تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: alkuyi.com

ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى جۇڭگودا زور شەرەپكە ئېرىشتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
329
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10102
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!
  ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكىمىزنىڭ «باھادىرنامە» رومانىنىڭ ئاخىرىقى توملىرىنى ئوڭۇشلۇق يىزىپ پۈتتۈرىشىگە تىلەكداشمەن!

UID
11629
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2011-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيۈمچان ھۆكۈمىتىمىز ئاشۇنداق يازغۇچىلارنى ‹‹خەتەرلىك ››دەپ بىلگەچكە ئانچە -مۇنچە مۇكاپاتلاپ ئۆزىگە مايىل قىلىپ تۇرمىسا ھامان چاتاق چىقىرىشىنى ئېنىق بىلىدۇ شۇڭا ، ئۇ مۇكاپات - بۇ مۇكاپات دەپ ئىسىم قويۇپلا يازغۇچىلارغا ئانچە مۇنچە  پۇل خەجلەپ قويىدۇ شۇ ، ئۇنداق قىلىمىسىمۇ بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ !
  توردا يەنە بىر ئىش چىقتىغۇ ، گۈلنەزەر دەپ بىر قىز ئۇياتىن ئاكتىيورلۇق ئۈچۈن ئالى مەكتەپكە چىقىشى بىلەن بۇياتىن كىنو شىركەتلىرى داڭلىق ئارتىس قىلىۋەتتى ، بۇنىڭدىن ھەممە تورداشلار گۇمانلىنىپ مىش-مىش پاراڭلار يېغىپكەتتى ، ئۇ‹‹ داڭلىق شەخىس ››نىڭ كىنولىرىنى كۆرگەن خەن ياشلىرى ئىشقى ئوتىدا ئاشىق بولۇپ يۈرۈپتىمىش  گۈلنەزەرنى داڭلىق شەخىس قىلسا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ‹‹ بازىرىنى ››چىقىرىشقا پايدىسى بار بۇنى ھەممە ئادەم بىلدىغۇ !قىزلىرىمىزنىڭ ساددىلىغىدىن ئوبدانلا پايدىلىنىدىغان پۇرسەت يارىتىشتىكى مۇھىم ھالقا ئۇيغۇر قىزلىرىنى تېلۋىزور دا، توردا كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقلىق مۇھىم ئىستىراتىگىيە مەقسىدىگە يىتىشقۇ ! لىكىن ئاۋۇ يازغۇچىللىرىمىز ھەقىقەتەن داڭلىق ھەرقانداق مۇكاپات ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجىللىرىگە ئازلىق قىلىدۇ

UID
9900
يازما
21
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا، ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئۆزگىچە پىكىر يولى مېنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلغانىدى.

UID
26937
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       ۋاھىتجان ئوسماننىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شېئىرىنى يوللاپ قويمامسىلەر،بىر كۆرۈپ باقايلى.

UID
45953
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-8-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      چوغلان ئاكىمىزغا ھەربىر ئىپتىخارلانغۇچىدىن سالاملار بولسۇن...

UID
27713
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيىمىزدە                                                 شائىر رىۋايىتى


ئۆيىمىزدە                                               - ۋاقىت شائىرنى يەكلەپ قويارمىش،
بىرىمىز بارخان، بىرىمىز يامغۇر.                   - نىمىشقا؟
  بىرىمىز زېمىن، بىرىمىز ئاسمان،                   -شائىر ۋاقىتنى سەتلەپ قويارمىش
  بىرىمىز تامىمىز، بىرىمىز قانىمىز،                 
بىرىمىز ۋىجدان، بىرىمىز غۇرۇر.                    -قەلەم شائىردىن قورقۇپ يۈرەرمىش،
                                                            - نىمىشقا؟
ئۆيىمىزدە                                                - شائىر قەلەمنى نوقۇپ يۈرەرمىش.  
بىرىمىز چېچەك، بىرىمىز سەلكىن،
زىمىستاندىمۇ باھار يايىمىز.                         -بوران شائىرنى ئىزدەپ كېلەرمىش،
بەزى گۈلۈمدەك بولساقمۇ غەمكىن،              - نىمىشقا؟
ئۇپۇقنى كۆزلەپ ئۇچار غايىمىز.                    - شائىر ئاڭا نىشان بېرەرمىش.

ئۆيىمىزدە                                                 - گۈل شائىرنى ئىزدەپ كېلەرمىش،
بىرىمىز كۆز، بىرىمىز لىق ياش،                       - نىمىشقا؟      
بىرىمىزنى ئەتكەندە باغاش.                           -شائىر گۈل بىلەن تەڭ يىغلاپ تۇرارمىش.                 
ۋاقىت تىنىقتىن توختاپ قالىدۇ،
سۆيگۈ بىزدىن نەپەس ئالىدۇ.                      - ئاسمان شائىرغا سالاپ قىلارمىش،
                                                             -نىمىشقا؟
ئۆيىمىزدە                                               - شائىر يۇلتۇزلارنى بالام قىلارمىش.
بىرىمىز شاھ، بىرىمىز خانىش،
خوشاللىق تۆردە،غەملەر پەگاھدا.                 -شائىردىن ئايالى ئەنسىرەرمىش،              
بەلكى شۇنداق ياشاپ ئۆتىمىز،                    - نىمىشقا؟
سۆيۈشتىن يانغان ئەكىس سادادا.                 - شائىر كۈندە نەچچە قانسىرارمىش.

                                         - ‹ئاۋازلىق ئوقيا›دىن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-26 21:06):
-  ئاسمان شائىرغا سالام قىلارمىش
- نىمىشقا؟...
(سالام سۆزى     سالاپ    بولۇپ قاپتۇ)

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-26 21:07):

UID
27713
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹شائىر رىۋايىتى› دە   سالام سۆزى        سالاپ       دەپ خاتا كېتىپتۇ، تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن :

-ئاسمان شائىرغا سالاپ قىلارمىش،
-نىمىشقا؟
- شائىر يۇلتۇزلارنى بالام قىلارمىش.

UID
27713
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرد                                                   ئىمكانسىز

بىر سىنىپتا بەش يىل ئوقۇدۇق،                 كۆزۈم كۆرمەسكە ئىمكانسىز،   
دىلدا پەرۋىش ئاق نىيەت بولدى.               ۋۇجۇد كۆيمەسكە ئىمكانسىز.              
سەن قاچانكى ئاي بولۇپ تولدۇڭ،            پايانسىزدۇر  تىلىم   دەردى،
شۇندىن بېرى ماڭا دەرد بولدى.               دىلىم سۆيمەسكە ئىمكانسىز.

ئاسمىنىڭغا قولۇمنى سوزدۇم،                  سېنى ھەر جايدا ئۇچراتماق،
بىر شامالدا تىلەك رەت بولدى.                دىمەككى غەمگە غەم قاتماق.
يېتىم قۇشقا ئايلىنىپ قالدىم،                   ئىچىم دەرياسىدۇر ياشنىڭ،
مەن ناتىۋان ئۈچۈن سەت بولدى.              يۈرەك كۆيمەسكە ئىمكانسىز.

تويۇڭ بولغان ئاشۇ ئاخشىمى،                 يوقاتتىم ئىختىيارىمنى،  
بىزنىڭ ئۆيگە تاغدىن مۇز كۆچتى.            ئويۇڭ باستى خىيالىمنى.
ئۇچۇپ كەتتىڭ باشقا ئاسمانغا،              ئىچىمدىن ئۆرلىگەن ئاھنى،
ئۇپۇقۇمنىڭ يۇلتۇزى ئۆچتى.                  ھوشۇم بىلمەسكە ئىمكانسىز.

بىر سىنىپتا بەش يىل ئوقۇدۇق،               ماكان بولدى تېنىم دەردكە،
بىز توغرۇلۇق تالاي گەپ بولدى.             ۋىسالى يوق مۇھەببەتكە.
تەنھالىقتا تارتقان دەردىمنى،                  كۆرەلمەي شەپقىتىڭ ئاخىر،
بەلكى شامال ساڭا دەپ بولدى.            مەن ئاھ! ئۆلمەسكە ئىمكانسىز.

                                        چىقارمەن

مېنى ئوتتا كۆيدۈرسەڭ ئەگەر،            يەرگە تىرىك كۆمدۈرسەڭ ئەگەر،     
قەقنۇس بولۇپ ئۇچۇپ چىقارمەن،        يۇلغۇن بولۇپ ئۈنۈپ چىقارمەن.
دەريالارغا تاشلىساڭ ئەگەر،                يۈرۈكىمنى بېغىشتىن ئۈزسەڭ،
قاشتېشىدەك يورۇپ چىقارمەن.           روھىمدا مىڭ كۈلۈپ چىقارمەن.
                               ئىتتىرسەڭمۇ زۇلمەت قوينىغا،
                               ئايغا ئوخشاپ تولۇپ چىقارمەن.
                               يەتتە دوزاخ قېتىدا بولسا،
                              دىلبىرىمنى يۈدۈپ چىقارمەن.  

        
  

UID
27713
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدىكى ‹دەرد› ، ‹ئىمكانسىز› ، ‹چىقارمەن› ناملىق  3 پارچەشېئىر شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ شېئىرلار توپلىمى‹ئاۋازلىق ئوقيا‹ دىن ئېلىندى.

ئەمدى شائىرنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرىنى ئوقۇيمىز :

          چىنتۆمۈر باتۇر

چۆچەك-قىسسە تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن،
تۇققان ئىمىش ئۇنى ئانىسى،
بۇ تۇپراققا قىلىپ سەدىقە.

ئۇنىڭغا ئاتا-ئانىسى بېرەلمىگەن
ئۇچقۇر ئېتىنى مەن بەرگەن.
كاپ-كاپ كۈچۈكنى ئۇ بەرگەن،
مىسران قىلىچنى مەن بەرگەن.

ئۇ كېتىپ قاپتۇ بىزگە خوش دىمەي،
قەيەرلىكى نامەلۇم جايغا.
كەتمەكنىڭ كەلمىكى بار ئىدى بىزدە،
كېلەلمىدى
كىرىپ قالدىمۇ
كەتسە ھەرگىز كېلەلمەس جايغا.

ئانامدىن تولا ئاڭلىغان ئىدىم،
ئۇ تاغقا قوشۇلۇپ كېتىپتىمىش
تاشقا ئايلىنىپ.
ئۇ دېڭىزغا قوشۇلۇپ كېتىپتىمىش
ياشقا ئايلىنىپ.

ئۇ
تىمتاس ئۇخلاۋېتىپتىمىش
چۆلگە ئايلىنىپ.
ئۇ
چەمبەرگە قوشۇلۇپ كېتىپتىمىش
نۆلگە ئايلىنىپ.
ئۇ
يەرگە سىڭىپ كېتىپتىمىش
يورۇققا ئايلىنىپ.
ئۇ
جىمى بوزغا تېرىلىپتىمىش
ئۇرۇققا ئايلىنىپ...

مىش-مىش پاراڭ
دوقمۇشلاردا يۈرمىگىن تېنەپ.
ئۇ كېلەر قۇيۇندەك ئايلىنىپ بىر كۈن.
كېتەر قۇيۇندەك ئايلىنىپ بىر كۈن.


1992-يىلى 10-ماي، ئۈرۈمچى.

UID
3323
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1455
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش