دىيارىمىزدىكى تۆت نەپەر يازغۇچى ( بىر نەپەر تەرجىمان) (بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچەيلەن ئۇيغۇر) جۇڭگو 10-نۆۋەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا نائىل بولدى

ئەلكۈيى تورى تومۇز 24-كۈنى ئالاھىدە خەۋىرى: جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئيتى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات «تۇلپار مۇكاپاتى» نامزاتى ئالدىنقى كۈنى ئىلان قىلىندى ،شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز جۈملىدىن مىللىتىمىزدىن ئۇستاز رەسسام غازى ئەمەت، داڭلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ۋە شائىر ۋايىتجان ئوسمان شۇنداقلا قېرىنداش مىللەتلەردىن ئۇللازىخان ئەخمەت(قازاق)،سۇدېشىن قاتارلىقلار بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى .
ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېگىلىشىچە، 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات «تۇلپار مۇكاپاتى »غا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ۋە تەرجىمانلارنى توپلاش بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلىنىپ6-ئاينىڭ -31 كۈنى ئاياغلاشتى .مۇكاپات باھالاش تەرتىپ،ئەستايىدىل ،ئادىل بولۇش ،ئاشكارا بولۇش پىرىنىسپىگە ئاساسەن ،رومان،ھىكايە،نەسىر ،شىئىر ۋە دوكلات قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىن تەرجىمان مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر 4 ئادەم.مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەر ئوىشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئىلاھات ئىچىۋىتىش مەزگىلدىكى يالقۇنلۇق تۇرمۇش ۋە مىللى ئەنئەنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارلاق مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە مەغرۇرانە قىياپىتىنى نامايەن قىلدى .بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيتى تاللاپ ئەۋەتكەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەردىن :پەخرىمىز ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ«باھادىرنامە» ناملىق رومانى(ئۇيغۇر يىزىقىدا)،غازى ئەمەتنىڭ «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر»ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى (ئۇيغۇر يىزىقى)،ۋايىتجان ئوسماننىڭ«ئاۋازلىق ئوقيا»- »ناملىق شىئىرلار توپلىمى (ئۇيغۇر يىزىقى)ئۇللازىخان ئەخمەتنىڭ «تۇلپارنىڭ تايچىقى»ناملىق ھىكايىسى(قازاق يىزىقى)،سۇدېشىننىڭ ئۇيغۇر يىزىقىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان «قاقاسلىق ئەسلىمىسى»قاتارلىق ئەسەرلەر بار.
بۇ قىتىمقى تاللاش2008-يىلدىن -2011 يىلغىچە دۆلىتىمىزدە نەشىردىن چىققان ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ رومان ،پوۋسىت ھىكايە ،نەسىر،شېئىر ،دوكلات ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى بىر قىتىملىق ئومۇميۈزلۇك باھالاشتىن كىلىپ چىققان.
ئەسەرلەرنى باھالاش ئەترىتى ھەر قايسى مىللەت مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن كەلگەن ،10 نەچچە مىللەتنىڭ يازغۇچى ،باھالىغۇچىسى ،مۇھەررىر،ۋە تەرجىمان ،ئەدەبىيات تەتقىقات گورۇپىسى خىزمەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ،كەڭ كۆلەملىك ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە.بۇ قىتىمقى «تۇلپار مۇكاپاتى» ھەقىقى ئىسىم بويىچە بىلەت تاشلاش ،بۇ مۇكاپات تەسەس قىلىنغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان ئۇسۇل ئىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئسى ئازات سۇلتان ،مۇئاۋىن رەئىسى ئۆركەش ھۆرمەنبىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى مەمەت تۇردى قاتارلىق ئۈچەيلەن دىيارىمىزغا ۋاكالىتەن بۇ قىتىملىق جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار مۇكاپاتى»باھالاش كومتىتى ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئالدى .
ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتى ،جۇڭگو خەلق ئىشلىرى كومتىتى ئىگىلىشچە ، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات «تۇلپار مۇكاپاتى»1981-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتى ،دۆلەت خەلق ئىشلىرى كومتىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئازسانلىق مىللەتلەر دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولۇپ ،بۈگۈنگىچە 10 قىتىم ئۆتكۈزۈلگەن . مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات «تۇلپار مۇكاپاتى» 3 يىلدا بىر قىتىم ئىلىپ بىرىلەتتى ،ھازىر ھەر 4 يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزىلىدۇ ،ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى،لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن بىللە دۆلىتىمىز تەسىس قىلغان 4 چوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىرى بولۇپ ،دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى مەقسەت قىلىنغان.بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 30 يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ۋە يازغۇچى مۇكاپاتلانغان بولۇپ،دىيارىمىزدىن بەش كىشى ، مىللىتىمىزدىن ئۈچ يازغۇچى يەنى ياسىنجان سادىق چوغلان،غازى ئەمەت،ۋاھىتجان ئوسمان بۇ شەرەپكە نائىل بولغان.2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇكاپات ساھىبلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىلىدىكەن.
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېگىلىشىچە، ئەسلىدە بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلاشقا قويۇلغان جەمئىي رومان 71 پارچە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان رومان 5 پارچە ئىكەن،يەنى جالالىدىن بەھرام،ياسىنجان سادىق چوغلان ،خالىدە ئىسرائىل،مەمەتسالى مەترۇزى قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومانى بار ئىكەن.باھالاش ھەيئىتىدىكىلەر دەسلەپتە ئىككى قېتىم بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 35 روماننى تاللاپ چىققان،كىيىن يەنە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 15روماننى تاللاپ چىققان،ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە <<باھادىرنامە>>قاتارلىق بەش پارچە روماننى تاللاپ چىققان.باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرمۇ مۇشۇ شەكىلدە جەمئىي تۆت قېتىملىق قاتتىق تاللاش ئۆتكىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ تاللاپ چىقىلغان.
بىز ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن جاللات خىنىم،باھادىرنامە قاتارلىق داڭلىق رومانلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىگە چوڭقۇر ئىزلارنى سالغان،ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان پەخىرلىك يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىم ۋە ئۇستاز رەسسام غازى ئەمەت،ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق مۇكاپات ساھىبلىرىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ۋە دىيارىمىزدىكى باشقا خەلق سۈيەر يازغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىغا يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمىز!
غازى ئەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
- داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكا 1935.يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946.يىلىدىن 1950.يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان .كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەھمەد ئاكا بالقلقق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان .غازى ئەمەت ئاكا 1952.يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان ئۇ 1954 ـــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ، ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن . كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى - سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ، پىرافىسور شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى - دۆلەت دەرجىلىك ئاتاقىلىق رەسسام ھەم 1954 ـــ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى دىگەن كىتابنى . نەشىردىن چىقارغان جىنايى ھۆكۈم - جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ - 1982 ـــ يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەخمۇد قەشقەرى - بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ـ1981 ـــ يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە1 ـــ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇقام ــ 1984 ـــ يىلى 6 ـــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆمۇش مىدالغا ئېرىشكەن1987 ــــ يىلى مۇسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان - مۇقام ئىشقى مەملىكەتلىك ماي بۇياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .
شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان "غېرىپ _ سەنەم" ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق "ئاماننىساخان"، "مەھمۇد قەشقىرى"، رابىيە _ سەئىدىن" ۋە "يۈسۈپ خاس ھاجىپ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.غازى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا مىللىتىمىزگە مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسەتتى .غازى ئەمەت ئاكا ئۆزى ئوقۇغان ئانا مەكتىپىگە بىر كۇمپىيوتىز سىنىپى قۇرۇپ بەردى. يەنى غازى ئەمەت ئاكا ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتقان مەھەللە مەسچىتىگە ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللى روھىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن رەسساملىقتىلا ئەمەس،ئەدەبىياتتىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئۇستاز رەسسام غازى ئەمەت ئاكىنىڭ ئۆمرىنىڭ تېخىمۇ ئوزۇن بۇلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ۋايىتجان ئوسماننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى كىرگۈزىلىۋاتىدۇ...

ۋايىتجان ئوسماننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىر شېئىرىيىتىدە ئۆزىگە خاس بولغان يەڭگىل ئۇسلۇبى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋاھىتجان ئوسمان 1963- يىلى 4 - ئايدا كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن. 1985 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە «مىراس» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكەلگەن. 2002 - يىلىدىن 2005-يىلىغىچە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان. 2006-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرچە دەرسلىك بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرى 1983-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە داستانلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. بىرتۈركۈم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان. 40پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىغا ئاھاڭ ئىشلەنگەن. شېئىرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ «مۇنەۋۋەر ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 10-نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئاۋازلىق ئوقيا»، «شائىر رىۋايىتى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ نەشىرگە تەييارلىغان «تېپىشماقلىق چۆچەكلەر»، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى»(1993-يىل)، «ئىبراھىم سايىت لەتىپىلىرى»(2010-يىل) شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2001-يىلىدىن ھازىرغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 15پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئىشلىگەن «قىرلىق ئىستاكان»، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق كىنو ۋە بىرقىسىم ناخشا پىلاستىنكىلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەرجىمە ۋە نەشىرگە ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چالىقۇشى» كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.