ۋە چىكىملىكلەرگە بېرىلىش ۋە خۇمار بولۇش نىسبىتى كۈنسىرى ئېشىپ بارماقتا ئىكەن. ئەيدىز قاتارلىق داۋاسى يوق كېسەللەرنىڭ ئېشىش نېسبىتى كۈنسىرى يۇقىرىلىماقتا ئىكەن.
مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، ئۇلار بولغاچقىلا مەن دەرس مۇنبەرلىرىدە دەرس ئۆتۈش، لىكسىيە سۆزلەش ۋە بورنىڭ چاڭ تۇزانلىرىدا چاچلىرىم ئاقىرىش پۇرسىتىگە نائىل بولالىدىم. ئەمما، شۇنى ئېنىق ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەنكى، بالىلار اللەنىڭ ماڭا بەرگەن ئامانىتى ئىدى. مەن ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىمىسەم ياكى ئۇلارنى خاتا يولغا باشلىسام ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولاتتىم. اللەنىڭ جازاسى مېنى كۈتەتتى. مەن ئەمەلىيتىم ئارقىلىق ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەپ نوقۇل بىلىم ئىگىسىلا ئەمەس، بەلكى، مۇھىمى ئىمان ۋە ئىتىقاد ئىگىسى قىلىشىم كىرەك ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا «يول قەيەردە؟» ھازىرقى رېئاللىق، ھازىرقى ئەمەلىيەت بۇنىڭغا يول قويامدۇ؟ ياكى ئامال يوق دېگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن بىزنىڭ اللە ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىز ئادا بولۇپ كېتەمدۇ؟...
توساتتىنلا ئارقامدىن كېلىپ، كۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ «ئەينەكمۇ تاغاق؟» دېگەن سەبى ئاۋاز بىلەن بىر جۈپ يومران قول مېنى خىيالىمدىن ئويغاتتى. مەن تىخىچە جاينامازدا ئىدىم. بۇ قول بەش ياشلىق كىچىك ئوغلۇم بەگزاتنىڭ قولى ئىدى.
-ئوخلاپ بولدىڭىزمۇ؟ -دەپ سورىدىم ئوغلۇمدىن ئۇنى ئەركىلەتكەچ.
-ھەئە، ئۇخلاپ بولدۇم- دېدى ئۇمۇ سۆزۈمگە جاۋابەن.
-ئىككى ئاكىڭىزچۇ؟ ئۇلار ئويغانمىدىمۇ؟
- ياق ئۇلار تىخى ئويغانمىدى.
.......
مېنىڭ ئۈچ ئوغلۇم بار، مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلارغا تولىمۇ ئامراقمەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! بۇنداق دېسەم، بەلكىم، سىز ھەممە ئادەم بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. توغرا، ھەممە ئادەم بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا كۆيۈنىدۇ. ئەمما، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنۈش ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى اللە بەلگىلىگەن پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ. ئەمما، مەن بالىلىرىمغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى توغرا بىر شەكىلدە ئىپادىلىدىم دەپ قارايمەن.
