تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1541|ئىنكاس: 19

داڭلىق يازغۇچىمىز نۇر روزى ئالەمدىن ئۆتتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئادەمنى تاغ پۇتل

UID
2986
يازما
25
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
756
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ، «ئەنجانباي» ناملق رومان، «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» ناملىق ھېكايىنىڭ ئاپتورى، غۇرۇرلۇق يازغۇچى نۇر روزى ئەپەندى  2012-يىلى 9- ئاينىڭ 23 -كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 14:30 ئەتراپدا ئالەمدىن ئۆتتى . ياراتقان ئىگەم بۇ پەخىرلىك ئۇستازنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، دەپ تىرىكلەر مەرھۇمغا دۇئا قىلىمىز . ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى  ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق زور يوقۇتۇش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

    يازغۇچى نۇر روزى 1942 - يىل 1 - ئايدا يەكەن ناھىيسىنىڭ چارەك يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يەكەندە ئوقۇپ تاماملاپ، 1957 - يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ماشىنسازلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1960 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 -، 3- دېۋىزىيلىرىدە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بۆلۈمىدە كەسپىي خادىم، بۆلۈم مۇدىرى بولغان، 1985 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، نەشرىياتى باسما زاۋۇتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

    مەرھۇم يازغۇچى  نۇر روزى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1980 - يىلى« قەشقەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىنغان«قوشماق ئاداش» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاساسەن ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى»، «قىساس»، «سېپى بولمىسا، ئېپى بولمايدۇ»،«ئا، ب، س ... ئەپەندى» قاتارلىق  كۆپلىگەن ھېكايىلارنى يېزىپ كىتابخانلارغا تەقدىم قىلغان. نۇر رۇزىنىڭ«قىساس» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987 - يىلى نەشر قىلىنغان. مەرھۇم نۇر روزى  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
964
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42687
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
214 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى»نى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەك ئوقۇغانتىم، ھەر قېتىم ئوقۇسام يىغلىغۇم كېلەتتى. ئۇ چاغدىكى يىغلىشىمنىڭ سەۋەبى بۇ بالا نېمىشقىمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىغاندۇ، قىل دېگەننى قىلىپ بولۇپ يېنىپ چۈشكەن بولسا-ھە، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بىراق چوڭ بولغاندىن كېيىن شۇنى ئويلىدىمكى، كىچىكلا بىر بالىدا ھەجەپ شۇنداق بىر روھ بار ئىكەن. بۇ ھېكايىنى ئوقۇغانچە ئوقۇغۇسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. بۇ ۋەقەلىك بىلەن ئاپتورنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ تولىمۇ ماسلاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرسە كېرەك. شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھېكايەمنىڭ ئاپتورىنى بۇرۇنلاردا ئىسمىنى بىلسەممۇ باشقا تەپسىلاتلىرىغا پەقەت قىزىقىپ باقماپتىكەنمەن. بىراق بۈگۈن بۇ مۇسبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ باشقىچە بولۇپ قالدىم... نۇر چوڭ داداشنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر تىلەيمەن.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
333
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10106
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن .كەرىمىلىك ئاللاھ يازغۇچىمىزنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە سەۋىر ئاتا
قىلسۇن .مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن ،.
ھەر قېتىم يازغۇچىمىز نۇر روزنىڭ ئىسمنى ئاڭلىغىمدا «مۆمىننىڭ مومغا چىقىشى »دېگەن ھىكايىسى ئىسىمگە كىلىدۇ .تۇلۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىمۇ ياكى 3- يىللىقمۇ بۇ تازا ئېسىمدە قالماپتۇ ،ئەدەبىياتتا مۇشۇ دەرىسىنى مۇئەللىم ئۆتۈپ بەرگەندە دەرسخانا باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى .شۇ ۋاقىتتا «مۇئەللىم قىزىل پاچاق نېمە دېگەن گەپ»دەپ سورىغىنىممۇ ھېلىھەم ئېسىمدە ..............بىر پارچە ئېسىل ئەسەر ئىدى .

UID
32982
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ياتقان يىرنى جەننەتتە قىلسۇن!!

UID
37509
يازما
117
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
117
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1988-1989-يىللىرى ۋە 1995-يىلى بىز ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش يىللىرى بولغانىدى. يەنى 1988-1989-يىللىرى زۇنۇن قادىرى، ئابدۇكېرىم خوجا، تىيىپجان ئېلىيىف قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن كېتىپ قالغانىدى، 1995-يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئالەمدىن ئۆتتى... مانا ئەمدى 2012-يىلى،جۈملىدىن 9-ئايدىلا ئىككى نەپەر ئەدىبىمىز كېتىپ قالدى، يەنى مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن نۇر روزى بىز بىلەن ۋىدالاشتى... مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ ياشاۋاتقان ئېسىل ئادەملىرىمىزگە ئۆلۈم دەۋرىيلىك ھاسىل قىلىپ يېقىنلىشىۋاتىدۇ!   

UID
41892
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئۆلدى،ئالەم ئۆلدى......

UID
19641
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئەنجانباي›› روماننى بەك قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇغانتىم ،ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن.

UID
28222
يازما
59
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكىگە ئۆلۈم يوق ياخشىغا كۈن(يوق)،كىچىە-كۈندۇز مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ ،مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ياخشى كشلىرىمىز بىزدىن ئايرىلىپ ،مىللەت ئۈچۈ ن ئورا كولاپ ،ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئوتقا ئىتتىرۋاتقانلار ھەممە يەردە مەۋجۇت بۇلۇپ يۇرىدۇ دىسە !
ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ قەبرە ئازابىدىن ساقلىغاي !قېرىنداشلىرىغا جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە سەبىر ئاتا قىلغاي !ئامىن !
تۈنۈگۈن نىمانداق بىر نەرسەمنى يۇقۇتۇپ قويغاندەكلا بولۇپ قالغاندىمەن دىسەم ئەسلى ئالىمىمىزىدىن ئايرىلىپ قاپتىكەنمەن ئەمەسمۇ ؟ساۋاقدىشىمدىن بۈگۈن قانداق كۈن ،مەن خۇددى بىر نەرسەمنى يۇقۇتۇپ قويغاندەكلا بىر خىل ھىسياتقا كىلىپ قالدىم دىسەم ،ئۇ پەرۋاسىزلا ھىچقانداق مۇھىم كۈن ئەمەس ،ئۆزۈڭنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭنىڭ توي خاتىرە بولمىسلا دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى !

كۆيۈمچان ئەزا

يارتىلىشىمىزدىكى مەقسەت ياخشى

UID
12641
يازما
120
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3301
تىزىملاتقان
2011-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىمانىنى سالامەت ، ئۇ دۇنيالىغىنى ئاسان قىلسۇن .

UID
46091
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-8-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akattrgvl يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 15:44
قالۇ ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن .كەرىمىلىك ...

      قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ‹‹ئايالچە›› ئوقۇپ قويغىنىڭىز نېمىسى ؟ ‹‹ قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ›› دېسىڭىز توغرا بولىدۇ .

   مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش