ئىگىسى: ئايتۇغ

«مىڭ بىر كېچە»ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 19:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 7قەۋەتتىكىsat喜欢 يوللىغان 2010-06-09 18:35 غا قارتىلغان  :
باشلىق ئاچا ،تېمىڭىزغۇ بەك ئىسىل ئىكەن ،ھارمىغايسىز
                                                


سىزدىن سورايدىغان ئىش بار ،
.......

مۇشۇ بەت يۈزىدىلا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ،چىققان تىزىملىك ئىچىدىن 编码نى تاللاپunicode  نى چىكىپ سىناپ بېقىڭ.

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

UID
2627
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 19:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ بىر كېچە  بىر ئۇقۇشقا تىگىشلىك كىتاپ

UID
2676
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 20:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭبىر كىچە  ئىسىمدە خاتا تۇتمىغان بولسام ، يەنە بىر ئىسمى"ئەلپە لەيلى "
ئۇيغۇرچە ئەڭ يىڭى نەشىرى سەككىز كىتاپ ، ھەممىنى تولۇق ئوقۇپ بولغىچە كۆزلىرىم تېلىپ كەتتى ، سەككىز يۈز كىچىدىن كىيىنكى ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن باش پىرسوناژنىڭ ئىسىمىلا ئۆزگەرگەن قايتىلانغان ھىكايىلەركەن  ، شۇنداقتىمۇ بىر ئوقۇپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ ~~~

زارلىما باشىڭغا يەتسە مىڭ بالا ، مىڭ بالامۇ بىر بالاغا مۇپتىلا ....

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
468
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 22:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،يېقىندىن بېرى سىلەرگە ھېچنىمە سۇنالمايۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن(ئانچە-مۇنچە شىئېرلارنى دوراپ جىجىلاپ قويۇشتىن باشقىنى قاملاشتۇرالمايدىكەنمەن،ھازىر ئۇنداق قىلىشقىمۇ  تاۋىم قالمىدى چۈنكى ھازىر مۇنبىرىمىز شىئېر دىگەنكە(كېكىرىپ)كەتتى.خەت ئۇرالايدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى (شائېر)بولۇپ كەتكىنىمىزدىن تولىمۇ ئۇيىلىدىغان بولۇپ قالدىم).اللاھ خالىسا ئۆزۈمگە يارىغۇدەك مىسرالارنى روياپقا چىقىرالىغىنىمدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنارمەن.
                                                              ئايتۇغ
*****************************************************
كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى قۇلىقىڭىزغىلا دەۋالاي ئايتۇغ.
بۇ گەپلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇپلا خىجىل بولۇپ قالدىم.

بۇ توردىكى مۇنبەر بولغىنى ئۈچۈن، بىزدەك ھەۋەسكارلارغا بىر ئۆگىنىش سورۇنى بولامدىكىن دەپ، بەزى قاملاشمىغان مىسرالارنى (ئۆزىمىزچە) يوللاپ، بەزى قەلىمى ئۆتكۈر ئۇستازلارنىڭ نەزەرىگە ئىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر بېرىپ بىزنى يېتەكلەپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىپ، قاملاشمىسىمۇ يوللاپ سالىدىكەنمىز  ئايتۇغ.
ئويلاپ باقسام بۇ يەردىن ئوبدانراق ئۆگىنىش سورۇنى يوقكەن بىزدەكلەرگە، بولمىسا يازغان نەرسىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ شائىر ئۇستازلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە پىكىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا ئۇيۇلۇپ، بولدىلا دەپ تاشلاپ قويۇپ، ئىلگىرىلىگىلىمۇ بولمايدىكەن، (مەن شۇنداق قارايمەن)،  يۇقىرىدىكى گەپلىرىڭىزنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بىردىنلا لەسسىدە بولۇپ قالدى. ئەمدى دىققەت قىلامىز. كەچۈرىسىز.

ممەن ئويلايمەن، ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدىكەن، شېئىر يوللىمايلى دېسە ، باشقىنى يا قاملاشتۇرۇپ بولغىلى بولمىغان، قانداق قىلارمىز ئەمدى بۇ  ئىشلارنى.

ئاخىردا ئېسىل يازمىڭىزنى  سۆيۈپ ئوقۇغانلىقىمنى دەپ قويۇش بىلەن بىرگە، يازمامغا بەرگەن باھايىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

UID
2620
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2067
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 22:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مىڭ بىر كېچە"،"ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلېرىنىڭ تىلى يېقىملىق،فانتەزىيە تۈسى بەك قۇيۇق،ئادەمنى تەپەككۈر دۇنياسىغا بىلىندۇرمەيلا سۆرەپ كىرىدۇ. تىلى ياخشى كىتاپلاردىن يەنە"كەلىلە ۋە دەمىنە""خۇجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە""بابۇرنامە""قىسەسۇل ئەنبىيا"مۇ بار.تىل ئىشلىتىش ئۇسلوبى ماڭا بەك ياقىدۇ.دۇنيادىكى گۈزەل تىللار مۇجەسسەملەنگەندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ.
بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىي كىتابلار،يەنە بىرىڭلار "قۇرئان كەرىم"چۇ دەپ سۇئال سوراپ ئادەمنى ئۇڭايسىز ئەھۋالغا قويماڭلار.ياراتقۇچى تەرپىدىن ۋەھىي كىلىپ نازىل قىلىنغان سۈرە-ئايەتلەرگە ھېچنىمىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.  

