zamandaxlar يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 11:14 
سىز بۇ يەردە ئاللاھنىڭ رىزالىقىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇر ...
مەندىن باشقىسى يوقمىدى سىز مىسالغا ئالىدىغان؟
مەن بۇ يىل 44ياشقا كىردىم، بەلكى سىزدەكلەردىن نۇرغۇننى تەربىيىلەپ جەمىيەتكە قوشقان بىر مۇئەللىمە. مېنى دىننى چۈشەنمەيسىز دەۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋۇ مىساللىرىڭىز ئارقىلىق قانچىلىك چالا ساۋات ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارىلاپ بولدىڭىز. سىزنىڭچە مەن ئاللانىڭ رىزالىقىنى كۆزلەۋاتقانلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، بىر توقاي خوتۇنلارنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىمەن، شۇنداقمۇ؟
مەن دىنىمىزنى ئىلمىي ئاساسى بويىچە، مەزھەبسىزلىك قارىشى بويىچە، ئەڭ ساپ ھالەتتە ئىگەللەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرىمەن. 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان بىر مۇئەللىمە، ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشىنى ھەقىقى سەۋەبى بىلەن چۈشىنىپ بولغانلارنىڭ بىرىمەن.
مەن شۇنداق ئايال بولغىنىم ئۈچۈن، توقال خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان كۈزىتىپ، بۇ ئىشنىڭ بىزدىكى نۇرغۇن تىنچ-خاتىرجەم ئائىلىلەرنى بۇزۇپ، ھەقىقى بىچارىلەرنىڭ جىقىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سىزدىن ئوبدان چۈشىنىپ بولغانمەن.
سىز ئېيتقاندەك ئاللانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەۋاتقانلار زادى قانچىلىك؟ زادى قانچىلىك؟
مېنىڭ نېمە يازغىنىمنى چۈشىنىپ كېلىڭ باشتا ئەپەندىم، سىزمۇ بىرەر «بىچارىنىڭ بېشىنى سىلاش» قارارىغا كەلگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، قىلىۋېرىڭ، بۇ ياخشى كۆڭلىڭىزنى تالاغا چىقىپ تەشۋىق قىلىڭ.
بۇ مۇنبەر خەلقىمىزنىڭ بىلىم، توغرا ئۇچۇر تارقىتىش كۆزنىكى.
قۇرئاندا ئېنىق ئېيتىلغان، پاھىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپ خوتۇن ئالساڭلار بولىدۇ، ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار.......مەن بۇ يەردە ئاللانىڭ مۇشۇ رىزالىقىنى دەۋاتىمەن. ئادىل مۇئامىلىنى كىم قىلالايدۇ؟ قىلالىغانلار ئالسۇن، نىيىتى دۇرۇس بولسا ئالسۇن، نىيىتى دۇرۇس ئادەمنىڭ چوڭ خوتۇنىنىڭ قوشۇلمىقى تەس ئەمەس.
بىراق بىزنىڭكىلەرنىڭ ساپاسى قانچىلىك؟ بىرىنىڭ بېشىنى سىلىدىم دەپ، بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران قىلسا بولامدۇ؟ بارلىقىنى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان كۆيۈمچان ئايالىنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالسا، ئادىللىق بولامدۇ؟ ئۇ ئالمىسىمۇ باشقىلار بارغۇ؟
جۈملىلىرىڭىزنى بىردىن ئېلىپ جاۋاب بېرەي دېسەم، ئايال كىشى بوپ قاپتىمەن، سىز كىم؟ بىلمەيمەن، پەردىشەپ سەل ئېچىلىپ كەتكىدەك.
..........................................................................
... دەل سىزدەك بىر ھەمشىرە قېرىندىشى باشپاناھقا مۇھتاج بولغاندا كۈندەشلىك قىلىپ پاناھلىق قىلمايدۇ . ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئەمەس ، ئۆزىنىڭ كۈندەشلىك ئازابىنى تارتماسلىقىنىلا ئويلايدۇ . ئەگەر ، سىزنى پاناھلىقىغا ئالسا ، يەنى ئېرىنىڭ نىكاھىغا ئېلىشىغا يول قويسا ئۇنىڭ نىمىسى كەملەپ كېتىدۇ ؟! .................................................................................................................
ماۋۇ جۈملىلىىرىڭىز ئاجايىپ ئىكەن -ھە؟ سىزنى بەكلا چۈشەندىم. بەلكىم باشقىلارمۇ تازا چۈشەنگەندۇ. بىر توقاي گەپ قىلىپ بىكار ئاۋارە بوپسىز، ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرۈشكە مۇشۇلا يېتىپ ئاشاتتىكەنتۇق.