- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-27
- UID
- 39949
- يازما
- 14
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-27
- توردا
- 19 سائەت
|
ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكەن تۆت كۈن
تۆت كۈن... تۆت كۈنلۈك روزا ھېيت ئەنە شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئالدىراشچىلىق ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنى يەنى رامىزاننىڭ 30- كۈنى ئەتىگەندىلا باشلانغان ئىدى. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئايالىم ئىككىمىز ھېيتنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئىشلارنى ئالدى بىلەن چوڭ تازىلىقتىن باشلىدۇق. مەن دېرىزىلەرنى سۈرتۈش ئۈچۈن ئىگىز ئورۇندۇققا دەسسىدىم..... چۈنكى، ئايالىم يۈزىنى يېپىپ دېرىزىگە يامىشىپ يۈرسە سىرتتىن قارىغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەن قاملاشمىغان قىلىق بولۇپ تۇيۇلاتتى. مۇبادا ئۇ دېرىزە ئەينىكىنىڭ سىرتقى يۈزىنى سۈرتىمەن دەپ پۇتى شۇنداقلا تىيىلىدىغان بولسا.... (اللە ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!!!) بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟!
دېرىزىنىڭ ئەينىكىنى سۈرتىۋىتىپ دېرىزە ئوچۇق ۋاقىتتا چىۋىن ۋە پاشا قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ ئۆي ئىچىگە كىرىۋىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېرىزە سىرتىغا بىكىتىلگەن تور قاپقاقنىڭ قارىغۇسىز دەرىجىدە مەينەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئايالىمنىڭ كۆپ قېتىم ئۇنى ئالماشتۇرۇۋېتەيلى دېگنىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم-دە، بۇنى تازا بىر سۈرتۈپ پارقىرىتىۋىتەيچۇ دەپ ئويلاپ قولۇمدىكى سۈرتكۈچ لاتىنى كۈچەپ بىر ئىتتىرگەن ئىدىم، تور قاپقاق «تاراق» قىلغىنىچە ئۆزىنى سىرتتا يەردە كۆردى. ئۇ ئاللىقاچان ئىككىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن ئاجراپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
ئەمدى مېڭ قېتىم «ئاپلا» دېسەممۇ، بىراق، ئۇنى قايتا ياسىتىش ئۈچۈن سۇلياۋ دېرىزىلەرنى ياساش ئورنىغا ئېلىپ بارمىسام ئىش ئورنىغا كەلمەيتتى. يېڭىلىغاندىكىن ھەممىنى قايتا يېڭىلايچۇ دەپ ئويلىدىم-دە، ھەممە دېرىزىلەردىكى تور قاپقاقنى سۆكۈپ ئېلىپ دېرىزە ياساش ئورنىغا قاراپ ماڭدىم....
ئەپسۇس، دېرىزە ياسايدىغان ئويغۇر ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئىش توختوتۇپ ھېيتقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كېتىپ قىلىشقان ئىدى. بىر نەچچە ئورۇنغا باردىم، ئەمما، ئىشىكلەر تاقالغان بولۇپ، قۇلۇپتىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى.
قانداق قىلىش كىرەك؟!... «ئىھتىمال يات مىللەتلەر دەم ئالماسلىقى مۇمكىن» دېگەن خىيال بىلەن بېشىمدىن سۆرەپ دېگۈدەك شۇلاردىن بىرىنىڭ دېرىزە ياساش ئورنىغا بېرىپ، كەچ سائەت بەشتە ياساپ پۈتتۈرۈپ بېرىش شەرتى بىلەن ئۇنىڭغا ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇردۇم.
ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتىمەن. توك ۋېلىسپىتىم بىر خىل سۈرئەت بىلەن غۇيۇلداپ ماڭماقتا. توك ۋېلىسپىتنى ئىجاد قىلغانلارغا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. ئۇلاردىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. مننەتدار بولۇشۇم ئۇنىڭ ياخشى بىر قاتناش قورالى بولغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا ماي كەتمەي، ماي پۇلىنىڭ تىجىلىپ قالىدىغانلىقىدىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن يىتەرسىز تەرەپلىرى بار، مەسىلەن: ئۇنىڭ بىلەن يا قاچقانلارنى قوغلاپ يەتكىلى، يا قوغلىغانلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئىھتىياتسىزلىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرەر نەرسىگە سوقۇلۇپ كەتتىڭمۇ بولدى، ھەممە يىرى چېقىلىپ بىراقلا كاردىن چىقىدۇ. خۇددى ئۇنى ئاسرىماي مىنىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولغاندەك.... ئۇنى ياسىغانلار تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر ئاز قوۋ ھەم تەدبىرلىك كىشىلەر بولسا كىرەك، ئۇنىڭ بارلىق زاپچاسلىرىنى تۆمۈردىن ئەمەس، بەلكى، سۇلياۋدىن ياساپ چىققان ئىكەن. سۇلياۋنى شۇنچە ئاسىرىساڭمۇ، بىراق، سۇلياۋ دېگەن ھامان سۇلياۋ-دە!. ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى قانچىلىك بولىدۇ دەيسىز؟.
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك، مەن ئۇلاردىن مننەتدارمەن. چۈنكى، توك ۋېلىسپىت موتسىكلىتتەك غاقىراپ كىشىنڭ قولاق مېڭىسىنى يەپ كەتمەيدۇ. ھەيدەش جەريانىدا ئوت ئالدۇرۇش، خوتقا سېلىش ياكى خوتتىن چىقىرىش دېگەندەك ئاۋارىچىلىقلار بولمايدۇ. بالىلىق ۋاقتىمىزدا ھەيدىگەن پىداللىق ۋېلىسىپىتلارغا ئوخشاش پىدال تىپىپ پۇتنى تالدۇرىدىغان ياكى جاننى قىينايدىغان ئىشلار تىخىمۇ بولمايدۇ. ئەڭ ياخشى يېرى ئۇنى ھەيدەش ئۈچۈن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنى مىنىپ ماڭغان ئادەمدە قاتناش ساقچىسى تۇتۇۋالارمۇ دېگەن ئەندىشە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنى قاتناش ساقچىسى تۇتۇۋالمايدۇ.... بۇ ئاۋازسىز قاتناش قورالى خۇددى ماڭا ئوخشاش جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدىغان، يول ماڭسىمۇ خىيال سۈرۈپ ماڭىدىغان كىشى ئۈچۈنلا ئىجاد قىلىنغاندەك ئىدى.
ئۇنى ھەيدەپ خىياللار قوينىدا ئۆيۈمگە قاراپ كېتىۋاتىمەن. مېنى بىر مۇنچە ئىشلار كۈتۈپ تۇرماقتا. توك ۋېلىسپىتىمنىڭ ئالدىدا ماڭا يۆلىنىپ ئۆرە تۇرغان بەش ياشلىق ئوغلۇمنىڭ سوئالى خىيالىمنى بۇزدى.
- ھە، نېمە دەيسىز بەگزاد- دەپ سورىدىم ئوغلۇمنى ئەركىلەتكەچ. مەن ئادەتتە كىچىك ئوغلۇمنى ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئاتىماي، بەگزاد دەپ ئاتايتتىم.
- دادا، باياتتىن دېرىزە ياسايدىغان خەنزۇ بىلەن جىق گەپلەرنى قىلىشىپ، نېمە دېيىشلە؟ مەن ئۇقالمىدىم- دېدى بەگزاد چۈچۈك تىللىرى بىلەن.
- ھە، ئۇ تور قاپقاقنى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ياساپ بېرەي دېگەن ئىدى، ئەمما، مەن: ئەتە دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمى، سەن ئۇنى چوقۇم بۈگۈن ياساپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ- دېدىم.
- سىلى ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلەملا؟
- ھەئە.