تىرىشچان ئەزا

ناخشىلىرىم _ ئاز

UID
2640
يازما
83
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 22:45:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە «شائىر» جىق، بولۇپمۇ مۇھەببەت كۈيچىلىرى. «ئەلكۈيى مۇنبىرى» قانداقتۇر شېئىرغا ئىشتىياق قىلىدىغانلارنىڭ يېزىقچىلىق مەشىق قىلىدىغان ئورنى ئەمەس، ئەلنىڭ  دېتىغا ياقىدىغان يازمىلار ئاندىن ئەلنىڭ كۈيى بولالايدۇ.
                                                                                       مەلىكە

مەن بىر مۇھەببەت كۈيچىسى ، مۇھەببەت كۈيلىرىنى توۋلاپ يۈرگۈچى غەزەلخان .
بۇ مۇنبەرنىڭ مۇھەببەت كۈيلىرىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى سىزلا ئەمەس ، باشقا ئەزالارمۇ ئىتراپ قىلىشى كېرەك . مەن ئۆزۈمنى شائىر سانىيالمىساممۇ ، ئەمما بەزىلەرنىڭ دىتىغا ياققۇدەك بىرەر نەرسە يازالىدىم دەپ ئېيتالايمەن . ئەل دىگەن كىم ؟ تارىخچىلارمۇ ؟ ماتىماتىكىچىلارمۇ؟ سەنئەتچىلەرمۇ ؟  ھەممىسى .......
سۈپەتلىك ، ئېسىل شېئىرلارنى يېىزىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بۇ يوللۇق ، ئەمما بۇ سورۇن يېزىقچىلىق مەشىق قىلىدىغان سورۇن ئەمەس دەپ قارىسا تولىمۇ نادانلىق بىلەن قىلىنغان پىكىر بولۇپ قالغۇسى .

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 22:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 13قەۋەتتىكىنازى يوللىغان 2010-06-09 22:07 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،يېقىندىن بېرى سىلەرگە ھېچنىمە سۇنالمايۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن(ئانچە-مۇنچە شىئېرلارنى دوراپ جىجىلاپ قويۇشتىن باشقىنى قاملاشتۇرالمايدىكەنمەن،ھازىر ئۇنداق قىلىشقىمۇ  تاۋىم قالمىدى چۈنكى ھازىر مۇنبىرىمىز شىئېر دىگەنكە(كېكىرىپ)كەتتى.خەت ئۇرالايدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى (شائېر)بولۇپ كەتكىنىمىزدىن تولىمۇ ئۇيىلىدىغان بولۇپ قالدىم).اللاھ خالىسا ئۆزۈمگە يارىغۇدەك مىسرالارنى روياپقا چىقىرالىغىنىمدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنارمەن.
                                                              ئايتۇغ
*****************************************************
كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى قۇلىقىڭىزغىلا دەۋالاي ئايتۇغ.
بۇ گەپلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇپلا خىجىل بولۇپ قالدىم.
.......
ئاپلا،نازى سىز بۇنداق دەپ مىنى بەكلا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدىڭىزغۇ ئەمدى...
ئەلۋەتتە بۇ يەر بىزگە ياخشى بىر ئۆگىنىش سورۇنى بولالايدۇ.مەنمۇ پەقەتلا بىر شىئېرىيەتكە قىززىققۇچى.شۇڭا ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى يېزىپ يوللاپ قويىمەن.مىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىم،ئۆزۈمنىڭ يازغانلىرىدىن ئۇيالغانلىقىم،بۇ يەرنى مەشىق دەپتىرىگە ئايلاندۇرىۋالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆپكەمنى سەل بېسىۋېلىپ يازغانلىرىمنى قايتا-قايتا كۆرۈپ،پىششىقلاپ...ئاندىن تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەي دىگەن ئىدىم.ئەلۋەتتە يۇقىردىكى سۆزلىرىمنىڭمۇ ئاساسى بار.مۇنبەر ئارقا بەت تەھرىرخانىسىدا مۇنبەر ئېچىلغان 15 كۈندىن بېرى يوللىنىپ لېكىن تەستىقلانمىغان شىئېرلارلا 5 بەت بولۇپ كەتتى.بىز زور تىرىشچانلىق بىلەن دوستلارنى قوللاش يۈزىسىدىن بەزى شىئېرلارنى قۇربىمىزنىڭ يىتىشىچە تەھرىرلەپ،پىششىقلاپ،تولۇقلاپ.....چىقىرىشقا تىرىشقان بولساقمۇ بەزى بىر كۇبلىتقىمۇ ئارانلا توشقان(ئەلۋەتتە ھەجىمى مۇھىم ئەمەس).نە تۇراق،نە قاپىيە،نە مەركىزىي نىشان-مەزمۇنى بولمىغان،ئەقەللىسى ئىملاسىنى ئوقىغىلى بولمايدىغان،پەش-چىكىتلىرىمۇ قويۇلمىغان.....ئاتالمىش(شىئېر)لار يەنىلا كۆپ ساننى ئىگەنلەيدۇ.
بۇ بىر ئۇنۋرسال مۇنبەر بولغىنى ئۈچۈن ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن.ئەلۋەتتە مەنمۇ يەنە يازىمەن سىزمۇ مەقسىدىمنى خاتا چۈشەنمەي چوقۇم يېزىڭ،تورداشلارغا سۇنايلى،ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ،تەنقىدلىرىنى قوبۇل قىلىپ تېخىمۇ ياخشى يىزىشقا تىرىشايلى.

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ناخشىلىرىم _ ئاز

UID
2640
يازما
83
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 23:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىناقسىز ئاۋامدىن ئاپەت كەتمەيدۇ ،
دۇئاسى تەڭرىگە بېرىپ يەتمەيدۇ .
ئىناقلار ئىقبالدا قاقاھلاپ كۈلسە ،
ئىناقسىز چېچىلىپ ئىشى پۈتمەيدۇ .

ئايتۇغنىڭ يۇقارقى سۆزىنىڭ جېنى بار ، ھەممە ئىش ھەددىن بەك ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
468
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 23:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈملۈك ئايتۇغ سىزنى نېمىشقا سۈيۈملۈك دەپ ئاتىغىنىمنى بىلەمسىز؟
نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزى ئۈچۈن بېرىلگەن پىكىرگە زەھەرلىرىنى ئايىماي چېچىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ بۇ مۇنبەرلەردە، قارىسام سىز تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ مېنى سۆيۈندۈردىڭىز.
      سىز دېگەن مەسىلىنى مەن ئويلىماي قاپتىمەن، مۇنبەرنىڭ تەستىقلاش سۇپىسىدا دېمىسىمۇ ئىككى قۇر گەپ تاپسىمۇ يوللاپ باقىدىغانلارنىڭ يازمىلىرىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇنى مەنمۇ بۇرۇن سىزدەك ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ھېس قىلغان، سىز ئۇلارنى كۆپ كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە شۇنداق ئويغا كېلىپ قالىسىز، بۇ تەبىئىي ئەھۋال.
    بىراق مۇنبەردە كۆرۈلگەن شېئىرلار مەنچە ئۇنچە پاخال شېئىرلار ئەمەس ئىدى ھەم باشقا تېمىلار بىلەن نىسبەتلەشتۈرگەندىمۇ چوڭ سالماقنى ئىگىلىمىگىنى ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق دەپ سالدىم.  
     ئەمدى مەسىلە ئېنىق بولدى، سەمىمىيلىكىمىز بىلەن ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ،  بىر بىرىمىزنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن مەدەت بولايلى!

UID
2211
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 01:54:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<مىڭ بىر كېچە>> نىڭ يەنە بىر ئىسمى بەزى مەنبەلەردە "ئەلىف لەيلى ۋە لەيلى " يەنە بەزى مەنبەلەردە "ئەلىف لەيلە ۋە لەيلە " دەپ ئېلىنىدىكەن . مەيلى نېمىلا دەپ ئېيتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، "مىڭ بىر كېچە"  دۇنيا ئەدەبىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان مەشھۇر ئەسەر . بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى قوليازمىسى جاھىش بارى تەرىپىدىن يېزىلغان . بۇ ئەينى چاغدىكى پارس ھېكايىلىرىنى ئاساس قىلىپ ، ھىندىستان ، يۇنان ، مىسىر قاتارلىق جايلارنىڭ ھېكايىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، ئونىنچى ئەسىردە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن . ئون تۆتىنچى ئەسىرگە كەلگەندە بولسا ، ئاخىرى كىتاب بولۇپ چىققانىكەن ....
      ئەرەب مەدەنىيىتى ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپاغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن . ئەرەبلەر يۇناننىڭ كىلاسسىك مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرالىغان . مەسىلەن : ئارىستوتېلنىىڭ بىرمۇنچە ئەسەرلىرى ئەرەبلەر تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان . دېمەك "مىڭ بىر كېچە" ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇرغۇن كارتىنىلىرىنى  گۈزەل تىل ، تەسەۋۋۇرلار بىلەن نامايەن قىلىپ بەرگەن .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
sarkarda + 100 پايدىلىنىش ق ..
zulpikar + 10 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى :  + 110   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش