باي بولسىلا كۆپ خوتۇن راۋا بولامدۇ؟
ئابلىكىم ئابدۇكىرىم (چىش دوختۇرى)
تۇرمۇش سۇپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۇرلىشىگە ئەگىشىپ،بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ يانچۇقى توملىشىپ،شەھەرنىڭ ئۇ دوقمىشىدىن،بۇ دوقمىشىدىن،ئۇ شەھەردىن،بۇ شەھەردىن ئۆي سېتىۋىلىپ، بۇ جەمىئىيەت شۇنداق تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرمۇ ئۇ لارنىڭ ھەرخىل ھەۋەسلىرىنى قاندۇرالماي،بارى يوققا شۈكرى قانائەت قىلىپ ئۆتكەن،باللىرىنى ياخشى تەربىيلەۋاتقان،شۇ ئەرنى قوللاپ ئائىلىسىنى گۈلدەك تۇتقان،پۇللىرىنىڭ ئاۋىشىغا يار يۆلەك بولغان،كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ چىرايلىق كىيگۈزۈپ جەمىيەتتە سالاپەتلىك قىلىپ قويغان،پەرىشتىدەك خوتۇننى چىرايلىق،ئامراق بالىلىرىنىڭ ئانىسى ئەمدىلىكتە كۆزىگە سىغماي ئەسلىنى ئۇنتۇپ مەنمەنچىلىك،دورامچىلىق،بەسلىشىش كەيپىياتلىرى ئۇلاردا شەكىللىنىپ ئۆزىنىڭ ساغلام،خاتىرجەم تەرەققى قىلىشىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى يەتكۈزمەكتە.بىز ئۇيغۇرلاردا‹‹قېرىغاندا بۇزۇلغان ئادەم ئۆلگەندە تۈزۈلەر››دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار،بىر قىسىم بايلىرىمىز خاتىرجەم ياشاشنى ئۇنتۇپ مودا قىزلارغا كۆزىنى قىزارتىپ ئەي ئىسىت 30 يىل كېيىن تۇغۇلغان بولسامچۇ،ھازىرقى يىگىتلەر بۇنداق چىرايلىق قىزلارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ-دە،بۇلارغا قارسام بىر-بىرىدىن چىرايلىق،بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بۇنداق چىرايلىق قىزلار تۇغۇلمىغان بولغۇيمىتى،ئاۋۇ كاساپەتنىڭ تولغان يىرىم ئوچۇق كۆكسى بىلەن يوتسىغا قارىغىنە،ھازىرقى بىلىگە سۇيۇق ئاش بارمىغان كەچلىرى ئۆيگە كىرمەي ھەرقىسىم نەرسىلەرنى ئىچىپ،چىكىپ،لاغايلاپ يۇرۇپ چۇشكىچە شالىسىنى ئېقىتىپ ئۇخلايدىغان بىلى بوش،لايغەزەل گۇيلار بىجرىمرەك بولغان بولسا مۇنۇ كاساپەتلەر بۇنداق يىرىم-يالىڭاچ يۇرەلمىگەن بولغۇيتى،ھە...يىگىتلىرىمىز بىجىرىم بولغان بولسا بىز نېمگە قاراپ كۆزىمىزنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرەر بولغۇيتتۇق دەپ ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدەك،قىزلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان،يەنە بىرقىسىملىرى ئۆزىنىڭ نومۇس كۈچىنى قايرىپ قويۇپ ئۇلاربىلەن سالاملاشقۇسى كېلىپ زورلاپ مېھمان قىلىپ تونۇشۇپ،ھەرخىل زىبۇ-زىننەتلەرنى سوۋغا قىلىپ قېرىغىنىنى ئۇنتۇپ،ئۆزىنىڭ بالىلىرى بىلەن تەڭ قىزلارغا تەلەپ قويۇپ قويدۇم،سىزسىز غىزا،ئۇيقا يوق دەپ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئىززەت -ئابرويىنى پەسكەشلەرچە خورلاپ ياشىماقتا.ئۇ قىزلارمۇ بۇ بايلاردىن كەلگەن ئازغىنە مەنپەئەت،مال- دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۇلارنىڭ شېرىن-شىكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قىزلىق ئىپپىتىنى ۋەيران قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىززەت -ئابرويىنى خورلاپ ئاللا قاچان شۇ باينىڭ توقۇلى بولۇپ قالغىنىنى ئويلاپ يەتكەندە پۇشايماننى ئالدىغان قاچا يوق ھەسرەت ئاھۇ زار بىلەن ياشىماقتا.
بىر قىسىم تىجارەتچىلىرىمىز تىجارەت ئۈچۈن ئۇ شەھەر بۇ شەھەرلەردە يۈرۈپ شۇ شەھەرنىڭ سەتەڭلىرىگە كۆزى چۈشۈپ،مۇنۇ شەھەردىكى گۈلدەك ئايالى، -چاقىلىرىنى ئۇنتۇپ شۇ شەھەرنىڭ سەتەڭلىرىگە بۇزۇلۇپ ساختا جاڭزا بىجرىپ كالاچ ئوغرىسى قارىملاردىن بىرەرنى تېپىپ نىكاھ قىلدۇرۇپ ئۆي سېتىۋېلىپ، بىرگە ياشاپ ۋاقىتلىق راھەت سۈرۈپ تاپقىنىنى شۇ سەتەڭگە كەيدۈرۈپ سورۇنلاردا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ،ئۆزىنى ئۇنتۇپ،دەسمى غالتەككە چىققاندا،ئاۋۇ سەتەڭ خوتۇن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغاندا،زىيان تارتتىم،ۋەيران بولدۇم دەپ مۇنۇ شەھەردىكى كۆيۈمچان خوتۇن، بالا- چاقىلىرىنىڭ يېنىغا سالپىيىپ كەلگەن ئەرلەرنىمۇ كۆردۇق .
يەنە بىرقىسىم ياشلىرىمىز بۇلارنى دوراپ ئەرگە تۆت خوتۇن راۋا بولدىغۇ دەپ كىچىككىنە تاپقان پۇلغا ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا ئىىشىنىپ كۆرەڭلەپ ئۆيدىكى خوتۇن- باللىرىغا خىيانەت قىلىپ،جەمىيەتتىكى ھەرخىل سورۇنلاردا ئويناپ ياشىغىنى ئاز كېلىپ چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە مەن تېخى توي قىلمىدىم دەپ قىزلارنى ئۆزىگە .ئىشەندۈرۈپ،ئۆرپ-ئادىتىمىزگە مۇخالىپ بولغان ھەرخىل سورۇنلارغا باشلاپ بىرىپ ئۇ قىزلارنى ئۆزىگە ئوخشاش قېلىن-قاتتىق،شەرمىي-ھاياسىز بولۇپ يېتىشكەندە خوتنى يۆتكەپ ئۇ قىزلارنى تاشلاپ باشقا چىرايلىق، ساددا قىزلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ،ئىندەككە كەلتۈرۈپ شۇ كويغا سېلىپ ياشىماقتا.توي قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئۇ قىزلارنى ئالداپ بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ۋاقىتلىق بىللە تۇرۇپ،دوستلىرىنى باشلاپ چىقىپ ئىچىپ-چىكىپ غەرق مەس بولغاندا ئۆيدە قوندۇرۇپ قېلىپ ئەتىسى ئۇ قىزغا بۆھتەم چاپلاپ رەسۋا قىلىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ،ئۆزنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ياشىماقتا.
بۇلارنىڭ بەزەن سۆزلىرىگە ھەيرانمەن تېخى خىجىل بولماستىن،بۇ جەمىيەت بۇزلۇپ كەتتى،سەدىقىنىڭ ئورنىدا بېشىنى سىلاپ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويدۇق،بۇ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىمىز بار ۋىجدانلىق ئەر بىز دەيدىكەنسەن،قۇرۇپ كەتسۇن سەندەك «تۆھپىكارلار».
ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئەركەك بولساڭ ئۆزەڭنىڭ ھەقلەپ نىكاھ قىلىپ ئالغان ئايالىڭغا ئىگە بول،ئايالىڭنى ئىنساپ شەرمىي-ھايا بىلەن باقالىساڭ،پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىيلەپ بۇجەمئىيەتكە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلالىساڭ ئەركەكسەن.ئوغۇرلۇقچە قىزلارنى ئالداپ ساختا جاڭزا بىجىرىپ ئۇياق-بۇياقلاردا،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۆي تۇتۇپ خالىساڭ خوتۇن قىلىپ خالىمىساڭ ئۇ قىزنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋەيران قىلساڭ،ۋىجدانسىز ئوغرىسەن.
سەن باي بولغاندىكىن گىلىنى باقاسەن،ئۇچىسىغا كىيگۈزەسەن،سەن ئۆزۈڭ كۆندۈرۈپ قويغان ھەرخىل تاماشىلارنى ئۇنىڭ كۆڭلى تارتماسمۇ،سېنىڭ ۋاقتىڭ يەتمىگەندە باشقىلار بىلەن تاماششا قىلسا سەن نېمە دەرسەن، دەسمىي سېلىپ ئالغان ئۆيۈڭدە نىكاھ قىلىپ ئالغان خوتۇنۇڭ يالغۇزچىلىقتا ئۇھ تارتىپ باشقىلارنى ئۆزىگە ساڭا ئوخشاش ھەمراھ قىلسا سېنىڭ ۋىجدانىڭ كۆتىرەرمۇ؟ساڭا بۇجەمئىيەتتىكىلەر قانداق تەخەللۇسلارنى قويار،سېنى نېمە دەپ چاقىرسا بولار؟
سەن بىلۋالغىنكى بۇ جەمىئىيەتنى بۇزۋاتقانلار بولسا شەرمى-ھايا ئىپپەت نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ،كوچىلاردا يېرىم- يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ يىگىتلەرنىڭ ئۆزىگە قارىشىنى ئارزۇ قىلدىغان سەتەڭلەر،چىرايىنى دەسمىي سېلىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان شەرمەندىلەر،ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان رەسۋالار،ئۆزىنىڭ ئازراق ئەمەل ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ قىزلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان پارىخور ئەمەلدارلار،ساڭا ئوخشاش ئىپپەتلىك مىشچان قىزلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئىندەككە كەلتۈرۋېلىپ ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان خۇمسىلاردۇر.
سەدىقىنىڭ ئورنىدا ھاجىتىنى راۋا قىلغۇڭ بولسا جەمىيتىمىزدە ئۆيلىنەلمەيۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز بارغۇ،ھەجەپ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاشقا قۇربىتىڭ يەتمەپتىغۇ،بايلىقىڭنىڭ زاكىتىنى ئايرىشتىن ئەنسىرەپ تۇغۇلمىغان بالاڭنىڭ بالىسىغا ئۆي سېتىۋېلىپ زاكات بېرىشتىن قۇتۇلماقچى بولغان سەن شۇغۇ،بايلىقىڭنىڭ زاكتىدا قورقماي ئىككى مىسكىننى يۆلەپ قويالماي 30 كۈن رامىزاندا مىسكىنلەرنى بوسۇغاڭدا تەلمۈرتۈپ بەش-ئون كويدىن پۇل بېرىپ بۇ جەمىيەتكە تىلەمچى تەمەخۇرلارنى ئاۋۇتىۋاتقان يەنىلا سەنغۇ،ئۆزۈڭنىڭ نەپسىدىن كېچەلمەي باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك سەندە ئىنساپ نېمە قىلسۇن،سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ رەسۋاچىلىقىنى خىجىل بولماي ئاغزىڭغا ئېلىپ پەخىرلىنىدىغان،نومۇس قىلىش،خىجىل بولۇشتىن سەندە قىلچىمۇ ئەسەر يوق ھايۋاندىن پەرقلەنمەيدىغان بىر ئىنسانغۇ،قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولالماي قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋەيران قىلۋاتقان سەندەكلەردە ۋىجدان نېمە قىلسۇن،ئوغۇرلۇقچە قىلغان ئىشىڭنى ھەقلەپ نىكاھ قىلىپ ئالغان خوتۇنۇڭ ئۇقۇپ قىلىپ جىدەل قىلىپ بېشىڭنى ئاغرىتقاندا ياكى پاچىقىڭنىڭ ماغدۇرى يەتمىسە‹‹ئۇچ تالاق›› دەپ ھەيدەپ چىقارساڭ سەندەك ۋىجدانسىزلاردىن سەسكىنگەنلەرنىڭ كۈنى نېمە بولماقچىتى. سېنىڭ ئاناڭمۇ ئەسلى بىر قىزتىغۇ،ئاچا-سىڭلىڭ يوقمۇ،ساڭا خۇدايىم قىز بەرمەسمۇ، بىلىپ قوي، سەن باشقىلارنى قانداق دەپسەندە قىلغان بولساڭ سېنىڭ قىزىڭنىمۇ،قىز بىر تۇققانلىرىڭنىمۇ سېنىڭدىن ئاشۇرۇپ دەپسەندە قىلدىغانلىمۇ چىقىپ قالار،بۇ ئۆتنە جاھان ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدە قالمايدۇ.
سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئېنىق بىلۋالغىنكى بۇجاھاندا رەسۋا ۋە رەسۋاچىلىقنى ئاۋۇتۇپ بېرىۋاتقان،جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىۋاتقان،سېنىڭ قولۇڭدا ۋەيران بولغان قىزلارنىڭ قارغىشىغا مۇيەسسەر بولىۋاتقان جاۋابكارنىڭ جاۋابكارىسەن!
ئاپتور: قەشقەر شەھەر ھىيتگاھ كاتتا بازىرى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت كوچىسى
«ئابلىكىم چىش سېلىش ئورنىدىن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 17:33