تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: khan

خىرۇستالنامە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
45398
يازما
104
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
104
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
172 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 18:57:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا نەسرۇللا مۇئەللىم،  بۇ ئەسەرنىڭ كۇلىدىغان يەرلىرىمۇ باركەن ھە؟
بۇگۇن شۇنداق كۇلۇپتىمەن ،ئىلاھىم كۇلكەم ياراشسۇن،
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،
ئۇخشاشلا داۋامىغا تەشنامەن،
ئىلھامىڭىز تىخىمۇ يۇقىرى پەرۋاز قىلغاي،
   ‹ئامىن›

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
515
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
905
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
568 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 19:55:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

مەپتۇنكار گۈللەرگە قاراپ ئېزىپ كەتتىڭمۇ؟ ياق، ياق جانىم، سەن ئازمىغۇچى ئەمەسسەن، بىراق ئېزىشتىن ئاگاھ بولغۇچىسەن!

خېلى كۈنلەرگىچە ئۈرۈمچىگە بارمىدىم. ياجوڭ مەيدانىغىمۇ بارمىدىم، ساۋاقداشلار بىلەن ئانچە – مۇنچە ھال مۇڭ بولۇشۇپ، ئەرلەر پارىڭىنىڭ ۋە ئەرلەر ئېيتىدىغان ھېكايىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى بولغان قىز - ئاياللار توغرۇلۇق ئاچچىق – تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشىپ خېلى كېچىلەر تاڭ ئېتىپ، خېلى كۈندۈزلەر ئۇزاپتۇ. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھېكايىلىرى مېنىڭ كەلگۈسىدە يېزىلغۇسى ئەسەرلىرىمگە خام ماتېرىيال ۋە ئىلھام بولدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بولۇپ باققان ئاياللار بىر – بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تىپتىكى ئاياللار ئىدى. خۇددى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا بولۇپ باققان ئاياللارغا ئوخشىمىغىنىدەك. ئۇلار مەندىن ئۇ ئاياللارنى سورىمىدى، مەنمۇ ھەم سۆزلەپ بەرمىدىم. چۈنكى مەن تىڭشىغۇچى بولۇشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىمەن.
دەرستىن چۈشۈپ بولغان بولساقمۇ بەرگىيە تۈنۈگۈن يوللىغان «قانسىرىغان گۈل» ناملىق ھېكايىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. يانفونۇمغا قىسقا ئۇچۇر كەلگەندەك قىلدى. ئېلىپ قارىسام فەرۇزەدىن كەپتۇ.
«ئىدارىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن. سائەت بەشكىچە ئۈن.» دېگەن ئۇچۇرغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. ھازىر سائەت 4:50 بولدى، 10 مىنۇتتا پوچتىخانىنىڭ ئالدىغا بارىدىكەنمەن، توۋا، ئايالىممۇ ماڭا ئۇنداق بۇيرۇق قىلىپ باقمىغان. نېمە ئىش بولغاندۇ؟ فەرۇزە بىلەن بۇنداق ۋاقتتا ئۇچرىشىپ باقمىغان ئىدۇق. قارىغاندا بىر جىددىي ئىش بولسا كېرەك. ئەتىرىيەگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالمىسۇن يەنە، ئۈرۈمچىگە بارىدىغاندىمىزمۇ يا. شۇ خىياللار بىلەن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا كومپيۇتېرنى ئېتىپ سىنىپتىن چىقتىم. فەرۇزەگە تېلېفونمۇ قىلمىدىم.
20 مىنۇتتا پوچتىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولدۇم. دېگەندىكىدەك ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ:
ــ 10 مىنۇت كېچىكتىڭ،ــ دېدى فەرۇزە تېلېفونىغا قاراپ.
ــ مېنى ئۇچالايدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغانسەن؟ سەن ئۇچۇر قىلغاندا سائەت 4:50 بولغان. 10 مىنۇتتا كېلىپ بولالامدىم بۇ يەرگە؟
ــ سەن كوچىدا ئەمەسمىتىڭ؟
ــ سىنىپتا ئىدىم.
ــ ھە، ئۇنداقتا تېز ماڭايلى ئەمىسە.
ــ نەگە؟ نېمە قىلغىلى بارىمىز؟ جېنىمنى ئالغىلى ئېلىپ بارساڭمۇ بىلىپ باراي،ــ سورىدىم ئالدىراپ تاكسى توسىغان فەرۇزەدىن.
ــ ياجوڭ سودا شەھەرچىسىگە كومپيۇتېر ئالغىلى بارىمىز.
ــ شۇ ئىشمىدى،ــ فەرۇزەنىڭ بۇ گېپىدىن يېنىك ئۇھ تارتىۋەتتىم،ــ بۇنچە سىرلىق قىلغۇچە بالدۇر دېسەڭ بولمامدۇ، ئادەمنى گۇمانغا سالغۇچە.
مەن تېيىشمايلا تاكسىغا چۈشتۈم.
ــ بالدۇر دېگەن بولسام باھانىدىن مىڭنى تېپىپ كەلمەيتتىڭ.
ــ كومپيۇتېرنى كىمگە ئالىمىز؟
ــ ئەلۋەتتە ماڭا ئالىمىز دە.
ــ كومپيۇتېرىڭ يوقمىدى؟
ــ كونىراپ كېتىپ تاشلىۋەتكەن.
ــ خاتىرە كومپيۇتېر ئالامسەن؟
ــ ئۈستەل كومپيۇتېرى ئالايمېكىن.
ياجوڭ سودا شەھەرچىسى تەرەپتە مەخسۇس يانفون، كومپيۇتېر ساتىدىغان سودا ساراي بار ئىكەن. ئۇ يەردىن 3600 كويغا «دېل» ماركىلىق ئۈستەل كومپيۇتېرىدىن بىرنى ئېلىپ ياندۇق. يېڭى ئالغان بۇ كومپيۇتېرنى قۇراشتۇرۇپ ماڭدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن فەرۇزەنىڭ ئۆيىگە چىقىشقا توغرا كەلدى. فەرۇزەنىڭ قىزى بىزنىڭ كومپيۇتېر كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ: «ۋۇي، بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىز بار بولدى» دەپ خۇشلىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ئوغلۇمدىن سەل چوڭ كەلگەن، قار مەلىكىدەك ئوماق بۇ قىز ئاپىسىدەك قازاق تەلەپپۇزدا ئەمەس، بەلكى ساپ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى. مەن كومپيۇتېرنى قۇراشتۇرۇپ بولغىچە بۇ «قار مەلىكە» مېنىڭ يېنىمدا ھەرىكىتىمگە قاراپ تۇردى. مەن قىزچاققا مەستلىكىم كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
ــ ئىسمىڭىز نېمە؟
ــ ئۇيغۇرىيە.
ــ نېمە؟ ئۇيغۇرىيە؟ــ بۇ ئىسىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئوغلۇم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئايالىمغا ئەگەر بالا ئوغۇل بولۇپ قالسا «مۇشەررەپ» دەپ، قىز بولۇپ قالسا « ئۇيغۇرىيە» دەپ ئىسىم قويايلى دېگەن ئىدىم. ياراتقان ئىگەم مۇشەررەپنى بەردى، ئۇيغۇرىيەنى قاچان بېرەركىن؟
ــ ھەئە، سىزنىڭ قىزىڭىزنىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇرىيەمۇ؟
ــ ياق قىزىم، مېنىڭ بالام ئوغۇل، ئىسمى مۇشەررەپ.
ــ مەن ئۆزۈم بىلەن ئىسىمداش بالىلارنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن،ــ ئۇيغۇرىيە قونچاقنىڭكىدەك يوغان قارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ قارىدى. ئۇنىڭغا قاراپ قىزىم بولغان بولسا دېگەن ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
ــ چوقۇم كۆرىسىز، قىزىم.
ــ راستمۇ؟
ــ راست.
ــ ئەمىسە ۋەدە بېرىڭ،ــ ئۇيغۇرىيە كۈلگىنىچە قېشىمغا كەلدى.
ــ نېمىگە ۋەدە بېرىمەن؟
ــ يەنە بىر ئۇيغۇرىيەنى ماڭا كۆرسىتىدىغانغا،ــ ئۇيغۇرىيە چىمچىلىقىنى ئىلمەك قىلىپ ماڭا ئۇزاتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. بۇ قىزمۇ ئاپىسىنىڭ تەنتەك مىجەزىنى تارتقاندەك قىلاتتى.
ــ قىزىم، مەن سىزگە يەنە بىر ئۇيغۇرىيەنى چوقۇم كۆرىسىز دېدىم، بىراق مەن كۆرسىتىمەن دېمىدىم. ئۇنى سىزگە ئاپىڭىز كۆرسىتىدۇ. مەنچۇ قاراڭ توقسۇندىن كەلدىم، سىز مەكتەپكە كىرگۈچە مەن توقسۇنغا كېتىمەن. ئەمدى كەلمەسلىكىم مۇمكىن.
ــ توقسۇن يىراقمۇ؟ ئاتۇشتىن يىراقمۇ؟
ــ يىراق ئەمەس، يېرىم كۈنلۈك يول، توقسۇندىن ئۆتۈپ ئاندىن ئاتۇشقا بارىسىز.
ــ ئەمىسە نېمىشقا كەلمەيمەن دەيسىز؟
ــ ئۇيغۇرىيە!ــ فەرۇزە قىزىنى چاقىردى،ــ ۋاقت توشتى. پىئانىنو ئۆگەنگىلى بارىسەن.
ئۇيغۇرىيە كومپيۇتېرغا قىيمىغاندەك قىلىپ قاراپ قويۇپ، ماڭا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ ئوماققىنە كۈلگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
مەن كومپيۇتېرنى چىرىستەي قىلىۋېتىپ مېھمانخانىغا چىقتىم. فەرۇزە ئاشخانىدا بىر نېمىلەرنى قىلىۋاتاتتى.
ــ فەرۇزە، كومپيۇتېر جايىدا بولۇپ كەتتى. مەن ماڭدىم.
ــ توختا!ــ ئاشخانىدىن فەرۇزەنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ چەينەكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى.
ــ كەتكىنىڭنى بىر كۆرەي.
ــ كەلمىكىم كېتىش ئۈچۈن.
ــ كېلىشىڭ ئىرادەتتىن، كېتىشىڭ ئىجازەتتىن، كەل، ئولتۇر.
ــ رۇخسەت قىل، كېتىشىم كېرەك.
ــ مەن بىر مۇساپىرغا چاي بېرەي دېدىم. خاتىرجەم بول، چېيىمدا زەھەر يوق.
جاھىللىق قىلىۋېرىشنىڭ ئورنى بولمىغاچ دىۋانغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
ــ ئاش پىشىۋاتىدۇ، بىردەم چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرايلى.
مەن دىۋاندا ئولتۇرغاچ ئۆي ئىچىگە سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدىم. نېمىشقىدۇر كۆزۈمنى فەرۇزەنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇرۇشقا تىرىشاتتىم. بەلكىم بۇ ئۇنىڭ «تۇل خوتۇن» دېگەن سالاھىيىتىدىن ۋە ئۆزۈمنىڭ بۇ سالاھىيەتتىكى ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە ئايرىم ئولتۇرغانلىقىمدىن خۈدۈكسىرىگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك. بۇ خىل سالاھىيەتتىكى ئاياللار ۋە ئۇلار بىلەن ھەر قانداق باھانە بىلەن سۆھبەتكە داخىل بولۇپ قالغان ئەرلەر ئاسانلا باشقىلار زوق – شوق بىلەن سۆزلەيدىغان ھېكەيە – چۆچەكلەرنىڭ باش قەھرىمانىغا ئايلىنىپ قالاتتى. ۋەھالەنكى بويتاق ئەر بىلەن مۇشۇنداق رەۋىشتە بىللە ئولتۇرغان نىكاھلىق ئاياللار ئەشۇ بويتاق ئەردىن كۆرە گەپكە قالاتتى.
فەرۇزەنىڭ ئۆيىنى بەك ياسىداق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق زامانغا لايىق ئىدى. پولغا سېلىنغان ئوتقاشتەك گېلەم، تېشى خۇرۇم بىلەن قاپلانغان دىۋان ۋە تامغا ئېسىلغان تولىمۇ يوغان نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزور بۇ ئائىلىنىڭ خېلى ھاللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. دېرىزە تەرەپكە تىزىلغان 20-30 تەشتەك ھەر خىل ھەر ياڭزا گۈللەر بەس تالىشىپ ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇدۇل تەرەپتىكى تامغا ئېسىلغان ئەلشىر ناۋايىنىڭ پورتىرىت رەسىمى بىلەن بۇلۇڭدىكى خىرۇستال بۇيۇملار تىزىلغان ئەينەك ئىشكاپنىڭ ئەڭ چېتىگە قويۇلغان لوڭقىدىكى قىزىل گۈل ۋە قىزىل رەڭلىك ئىسكىرىپكا بۇ ئۆيگە سەنئەت ھىدىنى چېچىپ تۇراتتى.
لوڭقىدىكى قىزىل گۈل بىلەن ئىسكىرىپكا دىققىتىمنى جەلىب قىلىپ، ئىختىيارسىز قەدەملىرىم شۇ ياققا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئەمەلىيەتتە مۇزىكا جەھەتتىن پەقەتلا ساۋادىم يوق، بىراق ئوتلۇق قىزىقىشىم بار ئىدى.
ــ چالالامسەن؟ــ فەرۇزە مېنىڭ ئىسكىرىپكىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكىنىمگە قاراپ سورىدى.
ــ ياقەي، بۇ جەھەتتە مېنى «نۆل» دەپ بىلسەڭ بولىدۇ. سەن چوقۇم چالالايسەن، شۇنداقمۇ؟
ــ ئەلۋەتتە، مەن بۇنى كۆرگەزمە بۇيۇمى قىلىپ بۇ يەرگە تىزىپ قويغىنىم يوق. خالىساڭ چېلىپ بېرەي.
ــ خالايمەن، جېنىم بىلەن.
فەرۇزە ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ نەۋايىنىڭ رەسىمى ئالدىدىكى بوش يەرگە كەلدى ۋە سەل ئويلىنىۋېلىپ چېلىشقا باشلىدى. مەن دىۋانغا كېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ قېتىم فەرۇزەنىڭ چىرايىغا، كۆزلىرىگە قاراشقا ئەيمەنمىدىم. فەرۇزەنىڭ ئىسكىرىپكا چېلىۋاتقان ھالىتى تولىمۇ گۈزەل ۋە جەزبىدار ئىدى. مۇزىكا دۇنيا تىلى دېيىشىدىكەن. بۇ گەپكە مەن ئىشىنىمەن. شۇ تاپتا ياغاچتىن ياسالغان بۇ ئاجايىباتتىن چىققان لىرىك كۈي مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى. ئىسكىرىپكا تارىدىن تاراۋاتقان لەرزان كۈي دولقۇنلىرى ۋە شۇ كۈي دولقۇنلىرىغا ماس ھالدا فەرۇزەنىڭ كۆزىدە ئەكس ئېتىۋاتقان روھى مەنزىللەر مېنى ئاللىقاچان ساماۋى بوشلۇققا تاشلاپ، ۋۇجۇدۇمنى ئۆز ئىسكەنجىگە ئېلىپ بولغان ئىدى. كارىز سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشىنى، تاغلىق كەنتىمنىڭ جاڭگاللىرىدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان بوز تورغاينىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئەسلىتىپ باشلانغان لىرىك كۈي بارغانسېرى كۈۋەجەب ئېقىۋاتقان دەريا سۇلىرىنى، بۇلبۇلنىڭ نالىلىك سايراشلىرىنى، چاراقلاپ چېقىلغان چاقماقنى ئەسلىتىپ، ئاخىرىدا ئىسكىرىپكىنىڭ تارىسىمۇ ئېچىنىشلىق ئىڭراشقا باشلىدى. فەرۇزەنىڭ كۆزلىرىمۇ ئوت چاچرىتىپ، بەدەنلىرى سىلكىنىشكە، دولىسىدىكى دولقۇنسىمان قارا چاچلىرى بەدىنىگە ئەگىشىپ، مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىنىۋاتقان دېڭىز سۈيىدەك كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئىسكىرىپكا شۇ تاپتا پاجىئە بىلەن نەتىجىلەنگەن مۇھەببەت ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى. فەرۇزەنىڭ مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان چىراي ئىپادىسىدىن ئۇنىڭمۇ شۇ ھېكايىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. مەن مۇزىكا جەھەتتىن ھەرقانچە ساۋاتسىز بولساممۇ، لېكىن بۇ مۇزىكىنىڭ ئۆزبەكچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم.
فەرۇزە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن بېرىپ ئىسكىرىپكىنى جايىغا قويۇپ قويدى. ئاندىن قېشىمغا كېلىپ چىنەمگە چاي جىقلىدى.
ــ بۇ قايسى مۇزىكا؟
ــ «نادىرە» دېگەن مۇزىكىنىڭ بىر قىسمى.
ــ نادىرە؟ «زامان»نى ئېيتىدىغان نادىرەمۇ؟ــ مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم.
ــ ۋاي ياقەي، مەن مەكنۇنەنى دەۋاتىمەن.
«مەكنۇنە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپلا بايىقى مۇزىكىنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدۇم. مەكنۇنە نادىرە ھەقىقەتەنمۇ پاجىئەلىك شەخس ئىدى. ماھلەر ئايىم نادىرە ئەسلى 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن قوقەندنىڭ ئايال ئەمىرى ئىدى. ئۇ شۇ دەۋردە ئۆتكەن بىردىنبىر ئايال ئەمىر (ئايال پادىشاھ دېيىشكىمۇ بولاتتى). ئۇ «مەكنۇنە» تەخەللۇسى بىلەن نۇرغۇن شىئېرلارنى يازغان. ئۇ ئەينى ۋاقتتىكى ئاياللار ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئاياللارنىڭمۇ ھوقۇق تۇتالايدىغانلىقىنى، تۇتقاندىمۇ راۋرۇس تۇتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. شۇنىسى ئەتراپتىكى جاھىل كۈچلەر بىر ئايال كىشىنىڭ ھوقوق تۇتۇشىنى ئىسلام شەرىئىتىگە مۇخالىپ دەپ قاراپ، نادىرە ۋە ئۇنىڭ ئايال نائىبلىرى ئۈستىدە نۇرغۇن سۆز – چۆچەك تارقىتىپ، ئاخىرى بۇخارا ئەمىرىنى نادىرە ئۈستىگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا باشلاپ كېلىدۇ. نەتىجىدە بۇخارا ئەمىرى قوقەندنى قانغا بوياپ، نادىرەنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن بىر نەۋرىسىنى سويدۇرىدۇ ھەمدە نادىرە بىلەن ئۇنىڭ ئايال نائىبلىرىنى جايىدىلا قەتلى قىلىدۇ. بۇ مۇزىكا مۇشۇ پاجىئەنىڭ نالىلىك ئىڭرىشى ئىدى. بۇ يىل شۇ پاجىئەنىڭ يۈز بەرگىنىگە 170 يىل بولغان ئىدى.
ــ بۇ مۇزىكىنى چالمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن، بۈگۈن چالغۇم كېلىپ قالدى.
ــ مېنى كۆرۈپ چالغۇڭ كېلىپ قالدى، شۇنداقمۇ؟ مېنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن چالغانلىقىڭنى بىلىمەن،ــ مەن ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان فەرۇزەدىن سورىدىم قىيداپ تۇرۇپ.
ــ ماڭا ئۇۋال قىلما، ئەسلا ئۇنداق ئويلىمىدىم. ئۆزۈڭگە ئېلىپ كەتمە. ئۇ دېگەن تارىخ. سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئەسلىدە نادىرەنى قەتلى قىلغان بۇخارا ئەمىرىنىڭ ئىسمى نەسىرۇللا ئىدى.
تاماق كەلتۈرۈلدى. فەرۇزەنىڭ بايا «ئاش» دېگىنى پولو ئىكەن. فەرۇزە ئەتكەن ئەنجان پولوسى ئابلېز پولوخانىسىدا يېگەن پولودىنمۇ ئىسسىق بېسىپ كەتتى. تاماق يېگەچ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
ــ قىزىڭغا ئەجەب ئۇيغۇرىيە دەپ ئىسىم قويۇپسەنغۇ؟
ــ مېنى شۇنداق قويۇشنى خالايدۇ دەمسەن؟
ــ ئەمىسە نېمىشقا؟
ــ قېيناتام بىلەن قېينىئاپام بولمامدۇ، ئۇلار بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قارشى ئىدى. چۈنكى مەن ئۇيغۇر ئەمەس. يەنە كېلىپ ئاتام ئۆزبىك، ئاپام قازاق. ئېرىمنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن ئۇلار شەرت قويۇپ قوشۇلدى. قانداق شەرت دېمەمسەن؟ــ فەرۇزە چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈردى.
ــ قانداق شەرت؟
ــ بىز بالىلىق بولساق مىللىتىنى ئۇيغۇر دەپ نوپوسقا ئالدۇرىدىكەنمىز، بالا ئوغۇل بولسا ئىسمىنى ئۇيغۇرجان، قىز بولسا ئۇيغۇرىيە دەپ قويىدىكەنمىز. ئەينى ۋاقتتا ئېرىمگە تېگىۋالغىنىمغا خۇش بولۇپ ھەلا دەپتىمەن. ئەمدى خىيال قىلسام نېمە دېگەن بىمەنە شەرت بۇ؟ سىلەر ئۇيغۇرلار بەك مىللەتچى كېلىدىكەنسىلەر، بالىغىمۇ مىللەتنىڭ ئىسمىنى قويامدۇ دەيمەن.
ــ ئۇنتۇپ قالما، سەنمۇ ئۆزبىكخاننىڭ ئەۋلادى. سىلەرمۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى مىللەتكە قويۇۋالدىڭلارغۇ.
تاماق يېيىلىپ دۇئا قىلىنىپ بولدى. ئەمدى كېتىشىم كېرەك. كېتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا فەرۇزە:
ــ نەسىرۇللا، بۇ يەردە زېرىكىۋاتامسەن؟ــ دەپ سورىدى.
ــ مۇساپىرنىڭ زېرىكمەيدىغان كۈنى بولامدۇ؟
ــ ئەمىسە ھۇجرامغا كىرىپ تۇرە، ساڭا بېرىدىغان نەرسە بار.
توۋا، ماۋۇ خوتۇن نېمە دەيدۇ ئەمدى؟ مەن زېرىكسەم، خوش، ئۇنىڭغا ھۇجرىسىغا كىرسەم ماڭا بېرىدىغان نېمىسى باردۇ؟
ــ ئەمدى رۇخسەت قىل، مەن كېتەي، كەچ بولۇپ كەتتى.
ــ كېتىسەن بايقۇش، مەن سېنى قونۇپ قال دېمىدىم. سەن كىرىپ تۇرە، مەن قاچا- قۇچىلارنى يۇيۇپ بولۇپلا كىرىمەن.
پەمىمچە يۈز كۇۋادرات مېتردىن ئاشىدىغان بۇ ئۆيدە ئۈچ ھۇجرا بار ئىكەن. قىزى بىلەن ئۆزى ئايرىم ھۇجرىدا، بايا مەن كومپيۇتېر قۇراشتۇرغان ئۆي بولسا ئۇنىڭ خىزمەت ئۆيىدەك قىلاتتى. مەن ئۇ كۆرسەتكەن ئۆيگە كىردىم. كىرىپلا بىر تام كەلگۈدەك كىتاب ئىشكاپىغا كۆزۈم چۈشتى. قىزىقىشىم بويىچە كىتاب ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. كىتابلار تۈرلىرى بويىچە رەتكە تىزىلغان بولۇپ، ئۈستىدىكى بىر رەت دىننىي كىتابلار بىلەن ئۇيغۇرچە تارىخىي رومانلار بولۇپ، مەن كۆرگەنلىكى تارىخىي رومانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار ئىكەن. ئىككىنچى رەت تېخىمۇ دىققىتىمنى تارتتى. بۇ رەتنىڭ ھەممىسى ئەلشىر ناۋايىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبىكچە سىلاۋىيان يېزىقتىكى كىتابلىرى ئىدى. ئەلشىر ناۋايىنىڭ ھەر خىل نەشىردىكى كىتابلىرىنى كۆرگەن ئىدىم. بىراق ئۆزبىك سىلاۋىيانچىسىدىكى بۇنداق خىلمۇ خىل نۇسخىلىرىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن. بەزى نۇسخىلىرى شۇنداق چوڭ بولۇپ، 12 يىل بۇرۇن مەن سېتىۋالغان خەنزۇچە «ئوكيانۇس» دېگەن كىتابتىنمۇ قېلىن ئىدى. پەس قەۋەتتىكى كىتابلار خەنزۇچە، قازاقچە ۋە ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرچە كىتابلار، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى سىلاۋىيان يېزىقىدىكى كىتابلار بولۇپ، بۇ  يېزىقنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزبىكچىمۇ، قازاقچىمۇ بىلەلمىدىم. ئەڭ تىگىدە يەنە ئۆزبىك لاتىنچىسى بىلەن يېزىلغان بىر قانچە كىتاب ۋە ژۇرنال بار ئىكەن.
