كۆرۈش: 9352|ئىنكاس: 54

تەستەك ۋە غۇرۇر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15872
يازما
124
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
214
تىزىملاتقان
2011-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-23
توردا
159 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 22:07:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ئىككى كۈن ئىلگىرى مەكتەپ يېنىدىكى 3 يۈەنلىك مۇقىم باھا تاللا ماگىزىنىغا كىرىپ دەپتەر سېتىۋېلىپ ئەمدىلا پۇل تۈلەي دەپ تۇرۇشۇمغا ، دۇكان خۇجايىنىنىڭ ئاللىقاچان چىقىپ كېتىش ئۈچۈن دۇكان ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ بولغان 14 ~ 13 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم . بالىمۇ بۇ 23 ~ 22 ياشلاردىكى ۋىجىككىنە ئايال خۇجايىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى .شۇ ئەسنادا ئايال خۇجايىن بۇ بالىدىن يانچۇققا سېلىۋالغان نەرسىنى چىقىرىشنى ئېيتتى .بالىمۇ ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان سىزىلىپ قالغانلىقىنى بىلدى بولغاي ،  يانچۇقىدىكى نەرسىنى ئايال خۇجايىننىڭ  قۇلىغا تۇتقۇزۇپ  قۇيۇپلا كەچۈرۈڭ دەپ قۇيۇپ ئارقىسىغا ماڭدى .ئەمما ئۇ ئايال خۇجايىننىڭ  بىر سىلكىپ تارتىشى بىلەن بىردەمدىلا يەنە ئايال خۇجايىننىڭ ئالدىغا كەپقالدى ... ئەسلى مەن دەپتەرنى ئۈستەلگە قۇيۇپ خۇجايىنغا ساناپ بىرىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ ‹‹ مىللەتنىڭ كۈشەندىسى ›› بولغان بىچارە بايقۇش ئارقامدا تۇرۇپلا ئالقان چوڭلۇقتىكى بىر دانە تىلىفۇن دەپتىرىنى يانچۇققا سېلىپلا ماڭغان ئىكەن .ئەپسۇسكى ئەسلىدىنلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نىجىس قىلىقىدىن  ھۇدۇقۇپ يۈرۈيدىغان بۇ خەنزۇ قىزنىڭ ئۈتكۈر كۆزى بۇ كىچىككىنە ئىشنى ھەم قاچۇرۇپ قويماپتۇ .<< چاڭ >> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خىيالىم  چېچىلىپ ئىشنىڭ جەريانىنى بىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ بىر نەچچە دەقىقىلىك ئويلىرىم شۇ ۋاقىتتىكى دۇكاننىڭ مەن ئۈچۈن تولىمۇ راھەتسىز بولغان مۇھىتىغا سىڭىپ كەتتى .<< كەچۈرۈڭ دېسەڭلا بۇلامدۇ ؟>> دەپلا چاڭڭىدە قىلىپ يەنە بىرنى سېلىۋەتتى .بۇ بىچارە بالىنىڭ يېيىشكە تېگىشلىك بولغان قېپقالغان بىر نەچچە تايىقىنى تۇسۇشنى خىيال قىلدىممۇ ئىشقىلىپ << نىمە قىلىق بۇ ئەمدى ؟! >> دەپ بالىغا چەكچەيگىنىمچە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ تۇردۇم .خۇجايىن قىزچاقنىڭ يەنە بىردەم سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يۇقال دېگەن گېپى بىلەن بۇ بالىمۇ ئالدىراشلا تىكىۋەتتى .گەرچە بىر يېرىم يىلدىن بۇيان مۇشۇ دۇكانىڭ ماللىرىنى ئەرزان كۈرۈپ داۋاملىق لازىملىق نەرسىلىرىمنى سېتىۋېلىپ بۇ خەنزۇ قىزچاق بىلەن تۇنۇش چىراي بوپ كەتكەن بولساممۇ ،ئەمما خۇددى مەن ئوغرىلىق قىلغاندەك بىر خىل ئۇڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم .شۇڭا ئارتۇق تۇرۇشقا تاقەت قىلالماي ئالغان نەرسىلىرىمنىڭ پۇلىنى تۈلىۋېتىپلا بۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم .ئەمما خۇددى بىلىپ تۇرۇپ بىرەر ھارام نەرسە يەپ سالغادەك تۇلىمۇ راھەتسىز بىر خىل كەيپىياتتا ئىدىم .قارىماققا بۇ ئىككى تەستەك بالىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئۇرۇلغىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزى ،ئابرويى ،ئىناۋىتى ئىدى .بەلكى بۇ بالا تۇنجى قېتىم بولمىسىلا مۇشۇنداق ئوغرىلىق قىلىش جەريانىدا تەستەك ،تاياق – توقماقتىن نەچچىنى يەپ تاياقنى سەزمەسمۇ بوپ كەتكەندۇ .ئەمما كانادا ،شىۋىتسىيە ،گىرمانىيە قاتارلىق چەت دۆلەتلىرىنى قۇيۇپ تۇرايلى ،ئەشۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تالاي قېتىم ئوغرىلىق قىلىش بىلەنلا ئاللىقاچان يۈزىگە نىجاسەت سۈركىلىپ بولغان بۇ ئۇيغۇر مىللىتىمىزمۇ ئاغرىقنى سەزمەس بوپقالغانمىدۇ ؟ بۇ بالىغۇ دۇكاندىن چىقىپ كېتىپلا قۇتۇلدى . ئەمما مۇشۇ بالا بىلەن قانداش ، تۇمۇرداش بولغان 10 مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە بولغان بۇ ئۇيغۇر مىللىتىچۇ ؟ بىزغۇ كىچىكلا بالىكەن ،بىلمەي قىلىپ سالغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆز –ئۆزىمىزگە يالغاندىن بولسىمۇ تەسەللىي بىرىپ توغرا چۈشەنمەكچى بۇلارمىز . ئەمما باشقىلارمۇ شۇنداق چۈشىنەرمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق چۈشەنچە ،قانداق نەزەردە قارايدىغانلىقى بىز لەرگە ئۇنچە قاراڭغۇ ئەمەس .دىققەت قىلىدىغان بولساق بىر تەرەپتىن شەھەردىكى ئادەم كۆپ يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلەمچىلەر بىلەن تۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قاقشاۋاتىمىز .يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان << شەرەپلىك >> ئەزالىرىمىزدىن ئانچە – مۇنچە شىكايەت قىلىش بىلەن ئاغرىنىپ قۇيۇۋاتىمىز .، خالاس . ئەمما بۇ بىزنى زادى نىمىگە دالالەت قىلىۋاتىدۇ ؟ بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇشۇنداق تىلەپ جان بېقىشقا لايىق مىللەتمۇ ؟ قايسى بىر ئەجدادىمىزدىن ئۇدۇم ئالدۇق بۇ خارلىقنى ؟ دېگەندەك ۋىجدانىمىزنى ئويغىتىدىغان مەسىلىلەردىن پۇرسەت بولسىلا ئۆزىمىزنى قاچۇردۇق ياكى ئويلانمىدۇق .جاۋابى شۇكى بىزلەر ھەرگىزمۇ ئۇنداق كۈنگە مۇپتىلا بولمىدۇق ،ئەمما نادانلىقىمىز ۋە تەييارتاپلىقىمىز بىزنى شۇنداق قىلىپ جاھاندارچىلىق ۋە تىرىكچىلىك قىلىشقا خۇددى كۈرۈنمەس شەيتاندەك چاقىرىۋاتىدۇ . پاجىئە شۇكى بىزلەرنى  كىچىككىنە ئىشلارنى  دەپ كۈنلەپ   ئۇرۇش – جاڭجال ،ئايلاپ –يىللاپ غەيۋەت –ئاداۋەتكە سەۋەبچى قىلغان ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان شۇ << بىباھا ۋىجدان – غۇرۇر >> ىمىز تىلەمچىلىك ۋە ئوغرى– يانچۇقچىلىق يوللىرىدىن بىزنى قايتۇرالمىدى ...
سۆزلەپ كەلسەك مەندىمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ خار – زەبۇنلار كوچىسىغا بىر كىشى ئارتۇق قېتىلسا كۈلۈپ يايرايدىغان ئۇنداق زەيپانە يۈرەك يوق ،شۇڭلاشقىمىكىن مۇشۇ ئىشلارنى كۈرۈپ ،ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە بىغەم ھالدا مەن ئۆزۈمگە مەسئۇل بولساملا كۇپايە دەپ يۈرەلمىدىم . ئەمما مەن يەنىلا مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن . چۈنكى شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، رېلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىزنىڭ ھامان ئوڭشىلىپ رېلىسقا كىرىدىغان ۋاقتى بۇلىدۇ . نەچچە مىڭ يىللىق گۈزەل مىللىي ئەنئەنىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بۇ مىللەتمۇ يەنە بىر كۈنلەردە ئۆز ئەقىدىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆز يۇلىنى تېپىۋالىدۇ .يات ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت نامىدا ئاتالغان ئەخلاقسىزلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خارلىقتىن باشقىنى ئەكىلەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ يىتىدۇ .
            

UID
47134
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-13
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئشلانى ئويلايدىغانلار  جەمىئتىمىزدە نۇرغۇن  ھەتتا ئىچكىرىلەردە ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا ئۇچرىشىپ قالمىسامكەن دەيدىغانلار ساناقسىز .... بۇ ئىشلارنى ئويلىسام  ئىچىمنى بىر نەسە تاتىلىغاندەك بوپ قالىمەن .. بۇ ئىشلانى ۋاقىتلىقمۇ دەيلى لىكىن ھەربىر ئاتا_ئانا بولغۇچىدىن ئۇتۇنىدىغىنىم پەرزەتتىن ئېبارەت بۇ كۇچەتنى ياخشى پەرۋىش  قىلساق  .. ئۇلارغا مىللەت ۋە دىن ئۇقۇمىنى  ھەقىقى  تۇغرا ئۇسۇلدا چۇشەندۇرۇپ كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا  يۇز كىلەلىگۇدەك  قىلىپ  يىتىشتۇرسەك ...ئېشىنىمەنكى ھەممىمىز قولنى_قولغا تۇتۇشۇپ  تىرىشساق ھەممىنى بىلگۇچى  ئۇلۇغ  ئاللا  بىزگە چۇقۇم ھىدايەت  ئاتا قىلىدۇ ،،،،  ئاخىرىدا  تىما ئېگىسىگە  كۆپ  رەخمەت ..   ھەممە قىرىندىشىمىز مۇشۇنداق ئويلىسا  نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى_ھە !!!

UID
17057
يازما
1149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2259
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-24
توردا
207 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇسكى ئەسلىدىنلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نىجىس قىلىقىدىن  ھۇدۇقۇپ يۈرۈيدىغان ............................................................................................


نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ خۇددى ئوغرى يەر شارى بويىچە ئۇيغۇردىلا باردەك.

UID
17057
يازما
1149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2259
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-24
توردا
207 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،ئەمما نادانلىقىمىز ۋە تەييارتاپلىقىمىز بىزنى شۇنداق قىلىپ جاھاندارچىلىق ۋە تىرىكچىلىك قىلىشقا خۇددى كۈرۈنمەس شەيتاندەك چاقىرىۋاتىدۇ . پاجىئە شۇكى بىزلەرنى  كىچىككىنە ئىشلارنى  دەپ كۈنلەپ   ئۇرۇش – جاڭجال ،ئايلاپ –يىللاپ غەيۋەت –ئاداۋەتكە سەۋەبچى قىلغان ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان شۇ << بىباھا ۋىجدان – غۇرۇر >> ىمىز تىلەمچىلىك ۋە ئوغرى– يانچۇقچىلىق يوللىرىدىن بىزنى قايتۇرالمىدى ...
سۆزلەپ كەلسەك مەندىمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ خار – زەبۇنلار كوچىسىغا بىر كىشى ئارتۇق قېتىلسا كۈلۈپ يايرايدىغان ئۇنداق زەيپانە يۈرەك يوق ،شۇڭلاشقىمىكىن مۇشۇ ئىشلارنى كۈرۈپ ،ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە بىغەم ھالدا مەن ئۆزۈمگە مەسئۇل بولساملا كۇپايە دەپ يۈرەلمىدىم . ئەمما مەن يەنىلا مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن . چۈنكى شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، رېلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىزنىڭ ھامان ئوڭشىلىپ رېلىسقا كىرىدىغان ۋاقتى بۇلىدۇ . نەچچە مىڭ يىللىق گۈزەل مىللىي ئەنئەنىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بۇ مىللەتمۇ يەنە بىر كۈنلەردە ئۆز ئەقىدىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆز يۇلىنى تېپىۋالىدۇ .يات ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت نامىدا ئاتالغان ئەخلاقسىزلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خارلىقتىن باشقىنى ئەكىلەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ يىتىدۇ .



ئاخىرىنى ئوقۇپ سىزنى ئوبدان چۈشەندىم. ئۈمىدۋار ئۆچۈرىۋەتسە بوپتىكەن بۇ يازمىنى. بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ مىللىتىمىز ئىزىدىن چىقىپ كېتىپتۇمۇ؟ قاچان؟
ئۇيغۇر قاچان تىلەپ يەپتۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونومدىن چىقىۋاتقان نېمەتلەرنى ئاللا بىزگە رىزىق قىلىپ شۇنچە بەركەتلىك بەرگەن، مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاللاغا شۈكرى ئېيتىپ يەپ كېلىۋاتىدۇ، كىمدىن تىلەپتۇ؟
ئۇيغۇرنىڭ قورسىقىنى  سەدىقە بىلەن تويۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟
سىز بىرەر دىۋانىلەر جەمەتى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتامسىز ، ياكى ئۇيغۇر ھەققىدىمۇ؟
ئۇ ئىككى تال تۇققانلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالماڭ.
يەنە دەيدىغىنىم بۇنداق پۈچەك يازمىلارنى يېزىپ، تولا مىللەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ.
ھەممە مىللەتتە بولىدۇ بىر چاڭگال داشقال، نە ئېتىقادى يوق، نە ئىمانى يوق، شۇلار ئىچكىرىدە ئوغرىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، سىز دېگەندەك مىللىتىمىز ئوغرىلىق قىلمىدى. .
مېڭە يۇيىدىغان بۇ يازمىڭىزغا دەيدىغانلىرىم مۇشۇ.
            

UID
11177
يازما
268
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1798
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇنداق مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان ھايۋاندىن بەتتەر ،ۋىجدانىنى  قەغەز سۈرەتلىك پۇل ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئىسىللىرىمىزھەقىيقەتەن ئاز ئەمەس. ئەجىبا شۇ ئىسىللىرىمىز ئويغانماسمۇ؟ ئويلانماسمۇ  ئەجىبا پۇل ئۇلارغا شۇنچىۋالا مۇھىممۇ؟ ھەتتا ئۆز مىللىتىدىنمۇ ھەم مۇھىممىدۇ؟؟؟
   ئاشۇ ئىسىللىرىمىزنىڭ دەستىدىن ‹‹ئۇيغۇر› دىگەن نامغا داغ چۈشمەكتە ، بىر ھەپتە بۇرۇن جۈمە نامازنى پۇدۇڭ مەسچىتىدە ئوقۇپ قايتارشىمدا مىترو بىكىتىدە ھەممىسى بىردىن كىچىك بالىنى كۆتۈرىۋالغان يەتتە سەككىز ئۇيغۇر قىزىنى كۆرۈپ يۈرۈگۇم جىغغىدە قىلدى  ئىسىت دەپ قالدىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى قىزلار ئىكەن، شۇ  مىترو بىكىتىدقن چىقىپ يىگىرمە قەدەمچە بولغاندا ئۇدۇل تەرىپىمدىن كىلىۋاتقان كىلىۋاتقان چەتئللىك ئەر ئايال مىنى كۆرۈپلا يولنىڭ چىتىگە چىقىپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ھار كەلدى يۈگۈرۈپ بىرىپ يۈزىگە تۈكۈرۈپ سەنلەر مىنى نىمە كۆرۈپ قىلىشتىڭ  ؟ دىگۈم كەلدى ئەمما بۇ گەپلەرنى كىمگە دەيمەن بۇ ئىككى چەتئەللىككىمۇ ياكى بايىقى مىللەتنىڭ كۈشەندىلىرىگىمۇ؟؟؟؟؟بۇنىڭغا ئاچچىقىم كىلىپ نان ئالغىلى ناۋايخانىغا بارسام بىر ‹‹ ئىسىل›› كىلىپ ئۇكام ما گەپنى ئۇقتۇرالمايۋاتىمەن دەپ بەرگەن بولساڭ دەپ كەپتۇ  مەن قاپاق تۈرگەن ھالدا
؛  ئاكا مىنىڭ سەۋىيەم ناچار باشقا ئادەم تىپىۋالغىن دەپ  ئاچچىقىمدا نانمۇ ئالماي ياتاققا يىنىپ كىردىم.  ...........................بۇئىشلار نى كۆرۈپ توۋا دەپ قالدىم ،قاتتىق ئېچىندىم، ئەجىبا بىز ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن مۇشۇنداق مىللەتمۇ؟ مۇشۇنداق ھورۇن مىللەتمۇ؟ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز شۇنچە ئۆچمەس تارىخلارنى يااتقانغۇ؟ تالاي ئەللەرنى تاڭ قالدۇرغانغۇ  ئەجىبا بىز ئەمدى مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرەرمىزمۇ؟؟؟؟                       بوپتۇ بۇلارمۇ نىر كۈنى ئوڭشىلار  

UID
15872
يازما
124
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
214
تىزىملاتقان
2011-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-23
توردا
159 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 13:28:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altuntarim09   :ئاخىرىنى ئوقۇپ سىزنى ئوبدان چۈشەندىم. ئۈمىدۋار ئۆچۈرىۋەتسە بوپتىكەن بۇ يازمىنى. بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ مىللىتىمىز ئىزىدىن چىقىپ كېتىپتۇمۇ؟ قاچان؟
ئۇيغۇر قاچان تىلەپ يەپتۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونومدىن چىقىۋاتقان نېمەتلەرنى ئاللا بىزگە رىزىق قىلىپ شۇنچە بەركەتلىك بەرگەن، مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاللاغا شۈكرى ئېيتىپ يەپ كېلىۋاتىدۇ، كىمدىن تىلەپتۇ؟
ئۇيغۇرنىڭ قورسىقىنى  سەدىقە بىلەن تويۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟
سىز بىرەر دىۋانىلەر جەمەتى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتامسىز ، ياكى ئۇيغۇر ھەققىدىمۇ؟
ئۇ ئىككى تال تۇققانلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالماڭ.
يەنە دەيدىغىنىم بۇنداق پۈچەك يازمىلارنى يېزىپ، تولا مىللەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ.
ھەممە مىللەتتە بولىدۇ بىر چاڭگال داشقال، نە ئېتىقادى يوق، نە ئىمانى يوق، شۇلار ئىچكىرىدە ئوغرىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، سىز دېگەندەك مىللىتىمىز ئوغرىلىق قىلمىدى. .
مېڭە يۇيىدىغان بۇ يازمىڭىزغا دەيدىغانلىرىم مۇشۇ.
      

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم altuntarim09  .
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تۇنجى تور ئەسىرىمگە باھا بەرگەنلىكىڭىزگە تەشەككۇر بىلدۈرىمەن .ئەمدى ئىنكاسقا كەلسەك ،مىنىڭ ئوغرىلىقنى نىجىس قىلىق دېگىنىمگە ھەيرانلا قاپسىز .بۇ سىز نىڭ ماڭا چېچىلىشىڭىزنىڭ ئاساسى سەۋەبى بوپقاپتۇ جاۋابىم شۇكى :ئوغرىلىق نىجىس قىلىق بولمىغان بولسا پەيخەمبىرىمىز شۇنچە ئېنىق قىلىپ تۇرۇپ << ھەتتا قىزىم فاتىمەئوغرىلىق قىلغان بولسىمۇ قۇلىنى كەسكەن بۇلاتتىم >> دېمەس ئىدى . ئوغرىلىق نىجىس قىلىق بولمىغان بولسا ئىدى ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاتىقىمىز ئوغرى – يانجۇقچى دەپ ئاتىلىپ قالماس ئىدى . يەنە داۋامىدا << بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ >> دەپسىز ،بۇ يەردە مەن ئۆزۈمنى ئەزۋەيلەپ بىرسىنى تىللىدىم دەپ قارىمايمەن .پەقەت ئومۇمىي مىللەتتىكى جەمئىيەتلىشىشگە قاراپ يۈزلەنگەن << زىيادە سۈكۈت >> تە تۇرۇۋېرىشنى خالىمىدىم ،ھەمدە ئازراق تەپسىلاتلار بىلەن ئۆزۈمنىڭ كۆز – قارشىنى مۇھاكىمە شەكلىدە ئىپادىلەپ قويدۇم .<<مىللىتىمىز ئىزىدىن چىقىپ كەتتى >>دىگەن گەپنى مەن قىلمىدىم ،تۆھمەت قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي ئەسەرنى ياخشىراق ئۇقۇڭ . << ئۇيغۇر قاچان تىلەپ يەپتۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونومدىن چىقىۋاتقان نېمەتلەرنى ئاللا بىزگە رىزىق قىلىپ شۇنچە بەركەتلىك بەرگەن، مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاللاغا شۈكرى ئېيتىپ يەپ كېلىۋاتىدۇ، كىمدىن تىلەپتۇ؟>> دەپسىز .مەن ئۇيغۇرلارنى تىلەپ يەپتۇ دىمىدىم ،تىلەمچىلەر بارغانچە ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇ دىدىم ،سىز بۇنىڭغا چىنپۈتۈڭ ياكى چىنپۈتمەڭ رېئاللىق سىزنىڭ تەستىقلىشىڭىزغا مۇھتاج ئەمەس .<< ئۇيغۇرنىڭ قورسىقىنى سەدىقە بىلەن تويۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟>> دەپسىز . مەن دېھقان ئەۋلادى . 95% دىن كۆپرەك نۇپۇسىنى دېھقان تەشكىل قىلىدىغان بۇ مىللەتنىڭ قورسىقى سەدىقە بىلەن ئەمەس ،ھالال ئەمگەك بىلەن تۇيۇپ كىلىۋاتىدۇ ،ئىنشائاللاھ ! مەن مۇشۇنىڭغا ئىشىنىمەن .قارىسام خېلى كۆپ گەپلەرنى مىنىڭ ئېغىزىم ئارقىلىق دىگۈزمەكچى بولغاندەك قىلىسىز ،ئۈمۈدۈم شۇكى ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل ئۇقۇرمەنلەر قايمۇقۇپ قالمىسا بۇلاتتى . <<سىز بىرەر دىۋانىلەر جەمەتى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتامسىز ، ياكى ئۇيغۇر ھەققىدىمۇ؟ ئۇ ئىككى تال تۇققانلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالماڭ.>> بۇمۇ سىزنىڭ گېپىڭىز ،شۇنداققۇ ؟ ماڭا باھا بىرىپ مىنى دىۋانە قاتارىغا چىقىرىشتىن ھەم يالتايماپسىز .پەيخەمبىرىمىزنىڭ << زەررىچىلىك كىبىرى بار كىشى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ ،نىھايەتكى جەنەتنىڭ ھىدى 500 يىللىق يىراقتىن كېلىپ تۇرىدۇ  >> دېگەن مۆجىزىۋى تۈسكە ئىگە بىر ھەدىسى بار .گەرچە بۇ ھەدىستە ئىسمىڭىز ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ،بۇ ھەدىس سىزدەك كىشىلەرگە يىتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى ...ۋەللاھۇ ئەئلەم .بۇ سۆزىڭىزنىڭ ھىسابىنى بىرىدىغان ئادالەتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا مەن شەكسىز ئىشىنىمەن .<<يەنە دەيدىغىنىم بۇنداق پۈچەك يازمىلارنى يېزىپ، تولا مىللەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ.>> بۇ تەنبىھىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . چۈنكى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان مەندەك بىر ناداننىڭ قولىدىن مىللەتكە كۆڭۈل بۈلۈشىدەك بۇنداق ئۇلۇغ ئىش روياپقا چىقمايدۇ .مەن مىللەتكە كۆڭۈل بۈلۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىدەك بولغۇچە بۇ ئىشلارنى يەنىلا سىزدەك << پۈچەك يازمىلاردىن خالىي تۇرۇپ ،كاتتا ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ،ۋاقتىنى مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىشكىلا سەرپ قىلىدىغان >> ئجتىھاتلىق ئايال ئىنكاسچىلىرىغا قالدۇراي . << مىللىتىمىز ئوغرىلىق قىلمىدى. مېڭە يۇيىدىغان بۇ يازمىڭىزغا دەيدىغانلىرىم مۇشۇ >>  ئاخىرىدا ئىنكاسنى ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆزىڭىزگە ھەم ماڭا ئارامچىلىك بەرگەنلىكىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن .بۇ ئەسەرنى ئۇقۇغانلارغا ئايانكى مەن سىزنىڭ تۆھمەت قىلغىنىڭىزدىكىدەك << مىللىتىمىز ئوغرىلىق قىلدى >> دىمىدىم ،باشقىلاردىكى خاتا چۈشەنچىگە ئىزاھات بىرىشكە بۇلىدۇكى ،تۆھمەتكە نىسبەتەن ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش ھاماقەتلىك .ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم : ئەمدىلەتىن يىتىلىپ سەپكە قۇشۇلۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان ماڭا ئوخشاش ياشلارنىڭ ----- سىزنىڭ سۆزىڭىز بۇيىچە ئېيتقاندا ماڭا ئوخشاش << نادان >> لارنىڭ ئۇنداق - مۇنداق سەھۋەنلىكلەردىن ساقلىنالماسلىكى تەبئىي .بىز بۇ جەھەتتە سىزلەرنىڭ يىتەكلىشىگە مۇھتاج .ئەمما مۇشۇنداق ئادەمنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ،قارىقۇيۇق تەنقىدلەيدىغان ئىنكاسلىرىڭىز ئارقىلىق بىزلەرنى بىخ ھالىتىمىزدىلا ئۇجۇقتۇرىمەن دەيدىكەنسىز ،مەن سىزنىڭ گېتلىردەك قىرغىنچىلار بىلەن قانداشلىقى يوق دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە ئاجىزمەن .( بۇ يەردە مەن گېتلىرنىڭ قىلمىشىنى توغرا – خاتا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمىدىم ،بۇ توغرىسىدا ھەر – خىل كۆز – قاراش مەۋجۇت بولغاچقا مەن پەقەت تورداشلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەندىن خالاس .شۇڭا تورداشلارنىڭ گېتلىر توغرىسىدا مەن بىلەن مۇداخىلە قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن ) سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا پاكىت بىلەن رەددىيە قايتۇرۇش جەريانىدا  ئۆزۈممۇ ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئولتۇرۇپ باھا يازغانلىقىمنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن .چۈنكى مەندىكى مۇنازىرە ئەخلاقى سىز ماڭا قىلغاندەك نەشتەردەك سۆزلەرنى قىلىشتىن مىنى ھەر ۋاقىت چەكلەپ تۇردى . شۇڭا بۇندىن كىيىن باھا بەرگەندە ئادەمگە ئىللىقلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان ،ھېچ بولمىسا بۇنىڭدە ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قۇيىدىغان گەپلەرنى قىلماي ئىنكاس يېزىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن . چۈنكى بۇ  مۇنازىرە كەيپىياتى سىز بىزلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەنلا ئاندىن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا تور مۇنازىرە سورۇنىدا ئەگىپ يۈرۈيدىغىنى لاۋزا ۋە سەت گەپلەر بۇلىدۇ خالاس .

UID
41523
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 15:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىسپاس يازمىنىڭ مۇنازىرە قىلىپ كەتكۈدەك ھىچقانداق يېرى يوقكەن . بەئەينى  بىر دۈۋە ئەخلەت خالاس ....
ئىككى -تۆتتال پايتىما يازمىلار بىلەن مىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى قىياپىتىگە كىرۋالدىغانلاردىن ئەجەپ زىرىكتىم  

باھا سۆز

rushangull  بالاڭزا ،نوچى بولسىڭىز سىزمۇ يېزىپ بېقىپ اندىن بىر نىمە دەڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 00:48:03

UID
43912
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 17:51:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ئاپتۇرىنىڭ يازماسىغا قارىغاندا ئىنكاسنىڭ تىلى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ سىز باشقىلارنىڭ نىمە دېيىشىدىن قەتئىنەزەر چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە يازمىلىرىڭىزنى يازىۋىرىڭ.سىز باشقىلارنىڭ بىر كاچىتى بىلەن يىقىلىدىغان ئەمەس بوران-چاپقۇنلاردا تاۋلىنىدىغان يازما ئىگىسىگە ئايلىنىشىڭىز زۆرۈر.

UID
44891
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ  سەبر ئاتا قىل !  
ئۆزۈڭلارنى  بېسۋىلىڭلار  قېرىنداشلىرىم !  نىمىگە  بۇنچە  كۈچەپ ، ئاچچىقلىنىپ  كىتىسىلەر ؟!
ئەقلىي  قابىلىيتىم  بۇ  تىمىنى  ‹‹ توغرا ›› چۈشىنىشكە  ئاجىزلق  قىلدىمۇ  تاڭ ، بۇ  تىمىدىن تىما  ئىگىسىنىڭ   ئۆز مىللىتىنى  پەس  كۆرگەنلىكىدەك قاراشنى   ھېچبىر ھىس  قىلمىدىمغۇ !  ھىس  قىلغىنىم  پەقەت  تىما  ئىگىسىنىڭ  مىللىتىمىز ئىچىدىن  چىققان  بىر  قىسىم  ‹‹ يامان  سۈپەتلىك  ئۆسمە ›› لەرگە  ئېچىنىۋاتقىنى  خالاس ! ( ھەر كاللىدا  ھەر خىيال دىگەن مۇشۇنداق  بولىدىكەن !)  
بەلكىم سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا كەلگەندۇ  ياكى  كەلمىگەندۇ ، ئىچكىر ئۆلكە تەرەپلەردە  ئۇ  خەق  بىزنىڭ  مىللىتىمىزنى  كۆرسە  ھەقىقەتەنمۇ  ئوغرىنى كۆرگەندەك  قارايدىكەن !  لىكىن  ئەشۇ  نەپرەت  ۋە  ئۆچمەنلىك  يىغىپ  تۇرغان  كۆزلەرگە  تىكىلىپ  تۇرۇپ :‹‹ نىمىشقا  ماڭا  ئوغرىغا  قارىغاندەك  قارايسەن ؟! مەن نىمە قىلدىم  ساڭا ؟!! ........››دىيەلمەيدىكەنمز !  چۈنكى  بىز  ئۆزىمىزگە  ئوخشاش  ئۇيغۇر  پۇشتىنىڭ ئەقىلسىزلىقىنىڭ شۇنداق  نەپرەتلىك كۆزلەرنىڭ  بىزگە ‹‹ ئوغرى ›› غا  قارىغاندەك  قارىشىغا  سەۋەپچى  بولۋاتقانلىقىنى  ئوبدان بىلىمىز !
ئۇ  تەرەپتىكى كۆپ  ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۇنداق  ناچارلىقلارنى  قىلمايدىغانلىقىنى ، يەنە  كىلىپ  ئۇنداق  ئەسكى  ئىشلارغا  قارشى ئىكەنلىكىنى  بىلىمىز ،  لىكىن  خەق  شۇنداق  ئويلامدۇ ؟!   بىز بىلەن  بىر  مىللەتتىن  بولغان بىر قىسىم  كىشىلەرنىڭ  سەۋەبىدىن  ئۇلار  بىزگىمۇ  شۇنداق يامان  كۆزدە  قارايدۇ .
‹‹ ھە ،قېنى ! ›› دەپ قويۇپ بەرسە  ھەممىمىز  ئۆزىمىزنىڭ  قانداق  ئىشلارنى  قىلۋىتىشىمىزنى  تەسەۋۋۇر  قىلالمايمىز ، لىكن  قۇرۇق گەپ ، ئارتۇق  چىچىلىشنىڭ  بىزگە  نىمە  پايدىسى ؟!
كۆڭۈل  بۆلىدىغان  ،  باش  قاتۇرىدىغان ئىشلارنى  بىر چەتكە  قايرىپ  قويۇپ بىر - بىرىمز  بىلەن  كۆڭۈل  ئاغرىتىپ  يۈرۈش  بىزنى  نەگىمۇ  ئېلىپ  بارىدىكىنتاڭ ؟!  
ئۆزىمىز  ھەققىدە  ئويلىنىپ  باقايلى !  
ئاخىردا  يەنىلا  دەيدېغىنىم   ئۆزىمىزنى  تۇتۋىلىپ  تۇرۇپ  ئاندىن  سۆزلەيلى !  
زىيادە  ئاچچىقلىنىش  سلامتلىكە  زىيانلىق !
تېما  ئىگىسىگە  رەھمەت !

UID
44891
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:36:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mystyle يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 15:20
بۇ پىسپاس يازمىنىڭ مۇنازىرە قىلىپ كەتكۈدەك ھىچقانداق  ...

ئۆزىڭىزنى  تۇتۋېلىڭ  قېرىندىشىم !  نىمە  گەپ  ئۇ  پىسپاس  يازما  دىگەن ؟!  باشقىلارنىڭ  كۆڭۈل  قويۇپ  يازغان  تېمىسىنى  ‹‹  بىر  دۆۋە  ئەخلەت ›› دىگىنىڭىز  پەقەتلا  توغرا  بولماپتۇ .
ھەممىمىزگە  مەلۇم  تور  دىگەن  مەۋھۇم  دۇنيا  .  ھەممە  ئادم  ئۆزىنىڭ  قانداقلىقىنى  ئوبدان  بىلىدۇ .  شەخسەن  ئۆزەمنى  ئېلىپ ئېيتسام  توردىكى  ئادەملەرگە  ئىشىنىپ  كەتمىسەممۇ ، ئۆز  مىللىتىمىز  توغرىسىدا  باش قاتۇرىدىغان( راست  بولسۇن ، ياكى  ساختا  بولسۇن !  قالغىنى  اللاھقا  ئايان ! )   ھەر  قانداق  بىر  ئادەمگە  ھۆرمىتىمنى  ئايىمايمەن !    سىز  بىرەر  گەپنى  باشلىغۇچە مەن  سىزگە  چاياندەك  نەشتىرىمنى  سانجىسام ، مەن  بىر  نەرسە  دەپ  بولغۇچە  يەنە  بىرى  ماڭا  نەشتىرىنى  سانجىسا ، كىمنىڭ  كۆڭلى كىمدىن  سۇ  ئىچىدۇ ؟!  
ئۇنداق  قىلىشىپ  كەتمەيلى !  ئۆزىڭىزنى  تۇتۋىلىشىڭىزى  سورايمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش