- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 196
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4638
- تىزىملاتقان
- 2010-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- UID
- 613
- يازما
- 196
- تېما
- 86
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4638
- تىزىملاتقان
- 2010-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- توردا
- 48 سائەت
|
تاراتقۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق دەپتۇ: جۇڭگۇ دىيايۈ ئارىلىنى ئالالمىسا دىڭىز تەۋەلىكى ئاساسى لىنيەسى باياناتى،نامنى جاكارلاش،خەرىتىنى ئىلان قىلىش،چوڭ قۇرۇقلۇق چىگرا ئايرىش دىلوسى،ئاۋىياماتىكا تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھىچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.دىياۋيۈ ئارىلىنى ئەمەلىي كونتىرول قىلمايدىكەن ئۇ ھالدا ئاتالمىش«قارىشى تۇرۇش»نىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ ئەمەلىي نامايەن بولمايدۇ.دىياۋيۈ ئارىلىدا،ئىلىپ بىرىلغان بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى قۇراللانغان بىر ئەسكەرنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىغا چىقىپ دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىشىگە يەتمەيدۇ. جۇڭگۇ نۆۋەتتە تىخى ماھىيەتلىك قارىشلىق ئىچكى كۈچكە تەييارلىنىپ بولالمايۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىدە، جۇڭگۇ يىرىم يىل ئىچىدە ئەمەلىي ھەركەت قوللىنشى كىرەك، بولمىسا دۆلەت ئىچىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئىغىر دەرىجىدە يۇقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى بىلەن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى پانىتا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ بىيجىڭدا زىيارەتتە بولدى.غەرىبى تىنىچ ئوكياننىڭ جىددىي ۋەزىيتىگە نىسپەتەن ئىيىتقاندا، ئامېرىكا كۆرۈنۈشتە بىر خىل ھالەت ئىپادىلىدى:يەنى جۇڭگۇ بىلەن ئاسىيا قىتئەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قۇشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا رەسمىي ھەربى تۇقۇنۇش يۈز بىرىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى،ئامىرىكنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قلىشنى ياكى چىتىلىپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقنى بىلدۈردى.ئەمما ئەمەلىيەتتە،ئامېرىكىنىڭ «ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان ئىستىراتىگىسى»دە ھەرقانداق ماھىيەتلىك تەڭشەش بولغىنى يوق. ھىلارى بىلەن پانىتا ھەرگىزمۇ جۇڭگۇغا ھەرقانداق ماھىيەتلىك «سوۋغا» بەرمەيدۇ.ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگۇنى قورشاشتەك تەرتىپلىك رىتىمىنى ئاستىلاتمايدۇ.ئامېرىكىنىڭ 2009-يىلى كىيىنكى يىرىم يىلدىن بۇيانقى ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارايدىغان بولساق،قارتا چىقىرىش تەرتىپى روشەن،ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنتايىن ئىنىق.ھەركىتى پۇختا:
بىرىنچى،2009-يىلى 11-ئايدا،ئوباما سىنگاپۇردا شەرقتىكى ئىتتىپاقداش ئون دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن تۇنجى قىتىم يىغىن ئۆتكۈزدى،ئىككى تەرەپ ئۇزاق مەزگىللىك تىنىچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،ھەمرالىق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلدى.
ئىككىنچى،2010-يىلى 7-ئايدا،ھىلارى خانۇيدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلار يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دىڭىزدا «دۆلەت مەنپەئىتى»بارلىقىنى تۇنجى قىتىم جاكارلاپ،جەنۇبى دىڭىز مەسىلىسىگە رەسمىي ئارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوباما بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنى مەزگىلىدە شەرقتىكى ئىتتىپاقداش ئون دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئىككىنچى قىتىم ئۇچۇرشۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى،يىغىندىن كىيىن بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلىپ «دىڭىز ئۈستى بىخەتەرلىكى» ۋە «ئەركىن قاتناش»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۈچىنچى،2011-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا فىلىپپىنگە ھەربى مەجبۇرىيەتتىن چىكىنگەن«خامىلتۇن» دەرىجىلىك چارلىغۇچى پاراخۇتنى ناملىق تاپشۇرۇپ بەردى.11-ئايدا ئوباما ئاۋىستىرالىيەنى زىيارەت قىلغاندا ئاۋىستىرالىيەدە قۇشۇن تۇرغۇزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئامېرىكا بىلەن سىنگاپۇر سىنگاپۇرنىڭ جاڭيى دىڭىز ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخۇتىنى تورغۇزۇش كىلىشىمى تۈزدى.
تۆتىنچى،2012-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا دىڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ تەخمىنەن 200چە ئەسكىرى كۆتۈرە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ساۋىيدىن يولغا چىقىپ ئاۋىستىرالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر دارۋىنغا يىتىپ كىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۇرۇش قىلىش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ۋەزىپىسىنى تۈگەتتى.4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامىرىكا بىلەن فىلىپپىن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتنىڭ دىپلوماتىيە باشلىقلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىيە باشلىقلىرى ۋاشىنگىتوندا تۇنجى نۆۋەتلىك «2+2» يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ.ئىككى دۆلەت ئورناتقان «كۈچلۈك، چاققان، ئىنكاسى تىز بولغان»ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىنىق بىكىتتى.6-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى-جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر مالىيۇجىيا(马六甲)دىڭىز بوغۇزى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ يەتتە دۆلەت ۋە ئالتە دۆلەتنىڭ كۆپ قىتىملىق بىرلەشمە ھەربى مانۋىرىنى ئىلىپ باردى. 8-ئايدا ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە گۈەنداۋ ئارىلى ۋە تى نىئەن ئارلىدا 37 كۈنلۇك نىشان ئىنىق بولغان «ئارالنى تارتىۋىلىش ئۇرۇشى»بىرلەشمە ھەربى مانۋىرىنى ئۆتكۈزدى.10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا كۆپ خىل ئۇرۇشنىڭ ھەربى ئىشلار ئىھتىياجىدىن چىقالايدىغان `12 دانە ئايرۇپىلاننى ياپۇنىيەنىڭ يەنگو بازىسىدىن چوڭشىڭ ناھىيەسى يى يې قولتۇقى شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئايروپورتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولدى.دىياۋيۈ ئارىلىغا بولۇپمۇ جۇڭگۇنىڭ شەرقى دىڭىزغا قارتىلغان ئۇرۇش رادىئۇسى كۆپ قىسقارتىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،«جورجى ۋاشىنگىتون»،«جۇن خىيۇستيۇن»دىن ئىبارەت ئىككى ئاۋىياماتىكا جەڭ قىلىش توپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگۇنىڭ شەرقى دىڭىز ۋە جەنۇبى دىڭىزغا يۈزلىنىپ جايلىشىپ بولدى.ھەربىر ئاۋىياماتىكىغا 80دىن ئارتۇق كۆرەشچى ئايرۇپىلان ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
|
|