جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلى ئۈچۈن ياپۇنىيە بىلەن ئۇرۇش قىلامدۇ؟
ياپۇنىيەنىڭ ھازىرقى بۇ ھەركىتى ھەرگىزمۇ بىردەملىك ھاياجانلىنىش بولماستىن، بەلكى بۇرۇنلا پىلانلانغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ياپۇنىيە ئامىرىكىنىڭ يۆلىشى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ قۇدىرەتلىق دۆلەتكە ئايلاندى. ياپۇنيەنىڭ جۇڭگونى بۇنداق كۆرەڭلەرچە ئاشكارا كۆزگە ئىلماسلىقى، روسىيەدىن «قۇرقۇشى»، شۇنىڭ بىلەن بىللە كورىيە بىلەن دىپلۇماتىيە سۈركىلىشى پەيدا قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ياپۇنىيەگە زادى نىمە پايدىسى بار؟ ئەقىللىق ياپۇنلار بۇ مەسىلىنى ئويلاشماي قالمايدۇ.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياپۇنىيەنى ئىزچىل جازالاپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەت ئارمىيىسى يوق، ئاتالمىش قوغدىنىش قۇشۇنىنىڭ كۆلىمىمۇ ئاران 200 مىڭ ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىنىۋاتىدۇ. ياپۇنىيەدەك مۇنداق زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنىڭ، بولۇپمۇ بىر ئارال دۆلىتى، شۇنداقلا غورۇرى كۈچلۈك بولغان بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئۆز ھەربى قۇشۇنى بولماسلىقى ئۇلارنى مەڭگۈ خاتىرىجەم قىلمايدۇ. بۇرۇن باش ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى ئىزچىل ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۇلارنىڭ ھەربى قۇشۇنىنى جازالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۆپ قىتىم ئىلتىماس قىلغان. ئەمما روسىيە بىلەن جۇڭگو ئىزچىل قارشى تۇرغاچقا، بۇنىڭ نەتىجىسى بولماي كەلگەن. ئامىرىكا ھەر قىتىم ئاسىيادا ھەرخىل نىزا پەيدا قىلغاندا، ياپۇنىيە ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي، بۇنىڭدىن ئۆزىگە كىلىدىغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئامىرىكىدىن قورال سېتىۋىلىپ كەلدى. بۇ ئەھۋاللاردا ياپۇنىيە شۈبىھىسىزكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دەرت تۆكىدۇ. روسىيە رەھبەرلىرى كۆپ قىتىم شىمالدىكى تۆت ئارالنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ياپۇنىيە بىشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ، باشقىلارنىڭ مازاق ئوبىكتى بولۇپ قالغان. ياپۇنىيەدەك تارىخى ئۇرۇش ئەنئەنسى بولغان بىر دۆلەت نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى روسىيەدىن قورقۇپ قالارما؟ ياپۇنىيە شۇنى ئىنىق بىلىدۇكى، ئامىرىكا ئۇلارنى ھەرگىز بوزەك قىلدۇرمايدۇ، شۇنداقلا ياپۇنىيەنى خەتەرلىك ئەھۋالغىمۇ تاشلاپ قويمايدۇ. ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە ئويناۋاتقان بۇ ئويۇندا چوقۇم بىر دۆلەت ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىشى كىرەك. ئەگەر بۇ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىققان دۆلەت روسىيە بولۇپ قالسا، بەلكىم ۋەزىيەتنى يىغىشتۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بۇ چاغدا ياپۇنىيە سۈكۈت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىققان دۆلەت جۇڭگو ياكى كورىيە بولۇپ قالسا، ياپۇنىيەنىڭ ئامىتى كەلگىنى شۇ. مەيلى جۇڭگونىڭ دىياۋيۈ ئارىلى ياكى ياپۇنىيە كورىيە تاكسۇما ئارىلى بولسۇن، پەقەت ياپۇنىيە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىلەن توقۇنۇشۇپ، قارشى تەرەپ دۆلەت ئەسكەر چىقارسىلا، بۇ چاغدا ياپۇنىيە تەبىئىلا تاجاۋۇزغا ئۇچىرىغان دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ياپۇنىيەنىڭ ھەربى قۇشۇنىنى جازالاش يەنە داۋاملىشارمۇ؟ ئەمما خاتىرىجەم بولۇڭلاركى، ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئۇرۇش ھەرگىزمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ، يادرۇ ئۇرۇشى تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇرۇش باشلىنىپ 48 سائەت ئىچىدە ئامىرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئورۇشنى كىلىشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. ئەسكەر چىقىرىپ كىلىشتۈرەمدۇ، ياكى دىپلۇماتىيە ئۆمىكى ئەۋەتىپ كىلىشتۈرەمدۇ، بۇنىڭدا شۇ چاغدىكى ئەمەلى ئەھۋالغا قارايدۇ.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا جۇڭگو ياپۇنىيە تاللىۋالغان ئوبىكىت بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچ خىل: بىرىنجى، جۇڭگونىڭ دىپلۇماتىيەسى ئاجىز، ئۇرۇش بولامدۇ بولمامدۇ، بەرىبىر كىلىشكىلى بولىدۇ. ئىككىنجى، جۇڭگونىڭ ئەسكەر چىقىرىش ئىقتىدارى بار، شۇنداقلا ئەسكىرى ئاز ئەمەس. ئۈچىنجى، جۇڭگو بولسا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت، ياپۇنىيەنىڭ ئۆزىگە تاجاۋۇز قىلدۇرۇش تەلىپىگە چۈشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىستىراتىگىيە نوقتىسىدىن ئىيىتقاندا، دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا جۇڭگۇ ياپۇنىيە توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىقىپ قالسا، ياپۇنىيە چوقۇم يىڭىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەسكەر چىقىرىش مەقسىتى ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ دىياۋيۈ ئارلىنى قايتۇرىۋىلىش. ياپۇنىيەمۇ جۇڭگونىڭ ئەسكەر چىقىرىش مەقسىتىنىڭ ئاددى بولۇشىنى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھەربى قۇشۇنىنى جازالاشمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ. ياپۇنىيەمۇ خاتىرىجەم ھالدا ئەسكەر ئىلىپ، ھەربى قۇشۇنىنى زورايتالايدۇ. جۇڭگو ئەسكەر چىقىرىپ دىياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرىۋالغاندىن كىيىن، دىپلۇماتىيە جەھەتتە پاسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، ھەتتا ئوڭايسىز ئەھۋالدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا ئوتتۇرىغا چىقىپ كىلىشتۈرىدۇ. بۇ چاغدا جۇڭگو چوقۇم يول قويۇشى كىرەك. بولمىسا تاجاۋۇزچى دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەسكەر چىقىرىپ كىلىشتۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كىلىشتۈرۈش شەرتى ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تىرىتورىيە ماجىرالىرىنى قايرىپ قويۇپ ئەپ ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققى قىلىشى كىرەك. جۇڭگو قۇشۇلمىسا مەيلى ھىچقىسى يوق، ئۇنداقتا ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە قول تۇتۇشۇپ، ئامىرىكا، ياپۇنىيە، ۋىيتنام، فىلىپىن، مالايسىيا، ھىندىنۇزىيە شۇنداقلا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتلىرى بىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇرۇش قايتا پارتىلىمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز، ھەتتا جۇڭگوغا ئەجەللىك زەربە بولۇشى مۇمكىن.
قىنى ئويلاپ باقايلى، ئۇرۇش قىلساق پايدا ئالامدۇق ياكى ئۇرۇش قىلمىساقمۇ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزۇتسىيىسى توغرا، قانداقلا بولمىسۇن، ياپۇنىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئارالنى ئىگەللەشكە جۈرئەت قىلمايدۇ. شۇڭا بىز ھازىر سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەقىقى قۇدىرەت تىپىشىنى ساقلاش بىر ئاقىلانىلىق.
|