كىتابلار بىلەنلا بولۇپ كېتىپ فەرۇزەنىڭ كىرگەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. «باھادىرنامە»نىڭ بىرىنچى تومىنى ئېلىپ ۋاراقلىغاچ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام فەرۇزە قوش كىشىلىك يۇمشاق كارىۋاتتا ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ بايا تاماق ئەتكەن چاغدا كىيگەن كىيمىنىڭ ئورنىغا ئاق رەڭلىك كۆينەككە قارا رەڭلىك يوپكىنى پار قىلىپ يۆتكەپ كىيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بايا كومپيۇتېر ئالغىلى بارغان چاغدا كىيگەن خىزمەت فورمىسى، تاماق ئەتكەن چاغدا كىيگەن كىيمى ۋە ھازىرقى كىيىمىگە قاراپ ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش قىلغان چاغدا ئۆزىگە يارىشا كىيىم يۆتكەپ تۇرىدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم. ئۇ ئۇسسۇل ئوينىغىلى مەيدانغا چىققاندىمۇ بۇنداق كىيىم كىيمەيتتى.
ــ سەن ياقتۇرغۇدەك كىتابلار بارمىكەن؟ــ فەرۇزە چېچىنى ئويناپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى.
ــ بولمامدىغان، بۇ كىتابلىرىڭغا قاراپ ئۆزەمدىن خىجىل بولۇپ قېلىۋاتىمەن. مېنىڭ مۇشۇنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كىتابىم يوق.
ــ ئېرىم كىتابخۇمار ئادەم ئىدى. مەنمۇ شۇ. دادام، ئاپاممۇ كىتابنى بەك چوڭ كۆرەتتى. دادام دائىم بىزگە «كىتاب ئوقۇمىغان كۈنۈڭنى ياشىمىدىم دەپ بىل» دەيتتى.
ــ فەرۇزە، مەن ھازىر سېنى سەن ئەمەستەكلا ھىس قىلىۋاتىمەن.
ــ ئېيتقىن، كىمدەك ھىس قىلدىڭ؟
ــ مەن ئۆزبىك كىنولىرىنى كۆپ كۆرگەن، ئۆزبىكلەرنىڭ تىلى بەك يېقىملىق، جان دېمىگۈچە گەپ قىلمايدىكەن، «ئوغۇلجان»، «خوتۇنجان» دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم. راست، بەكلا ئوماق ئاڭلىنىدىكەن، سەنمۇ ئۆزبىك تۇرۇپ، يەنە كۈندە بۇ قەدەر ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان تۇرۇپ نېمىشقا قوپال گەپ قىلىسەن؟
ــ ئاغزىڭغا تاش،ــ فەرۇزە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇمشىقىنى ئۇچلىغىنىچە قېشىمغا كەلدى،ــ مەن قانداق قوپال گەپ قىلدىم؟ قوپاللىقىمنى كۆرسەت.
ــ مانا، مۇشۇ گەپلىرىڭ قوپال ئەمەسمۇ؟
ــ ساڭا قوپال گەپ قىلىمەن قانداق؟ ــ فەرۇزە قولۇمدىن كىتابنى تارتىۋېلىپ دولامغا كىتاب بىلەن بىرنى قويدى،ــ كەچۈرۈم سورا.
ــ چىدىماس ئىكەنسەن، سېنىڭ ھەر گەپلىرىڭگە مەن چىدايمەنغۇ.
ــ چىدىماي قانداق قىلاتتىڭ؟ چىدا ئۇكام، ھايات دېگەندە مۇشۇنداق چىداپ ياشايسەن.
فەرۇزەنىڭ قېشىمغا كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىدىن تاراۋاتقان ئاياللىق ھىد، ئاپئاق، سۈزۈك يۈزلىرى، نۇر يېغىپ تۇرغان ئىستىھزالىق شەھلا كۆزلىرى، ئويما ياقىلىق كۆڭلەكنىڭ ئوچۇقچىلىقىدىن نامايىش بولۇپ تۇرغان ئاپئاق كۆكرىكى، سۈزۈكلىكىدىن غول تومۇرلىرىدىكى قانمۇ  كۆرۈنگۈدەك بوينى ۋە تولغان بەدىنىگە يارىشا تومپىيىپ تۇرغان كۆكسى نازۇك نېرۋىلىرىمنى غىدىقلاپ، ئەقىل قورغىنىمنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېسسىيات ئەسەبلىرىمنى ئويغىتىشقا باشلاۋاتاتتى. يۈرىكىمنىڭ سوقۇشىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى، نەپسىمنىڭ قىسىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ئاستا پىچىرلىدىم:
ــ فەرۇزە، ماڭا بۇنداق نازلىق قارىما، مېنى گۇناھكار قىلىسەن.
فەرۇزە بۇ گېپىمدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ــ ھا ھا ھا... ھەي نەسىرۇللا، مەن ساڭا نازلىق قارىدىممۇ؟ بىلەمسەن؟ ماڭا قارا چاپلىدىڭ. مەن تۇل خوتۇن، بىراق بۇزۇق ئەمەس. سېنى ھۇجرامغا ئىشرەتكە چاقىرمىدىم، مېنىڭ ھۇجراممۇ ھەم ئىشرەتخانا ئەمەس. مەن بىر مۇساپىر دوستۇمغا كىتاب بېرەي دېدىم. شۇ كىتابنى ئوقۇپ زېرىكىشىنى باسسۇن دېدىم.
فەرۇزەنىڭ بۇ گەپلىرىدىن خىجىلچىلىقتىن يۈزلىرىم ئوت ئېلىپ يېنىپ كەتتى.
ــ كەچۈرگىن فەرۇزە، مەن ئۇنداق مەنىدە دېمىدىم. راست، سۆزۈمگە ئىشەنگىن، مېنى ئەپۇ قىل.
ــ بولدى، گۇناھىڭدىن ئۆتتۈم. لېكىن خۇش بولدۇم. قارىغاندا مېنىڭ ھازىرمۇ خېلى جەلىبكارلىقىم بار ئوخشايدۇ.
ــ ئۇنداقتا، ۋاقتىدا توي قىلىۋال.
ــ قىزىمنى خىيال قىلسام توي قىلغۇم يوق. بولدىلا بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى، قېنى بۇ كىتابلاردىن خالىغىنىڭنى ئال، شەرت شۇكى ئوقۇپ بولۇپ قايتۇرۇپ بېرىسەن.
مەن «جاللات خېنىم» دېگەن ئىككى قىسىملىق روماننى ئالدىم.
ــ ھە راست، ئەتىرىيەگە ساۋاقنى قانداق بېرىۋاتىسەن؟ ئۇنىڭغا كۈندە يومۇر سۆزلەپ يۈرمىگەنسەن؟
ــ شۇنداقمۇ قىلارمەنمۇ؟ ئۇ خېلى ئوبدان ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتتى. تۈنۈگۈن ماڭا «نۇزۇگۇم قوشاقلىرى»نى ئوقۇپ بەردى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بەكلا خۇش بولۇپ كەتتىم.
ــ ۋاھ، يارايسەن.
ــ مەن ئۆگۈنلۈككە مورىغا بارىمەن. قىزىمنى ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە تاشلاپ قويۇپ كېلىمەن. بۇ ئارىلىقتا سەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلەرسەن، كېلەر ھەپتە پوچتا خادىملىرىنى تەربىيلەش مەكتىپىدە بەش كۈنلۈك تەربىيلىنىش بار. ئۇ چاغدا سەن بارمىساڭمۇ بولىدۇ.
فەرۇزەنىڭ ئۆيىدىن چىققان ۋاقتىمدا كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقان بولۇپ، ياجوڭ مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام پەرىدىن بىلەن كورلىلىق ساۋاقدىشىم ئۇچراپ قالدى. بۈگۈن مەيدانغا ساقچىلار يېغىپ كەتكەچكە ئويۇننىڭمۇ قىزىقى قالمىغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇلار بىلەن بىللە قايتتىم. مەكتەپ تەرەپكە بۇرۇلىدىغان چاغدا كورلىلىق ساۋاقدىشىم بىر دۇكانغا كىرىپ چىقايلى دەپ تۇرىۋالدى. ۋېۋىسكىسىغا قارىسام پۇت يۇيۇش ئورنى ئىكەن.
ــ بۇ يەرگە كىرىپ پۇت يۇغىچە ياتاققا كىرىپ مۇنچىدا يۇساقلا بولمىدىمۇ؟ــ دېدىم ساۋاقدىشىمغا قاراپ.
ــ بۇلار دورىلىق سۇ بىلەن يۇيىدۇ، يەنە بارماقلىرىڭىزنى ئۇۋىلايدۇ. يۇغۇزىۋالسىڭىز يېنىكلەپ، راھەتلىنىپ قالىسىز.
ــ ئۇنداقتا كىرەيلى، مېنىڭمۇ پۇتۇم ئاغرىپ تۇرىدۇ شۇ تاپتا. بۇلار پۇت يۇغانغا بەش – ئون كوي ئالار ھەقىچان؟ــ راستىنى ئېيتسام پۇت يۇغانغىمۇ بەش كوي خەجلەشكە قورسىقىم ئاغرىيتتى.
ــ بەش – ئون كوي؟ــ ساۋاقدىشىم ماڭا قاراپ ئاۋازىنى سوزۇپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،ــ ئەللىك كوي ئالسا، شۇنىڭغا خۇش بولساق بولار؟
ــ ئەللىك كوي؟ ئۇنداقتا بولدىلا، ئەڭ ياخشىسى مەن ياتاققا بېرىپ بىكارلىق يۇۋالاي.
يېقىندا ئىلانلىقتىكى ساتراچخانىدا چاچ ئېلىش بەش يۈەندىن يەتتە يۈەنگە چىقىۋىدى، ساتراچ خەنزۇ بىلەن خېلى ئېيتىشقان ئىدىم. 50 يۈەنگە پۇت يۇغۇزۇش ھەرقانچە قىلسىمۇ مېنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتتى. ئۆتكەندە قوشنا ياتاقتىكى بىرەيلەن بىزنىڭ ياتاقتىكى بىر سورۇندا ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ 300 يۈەنگە ساڭناغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا ھەيران قالغان ئىدىم. مەن «ساڭنا»نى مۇنچا دەپلا چۈشىنەتتىم. شۇندىن كېيىن ساڭنانىڭ مۇنچىلا ئەمەسلىكىنى بىلىۋالدىم.
ياتاققا قايتىپ كېلىپ يېرىم كېچىگىچە «جاللات خېنىم»نى ئوقۇپ يېتىۋالدىم. تاڭ ئاتارغا يېقىن يوغان بىر قارا ئىتنىڭ مېنى قوغلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن. ئىت قوغلاپ تولا چۈش كۆرەتتىم. بىراق بۇ قېتىملىق چۈشۈمدىكى قارا ئىت تولىمۇ يوغان، خۇددى تىبەت تايغىنىدەك بەستلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. مەن چۈش بىشارىتىگە ھەم چۈش تەبىرىگە ئىشەنمەيمەن. ئىت قوغلاپ چۈش كۆرگەن ۋاقتلىرىمدا بىرەر ئىشنىڭ بولغىنىنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن. بەلكىم بۇمۇ ئىلگىركىلەردەكلا ئادەتتىكىلا بىر ئىشتۇ.
ئەتىگەن مەكتەپ مەيدانىغا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ ئاخشامقى ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقىتىم. فەرۇزە بىلەن تونۇشتۇم، ئۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدىم، ئەمدى ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ باردىم، تېخى ھۇجرىسىغىمۇ كىردىم. شەيتان ۋەسۋەسىسىدە ھەددىمدىن ئېشىپ ئۇنىڭ پىنھانلىرىغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپتىمەن. توۋا، نەسىرۇللا، ئەمدى تىزگىنىڭنى تارت. شۇنچىلىك تاپتىن چىققىنىڭ يېتەر. چۈشۈڭدىكى تىبەت تايغىنى بەلكىم ساڭا بېرىلگەن بىشارەتتۇر. تىزگىندىن بوشىساڭ سەنمۇ ئاشۇ تىبەت تايغىنىدەك قاپقارا ئىت بولىسەن، خالاس. باشقىسى بولمايسەن. يۇندا پۇراپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن. ئىنسان ئەيدىز ۋاباسىدا جان تەسلىم قىلغىنىدەك، سەنمۇ غالجىرلىق ھۆكمىدە خار – زەبۇن بولۇپ ئۆلەرسەن بىر كۈن. ئۆلسەڭمۇ شۇنداق بىر ئۆلۈمدە ئۆلگىنكى، جان تەقسىم قىلغان ۋاقتىڭدا كۆزۈڭدىن چىققان ياش ئاغزىڭدىن چىققان «ئەلھەمدۇلىللا، ياراتقان ئالىمىڭدە پاك مۇسۇلمان بولۇپ ياشىدىم» دېگەن سۆزۈڭنىڭ ئىسپاتى بولسۇن، قەدىناسىڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان قەترىلەر ئۇنىڭ قەلبىدە پەرياد ئۇرغان «ئىنشائاللا، مەن مۇشۇ پاك مۆمىننىڭ جۈپتى ئىدىم» دېگەن كەلىمىگە گۇۋاھ بولسۇن.

داۋامى بار


UID
50940
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-12-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 02:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇران ئەپەندى تىنىڭىزگە سالامەتلىك، قەلىمىڭىزگە بەركەتلەر يار بولسۇن!
ئەسىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ،ۋەقەلىكنى ئىپادىلەش ئوسلۇبىڭىزنىڭ ئۆزگىچىلىگىدىن سىزگە بەكلا قايىل بولدۇم، ھارمىغايسىز!
ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىغا ئىنتىزارمەن!

UID
49850
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 02:54:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىر داۋامىنى كۇردۇم
تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن

UID
45398
يازما
104
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
104
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
172 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشا ئاللا نەسرۇللا مۇئەللىم ،ھەرنىمە بۇلسا بۇقىتىمقىسىنى خىلى تىز يازدىڭىمۇ؟
ياكى مەن كىچىكىپ كۇردۇممۇ؟
مەن ئەلكۇيىدىن چىكىنىپ چىققان بۇلساممۇ ،ئەمما مۇشۇ ئەسرىڭىز ئۇچۇنلا ،بۇ مۇنبەرنى
ۋاقتىم بۇلسىلا يۇقلاپ تۇرۋاتىمەن،
سىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەش بىلەن بىرگە ،
ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن،
ھارمىغايسىسىز ‹ئۇيغۇر يىگىتى› سىزگە تەشەككۇر،

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
499
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15081
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 10:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆلسەڭمۇ شۇنداق بىر ئۆلۈمدە ئۆلگىنكى، جان تەقسىم قىلغان ۋاقتىڭدا كۆزۈڭدىن چىققان ياش ئاغزىڭدىن چىققان «ئەلھەمدۇلىللا، ياراتقان ئالىمىڭدە پاك مۇسۇلمان بولۇپ ياشىدىم» دېگەن سۆزۈڭنىڭ ئىسپاتى بولسۇن، قەدىناسىڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان قەترىلەر ئۇنىڭ قەلبىدە پەرياد ئۇرغان «ئىنشائاللا، مەن مۇشۇ پاك مۆمىننىڭ جۈپتى ئىدىم» دېگەن كەلىمىگە گۇۋاھ بولسۇن.»

يېڭى يۇلتۇز

قۇلاق بولسا تۆت

UID
45328
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 19:45:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىرسۇناژلارغا مۇھەببەت ۋە نەپرەت ...

UID
51283
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 20:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام  نەسىرۇللا بەي ، خىرۇســتالنامە ياخشى چىقىۋاتىدۇ ، ئاخىرىغا تەشنامەن

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
515
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
905
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
568 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 21:16:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار

ئېقىپ كېتىۋاتقان يۇلتۇز چېغىدا زۇلمەتنى يېرىپ كائىناتقا ئاپئاق نۇر سېپەلەيدۇ.

ــــــــ نۇرگۈل ئەبەينىڭ «گۇناھلىق سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىسىدىن

ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنە توقسۇنغا قايتماقچى بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوبۇسىغا چىقتىم. بېشىمنى ئەمدىلا ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە قويۇپ بۇخارا سەپىرىگە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفونۇم سايراپ قالدى. قارىسام فەرۇزەدىن كەپتۇ. قىسقىچە سالام – سەھەتتىن كېيىن ئۇ:
ــ سەن بىلەن كۆرۈشىمەن، كەچتە ياجوڭ مەيدانىغا كەل،ــ دېدى.
ــ مەن توقسۇنغا ماڭدىم.
ــ ئەمىسە يەكشەنبە كۈنى چوقۇم قايتىپ كەل. پوچتا سېستىمىسىدىكىلەر ياجوڭ مەيدانىدا ئويۇن قويىمىز. ئەتىرىيەمۇ كېلىپ كۆرىدىغان بولدى.
ياجوڭ مەيدانىدىكى سەھنىدە سانجىدىكى ھەرقايسى ئىدارە – ئورگانلار، يېزىلار، ئاھالىلەر كومىتىتلىرى پات – پات ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى.
ــ بولىدۇ. چوقۇم قايتىپ كېلىمەن.
ــ سەن كېتىپ يامان قىلدىڭ. ئەتىرىيەنىڭ ئەھۋالى سەل چاتاقكەن.
فەرۇزەنىڭ بۇ گېپىدىن يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى.
ــ نېمە بولدى؟ ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟ــ ئەندىكىپ ۋارقىرىغان ئاۋازىمدىن يېنىمدا ئولتۇرۇپ يانفونىدا ئۇچۇر يېزىۋاتقان خەنزۇ قىزى چۆچۈپ ماڭا قارىدى،ــ ئۇ ئاغرىپ قالدىمۇ؟
ــ ئۈلۈشكۈن ئاخشام ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ يالغۇز يېتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن دەپ باشقا ئۆيگە كىرىپ ياتتى. يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ قارىسام قىزىپ ئوت بالا بولۇپ كېتىپتۇ. بەدىنىدىمۇ توخۇ ئەت ئۆرلەپ كېتىپتۇ. قىزىتمىسىنى ئۆلچىسەك 41 گىرادۇس چىقتى. قورقۇپ جېنىم چىقاي دېدى. دوختۇرغا ئاپىراي دېسەم پەقەت ئۇنىمىدى. دورا ئىچىپ، ئوكۇل ئۇرۇپ يۈرۈپ قىزىتمىسى ئىككى سائەتتە ئاران چۈشتى. ئۇنىڭ يالغۇز ياتىمەن دېگىنى بىكار ئەمەسكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق بولىدىغىنىنى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ پات – پات شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. نەسىرۇللا، مەن قورقىۋاتىمەن، ئۇ يالغۇز يېرىم شۇنداق يېتىپ كۈتۈلمىگەن بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلارمىز؟
فەرۇزەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خۇددى بېشىمدىن بىرى مۇزدەك سۇ قويىۋەتكەندەك شۈركىنىپ كەتتىم. فەرۇزە مەندىن «قانداق قىلارمىز؟» دەپ سورىغىنى بىلەن مەنمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەيتتىم. بەزىدە مەن ئۇنىڭ يېنىغا دەرسكە ماڭغان ۋاقتىمدا، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىر باھانە تېپىپ مېنى كەينىمگە قايتۇرىۋېتىشى ئەسلىدە ئۇنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ۋاقتى ئىكەن دە. توۋا، شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن.
ــ بىز پات – پات تېلېفون قىلىپ تۇرايلى، بۇندىن باشقا نېمىمۇ قىلالايمىز؟ مەن قايتىپ كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن.
ئۆيگە كېلىپ ئوغلۇمنى ئەكىلىۋېلىپ بېغىمدىكى (بىز قىشتا بەخت ئولتۇراق رايونىدىكى بىنادا، يازدا نۇرلۇق كوچىسىكى قورايىمىزدا ئولتۇرىمىز) قاراقسىز قېلىپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن كۆكتاتلىرىمنى بىر قۇر ئوتىۋېتىپ، باراڭدىكى ئۈزۈم تاللىرىنى بىر قۇر پۇتاپ رەتلىدىم، ئاندىن ئۆيۈمنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قورشاۋ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، مەكتەپنىڭ قۇدۇقىنى ئۇقۇشۇپ بېغىمنى سۇغاردىم. (ئۆيۈم ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قورشاۋ تېمىنىڭ كەينىدىلا)
ئاخشىمى مەكتەپكە بېرىپ يېزىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىدىن (بىز چوڭلار مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان بولغاچقا، بىزدە يېزىمىزدىكىلەرنىڭ نوپوس ئارخىپى بولىدۇ) خۇجەخمەت ئىسىملىكلەرنى ئاختۇردۇم. يېزىمىزدىكى 17 مىڭدىن ئارتۇق نوپوس، 14 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن خۇجەخمەت ئىسىملىك ئادەمدىن 23 ئى چىقتى. بۇلاردىن ئەتىرىيەنىڭ ئاتىسى سەئىدىن ئاكا بىلەن تونۇشلۇقى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان يېشى چوڭراقلىرىدىن سەككىزىنى نامزات قىلىپ تاللىۋالدىم. ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ئوغلۇمنى موتوسىكىلىتىمنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرىۋېلىپ سەككىز خۇجەخمەتنى ئىزدەپ ماڭدىم. چۈشكە يېقىن ئاران دېگەندە ھەممىسىنىڭ ئۆيىگەبېرىپ بولدۇم. بىرى ئۆلۈپ كېتىپتۇ، ئىككىسى ئۆيىدە يوق ئىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس، خۇجەخمەتلەرنىڭ ياكى ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىرەرىمۇ سەئىدىن ئاكىنى تونۇمايدىكەن. ھەتتا سەئىدىن ئاكا توغرۇلۇق ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن. ۋاقت توشۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ يۇرتى بولغان غولبويى يېزىسىغا بېرىش مۇمكىن بولمىدى. چۈشتە سالپايغىنىمچە قېينىئاتامنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدىم.
چۈشتە تاماق يەۋېتىپ ئەتىرىيەنىڭ ئايالىمغا ئوخشايدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ، قېينىئاتامدىن سەئىدىن ئاكىنى سوراپ باققۇم كېلىپ قالدى.
ــ ئاتا، خودۇڭ (غولبويى يېزىسىنى شۇنداق ئاتايدۇ) قاراشتىن (قاراش: غولبويى يېزىسىدىكى بىر كەنتنىڭ ئىسمى، تاغاق چىلان مۇشۇ كەنتكە يېقىن) ئۇزۇن يىللار بۇرۇن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن سەئىدىن دېگەن ئادەمنى تونۇمسىزكىن؟
ــ سەئىدىن؟ ئاتىسىنىڭ ئىسمى نېمە ئىكەن؟ كىملەردەك بار ئىكەن؟ نېمە ئىش قىلىدىكەن؟
ــ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن، ئۇ ئادەم ئاتمىش ياشلاردىن ئېشىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، توغرا 2009 – يىلى 7- ئايدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن دىۋوپودا ياغاچ زاۋۇتىدا ئىشلەيدىكەنتۇق. بالىسىنىڭ دېيىشىچە ئاتىسىنىڭ ئىلانلىقتىكى خۇجەخمەت دېگەن ئادەمدە ئېلىشى بار ئىكەن.
قېينىئاتامغا راست گەپنى دېگىلى بولسۇنمۇ، شۇڭا ئەگىتىپ يالغان ئېيتتىم. قېينىئاتام سەل ئويلىنىۋېلىپ جاۋاب بەردى.
ــ ياق، بۇ ئادەمنى تونۇمايدىكەنمەن. ئېلىشى بار خۇجەخمەت كىم بولغىيدى؟
خۇجەخمەت دېگەن ئادەمنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىشتىن ئۈمىدىم ئۈزۈلدى. تاماقتىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇدىقى يېنىدىكى ئېرىقتا ئۆسۈپ كەتكەن پاقا ئوتتىن (دائىم سۇ ئاقىدىغان ئېرىقتا ئۆسۈدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق غولسىز ئوت، تەمى ئاچچىق بولغاچقا ھېچقانداق مال يېمەيدۇ. كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوت ئالغىلى چىققاندا مۇشۇ ئوتنى ئېلىپ كەلسەك ئاپام تىللاپ كېتەتتى) بىرمۇنچە ئېلىپ، چۈشتىن كېيىن سانجىغا قايتىپ كەتتىم.
ياجوڭ مەيدانىدىكى ئويۇنغا ئۈلگۈرۈپ ئاران كەپتىمەن. كېلىپ بولغىچە فەرۇزە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئەتىرىيەنى تېپىشىمنى تاپىلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ چاقىرىپ كېلىپ ئويۇننى بىللە كۆردۇق. بۇ ئويۇندا فەرۇزە ئاتۇش خەلق ناخشىسى گۈلمەرەمنى ئېيتتى. ئۇسسۇلچىلارغا قوشۇلۇپ ئۇنىڭمۇ ئۇسسۇل ئويناپ كېتىشى بەك قىزىق ئىدى. ئاندىن ئۇ بىر بىر نەچچە قىز بىلەن ئۆزبەكچە ئۇسسۇل ئويناپ چىقتى. فەرۇزە ئاخىرىدا «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل؟» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ناخشىدىن كېيىن ئەتىرىيە سەھنىگە چىقىپ فەرۇزەگە بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلدى. ئەتىرىيە گۈلنى بېرىپ بولۇپلا كەينىگە يېنىپ مېڭىشىغا فەرۇزە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە چوڭقۇر مېھرى بىلەن سۆيدى، ئاندىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە قويۇپ بەرمەي بىر ھازا شۇ خىل رەۋىشتە تۇردى. سەھنە چىرىقىنىڭ نۇرىدا فەرۇزەنىڭ كۆزىدىكى خرۇستال ئۈنچىلەرنىڭ چاقنىغانلىقىنى ھاياجاندىن نەمدەلگەن كۆزلىرىم كۆرۈپ ئۈلگۈردى. ھېس قىلىپ يېتەلەيمەنكى، بۇ خىل سۆيۈش دۇنيادىكى ئەڭ مېھىرلىك سۆيۈش ئىدى، شۇ خىل قۇچاقلاش ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئىللىق قۇچاقلاش ئىدى. سەھنىدە قۇچاقلىشىپ تۇرغان بۇ ئىككى سىما مەن ئۆمرۈم بويى ئۇنتۇيالمايدىغان، ئۇننۇشقا ۋىجدانىم يول قويمايدىغان بۈيۈك بىر سىما ئىدى. ئەمما مەندىن باشقىلارنىڭ بۇ خىل سۆيۈش، قۇچاقلاشنىڭ ۋەجى ۋە سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى تاماشىبىنلارغا بەكلا ياراپ كەتتى. تاماشىبىنلار توختىماي ئالقىش ياڭرىتاتتى، گۈل سوۋغا قىلاتتى. ئويۇن تۈگەپمۇ تاماشىبىنلار ئۇنىڭ يەنە بىر ناخشا ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھازا يوقاپ كېتىپ، بىر چاغدا شىمالىي شەنشىنىڭ دېھقان قىزلىرىدەك ياسىنىپ سەھنىگە چىقتى. ئۇ خەنزۇچە: «ئەڭ ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم ‹غەربىي قوۋۇقتىن چىقىش› » دەپ ئېلان قىلىۋىدى، تاماشىبىنلار خۇشلىقىدىن يەنە چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇنچىلىك كارامىتى بار دەپ پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇ شىمالىي شەنشى خەلق ناخشىسى «غەربىي قوۋۇقتىن چىقىش»نى ئېيتقاندا ئۆزۈممۇ شۇ ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتىمەن. خەلق ناخشىسىغا ئامراق بولغاچقىمىكىن، خەنزۇلارنىڭ بۇ ناخشىسىنىمۇ قەۋەتلا ياقتۇراتتىم. فەرۇزەمۇ بۇ ناخشىنى ۋاڭ ئېرنىنىڭ ئۆزىدەكلا ئېيتىۋەتتى. ناخشا تۈگىدى. فەرۇزە گۈلدۈراس ئالقىش ئىچىدە تاماشىبىنلار سوۋغا قىلغان بىر قۇچاق گۈلنى كۆتۈرۈپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى. مەن يېنىمغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. ئەتىرىيە كۆرۈنمەيتتى. ئەتراپنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. تېلېفون قىلاي دەپ يانفونۇمغا قارىسام ئۇچۇر كەپتۇ. بۇ ئۇچۇرنى ئەتىرىيە ئەۋەتكەن بولۇپ، «مەن ئۈچۈن فەرۇزە ئاچامنى تەبرىكلەپ قويۇڭ، مەن ئۆيگە كەتتىم» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام ئالماي قويدى. شۇ ئارىلىقتا فەرۇزە تېلېفون قىلدى.
ــ قېشىمغا كېلىڭلار،ــ ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى.
مەن سەھنىنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم. فەرۇزە مېنىڭ يالغۇز كەلگىنىمنى كۆرۈپ كەينىمگە قاراپ سورىدى:
ــ ئەتىرىيە قېنى؟
ــ كەچۈرگىن، ئۇنى قاچۇرۇپ قويدۇم،ــ مەن خىجىللىق ئارىلاش يەرگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
ــ قاچۇرۇپ قويدۇم؟ــ فەرۇزە ماڭا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى،ــ چوپچوڭلا ئادەمنى يوقىتىپ قويغىنىڭ نېمىسى؟ بۇنچە كەچتە ئۇ نەگە بارىدۇ؟ تېلېفون قىلمىدىڭمۇ؟ تېز ئىزدەيلى.
ــ بولدى، ئۇ ئۆيگە كەتتىم دەپ ئۇچۇر ئېۋەتىپتۇ، تېلېفون قىلسام ئالمىدى. ئىزدىسەكمۇ تاپالمايمىز.
ــ ئۇ چوقۇم ئۆيۈمدە قونۇپ قېلىشنى خالىماي كېتىپ قالدى. مېنىڭ چىڭ تۇتىۋېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن گەپ، ھەي، يەنە قىزىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ،ــ فەرۇزە تېلېفونىنى ئېلىپ ئەتىرىيەگە تېلېفون قىلدى. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن تېلېفون ئۇلاندى.
ــ قاچقۇن، ئاچاڭغا خوش دېمەي كېتىشكە قانداق پېتىندىڭ؟ــ فەرۇزە يۈز خاتىرە قىلمايلا ئەتىرىيەنى ئەيىپلەشكە ئۆتتى،ــ تېز كەينىڭگە قايت. مېنىڭ ئۆيۈمدە قونساڭ نېمە بولارسەن؟ كەچتە ئادەمنى بەكلا ئەنسىرەتتىڭغۇ؟ قىزىپ قالمىغانسەن؟ ئەمىسە، ئەھۋالىڭدا ئۆزگىرىش بولسىلا تېلېفون قىل. بىزنى ئەنسىرەتمە ھە.
فەرۇزە تېلېفوننى قويۇپ ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتتى.
ــ گەپ ئاڭلىمايدىغان قىز.
ــ ئۇ يولدىمىكەن؟
ــ ھەئە.
ــ ئەھۋالى ياخشىمىكەن؟
ــ ياخشىكەن، مەن بۈگۈن بەك خۇشال، كەيپىياتىم ياخشى دەيدۇ.
ــ ھەي جاپاكەش، كەچتە جاپا چېكىۋالىدىغان بولدى دە.
ــ ھەممىنى قىلغان سەن، چوپچوڭ بىر قىزغىمۇ ياخشى قارىيالمىغان، خوتۇنۇڭنى خۇنەنگە بىكار قاچۇرۇپ قويماپتىكەنسەن،ــ فەرۇزە ئايالىمنىڭ گېپىنى قىلىپ يارامنى تاتىلاشقا باشلىدى.
ــ ھەئە، مەن ئەيىپلىك، شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقسەن،ــ ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ بېشىمنى پەس قىلدىم. نېمە ئامال؟ فەرۇزەنىڭ خەنزۇچە ناخشىسىغا مەپتۇن بولۇپ ئەتىرىيەنى ئېسىمدىن چىقىرىپتىمەن ئەمەسمۇ.
ــ بۈگۈن سېنى كۆرۈپ قويدۇم. بەك پىخسىق ئىكەنسەن. قېنى ماڭا تەقدىم قىلىدىغان گۈلۈڭ. بىر دەستە ئەمەس، بىر تالمۇ يوققۇ؟ بۇ يەرگە ئىككى قولۇڭنى بۇرنۇڭغا تىقىپلا كەپسەنغۇ؟
ــ گۇناھىمدىن ئۆتكىن، سېنى ئەمدى مېھمان قىلىپ كۆڭۈل سورىۋالاي،ــ ئامالسىز شۇنداق دېدىم. ئەمەلىيەتتە فەرۇزەگە گۈل ئالغان تەقدىردىمۇ شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئالدىدا سەھنىگە چىقىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم.
ــ پەقەت قائىدە بىلمەيدىكەنسەن، بۈگۈن سەندىن كۆڭلۈم قالدى، بۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن مانا بۇلارنى كۆتۈر، ئۆيگە كېتىمەن،ــ فەرۇزە يېنىدىكى دەستە – دەستە گۈللەرنى كۆرسەتتى.
ــ نېمە؟ بۈگۈن سەن كېچىلىكنى كۆتۈرە ئېلىۋالغاندەك سەھنىدىن چۈشمەي نومۇر كۆرسەتتىڭ، ئىدارەڭ ماشىنا بىلەن سېنى ئاپىرىپ قويمامدۇ؟
ــ مەن ئاپىرىپ قويىدىغان ئادىمىم بار دەپ قوشۇلمىدىم، قانداق، خالىمامسەن؟ شۇنچىلىك ئىشقا يارىمىساڭ كەتسەڭ بولىدۇ،ــ فەرۇزە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ماڭا ئالىيىپ دوق قىلدى.
ــ ئەلۋەتتە خالايمەن. قورسىقىڭ ئاچمىدىمۇ؟
ــ ئاچتى، نېمە بىلەن مېھمان قىلىسەن؟ــ فەرۇزە ئەمدى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ماڭا قارىدى.
مەن گۈللەرنى ۋە توقسۇندىن ئېلىپ كەلگەن سومكامنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم.
ــ ئاۋۇ يەردە خالىغىنىڭنى ئېيتقىن،ــ دېدىم سەھنىنىڭ كەينىدىكى كەچلىك بازارنى كۆرسىتىپ.
ــ ياق، ئۇ يەردىكىنى يېمەيمەن، ئاۋۇ كوچىدا مورىنىڭ قوي گۆشىدە قىلىدىغان كاۋاب بار، شۇنىڭدىن 20 زىخ ئېلىپ بېرىسەن.
ــ ۋاھ، ئىشتىھايىڭ قالتىسقۇ؟ كۇللۇ ۋە ئەشرەبۇ ۋەلا تۇسرەفۇ.
ــ نېمە دېگەن گەپ بۇ؟ مېنى تىللايدىغان گەپ ئوخشىمامدۇ؟ بۈگۈن مېنى تىللىشىڭغا رۇخسەت يوق،ــ فەرۇزە قولىدىكى سەھنە كىيىملىرىنى سېلىۋالغان سومكىسى بىلەن دۈمبەمگە بىرنى ئۇردى.
ــ سېنى تىللاپ ھەددىممۇ؟ «يەڭلار، ئىچىڭلار، لېكىن ئىسراپ قىلماڭلار» دېگەن گەپ.
ــ سەنمۇ قاراپ ئولتۇرماسسەن؟ مورىنىڭ قوي گۆشى كاۋىپى ساڭىمۇ تېتىپ قالىدۇ.
بىز مەيداننىڭ كەينى تەرىپىدىكى مورى قوي گۆشى كاۋابخانىسىغا باردۇق. كاۋاب بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن فەرۇزە ئۈستەلگە قويۇپ قويغان سومكامنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.
ــ ماڭا بېرىدىغان مۇكاپاتىڭ باردۇ؟ توقسۇندىن ماڭا نېمە ئېلىپ كەلدىڭ؟ــ ئۇ پاقا ئوت سېلىنغان سۇلياۋ خالتىنى ئېلىپ ئۆرۈپ – چۆرۈپ قاراپ بېقىپ سورىدى،ــ بۇ قانداق ئوسما؟
ئۇنىڭ پاقا ئوتنى «ئوسما» دەۋالغىنىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
ــ ھەي فەرۇزە، بۇ ئوسما ئەمەس.
ــ ئەمىسە قانداق كۆكتات؟ــ فەرۇزە سۇلياۋ خالتىدىن پاقا ئوتتىن بىر يوپۇرماق ئېلىپ تەپسىلىي قاراشقا باشلىدى.
ــ بۇ كۆكتات ئەمەس، ئادەم تۇرماق ھايۋانمۇ يېمەيدۇ بۇنى.
ــ ئەمىسە بۇ سېسىق ئوتنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟
ــ بۇ ئوتنى بىز «پاقا ئوت» دەيمىز. مال يېمىگىنى بىلەن دورىلىق خۇسۇسىيىتى بار. بۇ ئوت پاقىنىڭ دۈمبىسىدەك سوغۇق كېلىدۇ. قىزىپ قالغان ئادەمنىڭ بەدىنىگە ياقسا قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ. بۇنى ئەتىرىيەگە ئېلىپ كەلدىم.
ــ ۋاھ، نەسىرۇللا، بولىدىكەنسەن جۇمۇ! بۇ ياخشى ئوتكەن. مەن ئەتىلا ئاپىرىپ بېرەي.
ــ شۇنداق قىلساڭ بەك خۇش بولاتتىم. ئالاھىتەن ئەتىرىيەنى دەپ ئېلىپ كەلسەم، قاچۇرۇپ قويدۇم ئەمەسمۇ. سۇلياۋ خالتىدا ياخشى ساقلا، ئۆيۈڭگە بارغاندا توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشنى ئۇنۇتما. قۇرۇپ قالسا ئۈنىمى بولمايدۇ.
ــ خوپ ئۇكام!
فەرۇزە سومكامنىڭ يان يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ خاتىرە دەپتىرىمنى ئېلىۋالدى ۋە خاتىرە قېتىدىكى ئايالىمنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ قارىغىنىچە پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى.
ــ نەسىرۇللا، ئەتىرىيەنىڭ سۈرىتىنى ساقلاپ يۈرۈپسەنغۇ؟
ــ ھەي ئاخماق، ئۇ ئەتىرىيە ئەمەس، مېنىڭ ئايالىم پەزىلەت.
ــ نېمە؟ ئايالىم پەزىلەت دەمسەن؟ــ فەرۇزە ھەيران بولغان ھالدا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ماڭا قارىدى،ــ چاخچاق قىلما.
ــ چاخچاق قىلمىدىم. ئۇلار بەكلا ئوخشايدىكەن. ئەتىرىيەنى دەسلەپتە كۆرگەندە مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھەيران قالغان.
ــ توۋا، بۇنداقمۇ ئوخشامدۇ؟ ئەتىرىيە ئايالىڭ بىلەن تۇغقان كەلمەيدىغاندۇ؟ ئايالىڭ بىلەن قوشكېزەك بولسا، قېينىئاپاڭ بېقىپ بولالماي خەققە بېرىۋەتكەنمۇ يا؟