پەرزەنتلەرنى ئىلىم يولىغا باشلاش، ھىدايەت يولىغا باشلاش، جەننەت يولىغا باشلاش؛ جاھالەت يولىدىن توسۇش، زالالەت يولىدىن تۇسۇش، دەۋزەخ يولىدىن توسۇس بولسا بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ مەڭگۈ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. بالىلارغا چىرايلىق كىيىم-كىچەك ۋە ئۇبدان يىمەك-ئىچمەك بېرىپ جىسمانى جەھەتتە ساغلام چوڭ قىلىش بىلەنلا بىزنىڭ بۇرچىمىز ئادا بولغان بولمايدۇ. شۇڭا اللە ئوچۇق قىلىپ: «يَا أَيُّەَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَەْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُەَا النَّاسُ وَالْحِجَارَەُ عَلَيْەَا مَلَائِكَەٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ» (ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار) [قۇرئان كەرىم 66-سۈرە 6-ئايەت] دەيدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسان ماددا بىلەن روھنىڭ بىرىكمىسى. ئۇنىڭ جىسمى ۋە روھى ئوخشاشلا ئوزۇققا مۇھتاج. ھەر ئىككىلىسى ئۆزى كەلگەن مەنبەدىن ئىرىشكەن ئوزۇقنى ئىستىمال قىلىدۇ. جىسىمنىڭ مەنبىئىي تۇپراق، ئۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاشلىق، كۆكتات ۋە ھەر خىل مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ. روھنىڭ مەنبىئىي ئاسمان، ئۇمۇ ئاسماندىن نازىل قىلىنغان ئىلاھىي كىتاب- قۇرئاننى ئۆزىگە ئوزۇق قىلىدۇ. مەيلى جىسىم ياكى روھ بولسۇن ئوزۇقسىز ياشىيالمايدۇ، شۇنداقلا بىرىنىڭ ئوزۇقىنى يەنە بىرى ئىستىمال قىلالمايدۇ. قورساق ئاچقاندا چوقۇم تاماق يىمىگىچە ئاچارچىلىق ئازابىنى يەڭگىلى بولمايدۇ، قورسىقى ئاچقان ئىنسان تاماق يىمىگىچە مەڭگۈ ئارام تاپالمايدۇ ۋە تىنچلانمايدۇ. قورسىقى قاتتىق ئاچقان بىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، سەبرى قىلىش ھەققىدە تالاي نەسىھەتلەر قىلىنسۇن ياكى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىپ بېرىلسۇن ئۇ ھەرگىزمۇ بىر قاچا تاماقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
ئەمما، ئىنسان قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟ ئۇنىڭغا قايسى يول بىلەن ئىرىشدۇ؟ ئۇنى قايسى ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرىدۇ؟ ئىشلەپ، كەسىپ قىلىپ، سودا قىلىپ ھالال يول بىلەنمۇ؟ ياكى ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، باشقىلارنى قاقتى-سوقتا قىلىپ، پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلىپ ھارام يول بىلەنمۇ؟ قورساق تويغاندىن كېيىن ئىنسان نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟
مانا بۇ مەسىلىلەرگە قۇرئان كەرىم جاۋاپ بېرىدۇ. قۇرئان روھنىڭ ئوزۇقى بولۇپ، ئەگەر روھ ئۆزىنىڭ ئوزۇقىنى تاپالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ توغرا، تۈز يولدىن ئېغىپ، خاتا ۋە ئەگرى يولغا قاراپ ماڭىدۇ. جىسىم بىلەن روھ، ماددىيەت بىلەن مەنىۋىيەت ئوتتورىسىدىكى تەڭپۇڭ مۇۋازىنەت يوقۇلىدۇ.
بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دەل ئاشۇ بۇزۇلغان مۇۋازىنەت بوشلۇقىدا گاڭگىرىماقتا. بەزىلەر روھانىيلىق قىلىپ، مەنىۋىيەتنى قوغلىشىپ، ماددىيەتكە قارشى تۇرۇپ، جىسىمغا زۇلۇم قىلىشسا؛ يەنە بەزىلەر چەكتىن ئاشقا ماتېرىيالىزىملىق خاھىشى بىلەن ماددىيەتنى قوغلىشىپ، ئەقلىلىزىملىق رامكىسى ئىچىدە روھنى ئىنكار قىلىشىدۇ. ماددىيەتنى ئىنكار قىلغان مەنىۋىيەت تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئىدىيە كۆز-قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىچارە خەلقلەر ئاچارچىلىق تەھلىكىسىدە بىر نانغا زار بولۇشسا؛ روھنى ئىنكار قىلغان ماتېرىيالىستلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى گەرچە ماددى جەھەتتە باي بولسىمۇ، بىراق، ئاللىقاچان مەنىۋى قەلەندەر سۈپىتىدە باش كۆتۈردى. قورسىقى توق، بىراق، قەلبى ۋە روھى بىر كۈنمۇ ئارام تاپالمىدى. بارا-بارا ئۇلارنىڭ ھاياتىدا پەيدا بولغان ۋە كۈنسىرى كۈچىيىپ بارغان بىئاراملىق، ساراڭلىق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، پىسخىكا ۋە نىرۋا كېسەللىكى، ھاراقكەشلىك ۋە زەھەرلىك چىكىملىككە بېرىلىش ھادىسىلىرى ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ھالاكەت گىردابىغا يىقىنلاشتۇردى.
بىزنىڭ بالىلىرىمىز بۇ خىل تۇرمۇش قارشىنى چۈشىنەمدۇ؟ ئاتا-ئانىلىرىمىز چۈشىنەمدۇ؟ مەكتەپتىكى مۇئەللىملەر چۈشىنەمدۇ؟ بۈگۈنكى زامانىۋى مائارىپ چۈشىنەمدۇ؟ خەلقئارالاشقان مائارىپ، ئاتالمىش ئىلغار تەلىم تەربىيە پەرزەنتلەرنى زادى قانداق ئادەم قىلماقچى؟....
پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى كۈنسىرى ئاجىزلىماقتا ياكى يوقۇلۇپ بارماقتا. بالىلار ياراتقۇچىدىن كۈنسىرى يىراقلاشتۇرۇلماقتا. ئۆزىنىڭ ئىگىسىنى، پەيغەمبىرىنى، ھايات يولىنى ۋە مەۋجۇتلۇق غايىسىنى ئەسلا بىلمەيدىغان بالىلار ئۇممەتنىڭ كەلگۈسىنى خىرەلەشتۈرمەكتە ياكى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىزىل چىراق ياقماقتا.
بىر كۈنى يىراقتىكى بىر تۇققىنىمىز قىزى ئۈستىدىن زارلىنىپ، بىر مۇنچە ئىشلارنى ئازاپ ۋە ھەسرەت بىلەن سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە قىزى تولۇقسىزنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن مەجبۇرى مائارىپ قانۇنىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىچكىرى تولۇققا ئوقۇشقا بارغان ئىكەن. ئىچكىردىكى ئوقۇشتىن قايتىپ كېلىپلا ئاتا-ئانىسىنى خوراپى، دىۋانە-قەلەندەر، ئالغا باسمايدىغان گالۋاڭلار دەپ تىللاپ كېتىپتۇ. ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا شەرت قويۇپ: «ماڭا بىنادىن ئۆي ئېلىپ بېرسىلەر، ناماز ئوقۇشقا بۇيرىمايسىلەر، نېمە ئىش قىلسام ئىشىمغا ئارلاشمايسىلەر، بولمىسا سىلەر بىلەن ئاتا-بالىلىقتىن كېچىمەن» دەپ ئۇلارنى قورقۇتۇپتۇ. ئاتا-ئانىسى يىغلاپ كېلىپ، مەھەللىمىزدىكى دىنى ئاقسالغا قىزىغا نەسىھەت قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئاقساقال بىر نەرسە دەي دەپ ئېغىزىنى ئۆمەللەپ بولغىچە، ئۇ قىز: «بولدى، مەن بەك تولا ئاڭلاپ كەتتىم بۇ گەپنى، قاچانلا قارىساڭ يەنە شۇ نامازنىڭ گېپى، نامازدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇ گالۋاڭلار بىلەن ئەمدى مەن بىر ئۆيدە تۇرالمايمەن» دېگىنىچە ئارقىسىغىمۇ قارىماي كېتىپ قىلىپتۇ.
ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنۇتقان، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلىشنى ئۇنۇتقان، چوڭلار ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشنى ئۇنۇتقان بۇ ئازغۇن بالىلارنىڭ داۋاسى نېمە؟ ئۇلارنى بۇنداق ئۆزۈمچى ۋە تانغاق قىلىۋەتكەن تۈپ ئامىل زادى قايسى؟ بۇلارنى يېتەكلەش ۋە توغرا يولغا باشلاشتىكى ئەڭ توغرا ۋە ئىجابى ئۇسۇللار زادى قايسىلار؟...
مەن بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەم بۇ دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە بەختكە، يەنى جەننەتكە كىرىدىغان بالىلاردىن بولۇشىنى تىخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئاتىلىق مېھىرىم بىلەن سۆيۈپ تۇرىمەن، ئۇلارنى مېھىر-مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ بۇلاقلىرىدىن سۇغۇرۇپ تۇرىمەن. ئۇلارغا ئىبرەتلىك ھېكايىلەر، قىسسە ۋە چۆچەكلەر بىلەن نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسىنى توغرا بىر يۆلىنىشكە بۇراشقا تىرىشىمەن.
مەن ھەر ئاخشىمى بالىلىرىمغا چۆچەك ئېيتىپ بېرىمەن. بالىلىرىم چۆچەكسىز ئۇخلىمايدۇ، بارا-بارا بالىلىرىم ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى بەزە ۋەقە ياكى ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتورىغا قويۇشقا باشلىدى.
- دادا- دېدى چوڭ ئوغلۇم ماڭا قاراپ- نېمىشقا چۆچەكلەردىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ھەر دائىم «ئۈچ ئاكا-ئۇكا» ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ؟ نېمىشقا ھەر دائىم چوڭ ۋە ئوتتۇرانچى ئوغۇل ئەسكى ھەم قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئەمما، كەنچى ئوغۇل ئەقىللىق ھەم زېرەك قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ؟
مەنمۇ زادىلا ئويلاپ باقمىغان بۇ سوئالغا دەماللىقچە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي بىردم تۇرۇپ قالدىم-دە، ئالدىرماي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:
- چۆچەك دېگەن پۈتۈنلەي يالغان توقۇلما، ئۇنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ مەلۇم كۆز قارشى ۋە مۇددىئاسى بويىچە تۇقۇۋەرسە بولىدۇ. چۆچەك دېگەننى سەنمۇ يازالايسەن. مۇنداق قىلايلى، سەنمۇ بىر چۆچەك يازغىن، ئۇنىڭ ماۋزۇسى «ئۈچ ئوغۇل» بولسۇن. ئەمما، سەن يازغان چۆچەكتە كىچىك ئوغۇلنى ئەمەس، بەلكى، چوڭ ئوغۇلنى ئەقىللىق ھەم ياخشى قىلىپ يازغىن. ئۇ ئەقىللىق، زېرەك، پاراسەتلىك، توغرا يولدا ماڭىدىغان بولسۇن. چوڭ ئوغۇل ئاكىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇكىلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشسۇن، ئۇكىلىرىغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلسۇن، ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن!.....
ئوغلۇم بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى چۆچەكلەرنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىدىيسىنىڭ چۆچەكلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكنى ھېس قىلدىم-دە، ئەمدى ئۇنىڭغا چۆچەك ئەمەس، بەلكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسە ۋە تارىخلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
چۈنكى، پەيغەمبەرلەر تارىخى پەرزەنتلەرنىڭ سەبى قەلبىگە ئىمان دەرىخىنى بىخلاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىلىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتىدۇ. ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكاندا ياشىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ بىردەك «لاالە الا اللە»نى يەتكۈزۈش جەريانىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىرى، ئەتراپىدىكى شەيتانى كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بالىلارنى سالماق، تەمكىن، ئىرادىلىك، ھاياتنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان قىلىپ يىتىلدۈرۈپ چىقىدۇ.
مەن بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلار ھەققىدە تالاي خاتىرە ۋە شېئىرلارنى يازدىم. مەقستىم ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى ئاتىلىق مېھىر-مۇھەببەت بۇلاقلىرىدىن قېنىپ ئىچىپ، دادىسىنىڭ سۆيگۈسىنى ۋە بۇ سۆيگۈنىڭ ئاخىرقى غايىسىنى بىلسىكەن دېگەندىن ئىبارەت. بالىلىرىمنى ئەركىلىتىپ يازغان «ئۈچ بالا» ناملىق بالىلار شېئىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنىمەن:
ئۈچ بالا
بىزنىڭ ئۆيدە ئۈچ بالا،
ئارمان، ئىمران، ئېھسانجان.
خاپا قىلار ھەممىسى،
بولغاچ كىچىك بالىجان.
گەپ ئۇقمايدۇ ھىچقايسى،
قەغىش قىلىپ يىغلىشار.
«ھاي» دېسىمۇ پايدىسىز،
چۇرقىرىشىپ ئايلىنار.
قانداق قىلاي بۇلارنى،
تەربىيەنى بىلمەيدۇ.
ئىشقا بۇيرۇپ «ماڭ» دېسە،
چىراي تۈرۈپ كۈلمەيدۇ.
سەھەر تۇرۇپ: «ئوقۇيمەن»،
دەپ يىغلايدۇ ھەر كۈنى.
كۈندۈزلىرى ئوينىغاچ،
ئاچالمايدۇ كۆزىنى.
كىم گەپ قىلىسا ئۇنىڭغا،
«بويدى، بويدى» دەيدۇ ئۇ.
ئاش قازاننى يۇماستا،
ناننى ئېلىپ يەيدۇ ئۇ.
ئۆزى كىچىك بولسىمۇ،
چوڭ ئادەمنى دورايدۇ.
ھەممە ئىشنى ئۆزۈم دەپ،
قىلماق ئۈچۈن جورايدۇ.
«ھاي بالام» دەپ تۇرسىمۇ،
ۋېلىقلايدۇ ئوينايدۇ.
پولۇ يەيدۇ چوكىدا،
قورسىقى ھىچ تويمايدۇ.
مانا بۇلار بالىلار،
ئۆزى كىچىك ئوماقلار.
قىلىقىمۇ ھەم تاتلىق،
بەئەينى بىر توشقانلار.
قىلسا گاھى كەپسىزلىك،
ئەدەپ تاياق بېرىمىز.
ئاتا – ئانا بولغاچ بىز،
قەلبىمىزدىن سۆيىمىز.
بەك ئامراقمىز ئۇلارغا،
ئۇلارمۇ ھەم بەك ئامراق.
بىر ئۆيدىكى بەش ئادەم،
بىر قولدىكى بەش بارماق.
چىن دىلىمدىن ئۇلارنى،
سۆيۈپ شېئىر يازدىم مەن.
ئاتا مېھرى كانىدىن،
جاۋاھىرات قازدىم مەن.
ئاتا مېھرى كانىدىن،
تىزدىم رەتلىك گۈلدەستە.
مېنىڭ يازغان بۇ شېئىرىم،
قالسۇن مەڭگۈگە ئەستە.
.......
ئايالىم ۋە بالىلىرىمنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغىنىشى بىلەن خىياللىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە ئازىراق ناشتا قىلغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلۇمنى ئۆيدە مېھمان كۈتۈشكە قالدۇرۇپ، ئىككى ئوغلوم، ئايالىم ۋە مەن پىلان بويىچە ھېيتلاشقا قاراپ ماڭدۇق....
كەچ كىردى، ئەمما، پىلانىمدىكى جايلارنىڭ يېرىمىغىمۇ بېرىپ بولالمىدىم. ھېرىپ ھالىمدىن كېتەيلا دەپ قالغان ئىدىم. مېھماننى تاماققا زورلاش گەرچە ساھىبخاننىڭ مېھمانغا بولغان ھۆرمىتى، چوڭقۇر مېھر-مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئىپادىلىسىمۇ، بىراق، توق قورساق ئۈستىگە يەنە تاماق يېيىش ئۈچۈن زورلىنىش تولىمۇ ئازاپلىق ئىش بولىدىكەن. تاماق ئۈستىگە تاماق يەپ، بەزىلەر بىلەن زورۇقۇپ پاراڭ سېلىشىپ شۇنداق چارچىدىم. قورسىقىم ئاغرىپ، بېشىم چىڭقىلىپ ئاران تەستە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
(داۋامى بار....)
|
|