- ئەمىسە، مەن نېمىشقا چۈشىنەلمەيمەن؟
- سىزمۇ چوڭ بولغاندا، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەندە چۈشىنەلەيسىز؟
- مەن قاچان ئۆگىنىمەن؟
- سەل چوڭغاندا ئۆگىنىسىز.
بالام بىلەن دىئالوگلاشماقتا ئىدىم، ئىككىمىزنىڭ دىئالوگى شۇنداق تەبىئىيلىك بىلەن داۋام قىلماقتا ئىدى.
- نېمىشقا ھازىر ئۆگەنمەيمەن؟
- ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاندىن خەقنىڭكىنى ئۆگىنىمىز، چۈشەندىڭىزمۇ؟
ئوغلۇم تازا قانائەت تاپمىغان ياكى كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەر تولۇق يېشىلمىگەن بولسا كىرەك، يەنە سوئاللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى.
- ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ئۆگىنەمدىم؟
- ياق، بىز ئويغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇر تىلنى ئۆگەنمىسەكمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى بىلىمىز. ئەمما، ئويغۇرچە خەتلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ.
- ئۇنى ماڭا كىم ئۆگىتىدۇ؟
- ئەلۋەتتە مەن ئۆگىتىمەن-دە!
- خەنزۇ تىلىنى سىلى ئۆگىتەملا؟
- ياق، مەن ئۆگەتمەيمەن. مېنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى دوستلىرىم بار، شۇلارنىڭ بىرىنى ئىككى ئاكىڭىز بىلەن سىزگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ بېرىمەن. ئۇ ھەر كۈنى ئۆيىمىزگە كېلىپ سىلەرگە خەنزۇچە ئۆگىتىدۇ.
بالامنىڭ سوئاللىرى ھېچ تۈگىمەيۋاتاتتى.
- سىلى قايسى تىلنى ئۆگىتىلا؟
- مەن ئەرەب تىلى بىلەن ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىتىمەن.
- دۇنيادا نەچچە خىل تىل بار؟
- تىل دېگەن بەك جىق، مەسىلەن: پارىس تىلى، ئوردۇ تىلى، ياپۇن تىلى، فرانسۇز تىلى دېگەندەك.
ئوغلۇم جىمىپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ سوئاللىرى تۈگىدى دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما، ئۇ يەنە سورىدى:
- بىز بۇ تىلنى نېمىشقا ئۆگىنمىز؟
- ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىسى بار، مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز، ئۇنى چوقۇم بىلمىسەك بولمايدۇ؛ خەنزۇ تىلى ئەتراپىمىزدىكى خەنزۇلار بىلەن بولغان سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنى بىلمىسەك يا ئۇلاردىن نەرسە سېتىۋالالمايمىز يا ئۇلارغا بىر نەرسە ساتالمايمىز؛ ئەرەب تىلى دىنىمىزنىڭ تىلى، ئۇنى بىلمىسەك ئىسلام دىننى توغرا چۈشىنەلمەيمىز، تۇرمۇشىمىزدا توغرا يول تاپالمايمىز؛ ئىنگىلىز تىلى – ئۇنى ناھايتى ئاددى تىل بىلەن مۇنداق چۈشەندۈردۈم – چەتئەللىكلەرنىڭ تىلى، ئۇنى بىلمىسەك، چەتئەلگە چىققاندا چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشەلمەيمىز.
بەش ياشلىق ئوغلۇمنىڭ بۇ گەپلىرىمنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىگەنلىكى ئېنىق، ئەمما، ئۇ گېپىمنى بۆلمەي جىم تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى.
ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، ئايالىم تىخىچە ئشىلەۋاتاتتى. ئۇ ئۆيلەرنى، ئىشك-دېرىزىلەرنى، ئىشكاپ-جاھازلارنى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتكەن ئىدى.
مەن يېزىدىكى ئۆيگە گىلەم ۋە ھېيتلىق نىمەتلەرنى تىزىدىغان پاكار ئۈستەلنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ماڭدىم. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى ھاۋا شۇنچىلىك ئىسسىپ كەتكەنلىكتىن ئېغىزىم قۇرۇپ نەم دىدارى قالمىغان ئىدى.
بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش اللە بەلگىلىگەن بەش پەرزنىڭ بىرسى ئىدى. رامىزان ھەققىدە اللە: «بەندەمنىڭ باشقا ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن، ئەمما، روزا مەن ئۈچۈن، روزىنىڭ مۇكاپاتىنى مەن بېرىمەن» دېگەن ئىدى.
بۇ دېگەنلىك باشقا ئەمەللەرنى قىلغاندا ئۇنى كىشىلەردىن يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئەمما روزىنى ئىنتايىن مەخپى ھالەتتە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ دېگەنلىك بولسا كىرەك. دېمىسىمۇ، نامازنى ھەمىشە ئۆيدە مەخپى ئوقۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27 ھەسسە دەرىجە ئارتۇق» دەپلا قالماستىن، يەنە: «مەن بىراۋنى نامازغا ئىمام قىلىپ قويۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئارىلىسام، جامائەت نامىزىغا چىقمىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىسام دەيمەن» دەپ تەھدىت خاراكتېرلىك بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەرنى ئوتتورغا قويغان ئىدى. بۇنىڭدىن نامازنى كىشىلەردىن يوشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. زاكاتنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلاردىن يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايتتى. ھەجمۇ دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالەتتە ئادا قىلىناتتى.
ئەمما، روزا ھېچقايسىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ قاپقاراڭغۇ سەھەردە ھىچكىم كۆرمەيدىغان زامان ۋە ماكاندا تاماق يېيىش بىلەن باشلىنىپ، كەچ تەرەپتىكى غۇۋا بىر پەيتتە تاماق يېيىش بىلەن ئاخىرىلىشاتتى. روزا تۇتقۇچى ئادەم باشقىلار كۆرمىگەندە تازا قورسىقىنى تويغۇزۇۋېلىپ، روزىدار قىياپىتىگە كىرىۋالسا، بۇنى اللەدىن باشقا ھېچكىشى بىلمەيتتى. روزا ھەقىقەتەن مەخپى ئەمەل ئىدى. باشقا ئەمەللەردە رىياخورلۇق ۋە كۆز-كۆز قىلىش ئىپادىلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق، روزا بۇنداق ئىپادىلەردىن پۈتۈنلەي خالى ئىدى. ھەقىقى خالىسلىق ۋە ئىخلاسمەنلىك پەقەت روزىدىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.
مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ باشقىچە روھلىنىپ كەتتىم-دە، يېزىدىكى ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدىم. بىراق، بىر يىل ئىچىدىكى قىش ۋە يازدا، روزاھېيىت ۋە قۇربان ھېيتلاردا، باشقا چوڭراق مىھمان چاقىرىشلاردا داۋاملىق تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يېزىدىكى ئۆيدىن شەھەردىكى ئۆيگە، شەھەردىكى ئۆيدىن يېزىدىكى ئۆيگە نەرسە-كىرەك توشۇشنى ئويلىساملا ئاچچىغىمدا كىملەرگىدۇ نەپرەتلىنەتتىم.
ئەسلىدە بىزنىڭ ئۆيىمىز شەھەرنىڭ ئاۋات بىر يېرىگە جايلاشقان ئەگرى-بۈگرى كوچىلارنىڭ بىرىدە ئىدى. كىشىلەر بۇ كوچىلارنى «جانان كوچىسى» دەپ ئاتىشاتتى. بۇ كوچا شەھرىمىزدىكى چوڭ جامە (مەسجىد)نىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، مېنىڭ بالىلىق مەزگىلىم ئاشۇ كوچىدا ئۆتكەن ئىدى. بالىلىقىمدىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەر ئاشۇ كوچىغا باغلانغان ئىدى... ئاشۇ كوچا، ئۇنىڭ يېنىدىكى چوڭ مەسجىد، مەسجىدنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىنلا باشلىنىپ كېتىدىغان كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا جايلاشقان ئاشخانا، ناۋايخانا، كاۋاپخانا ۋە لەمپۇڭخانا قاتارلىق پششىق ۋە خام يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلار؛ ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەتكەن كىيىم-كىچەك ۋە ھەر تۈرلۈك رەختلەرنى ساتىدىغان تىجارەت سورۇنلىرى مېنىڭ گۆدەك قەلبىمدە بۇ كوچىغا نىسبەتەن چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت ئويغاتقان ئىدى.
ھىلىمۇ ئېسىمدە ھەر كۈنى كەچتە بۇ كوچىدىكى بالىلار بىلەن باشقا كوچىدىن كەلگەن بالىلار يىغىلىپ مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئوينايتتۇق. بىزنىڭ كوچا ئەگرى-بۈگرى بولغاچقا بىزنىڭ مۈكۈۋالغان يېرىمىزنى ھېچكىم تاپالمايتتى. بالىلار بىزنى ئىزدەپ تازا ھارغاندىن كېيىن: «بولدى، تەن بەردۇق، چىقىڭلار» دەپ ۋارقىرغاندا ئاندىن خۇددى يەردىن ئۈنگەندەكلا كۆز ئالدىدا پەيدا بولاتتۇق. بارا-بارا كوچىنىڭ بۇ خىل ئەۋزەللىكى بىلەن بىزمۇ پەخىرلىنىدىغان بولدۇق. چۈنكى، ئەگەر بۇ ئۇرۇش دەۋرى بولىدىغان بولسا، سىرتتىن كەلگەن دۈشمەنمۇ بۇ كوچىدا تىڭىرقاپ قىلىپ، ئۆزى قوغلاپ كەلگەن كىشىنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى زادىلا بىلەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
كوچىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېسىل يېرى ئۇ ھەم مەسجىد بىلەن، ھەم بازار بىلەن تۇتاش ئىدى. مەسجىددە ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ئەزان ئاۋازى كوچىنىڭ قەيىرىدە بولمايلى، ھەتتا، ئىچكىرىكى ئۆيىمىزدە بولساقمۇ تولۇق ئاڭلىناتتى. ئۇ بىزگە ھەر كۈنى بەش قېتىم ئىگىمىز اللەنىڭ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈكلۈكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ بىزنى تاڭ سەھەرلەردە شىرىن ئۇيقۇنىڭ غەپلىتىدىن ئويغىتىپ، اللە تەرەپكە يېتەكلەيتتى. چوڭ مەسجىددە جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز بىزنى بىرلىك، ئىناقلىق يولىغا باشلايتتى ۋە شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرگەن ئىدى. مەسجىد ئىمامىنىڭ ھەر كۈنى بامدات نامازدىن كېيىن قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقان ۋەز-نەسىھەتلىرى، تەبلىغ-ئەھكاملىرى بىزگە نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. توغرا يول بىلەن خاتا يولنىڭ پەرقىنى تونۇتقان ئىدى. ھاياتنىڭ ھەقىقى چىن مەنىسىنى بىز ئاشۇ ئىمامنىڭ قىمەتلىك نەسىھەتلىرىدىن تاپقان ئىدۇق. كشىلەر بىزلەرنى «بەك ئەخلاقلىق بالا بوپتۇ» دەپ ماختىغانلىرىدا بىزنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن تەربىيىلىگەن ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇستازلىرىمىزغا غايىبانە تەشەككۈرلەرنى ئېيتاتتۇق. ئۇنىڭغا اللەدىن زور ياخشىقىلىقلارنى تىلەيتتۇق.
بىزنىڭ بۇ كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ناھايتى ئېنىق ئىدى. يەنى ھەممە ئادەم بىر-بىرىنى ئوچۇق تونۇيتتى. كىم ياخشى؟ كىم يامان؟ بۇنى ھەممە كىشى بىلەتتى. چۈنكى، كىمنىڭ قانداق ئادەملىكى ئاتىدىن بالىغا، بوۋىدىن نەۋرىگە نەسىھەت سۈپىتىدە يەتكۈزۈلەتتى. كىيىنكى ئەۋلادلارمۇ كىم بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش، كىملەردىن ئىھتىيات قىلىش لازىملىقىنى چۈشىنەتتى. ياخشىلار بىلەن سىردىشىپ، يامانلاردىن سىر ساقلاش، ياخشىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خائىن-مۇناپىقلارنى چەتتە قالدۇرۇشنى ھەممە كىشى مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال كوچىمىزدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك بىر ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتتى.... بىر كۈنى كىشلەرنىڭ ئېغىزىدا: «كونا ئۆيلەر چېقىلىپ، ئورنىغا بىنا ئۆيلەر سېلىنىدىكەن» دېگەندەك مىش-مىش پاراڭلار پەيدا بولدى. راست دېگەندەك بىزنىڭ بۇ كوچىدىكى ئۆيلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى چېقىلىدىغان ئۆيلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۆي چېقىش باشلىنىپ كەتتى. «كىم ئۆيىنى ئۆلگە بولۇپ چېقىپ بەرسە، بىنادىن تاللاش ھوقۇقى بار ئۆيگە ئىرىشەلەيدۇ» دېگەن پەرمانغا ئاساسەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆيلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېقىشقا باشلىدى. قارىماققا چېقىلىۋاتقىنى ئۆي ياكى ئۆينىڭ تۆت تېمى بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆينىڭ تۆت تېمى بىلەن قوشۇلۇپ ئىچكى ئىتتىپاقلىق چېقىلىپ، ئاستا-ئاستا غايىپ بولۇۋاتاتتى. مىللىي مەدەنىيەت، ئىسلامىي ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يوقالماقتا ئىدى. نىمىشقىدۇ بۇ ئىشلار ماڭا گويا ئۆتمۇشتىكى «تۆت كونىنى يوقىتىش ھەرىكىتى» قايتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.
مانا ھەممە نەرسە ئۆزگەردى.... «جانان كوچىسى» يىلىتىزىدىن غايىپ بولدى. كونا ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا يىپيېڭى بىنا قەد كۆتۈردى. سەرەڭگە قېپىغا ئوخشاش بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى تېزىلغان بۇ ئۆيلەر زامانىۋىلىقنىڭ، تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بىراق، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى «توخو كاتىكى»دەك ناھايتى كىچىك سېلىنغان ئىدى. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ئۆيلەرنى 50 كۋادىرات مېتىر دېيىشەتتى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا ھەقىقى سان ئاران 37 كۋادىرات مېتىر كېلەتتى. بۇ ھەقتە داۋا-دەستۇر قىلغۇچىلارغا: «تام، كارىدۇر، پەلەمپەينى قوشۇپ ھېساپلىساق تولۇق 50 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرەتتى.
ئۆيلەر چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن يۈكسەك ئادالەت ئىچىدە تەقسىم قىلىندى. ھەققانىيەت ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇرۇنقى خوشىنلار، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان كىشلەرنىڭ تەقدىرى قولىدىكى كىچىككىنە چەك قەغىزىدىكى نومۇرغا باغلىق بولۇپ قالدى. يېڭى ئۆيلەر قىسقىغىنا مەزگىل ئىچىدە ئۆز ئىگىلىرىنى تاپتى. كېشىلەر بەس-بەستە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. نەچچە ئون يىل، ھەتتا، بىر نەچچە ئەۋلاد بىللە ياشاپ كەلگەن يېقىن خوشنىلار بىر-بىرىدىن ئايرىلدى. ئەمدى ھېچكىم ھېچكىمنى تونۇمايتتى، ئۆيىمىزنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قەۋەتلىرىدە چۈشەنگىلى بولمايدىغان، «ئانام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن كىشىلەر» پەيدا بولدى. ئىلگىرىكىدەك «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام» دەپ ئەرلەر قول ئېلىشىپ، ئاياللار مەڭزىنى يېقىپ سالاملىشىدىغان ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئادەتلەرنىڭ ئورنىنى «ياخشىمۇ سىز؟» دەپ باش لىڭشىتىپ قويۇشلار ئىگىلەپ كەتتى. بالىلار بۇرۇنقىدەك مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئوينايدىغان «مەخپى» جايلارنى ئەمدى تاپالمىدى.... ھەممە نەرسە يوقالدى... بېلىنى پوتىدا باغلاپ، يېنىغا قاشتىشى دەستىلىك پىچاقلارنى ئېسىۋالىدىغان، ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ، بەش ۋاقىت نامازنى مەسجىددە ئادا قىلىدىغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، ئەۋلادلىرىنى ئۆتمۈشنىڭ جەڭنامە، قىسسە ۋە ھېكايەتلىرى ئارقىلىق تەربىيىلەيدىغان بوۋىلارنى ئاتالمىش «مەدەنىيەتلىك دۇنيا» ئاستا-ئاستا يۇتۇپ كەتتى. ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشكەن، بەدەنلىرىنى تولۇق ئوراپ، بېشىغا چوڭ ياغلىق ياكى رومال سېلىپ يۈرىدىغان ئىمانلىق، پەزىلەتلىك، ئەخلاقلىق، شەرمى-ھايالىق قىز-ئاياللارنىڭ ئورنىنى بولسا تەخە پاچاق، توبا باش، سۈپۈرگە قۇيرۇق مەينەتلەر ئىگىلەپ كەتتى. سىرىق چاچ، يالاڭباش، بوينى ئوچۇق، كالتە يەڭ كىيىم كىيىۋالغان، يوتا-پاچاقلىرى «مانا مەن» دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاياللار دەججال كەبى ھەممە جاينى قاپلاپ كەتتى.
بىر كۈنى ئۆيگە قايتىپ كەلسەم 10 ياشلىق ئوغلۇم تامغا يۆلىنىپ دومسىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.
- نېمە بولدى ئوغلۇم؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
- تولىمۇ زېرىكتىم- دېدى ئۇ غەمكىنلىك بىلەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى- پەسكە چۈشۈپ بالىلار بىلەنمۇ ئوينىغۇم يوق، ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكىمۇ، كىتاپ ئوقۇشقىمۇ رايىم يوق. ئىچىم پۇشتى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم.
- ھە، ئۇنداق بولسا مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇپ كەلگىن، يەڭگىللەپ، ئىچ-ئىچىڭدىن خۇرسەنلىككە تولسىەن- دېدىم مەن ئوغلۇمغا مېھرىبانلىق بىلەن.
ئۇ گەپلىرىمىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي بىر ئاز گاڭگىراپ قالغان بولسا كىرەك، سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.
- مەسجىد تولىمۇ ئۇلۇغ جاي- دېدىم ئوغلۇمغا چۈشەندۈرۈپ ۋە سۆزۈمنى داۋام ئەتتىم- ئۇ ئىنسان روھىنى تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئىشنى مەسجىد بىنا قىلىشتىن باشلىغان. كىشى مەسجىددە اللە بىلەن سىردىشالايدۇ. جامائەت بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىگە لايىق دوست تاپالايدۇ. ئىمامنىڭ ۋەز-نەسىھەت، تەبلىغ-ئەھكام، خۇتبە-بايانلىرىنى ئاڭلاپ ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى چىن مەنىسى بىلەن ھېس قىلالايدۇ. بارغىن ئوغلۇم، مەسجىدكە بېرىپ، ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىن!....
ئۇزاق ئۆتمەي ئوغلۇم بايامقىدىن بەتتەر غەمكىنلىك بىلەن سالپىيىپ قايتىپ كەلدى. «مەسجىدكە كىرگۈزمىدى» دېدى ئوغلۇم تۆۋەن ئاۋازدا.
- كىم؟ دەپ سورىدىم ئوغلۇمدىن.
- كىم بولاتتى، ئىمام ئاخۇنۇم بولمامدۇ؟ ئۇ: «كىچىك بالا مەسجىدكە كىرسە بولمايدۇ، چىقە مەسجىددىن» دەپ قوغلىۋەتتى.
ئوغلۇمغا باشقا گەپ قىلمىدىم، ئەمما، ئىچىمدە اللەنىڭ «ئۇلار اللەنىڭ ئايەتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال - مۈلۈكلىرىدىن) ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگىشتى، (كىشىلەرنى) اللەنىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! »، «ئۇلار (يالغان) قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، كىشىلەرنى اللەنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ » دېگەن ئايىتىنى تەكرار-تەكرار ئوقۇماقتا ئىدىم. تېخى تۆنۈگۈنلا ئايالىمنى روپاش دەپ تۇتۇۋېلىپ 1000 يۈەن جەرىمانە تۆلەتكۈزگەن ئىدى، بۆگۈن بالام مەسجىددىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئەتە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىزكىن-تاڭ!.
ھەممە نەرسە ئۆزگەردى، ئۆيلەر، ئادەملەر، چوڭلار، كچىكلەر، ئەرلەر، ئاياللار، ئىماملار، خەتىبلەر... ھەممىسى ئۆزگەردى. ھەممىسى ئەسلى ماھيىتىنى يوقاتتى. بالىلار مەسجىددىن قوغلاپ چىقىرىلىپ كىنوخانا، تىياتىرخانا، تورخانا، قىمارخانا، ئارامگاھلارغا ھەيدەلدى. بالىلار بەڭگە، ئوغرى، يانچۇقچى، قىمارۋاز، ھاياسىز، بەدقىلىق....لارغا ئايلاندى.
توخو كاتىكىدەك بۇ تار ھەم كىچىك ئۆيدىن مەنمۇ، ئوغلۇممۇ زىرىكمەكتە ئىدۇق. نېمىشقىكىن بوۋام بىلەن دادامنى سىغىنىپ قالدىم. ئەينى چاغدا ئۆيىمىز كەڭرى ئىدى. بوۋام-مومام، دادام، ئانام ۋە مەن –ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر- ئۇزاققىچە بىر ئائىلىدە بىللە ياشىغان ئىدۇق. بوۋامنىڭ قىممەتلىك نەسىھەتلىرى، دادامنىڭ توغرا تەربىيىسى بىلەن بۆگۈندەك ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئادەم بولالىغان ئىدىم.
ھىلىمۇ ئېسىمدە بوۋام ھەر كۈنى سەھەردە تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇيتتى، بوۋام ئوقۇغان قۇرئان ئاۋازى دادامنى ئويغىتاتتى، دادام ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىرىپ مېنى ئويغىتاتتى.... مانا ئەمدى بوۋاممۇ، داداممۇ يوق، ئۇلارنىڭ اللەنىڭ دەرگاھىغا كەتكىنىگە خىلى يىللار بولۇپ قالدى (اللە ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!). ئەپسۇس! ئەگەر ئۇلار بۆگۈن ھايات بولغان تەقدىردىمۇ بۇ كاتەكتەك ئۆيگە ھەرگىز سىغمىغان بولاتتى. ئۆينىڭ كىچىكلىكىدىن ھەر كۈنى ئىچىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئۆيگە يا ئارتۇقراق 4-5 مېھمان، يا ئارتۇقراق نەرسە-كىرەك سىغمايتتى. قىش كىرسە يازلىق كىيىم-كىچەك ۋە يوتقان كۆرپىلەرنى يېزىدىكى ئۆيگە ئاپىرىپ، قىشتا لازىم بولىدىغان نەرسە-كىرەكلەرنى ئېلىپ كەلسەم، ئەكسچە ياز كىرگەن ھامان قىشلىق نەرسىلەرنى يېزىغا توشۇپ، يازلىق نەرسىلەرنى شەھەرگە توشۇيتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ھېيت كەلسىلا گىلەم، ئۈستەل، چىنە-تەخسە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سەھراغا يۈگىرەيتتىم.
بۈگۈنمۇ ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېزىدىكى ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدىم. يۇقىرىقى خىياللىرىمدىن كېيىن قايسى بىر ئىسلام مۇتەپەككۇرىنىڭ ئائىلە ھەققىدە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلىدىم:
[«چوڭ ئائىلە» ئاتالمىش «زىيالىيلار» تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدىغان مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.
چۈنكى، ئۇلار غەربلىكلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان ماتېرىياللاردا مۇنۇلارنى ئوقۇغان ئىدى: «بوۋىلارنى، نەۋرىلەرنى ۋە ئاتا-بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ئائىلە ھەر دائىم قالاق جەمئىيەت دەپ قارىلىدىغان يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەمما، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيەت دەپ قارىلىدىغان سانائەت جەمئىيىتىدە بۇنداق چوڭ ئائىلە ئاللىقاچان يوقالدى. ئائىلە پەقەت ئاتا-ئانا ۋە بالىلار بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولدى. ھەتتا، بالىلارمۇ مەلۇم ياشقا يەتكەندە، گەرچە ئۇلار توي قىلىپ مۇستەقىل ئائىلە تەشكىل قىلمىسىمۇ، بىراق، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھاياتتا ئۆزىگە خاس بولغان پائالىيەت رامكىسىنى (ياكى ھەرىكەت شەكلىنى) قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە بالىلار ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزى خالىغانچە مۇستەقىل ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتۇر.
ياشىسۇن تەرەققىيات!
مۇبادا بىز «شەرقچە» ھېسىياتىمىز بىلەن مەدەنى تەرەققىياتنىڭ بۇ چوڭ «دورا»سىنى يۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولساق، ئۇنداقتا، (باشقا ئىشلارنى قويۇپ) بوۋىلار بىلەن نەۋرىلەرنى ئائىلە دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش بىلەن بولدى قىلايلى. ئائىلە ئاتا-ئانا ۋە بالىلاردىن تەركىپ تاپسۇن. بالىلارمۇ مەلۇم ياشقا يەتكەندە توي قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئائىلىسىنى قۇرسۇن. بۇنداق كېلەڭسىز چوڭ ئائىلىنى قالاق يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى دەپ قارىلىدىغان سەھرالىقلارغا تاشلاپ بېرەيلى. ئۇلارنىڭ پات يېقىندا تەرەققى قىلىپ، مەدەنىيەتلىك بولۇشىنى ئۇمىد قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەمما، دىنى تەلىماتلارنى مەنبە قىلغان ئەنئەنىۋى ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بۆگۈنكى دەۋردە دىننى يوليۇرۇق مەنبەسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىقتىسادى مۇناسىۋەت زامانىۋى ھاياتنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى. (ئۇلار ئۆزىنىڭ زامانىۋىلقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى بىلەن پەخرلىنىپ شۇنداق دېيىشىدۇ). ئىقتىسادى مۇناسىۋەت كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. ئەگەر دىنى تەلىماتلار بۇ خىل قاراشلار بىلەن تىركىشىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇنداقتا، دىنى تەلىماتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇ باشقا بىر مۇھىتتىكى باشقا بىر قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان. بىزنىڭ بۇ تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيايىمىزدا ئەمدى دىنى تەلىماتلارغا ئورۇن يوق....»
شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتى پاچاقلاپ تاشلاندى...
مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بىر كىچىك «جەمئىيەت» بولۇپ، بۇ جەمئىيەتتە بالىلار چوڭلار بىلەن باغلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئەجدادلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ. قىممەت قاراش، ئەخلاق، ئەنئەنە، دوستلۇق، مېھىر-مۇھەببەت، روھىي ۋە ھېس-تۇيغۇ خاتىرجەملىكى.... قاتارلىقلارنى بالىلار ئائىلىدىن تاپىدۇ ياكى ئۆگىنىدۇ. بۇ گۈزەل خىسلەت ۋە ئىنسانى پەزىلەتلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى دىندۇر.
بىراق، ئەھۋال ئۆزگەردى....
كىشىلەرنى ئائىلىنىڭ سىرتىغا تارتىدىغان ھەر تۈرلۈك ئامىللار پەيدا بولدى....
قەھۋەخانىلار پەيدا بولدى... كىشىلەر يېرىم كېچىغىچە قەھۋەخانىلاردا قارت، شاھمات ۋە شىشىخال ئوينايدىغان ياكى چىلىم تارتىپ تۈننى تاڭغا ئۇلايدىغان بولۇشتى ياكى بۇرۇنقىدەك ئاخشاملىرى بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆز-ئارا يوقلىشىدىغاننىڭ ئورنىدا ھەر خىل تېمىلاردا قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈدىغان بولۇشتى.
قانداقلا بولمىسۇن، قەھۋەخانىلارغا كېلىدىغانلار بىر قەدەر «پاك» كىشىلەر بولۇپ، ناپاك كىشىلەرنى ئائىلىنىڭ سىرتىغا تارتىدىغان ئامىللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
قاۋاقخانا ۋە مەيخانىلار پەيدا بولدى.... خرىستىئان ئىشغالىيەتچىلىرى شەرىئەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھاراق سېتىشنى يولغا قويدى ۋە كىشىلەر كىرىپ بىمالال ھاراق ئىچەلەيدىغان ھاراقخانا، قاۋاقخانا، مەيخانا ۋە ھاراق بوتكىلىرىنى پەيدا قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا «مېھمانلارغا روھى ئىچىملىكلەرنى تەقدىم قىلىمىز» دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى ئېسىۋېلىشتى. بۇ يەردىكى «روھى ئىچىملىك» (Spiritual) ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئالداش ۋە ئېزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تىياتىرخانا، تانسىخانا، ئارامگاھ ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى كۆپلەپ پەيدا بولدى....
پاھىشىخانىلار پەيدا بولدى.... بۇ دۆلەتنىڭ.... يەنى مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ.... ئىجازىتى بىلەن رەسمى ئېچىلدى. پاھىشەلەرنى ۋە پاھىشەلەرگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن ھەر قانداق بۇزۇق ئەر-ئاياللارنى قوغدايدىغان ساقچىلار پاھىشىخانىلارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قاراۋۇللۇققا قويولدى.
«تالادا» قونۇپ قېلىش ئۇممەت پەيدا قىلغان «يېڭى جەمئىيەت»نىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ جەمئىيەت ئەنئەنىۋى ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەۋلادلار ئىلگىرىكى ئەۋلادلار ئېرىشكەن ئاتىنىڭ ھىمايىسى، ھېس-تۇيغۇ بىرلىكى ۋە كۆڭۈل ئارامى....غا ئېرىشىشنى خالىمايدۇ.
ئاياللارنىڭ ئائىلە سىرتىغا چىقىدىغان دەۋرى يېتىپ كەلدى.
«ئاياللار ئازاتلىقى» مەسىلىسى پەيدا بولدى.
دېمىسىمۇ، ئۆتمۈشتە ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس ئىدى.
ئاياللار نادان ئىدى. ئۇلار خەت ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيتتى. بىلىم ئۆگەنمەيتى... ئۇلارنىڭ قەلبى ۋەھىمە ۋە خوراپات بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئۇلار ئۆز ئەتراپىدا، ئۆز جەمئىيىتىدە ۋە پۈتكۈل دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنمەيتتى. ئۇ خوشنا ئايال بىلەن مازايى-ماشايىخلار، كىمدۇ بىرىنىڭ ئۆزىگە ھەسەت قىلىدىغانلىقى، تۈگىمەس ئائىلە ئىشى، كېچىدىكى جىن-شاياتۇنلار، بالىلار گىرىپتار بولغان ئاغرىق – سىلاق، شەيخ پۈتۈپ بەرگەن تۇمار، ئېرى باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇپ تالاق قىلىۋەتكەن ئايال، يۈرىكىنى كۆيدۈرۈۋاتقان كۈندەشلىك، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان قېرى ئايال.... ھەققىدە مۇڭدىشاتتى.
ئاياللار مەيلى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولسۇن ياكى ئېرىنىڭ ئۆيىدە بولسۇن ياكى تالاق قىلىنىپ بالىلىرىدىن مەھرۇم قالغان بولسۇن ئۇنىڭ كىشلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىناتتى.
ئەرلەر ئاياللارغا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارايتتى. ئۇلارنى گويا بىر چارپايدەك كۆرەتتى. چارپايدەك كۆرمىدى دېگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھامىلدار بولۇش، بالا تۇغۇش، ئېمىتىش ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق ئىدى.
بىراق، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىسلام تەلىماتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. چۈنكى، بۇ ئىشلار ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەگىشىشتىن ئەمەس، بەلكى، ئىنسانىيەتكە باراۋەرلىكنى بەلگىلىگەن ۋە ئەرلەرگە ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ۋاجىپ قىلغان ئىسلام تەلىماتلىرىغا قارشى چىقىشتىن كېلىپ چىققان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئايال – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «إنما النساء شقائق الرجال» (ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر » دەپ ئېنىق ئېيتقىنىدەك – ئەرنىڭ قېرىندىشى ئىدى. ئايال ئىماندا، دەۋەتتە، كۆرەشتە، ئىسلامىي قىممەت ۋە ئىسلامىي پرىنسىپ ئاساسىدا يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشتا ئەر بىلەن ئورتاق ئىدى. بۇ خىل ئورتاقلىق پەقەت ئاشۇ قىممەت ۋە پرىنسىپلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقى پاكلىق، بۇلغىنىشتىن خالى بولغان پاكىزلىق، ئىپپەتلىك بولۇش، ھارامدىن ساقلىنىش، ھىجاب بىلەن ئورۇنۇش، اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىنى چىڭ تۇتۇش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى يات ئەر-ئاياللارنىڭ خىلۋەت جايدا يالغۇز ئۇچرىشىشىنى ۋە زۆرۈرىيەتسىز ئارىلىشىشىنى چەكلەيتتى. ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنى ۋە ئىبلىسنىڭ بىر ئوقى بولغان تىكىلىپ قاراشنى چەكلەيتتى.
بىراق، ھەق يولدىن ئېغىپ كەتكەن ئىسلام جەمئىيىتى ئايالغا نىسبەتەن جاھىلىيەتكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلدىغان، يەنى ئايالغا قۇرتقا قارىغاندەك قارايدىغان، ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ دەپ كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
بۇ چاغدا ئەھۋال رەببانى، يېڭىلىقپەرۋەر، مۇجاھىد ئالىمغا ھەقىقەتەن مۇھتاج ئىدى. بۇ ئالىم جەمئىيەتنى ئاياللار مەسىلىسىدە ۋە باشقا ھەر قانداق مەسىلىدە ھەقىقى ئىسلام دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. بىراق، ئۇممەت باشقا بىر ئۇسۇلنى قوللاندى....
ئۇممەت قوللانغان ئۇسۇل غەربلەشتۈرۈش يولى بويىچە «ئاياللارنى ئازات قىلىش» بولدى.
ئايال ئۆيىدىن چىقتى.... ئايالنى ئۆيىدىن چىقىرىش يەھۇدى-خرىستىئانلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنىڭ تۈپ نىشانلىرىدىن بىرى بولغىنىدەك، ئەرنى ئېزىقتۇرۇپ، ئۇنى «تالادا» قونۇپ قالىدىغان قىلىشمۇ ئوخشاشلا دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى ئىدى. بىراق، بۇ تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، پەقەت ئۇزۇن يولدىكى بىر قەدەم ئىدى خالاس.
ئايال ئۆيىنى تاشلىغان چاغدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قىممەت قاراش ۋە چۈشەنچىلەرنى تاشلىدى. ھەتتا اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغان دىننىڭ تۈپ ئاساسىنىمۇ تاشلىدى. ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان، ئۆزگەرتىش زېمىندا بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئاساسى پرىنسىپلارنى ئۆزگەرتتى....
ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەردى....
ئايال ھىجابىنى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. ۋەھالەنكى، ئۇ اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغان دىننىڭ تۈپ ئاساسلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئايال تەدىرىجى ھالدا ئۆز جىسمىنى يالىڭاچلىدى. ئاخىرى دېڭىز ساھىللىرىدىكى يېرىم يالىڭاچلىق پەيدا بولدى. ۋەھالەنكى، بۇ اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان ئىشلار ئىدى.
ئايال سىرتقا چىقىپ، خالىغان ئەزالىرىنى يالىڭاچلاش ھوقۇقىنى ئۆزىگە بەرگەن چاغدا ئېزىش ۋە ئازدۇرۇش باشلىنىپ كەتتى.... ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە باشلانماسلىقىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز – مۇنازىرە نۇقتىسىدىن – دەسلەپتە ئايالنىڭ سىرتقا چىقىشتىكى مەقسىتى ئەرلەرنى ئازدۇرۇش ئەمەس ئىدى دېسەكمۇ، بىراق، شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئايال سىرتقا چىققان ھامان پىتنە ئەر-ئاياللارنىڭ قەلبىگە كىرىدىغان ئەڭ ئاسان يولنى تاپتى.... مانا ئايال ئەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بولدى. ئۇ ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان زىبۇ زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭمۇ دىققىتى قوزغالدى. ئايال بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدى. قىلىپ تۇرۇپ چىن كۆڭلىدىن مەمنۇن بولدى.... تەدىرىجى ھالدا ئەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش نىشانغا ئايلاندى. يېڭى-يېڭى پاسۇنلارنى ۋە خىلمۇ-خىل مودىلارنى ئىجاد قىلىدىغان ئورۇنلار پەيدا بولدى. ھەر تۈرلۈك گىرىم بويۇملىرى، گىرىمخانا ۋە پەردازخانىلار مەيدانغا كەلدى. گېزىتنىڭ باش بېتىدە «ئاياللار ئىستونى» ۋە «ئاياللار سەھىپىسى» ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا سۈرەت، خەۋەر، كۆرسەتمە ۋە ئىلاۋىلەر بىلەن: «پالانى كىيىم كۆكرەكنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرىدۇ، پالانى كىيىم بەدەننىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ، قاندق قىلغاندا ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتالايسىز؟ قانداق قىلغاندا ئەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلەيسىز؟ قانداق قىلغاندا.....» دېگەندەك بۇزۇش خاراكتېرىدىكى ئېلان ۋە يوليۇرۇقلار كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىندى.
ئېزىش ۋە ئازدۇرۇش نىشانغا ئايلانغان چاغدا، ئىشلارنىڭ نەزىرىيە ۋە ئاغزاكى تەشۋىقات ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟.... ياق! ئۇنداق بولمايدۇ، بەلكى، خەتەر يۈز بېرىدۇ....
خەتەر راستىنلا يۈز بەردى....
جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، مىراسلىرىغا، قىممەت قاراش، پرىنسىپ ۋە ئەخلاقىغا قارشى كۆرەش باشلاندى.
دۇمباقچى ۋە سۇنايچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ بۇزۇقچىلىقلارنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەيدىغان ئەنئەنە ۋە مىراسلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. دىن بەلگىلىگەن چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە چۇقان سالدى.
جەمئىيەت يىمىرىلدى، ئۇ چەكلىمىلەرگە چەكلىمىسىز ئىشلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان، توسۇقلارغا ئىنكار كۆزى بىلەن قارايدىغان بولدى.
ئەمدىكى مەسىلە «كىشىلەر قانداق قىلىپ دىن چەكلىگەن ئىشلارنى بىمالال قىلىشقا جۈرئەت قىلدى؟» بولماستىن، بەلكى، «دىن نېمىشقا بىزنىڭ نورمال قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى چەكلەيدۇ؟» بولۇپ قالدى.
فروئىدنىڭ نەزىرىيە ۋە تەلىماتلىرى – مەقسەتلىك ھالدا- تارقىتىلدى. مەخسۇس گېزىت ۋە ژورناللار ئۇنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلدى: «چەكلىمىنىڭ مەنبەسى مەيلى دىن ياكى جەمئىيەت ياكى ئەخلاق بولسۇن ئۇ ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ. روھىي مۇرەككەپلىكنى، پىسخىكا نورمالسىزلىقىنى ۋە نېرۋىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.... شۇڭا روھى ئاراملىققا ئېرىشىش ئۈچۈن چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك!».
ئوغۇللار ۋە قىزلار ئۆزلىرىنى تارىختىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردۇق دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
* * *
ئۆينىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟....
مەسجىدنىڭ ئەھۋالىچۇ؟....
ئايال ھەقىقى خاتىرجەملىك ۋە ئاراملىقنى پەقەت - مەيلى خىزمەت ئۈچۈن بولسۇن ياكى ئويۇن-تاماشا ئۈچۈن بولسۇن ياكى ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن بولسۇن - كوچىغا چىقىش مەقسىتىدە تاشلاپ كەتكەن ئۆيىدىنلا تاپالايتتى. چۈنكى، بۇ خاتىرجەملىك ۋە ئاراملىق اللەنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىر مۆجىزە ئىدى.
بالىلارنى جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان قىممەت قاراش، پرىنسىپ، ئىدىيە ۋە ئەقىدىلەر بىلەن تەربىيىلەپ چىقىش ھەمدە بالىلارغا كېرەكلىك بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئائىلىدىن باشقا جايدا قانداقمۇ مۇكەممەل ئىشقا ئاشسۇن؟!....
ئائىلىنى ۋەيران قىلىش يەھۇدىيلار باشقا مىللەتلەرنىڭ ھاياتىنى بۇزۇپ، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇلارنى ئېشەك قىلىپ مىنىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان رەزىل پىلان ئىدى. ياۋروپادا ئايال جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىمەكچى بولۇپ ئۆيىدىن سىرتقا چىققان چاغدا، يەھۇدىيلار كۆز ئالدىدىلا ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ پۇرسەتتىن ناھايتى ئوبدان پايدىلاندى. يەنى ئايالنى ئائىلىدىن نەپرەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ئائىلىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن «ئاياللار ئازادلىقى» مەسىلىسىنى بازارغا سالدى. گەرچە ئىسلام جەمئىيىتى بەزى تەرەپلەردە خاتالاشقان بولسىمۇ، بىراق، «ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى»نى ساقلاپ قالغان ئىدى.... بۇ دەل دۇنيا يەھۇدىيلىرىنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھاياتىنى خاراپ قىلىش پىلانى، خرىستىئانلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە زېمىندا ئۆزىنىڭ بىرمۇ دۈشمىنىنى قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئىسلام جەمئىيىتىنى خاراپ قىلىش پىلانى يولىدىكى داۋان ئىدى.
ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشتى، ئۇلارنىڭ تەلىۋى ئورۇندالدى....
ئىسلامى مەنادىكى «ئائىلە» ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوقاتتى. بالىلارغا ئىسلامنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى ئىسلام ئەنئەنىسى بويىچە تەربىيىلەيدىغان، بالىلاردا ئىسلامى قىممەت ۋە ئىسلامى تەسەۋۋۇرنى بىخلاندۇرىدىغان «باغچا» ۋەيران بولدى.... دۈشمەنلەر ئىسلامنىڭ يېڭىدىن قوزغىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى بولغان كۈچلۈك بىر ئاساسنى يىقىتقانلىقىدىن خۇشاللىنىپ قوللىرىنى ئۇۋۇلاشتى.... چۈنكى، بۆگۈن نە ئەردىن، نە ئايالدىن، نە بالىلاردىن ئەنسىرگۈدەك خەتەر قالمىغان ئىدى....
مەسجىد تاشلىۋېتىلدى....
مەسجىد تارىختىن بىرى مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئاقارتىش مەركىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.....
مەسجىد پۈتكۈل ياخشىلىقلارنىڭ سىمۋولى ئىدى....
مەسجىدتە اللە ئەسلىنەتتى، نامازلار ئادا قىلىناتتى، مەسجىدتە كىشىلەر ئىلىم ئۆگىنەتتى، ئىسلامى قىممەت بويىچە تەربىيە ئالاتتى، جىھاد مەسجىدتىن ئېتىلىپ چىقاتتى، ئىشلار مەسجىدتە قارار قىلىناتتى.
ئۆي بالىلارنىڭ باغچىسى بولسا، مەسجىد چوڭلارنىڭ باغچىسى ئىدى. بۇ ئىككى مۇئەسسە پۇختا ئاساس بويىچە بىنا قۇرۇپ چىقىشتا ئورتاق ھەمكارلىشاتتى. ئىسلامى مەنادىكى «ئۆي» يىقىلدى، مەسجىد تاشلىۋېتىلدى... كىشىلەرنى ئىسلام تەربىيىسى بويىچە تەربىيىلەيدىغان باغچىلار ۋەيران بولدى...
مۇسۇلمانلار مەسجدنى قانچىلىك تاشلاپ كەتكەن بولسا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە «ئارامگاھ»لار ئادەملەرگە شۇنچە لىق تولدى.
دۈشمەن كىشىلەرنى: «كېرەك يوق، سىلەر ‹لا إلە إلا اللە› دەپ شاھادەت ئېيتقان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا، سىلەر شەكسىز مۇسۇلمانسىلەر» دەپ ئېزىقتۇردى].
*****
يېزىغا بېرىپ، نەرسە-كىرەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىمدا كەچ كىرىپ، ئىپتار ۋاقتىغا ئاز قالغان ئىدى. مەنمۇ ھېرىپ پۈتۈنلەي ھالىمدىن كەتكەچكىمىكىن، ئۆيگە كىرىپلا ئۆزۈمنى يەرگە گۆپپىدە تاشلىدىم. ئايالىم مەن قىلدىغان يەنە بىر ئىشنىڭ گېپىنى چىقاردى.
- نېمانداق ئېشىڭ تۈگىمەيدۇ سېنىڭ؟ ئەگەر سەن بىرەر ئىدارىنىڭ باشلىقى بولغان بولساڭ، خەقنى ئىشقا سېلىپ ئۆلتۈرۈپ بولىدىغان باشلىق بولىدىكەنسەن- دېدىم تەئەددىي بىلەن. ئايالىم ئۈندىمىدى، ئەمما، مەن ئويلىنىپ قالدىم... «ئايالىمدا نېمە گۇناھ؟ ئۇمۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەيدۇ، ھېيتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرىم، خىزمەتداشلىرىم، ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە دوست-بۇرادەرلىرىم ھېيتلاپ كەلسە چىرايلىق بولسۇن دەپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەننى ياخشى بىلىدۇ. بىز ئەرلەر ئايالىمىز ئىشقا بۇيرىسا غۇدىرىغان بىلەن، ئۆيگە ئىككى مېھمان كەلسۇن يەنە شۇ خوتۇننىڭ قېشىغا يۈگىرەپ «ئۇ بارمۇ، بۇ بارمۇ؟» دەپ خوتۇننىڭ بېشىنى ئاغرىتىمىز. شۇڭا ئايالىم «سۇ كەلمەستە توغان تۇت» پرىنسىپى بويىچە ئىش تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مىزانىغا ئايلاندۇرغان.
تاڭ سەھەر، روزا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى!
ئايالىم نامازدىن بۇرۇنلا مېنى يېزىدىكى ئۆيگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كېلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە نازۇ-نېمەتلەرنى تىزىدىغان خرۇستال ۋازىلار يېزىدىكى ئۆيدە ئىكەن، ئۇنى نامازدىن بۇرۇن ئېلىپ كەلمىسەم...
يەنە يېزىغا چاپتىم. كېتىۋاتىمەن، بۇ ئالدىراشچىلىقلار قاچانمۇ تۈگەر؟ ئالدىرماي، ئۈچ ئوغلۇمنى رەتلىك كىيندۈرۈپ، نامازغا بىللە ئېلىپ بارسام، ئۇلارغا نامازنىڭ، جامائەت ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇرسام قانداق بولار؟! ئۆزۈممۇ رەتلىك كىيىنىپ، مەسجىدكە بالدۇرراق بېرىپ، ئىمامنىڭ نەسىھەتلىرىدىن ئوزۇق ئالسام... خياللىرىمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. ئوغلۇمنى مەسجىددىن قوغلاپ چىقارغان ئاشۇ ئىمام قانداقمۇ جامائەتكە ھەق بىلەن نەسىھەت قىلالىسۇن!؟ ئۆزى ئەمەل قىلمىغان ھەق باشقىلارنىڭ قەلبىگە قانداقمۇ تەسىر كۆرسىتەلىسۇن؟ ھەي ئىماملار! قىيامەت كۈنى اللە ئالدىدا قانداقمۇ قىلارسىلەر؟ مەسجىدنىڭ مۇنبەرلىرىنى ئىگىلەپ، ئازغىنە دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن دىننى ساتقىنىڭلار، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، دىننى كۇپرىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرغىنىڭلار ئۈچۈن يۈزۈڭلار قارا بولغاي ئىلاھىم! اللە سىلەرنى ھەرگىز كەچۈرمىگەي!!!...
ئايالىمغا ۋازىلارنى ئەكىلىپ بېرىپ ھېيت ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە ماڭدىم. بالىلىرىم ئاللىقاچان يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەسجىدكە كېتىشكەن ئىدى... ھەممىنى قىلغىنى مۇشۇ «توخۇ كاتىكى» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئەگەر ئارتۇق نەرسىلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئۆيگىلا سىغىپ كەتكەن بولسا ئىدى، بۇنداق نەرسە-كىرەك توشۇش ئاۋارىچىلىقىنى تارتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. كېتىۋېتىپ قايسى بىر كۈنى يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەپ قالدىم: ئالتىنچى قەۋەتتىكى خوشنىمىزنىڭ كېسەلچان دادىسى ئالەمدىن ئۆتىۋىدى، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى جەسەتنى ئالتىنچى قەۋەتتىن قانداق چۈشۈرۈش توغرىسىدا ئازىراق تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئۇنى تاختاي ئۈستىگە ياتقۇزۇپ، باش ۋە ئايىغىدىن ئارغامچا بىلەن باغلاپ، دېرىزىدىن پەسكە ئاستا چۈشۈرمەكچى بولدى. جەسەتنى چۈشۈرۈشكە باشلاپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ، مېيىت ئىگىزدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىپ، سوڭەكلىرى سۇنۇپ نەچچە پارچە بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن بىرى مەنمۇ ھامان مۇشۇ قىسمەت مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىپ قالىدىغاندەك بىر ۋەھىمە ئىلكىدە ياشايدىغان بولۇپ قالدىم.
ھېيىت نامىزىدىن كېيىن بالىلىرىمغا ھېيتلىق بەردىم-دە، تۈنۈگۈن بۇيرۇتۇپ قويغان تور قاپقاقنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ماڭدىم. دېرىزىدە تور قاپقاق بولمىسا ھەقىقەتەن بولمايتتى. چۈنكى، دېرىزىنى ئوچۇق قويساڭ ھېيتلىق نازۇ-نىمەتلەر چىۋىنىڭ قورشاۋىدا قالاتتى. ئېتىپ قويساڭ ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىپ ئولتۇرغىلى بولمايتتى.
قاپقاقنى ئەكىلىپ بىكىتىپ بولغان چېغىمدا ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى ئېلىپ ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلىغىلى ماڭدىم. دۇنيادا ئىنساننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى ئانا بىلەن دادا، ئۇنىڭدىن قالسا بىر تۇققان قېرىنداشلار بولسا كىرەك. ئالتە قېرىنداش چوڭ ئاكامنىڭ ئۆيىگە جەم بولدۇق. ئانام بىلەن دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھەر يىلى ھېيتتا بىر تۇققان قېرىنداشلار مۇشۇنداق جەم بولۇپ ھېيتلاشنى ئادەت قىلغان ئىدۇق. ھەر بىرىمىزنىڭ 4-5تىن بالىسى بولۇپ، جەمئىي 25 بالا، ئالتە جۇپ ئەر-خوتۇن ھېيت خۇشاللىقىدا ئۆينى بېشىمىزغا كىيدۇق. ھېيتنىڭ ئاخىرى بىزنىڭ ئۆي بىلەن تاماملاندى. يەنە شۇ توخۇ كاتىكى، كىچىكلىكىدىن مېھمانلار ئۆيگە پاتماي قالدى. چوڭلار ۋە بالىلار ئۈستەل ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئولتۇرسىمۇ سىغماي، ئۆرە تۇرۇشقا توغرا كەلدى.
ئەينى چاغدا چوڭلار ئۆي سالسىلا «ئايۋان» دەپ ئاتىلىدىغان يوغان ئۆيلەرنى سالاتتى. كېينچە بۇنداق چوڭ ئۆيلەر بىز ياشلارنىڭ كۆزىمىزگە سىغماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۆيلەرنى مەسخىرە قىلىپ، كۆزگە ئىلمايدىغان بولدۇق. بارا-بارا ئايۋان سېلىشمۇ ئەمەلدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كىچىك مودا ئۆيلەر ئىگىلىدى.
ياشىسۇن ئايۋان، ياشىسۇن چوڭ ئۆي! دەپ ۋارقىرىغۇم كەلدى. ئەمما، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ۋارقىرىيالمىدىم. بۇرۇنلاردا ھەممە ئادەم ئۆي سالسا كەڭرى ھەم چوڭ ئۆيدىن بىر-ئىككىنى مەخسۇس مېھمانلار ئۈچۈن سالاتتى. توي-تۈكۈن، نەزر-چىراقلاردا مېھمانلارنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىلا كۈتۈۋالاتتى. رامىزانلاردا ئۇرۇق-تۇققان، قۇدا-باجا، قوشنا-قولۇملارنى چاقىرىپ ئىپتارلىق بېرەتتى. باراھەت، قەدر كېچىلىرىدە مېھمانلار جەم بولۇپ كېچىچە ئۇخلىماي تۈنەپ چىقاتتى. ئالىملار دىندىن نەسىھەت قىلاتتى. بالىلار داۋاملىق نەسىھەت ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئەدەپلىك، پەزىلەتلىك، مۇلايىم چوڭ بولاتتى. ھازىرقىدەك بالىلاردىكى ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق ئىللەتلىرى ئۇ زامانلاردا كەمدىن-كەم كۆرۈلەتتى ياكى يوق ھېساپتا ئىدى.
ئەمما، بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن چوڭ ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى كىچىك ئۆيلەر ئىگىلىدى. چوڭ ئۆيلەر مەجبۇرى چېقىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سەرەڭگە قېپىدەك ياكى توخۇ كاتىكىدەك كىچىك ئۆيلەر بىنا قىلىندى. كىشىلەرمۇ ئىختىيارى ھەم مەجبۇرى رەۋشتە كىچىك ئۆيلەرنى ئاستا-ئاستا ئاڭلىق ھەم ئاڭسىز تۈردە قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. ئۆيلەردىن مېھمانلار ئاستا-ئاستا غايىپ بولدى. باھانە ــ ئۆي كىچىك، كۆپ ئادەم سىغمايدۇ.
|
|