ــ تۇغقان كەلمەيدۇ، قېينىئاتام ھەتتا ئۇنىڭ ئاتىسىنىمۇ تونۇمايدىكەن. قوشكېزەك تېخىمۇ ئەمەس، ئايالىم ئەتىرىيەدىن ئۈچ ياش چوڭ. شۇنداقلا تاساددىپىي ئوخشاپ قاپتۇ شۇ. چىرايى ئوخشايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇغقان بولۇشى ناتايىنغۇ.
ــ لېكىنزە،ــ فەرۇزە ئايالىمنىڭ سۈرىتىگە تەپسىلىي قاراشقا باشلىدى،ــ ھە توغرا، كۆزى ئوخشىمايدىكەن، ئەتىرىيەنىڭ كۆزى سېنىڭكىدەك قاپقارا. قېشىمۇ ساڭا ئوخشاش قوشما قاش ئىدى.
ــ بولدى قىلە، ئۆتەپ تېشىپ ئەمدى ماڭا ئوخشىتىۋاتامسەن؟ يوق گەپنى قىلماي كاۋاب يېگىنە، يۇرتۇڭنىڭ قوش گۆشىدە قىلغان كاۋاب بولغاندىكىن كۆپرەك يە.
ــ ھەي نەسىرۇللا، مەن «ئەر – خوتۇنلار ئۇزۇن يىل ئۆي تۇتۇش جەريانىدا چىرايىمۇ بىر – بىرىنى تارتىشىپ كېتىدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. سەن ئايالىڭنىڭ چىرايىنى تارتىۋاتامسەن ياكى ئايالىڭ سېنىڭ چىرايىڭنى تارتىۋاتامدۇ؟ ــ فەرۇزە ئاغزىغا بىر پاتمان لوقمىنى سېلىۋېلىپمۇ ھەدەپ مېنى گەپكە تۇتاتتى. ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن گۆشنى چايناپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلغان ھالىتى بەكلا كۈلكىلىك ئىدى. قاچانمۇ چوڭ بولارسەن چوكانچاق؟
ــ سېنىڭچە ئەر ئايالنى تارتامدۇ ياكى ئايال ئەرنى تارتامدۇ؟ــ فەرۇزەنىڭ بىمەنە سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.
ــ قارشى تەرەپنى كىم بەكرەك ياخشى كۆرسە شۇنى تارتارمىش. قارىغاندا سەن پەزىلەتنى تارتىدىغان ئوخشايسەن.
ــ نېمىشقا؟
ــ چۈنكى ئۇ سەندىن قىيداپ خۇنەنگە كەتكىنىگە قارىغاندا سېنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.
ــ قويە بۇنداق قۇرۇق سەپسەتەڭنى، ئاۋۋال ماۋۇ ئالدىڭدىكى مورىنىڭ كاۋاب پەلسەپىسىنى بىر ھەزىم قىلىپ بولۇپ، ئاندىن كىم كىمگە ئوخشايدۇ شۇنى تەھلىل قىلە.
بىز 20 زىخ كاۋابنى ئاران دېگەندە يەپ بولدۇق. مورى قويىنىڭ گۆشى ھەقىقەتەن تەملىك ئىكەن. تاماقتىن كېيىن فەرۇزە ماڭغىلى ئۇنىماي جېدەل قىلىپ ئولتۇرىۋالدى.
ــ بەك تويۇپ كەتتىم. ھېرىپ كەتتىم. ماڭالمىغۇدەكمەن.
ــ 20 زىخ دەپ ئۆزۈڭ چىڭ تۇرىۋالدىڭغۇ؟ يەپ بولالمايدىغىنىمىز ئېنىق ئىدى. ئاچكۆزلىكىڭگە توي ئەمدى.
ــ ئۆزۈڭ ئەيىبلىك، ئاشقىنىنى ياتىقىڭغا ئېلىپ كەتسەڭ بولاتتىغۇ؟
ــ سوۋۇپ قالغان كاۋابنى يېگىلى بولاتتىمۇ؟ ئىسراپ بولىدۇ شۇ.
ــ ماڭمايمەن، ئولتۇرىمەن مۇشۇ يەردە،ــ فەرۇزەنىڭ خۇيى تۇتۇپ قەغىشلىك قىلغىلى تۇردى.
ــ كەچ بولۇپ كەتتى، جېدەل قىلما، ئۆيۈڭگە بېرىپ ئولتۇر. چارچىغان بولساڭ يۇيىنىۋېلىپ ئۇخلا. ئەتە يېنىكلا قوپىسەن.
ــ ئەمىسە تاكسى بىلەن كېتەيلى.
ــ سادىغاڭ كېتەي جېنىم ئايلا، ۋارقىرىساڭ ئۈنۈڭ يېتىدىغان ئۆيۈڭگە تاكسى بىلەن بارامسەن ئەمدى؟ــ فەرۇزەنىڭ بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كېتىپ بارغانلىقىدىن خاپا بولۇپ ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلدىم.
ــ ئەجەب ئەسكىكەنسەن، مەن بىر كۈن كەچكىچە ئويۇن قويىمەن دەپ سەكرەپ – تاقلاپ، كاركىراپ ھېرىپ كەتتىم. تاكسىغا سېلىپ ئاپىرىپ قويساڭ نېمە بولىدۇ ھە، نېمە بولىدۇ؟
ــ ئۇنداق دەيدىغان ئادەم نېمىشقا ئىدارەڭنىڭ ماشىنىسىنى كەتكۈزىۋېتىسەن؟ بولىدۇ. مەن تاكسى توسۇپ بېرەي، بىراق ئۆزۈڭ يالغۇز كەت. مەنمۇ مەكتەپكە قايتاي.
ــ ياق، ياق دېدىم ياق!ــ فەرۇزە ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن كاۋابچى بالا بىر ماڭا بىر فەرۇزەگە قاراپ كۈلۈپ كەتتى،ــ تاكسى ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىغىچىلا ئاپىرىپ قويىدۇ. كەچتە تاكسىنى دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدۇ. بۇنچىۋالا نەرسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قانداق ئېلىپ كىرىپ كېتىمەن؟ ئاپىرىپ قويىسەن.
ــ كۈندۈزى بولغان بولسا ھاپاش قىلىپ بولسىمۇ ئاپىرىپ قوياتتىم. بۇنچە كەچتە مەن سېنى سەھنىدىن چۈشكەن بۇ ھالىتىڭ بىلەن تاكسىغا سالسام خەق نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟ ماڭىغۇ ھېچ گەپ يوق، مېنى بۇ يەردە ھېچكىم تونۇمايدۇ، لېكىن سەن بۇ يەرلىك، سانجىدا خەقنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرگەن ئادەمسەن، ئەتىلا خەقنىڭ شاڭخو ئوبىيكتى بولۇپ قالارسەن؟
ــ سۆزلىرىڭدىن ئايلىناي، سانجى غەيۋەت قىلىدىغان يەر ئەمەس، بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق. قورققان بولساڭ بوپتۇ، پىيادە كېتەيلى، بولە، قولۇمنى تارت،ــ فەرۇزە قولىنى ماڭا ئۇزاتتى.
ـــ ئۆزۈڭ تۇر، قولۇم بىكار ئەمەس.
فەرۇزەنى ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە باردىم. ئەتىرىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە تېلېفون كېلىپ قالدى. تېلېفوننى تۇرپان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان سىدىق قىلغان بولۇپ، نەچچە كۈندىن كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسىدا تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ شۇ كۇرسقا قاتنىشىشىمنى ئۇقتۇردى. ۋاقتى بىر ھەپتە بولغان بۇ كۇرسقا ئوتتەك بارغۇم بار ئىدى. سىنىپ مەسئۇلىمىزغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسام رۇخسەتمۇ بېرەر ئىدى. بىراق ئەتىرىيەنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ بۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچتىم. ئۇ قىزىپ قالغان ھېلىقى كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتىم. نېمىشقىدۇر يېقىندىن بۇيان ئۇنى ئۆز سىڭلىمدەكلا ھىس قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ۋايىم يەپلا يۈرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. گەرچە كۇرسنىڭ ۋاقتى قىسقا، ئورنىمۇ يىراق بولمىسىمۇ، ئۇ يەرنىڭ قاتنىشى قولايسىز، تۈزىمى چىڭ، خالىغان جايغا بارىمەن دەپلا بارغىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ سانجىدا ئوقۇۋاتقانلىقىمنى، بۇ قېتىم بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆزرە سورىدىم.
ئۆيگە كىرسەم ئەتىرىيە ئۆيىنى يىغىشتۇرىۋاتقان ئىكەن. قارىماققا ئۇ ئۆي كۆچىدىغاندەك قىلاتتى.
ــ كۆچىدىغان ئوخشىمامسىز؟ــ مەن يالىڭاچلىنىپ قالغان ئۆي ئىچىگە قاراپ ئەتىرىيەدىن سورىدىم.
ــ ھەئە، تىببىي ئىنىستىتۇت تەرەپكە كۆچكىلىۋاتىمەن.
ــ بۇ ئۆيچۇ؟ قانداق قىلىپ كۆچمەكچى بولۇپ قالدىڭىز؟
ــ بۇ ئۆينى سېتىۋەتتىم. ئۇ يەر داۋالىنىشىمغا قولايلىق.
ئەتىرىيەنىڭ بۇ گېپىگە تازا قايىل بولمىساممۇ، ئەمما ئۆي بەرىبىر سېتىلىپ كېتىپتۇ. تىببىي ئىنىستىتۇت تەرەپ بىزگە نىسبەتەن يېقىن بولغان بىلەن ئەتىرىيەگە نىسبەتەن يىراق ئىدى. ئۇ دېگەندەك داۋالىنىشىغا قولايلىق ئىدى.
ــ ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بولدىڭىزمۇ؟
ــ ھەئە.
ــ ئەمىسە مەن بۈگۈن كۆچۈشۈپ بېرەي.
ــ ئائىلە مۇلازىمەت شىركىتىدىكىلەر كۆچۈرۈپ قويىدۇ. جىق نەرسىمۇ يوق.
ئائىلە مۇلازىمەت شىركىتىدىكىلەر يېتىپ كەلگۈچە بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.
ــ ئەتىرىيە، مەن ئىلانلىققا بېرىپ خۇجەخمەت ئىسىملىكلەرنى ئىزدەپ باقتىم. بىرەرىمۇ ئاتىڭىزنى تونۇمايدىكەن.
ــ ھە؟ــ ئەتىرىيە ماڭا ھەيران بولۇپ قارىدى،ــ سىزنى ئاۋارە قىپتىمەن ئەمىسە، رەخمەت ئاكا، ئاتامنىڭ ئۇ كىشىنى نېمىشقا ئاخىرقى تىنىقىدا ئېغىزغا ئالغىنىنى مەنمۇ ھېچ بىلەلمەي قالدىم. ئاتام ئەزەلدىن ئىلانلىقتىكى خۇجەخمەت دېگەن ئادەم توغرۇلۇق گەپ قىلىپ باقمىغان.
ــ ئىلانلىقتا تونۇش بىلىشلىرىڭىز بارمۇ؟
ــ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇ يەردىكى بىرسىلەرنىڭ گېپىنى ئانچە – مۇنچە قىلىشىدىغان، ئۇ چاغلاردا بىز ئويۇنچى بولغاچقا قۇلاقتا تۇتماپتىمىز. ئاپامنىڭ ئىلانلىقتىكى قانداقتۇ توققۇز بىر نېمە لەقەملىك تۇغقانلارنىڭ گېپىنى قىلغىنى غۇۋا يادىمدا قاپتۇ.
ــ توققۇز؟ ئاخىرى نېمە بولغىدى؟ــ مەن ئىلانلىقتىكى لەقىمىدە توققۇز كېلىدىغان كىشىلەرنى ئويلاپ باقتىم، شۇنچە ئويلاپمۇ ئۇنداق لەقەمنى ئويلاپ تاپالمىدىم.
ــ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يېقىندىن بۇيان ئېسىمدە بىر نەرسە تۇرمايدىغان، ئۇنۇتقاق بولۇپ كېتىپ بارىمەن.
ــ ئاتىڭىزنىڭ تولۇق ئىسم – فامىلىسى نېمە؟
ــ سەئىدىن مۈنۈپ.
چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەتىرىيەنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈپ بولدۇق. ئۆيلەرنى بىر قۇر تۇزەشتۈرۈپ بولۇپ خوشلىشىپ چىقتىم. تۈنۈگۈن چ چ دا پاراڭلاشقاندا «تۆتقۇلاق» تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى تەۋپىق تەربىيلەش مەركىزىدە ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان يېرى مۇشۇ ئەتراپتا ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتۈشنى ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. چۈنكى ئۇ ئەتىرىيە بىلەن يېقىنلا يەردە بولغاچقا، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن چاغدا ياردەم بېرەلەيتتى. تېلېفوننى كىچىك بالىدەك ئاۋازى ئىنچىكە چىقىدىغان بىر قىز ئالدى. بۇ ئاۋازدىن تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپ قالدىممۇ يا دەپ ئۇنىڭدىن سىز «تۆتقۇلاق» شۇمۇ دەپ سورىدىم. ئۇ راستىنلا «تۆتقۇلاق» ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا شامالباغ تەرەپتە ساقلايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشۈشنى لايىق كۆرمىدىم.
مەن شامالباغدىكى «ھەيرانباغ» ئىستىراھەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ «تۆتقۇلاق»نى ساقلىدىم. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، زىلۋا بوي، ياغلىقى تىگىدىن يوغان كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرىدىغان چىرايلىق تۇرپان قىزىنى يىراقتىنلا تونۇۋالدىم. بىراق بايا تېلېفوندا ئاڭلىغان سەبىي قىزنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋازنىڭ 20 ياشقا كىرگەن بۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. سالام سەھەتتىن كېيىن يېنىمىزدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىردۇق. بۇ يەردىكى كىتابلارنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقىپ، كۆڭلىمىزگە ياققۇدەك بىرەر پارچە كىتاب تاپالماي، ئاققوۋۇقتىكى چوڭ كىتابخانىغا بارماقچى بولۇپ قايتىپ چىقتۇق. شامالباغدىن ئۇ يەرگە پىيادە باردۇق. مەقسىتىم پىيادە مېڭىش جەريانىدا ئۇنىڭغا ئەتىرىيەنىڭ گېپىنى قىلىش ئىدى. ئەمما دېلىغوللۇقتا دېيەلمىدىم. ئاققوۋۇقتىكى كىتابخانىدىن كىتاب سېتىۋېلىپ قايتىپ چىقتۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئېيتايمۇ ئېيتمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ ئاخىرى ئېيتماسلىق قارارىغا كەلدىم. توققۇزىنچى ئايدا دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرگە ئوقۇشقا بارىدىغان بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنى بىلدۈرگۈم كەلمىدى. ئۇزاق ئىككىلىنىشلەر جەريانىدا ئۇنى يەنە كەلگەن يېرىمىزگە ــــ شامالباغ ب ر ت بېكىتىگە باشلاپ بېرىپ، ئىككىمىزلا مەنزىلىمىزگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
شۇندىن كېيىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى. ئەتىرىيەنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بېرىۋېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئۇ بارا – بارا كومپيۇتېر ئىشلەتمەيدىغان بولدى. چ چ سىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن يورىمىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۈندە دېگۈدەك تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كۇرس ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھەم خۇشال ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئېيتاتتى. فەرۇزەمۇ ئۈرۈمچىگە بارغانلىرىدا ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى. بىراق مېنى ئەپسۇسلاندۇرغان يېرى، فەرۇزەنىڭ دېيىشىچە ئەتىرىيە بەكلا ياداپ كېتىپتۇ.
مەن دەرس ۋاقتىدا ئايالىمغا نۇرغۇن چۈشەندۈرۈش خەتلىرىنى يېزىپ باقتىم. بەزى خەتلىرىمدە يېلىندىم، خاتالىقىمنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ئەتىرىيەنى، فەرۇزەنى ئىزدەپ بارمايمەن دەپ چىرايلىق ۋەدىلەرنى بەردىم. لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟ ۋەدەمدە تۇرالمايدىغىنىم، يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىم بۇ ھەقىقەت. لېكىن ئايالىمنى دەپ ئەتىرىيەنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يانفونۇمدىن ئۆچۈرىۋېتەلمەيتتىم. فەرۇزە قىلغان تېلېفونلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرالمايتتىم. بۇ ئىككى ئايال بىلەن كۆرۈشمەسلىككە، كارىم بولماسلىققا ۋىجدانىم يول قويمايتتى. مۇھەببەت شەخسىيەتچى بولىدۇ، نىكاھ چۈشكەن مۇھەببەت تېخىمۇ شۇنداق. مەن پەزىلەتنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈشىنى خالىمىغىنىمدەك، ئۇنىڭمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق ئويلايدىغىنى تۇرغانلا گەپ. مەيلى فەرۇزە بولسۇن، مەيلى ئەتىرىيە بولسۇن ھەر ئىككىسىلا ئايالىم ئۈچۈن دۈشمەن، ھېچ بولمىغاندا دوست ئەمەس. ھايات رومانىمنىڭ 33- بابىنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ ئىككى ئايال بىلەن رەڭلەندى. ھايات رومانىمنىڭ ئاپتورى بولغان ئىكەنمەن، ئۆزۈم زوق – شوق بىلەن يازغان بۇ ئىككى پېرسوناژىمغا ئەلۋەتتە مېھرىم بار.
ئايالىمغا يازغان بەزى خەتلىرىمدە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردۈم. ئۆزۈمنى ئاقلىدىم. لېكىن يازغان خەتلىرىم يازغان پېتى قېلىۋەردى. ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىغا كىرىپ، ئۇنىڭ خەتلىرىمنى ئېچىپمۇ باقمىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. يانفونۇمدىكى «خىرۇستال قىز» دېگەن ئىسىم بىرەر قېتىم بولسىمۇ يورۇپ باقمىدى.
مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدە تەگسىز خىياللارغا بەنت بولۇپ ئولتۇرىمەن. ساۋاقداشلىرىم مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «578 كاۋابخانىسى»دا (578 دېگەنلىك خەنزۇچە مەن يەپ باقاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن) ناخشا ئېيتىپ، ھېكايە سۆزلىشىپ ئولتۇرىدۇ. رامىزان كىرگەندىن بۇيان بېسىقىپ قالغان سورۇن بۈگۈن يەنە باشلانغاندەك قىلاتتى. سانجىدىكى ھېكايىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. مېنىڭمۇ ھەم شۇنداق. يېنىمدىكى، توغرىسى مەندىن بىر پەلەمپەي تۆۋەندە ئولتۇرغان نېرۋىسى ئاجىز خۇيزۇ قىزى بۈگۈن بۇ يەرگە يەنە كەپتۇ. ئۇ كۈندە ئاخشىمى دېگۈدەك بۇ يەرگە «لى جۈن ئاكام كەلدىمۇ؟»  دەپ كېلەتتى. ئۇچرىغانلىكى يىگىتلەردىن «سىز لى جۈن ئاكاممۇ؟» دەپ سورايتتى. ئۆتكەندە مەنمۇ ئۇنىڭ لى جۈن ئاكىسى بولۇپ تونۇشۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇ بۈگۈنمۇ لى جۈن ئاكىسىنى تاپالمىغان ئىدى. ئۇ يۇلتۇزلارغا قاراپ بىرنېمىلەرنى دېمەكتە، بەلكىم ئۇ ئاكىسىنى زېمىندىن تاپالماي، كۆكتىكى قايسىدۇر بىر يۇلتۇزنى لى جۈن ئاكىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ سىرلىرىنى، ئۇنى تاپالماي ئەقىل ئۆتەڭلىرىدە ئادىشىپ قالغان ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندۇ. پۈتكۈل كائىناتنىڭ يىگانە ئىگىسى ئاللاھىم، ئىنساننىڭ ياخشى كۆگەن كىشىسىنى تاپالماي ئەقىل ئۆتەڭلىرىدە ئازغىشىپ قېلىشىدىن پاناھ بەرگەيسەن. ئۇ كۆكتىكى خالىغان بىر يۇلتۇزغا لى جۈن دەپ ئىسىم قويالايدۇ. ئۇنىڭغا دەرت تۆكەلەيدۇ. مەنمۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدىم. كۆزۈمنىڭ سىنچى نۇرلىرى تالغىچە سىنچىلاپ قارىغىنىمچە شۇنداق يورۇق، يېقىملىق، جەلىبكار بىر يۇلتۇزنى ئىزدىدىم. ئۇ مېنىڭچە بولغاندا سامادىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى پەزىلەت ئىدى. ۋەھالەنكى ئاسماندىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇزنىڭ ئىسمى زۆھرە ئىدى. يەنە بىر يورۇق يۇلتۇز مۇشتەرى، يەنە بىرى زۇھەل، يەنە بىرى ھۈكەر، يەنە بىرى...... پەندىيات! قېنى مېنىڭ يۇلتۇزۇم؟ قېنى مېنىڭ پەزىلىتىم؟ سامان يولىدا ئېزىپ قالغان پادىچى يىگىتتەك ھاردىم. كۆزلىرىم تالدى. كۆزۈمنى يۇمدۇم. «كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل» دەپتىكەن ئۇستاز جالالىدىن رومى. ھەيھات! قەلبىمدە بىر يۇلتۇزلۇق ئاسمان پەيدا بولدى. مەن قەلب ئاسمىنىمدىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇشقا باشلىدىم. پەزىلەت، مۇشەررەف، فەرۇزە، ئەتىرىيە.............

داۋامى بار


UID
4302
يازما
339
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8635
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-21
توردا
83 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇيغۇران ،تەڭ دىمەتلىك بولغاچقىمۇ ياكى ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشنى تەڭ ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىۋاتقاچقىمۇ «ئاكا»دىگەن سۆزنى ئىشلەتمىدىم .
يازغانلىرىڭىزنى ئىككى قىتىم ئوقۇپ چىقتىم .سىز ئاستا مىڭىپ ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە كوچىللىرىنى تونۇشتۇرۋاتقاچقا مەنمۇ سىز بىلەن قەدەممۇ -قەدەم بللە كىتىۋاتىمەن .
«فەرۇزە»توغۇرلۇق توختالماقچى ئىدىم .بۇ ئىنكاسىم ھازىرچە قەرىز بولسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش