ئەركزات يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 00:51 
بىز ھەممىمىز بۇ ئالەمنىڭ تۆت كۈنلۈكلا مېھمىنى. شۇن ...
يازغۇچىلار مۇنبىرىدە تەرجىمالدا خاتالىق بار.نۇر رۇزى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستۇتىدا 1957-يىلى ئەمەس،1955-يىلى يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سابىق شىنجاڭ ئىنىستۇتىغا تەڭ ئوقۇشقا بارغان.1938-يىلى تۇغۇلغان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى نۇررۇزى ۋاپات بولۇپ،يازغۇچىلار مۇنبىرى بىلەن ئەلكۈيى مۇنبىرى تەرجىمىھالدىكى خاتالىققا يول قويۇپتۇ.ئەلكۈيى بىلەن يازغۇچىلار مۇنبىردىكى نۇررۇزىنىڭ تەرجىمىھالى خاتا بولۇپ قالغان.
ئەلكۈيى ۋە يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى خاتالىق تۆۋەندىكىچە:
1.تۇغۇلغان ۋاقتى توغرا ئەمەس،1942-يىلى ئەمەس،1938-يىلى تۇغۇلغان.
2.مەكتەپكە 1957-يىلى ئەمەس،1955-يىلى ئوقۇشقا بارغان.
3.شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستۇتى ئەمەس،بەلكى،يۇقۇرقى تېمىدەك سابىق شىنجاڭ ئىنىستۇتىتى ئاگرانۇم فاكۇلتىتى ماشىنسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان.
مەرھۇم ۋاپات بولغان چاغدا،يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يازغۇچىنىڭ تۇغۇلغان يىلى سورىغان چاغدا،چوڭ قىزى 1938-يىلى تۇغۇلغان،دادام 74يېشىدا ۋاپات بولدى دەپتۇ،ئوقۇغان مەكتەپكە كەلسەك،يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆز ئاغزى بىلەن بىر يىلدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستۇتىغا بارغانلىقىنى قەيت قىلدى.شۇڭا،بۇ تەرجىمىھالدا زور خاتالىق كۆرۈلگەن.
مۇمكىن بولسا،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى خاتالىقنى تۈزىتىپ قويۇڭ.
