كۆرۈش: 5935|ئىنكاس: 27

«مىڭ بىر كېچە»ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 16:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،يېقىندىن بېرى سىلەرگە ھېچنىمە سۇنالمايۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن(ئانچە-مۇنچە شىئېرلارنى دوراپ جىجىلاپ قويۇشتىن باشقىنى قاملاشتۇرالمايدىكەنمەن،ھازىر ئۇنداق قىلىشقىمۇ  تاۋىم قالمىدى چۈنكى ھازىر مۇنبىرىمىز شىئېر دىگەنكە(كېكىرىپ)كەتتى.خەت ئۇرالايدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى (شائېر)بولۇپ كەتكىنىمىزدىن تولىمۇ ئۇيىلىدىغان بولۇپ قالدىم).اللاھ خالىسا ئۆزۈمگە يارىغۇدەك مىسرالارنى روياپقا چىقىرالىغىنىمدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنارمەن.
تۆۋەندە قولۇمدىكى ئوغلۇمنىڭ(9-يىللىقلار ئۈچۈن2-قىسىم)ئەدەبىيات كىتابىدىن بىر نەچچە يازمىنى سىلەرگە سوۋغات قىلماقچىمەن....(ئەلۋەتتە بىز دېمەتلىكلەرنىڭ دەرسلىك كىتابى بىلەن ھازىرقى دەرسلىكلەر  ئوخشىمايدۇ).


مىڭ بىر كېچە ھەققىدە
‹‹مىڭ بىر كېچە››-قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەدەبىي ئەسىرى.ئۇنىڭغا قەدىمكى يېقىن شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چۆچەك-رىۋايەتلىرى،مەسەل-ھىكايىلىرى توپلانغان.ئۇ،ئاجايىپ-غارايىپ،فانتازىيىلىك ۋە سېھرى كۈچكە ئىگە،نەپىس ۋە تەسىرلىك بولۇپ،ھەر قايسى دۆلەت ئۇقۇرمەنلىرىنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ،ئۇلارنى ئىزچىل تۈردە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن.گوركىي ئۇنى‹‹خەلق ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر سەلتەنەتلىك ئابىدە››دېگەنىدى.
‹‹مىڭ بىر كېچە››بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمىغان.بەلكى ئۇ،ئۆتكەن خاندانلىقلاردىكى ئەرەب مەدداھلىرىنىڭ تەكرار پىششىقلاپ ئىجاد قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.ئۇ دەسلەپ ئەرەبىستاندا تارقالغان،بۇ تەخمىنەن مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىش بولۇپ،16-ئەسىردە رەسمىي كىتاب قىلىنغان.بۇ ھىكايىلەرنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى -‹‹ھەزار ئەپسانە››(يەنى مىڭ بىر كېچە)دېگەن بىر پارس ھېكايىلەر توپلىمى ئىدى .‹‹مىڭ بىر كېچە››دىكى نۇرغۇن مۇھىم ھىكايىلەرمۇ باغدادنى پايتەخت قىلغان ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىسىر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن.
‹‹مىڭ بىر كېچە››نىڭ كىتاب قىلىنىش جەريانى -ئوخشاشمىغان جايلار،ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ چۆچەك،رىۋايەت،ھىكايىلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز قوبۇل قىلىنىشى ۋە يۇغۇرۇلۇش جەريانىدۇر.
تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى،قۇبۇل قىلىش،يۇغۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇ يەنە ئوخشاشمىغان دەۋرلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئاساسىدا يېڭى ھىكايىلەرنىڭ توختىماي ئىجاد قىلىنىش،ئۆزلۈكسىز بارلىققا كىلىش جەريانى.ئۇنىڭ كىتاب قىلىنىش ۋاقتى سەككىز-توققۇز ئەسرگە يەتكەن.ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى،تەرەققىياتى،تۇراقلاشتۇرۇلىشى ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئوخشاشمىغان دەۋرلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن.ئەرەب تۇپرىقىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.شۇڭا ئۇنىڭ ھىكايىلىرى قايسى تىپتا بولمىسۇن،رۆشەن ھالدا ئەرەب ۋە ئىسلام تۈسىگە ئىگە.
‹‹مىڭ بىر كېچە››نىڭ بېشىدا،قەدىمكى دەۋردىكى بىر زالىم پادىشاھنىڭ ئۆز خانىشىنىڭ باشقىلار بىلەن ئاشنا ئوينىغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ،ھەرقانداق ئايالغا ئىشەنمەس بولغانلىقى،ھەم ھەر ئاخشىمى بىر خوتۇن ئېلىپ،تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆچ ئالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد گۇناھىسىز ھەدە-سىڭىللىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن شاھ ئوردىسىغا بېرىپ،شاھقا نىكاھلىنىپ،ھەر كېچە بىر ھىكايە ئېيتىش ئارقىلىق شاھنى قىزىقتۇرۇپ،جەمئىي مىڭ بىر كېچە ھىكايە ئېيتىپ،ئاخىر پادىشاھنى تەسىرلەندۈرىدۇ.پۈتۈن كىتابتىكى ھېكايە-چۆچەكلەر تەخمىنەن 200دىن ئارتۇق.ھەر كېچە بىر نەچچە كىچىك ھىكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھەر بىر چوڭ ھېكايە بىر نەچچە كېچىگىچە ئېيتىلىدۇ.
‹‹مىڭ بىر كېچە››ھېكايىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ،تۈسى رەڭگا-رەڭ ،پېرسوناژلىرى ھەر خىل دىۋە،ئالۋاستى،ھۆر-پەرىلەردىن سىرت،جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام ۋە تۈرلۈك كەسىپلەرگە چېتىلىدۇ.مەسىلەن،ئۇنىڭدا پادىشاھ،ۋەزىر،شاھزادە،مەلىكە،سودىگەر،بېلىقچى،تىككۈچى،شەيخ،ھاممال،يايمىچى،ھۈنەرۋەن،قۇل،پاھىشە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار.كۆپ ساندىكى ھېكايىلەر خىيالىي تۈستە بولۇپ،تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىشكە ئىگە.
رىۋايەت ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىپادىلەشنىڭ مولۇم ئالاھىدە بەدىئىي ۋاستىسى قىلىنغان.ھېكايىدىكى سىرلىق تاشقى پەردىنى ئېچىۋەتكەندە ،قەدىمكى ئەرەب ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ خىلمۇ خىل كۆرۈنشلىرى ،بولۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئىدىيىۋىي ھىسسىياتى ،ئارزۇ-ئارمىنى ۋە ئىنتىلىشلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 17:01:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مىڭ بىر كېچە» نىڭ ھېكايىسىنىمۇ ئىشلىگەن فىلىملىرىنىمۇ شۇنداق ياقتۇرىمەن، بۇ مەندىكى قىزىقىشمۇ ياكى بۇ ئەسەرنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدە كىشىنى ئۆزىگە باشقىچىلا رام قىلىدىغان مەلۇم سېھرىي كۈچ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ... چۈنكى مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن قىزىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. قانداقتۇر بىرخىل ئوخشاشلىق دەمدۇق ياكى...ئىشقىلىپ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ھەر ئوقۇسام ھەر كۆرسەم ئۆز مەدىنىيىتىمىزنىڭ تارىخىنى كۆرۈۋاتقاندەكلا، شۇنداقراق بىرخىل سېزىم.

ئەمما، يازمىڭىزنى يېزىشتىن بالدۇر ئەسكەرتىش قىلغان ئاۋۇ نەچچە ئېغىز گىپىڭىزگە بارمىقىمنى چىقىرىپ «دۇرۇس!» دەۋەتتىم، بۇ مۇنبەردە «شائىر» جىق، بولۇپمۇ مۇھەببەت كۈيچىلىرى. «ئەلكۈيى مۇنبىرى» قانداقتۇر شېئىرغا ئىشتىياق قىلىدىغانلارنىڭ يېزىقچىلىق مەشىق قىلىدىغان ئورنى ئەمەس، ئەلنىڭ  دېتىغا ياقىدىغان يازمىلار ئاندىن ئەلنىڭ كۈيى بولالايدۇ. بۇ شېئىر يازما دىگەنلىك، ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق ھەم تېتىملىق يېزىلسا بىزمۇ ئوقۇپ ھوزۇر ئالساق،ئۆز قاراشلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۆتسەك، تەڭ ئۆگەنسەك...ياخشى ئەمەسمۇ؟!

سىزنىڭ باھانىڭىزدا مەن قاينىۋالدىم-ھە. لېكىن رەھمەت، بۇ چۆچەكلەرنى ئاپام كىچىك ۋاقتىمدا بەك ئېيتىپ بېرەتتىچۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
sarkarda + 1 ئورۇنلۇق ئىن ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 1   باھا خاتىرىسى

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 17:10:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي دوستۇم بۇ تېماڭنى كۆرۈپ ئۇ كىتابنى يەنە بىر ئوقۇغاندەك بولدۇم ، داۋامىنى تېزراق يوللىغىنە ........

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 17:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋەتەن(31-بەت)
ئابدۇقادىر جالالىدىن

ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قوۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ
چاقنايدۇ مازاردا ئارزۇ يالقۇنى
كۆكتىكى يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ.
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

سەپ تۈزۈپ ھەررەڭدە پەسىللىر ئۆتتى
‹‹ۋەتەن››دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى.
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ
باشلاردىن نى ئەقىل
نەقىللەر ئۆتتى.
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس،سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋەيا ئەرمەك ئەمەس،باشپاناھىڭدۇر.

1999-يىل،ئۈرۈمچى


شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 17:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ قەلبى تولىمۇ سەزگۈر ھەم ھاياجانلىق.شۇڭا ،دولقۇن بىلەن يامغۇر ئۇنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تولىمۇ جانلىق،ئۆزگىچە ھاياتى كۈچكە باي،تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىمى مەۋجۇدات بىلەن تەقدىرداش،ھەمنەپەس قىلىپ تەسۋېرلەنگەن.ئۇلار سىزگە گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپلا قالماي،يەنە ئەقىل نۇرلىرىنىمۇ تارىتىپ،سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالالايدۇ.
                                                                                                                      
                                                                                        جىبران خېلىل جىبران(38-بەت)

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 17:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاي دوستۇم ، مەن باياتتىن ئىنكاس يازسام نىمىشقا چىقمايدۇ دەپتىمەن . ئەسلىدە سەن يول قويماپسەندە ، سېنىڭ تېمىلىرىڭنى بەكلا ياقتۇرىمەن ، چۈنكى قالتىس تېمىلارنى يوللايسەن ئەمەسمۇ ... ئەشۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى قايتا ئوقىغاندەك بوپ قالدىم . رەھمەت ساڭا ..... قىزىڭنى مەن ئۈچۈن بىر قۇچاقلاپ قويە .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 17:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىzakira يوللىغان 2010-06-09 17:35 غا قارتىلغان  :
ھاي دوستۇم ، مەن باياتتىن ئىنكاس يازسام نىمىشقا چىقمايدۇ دەپتىمەن . ئەسلىدە سەن يول قويماپسەندە ، سېنىڭ تېمىلىرىڭنى بەكلا ياقتۇرىمەن ، چۈنكى قالتىس تېمىلارنى يوللايسەن ئەمەسمۇ ... ئەشۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى قايتا ئوقىغاندەك بوپ قالدىم . رەھمەت ساڭا ..... قىزىڭنى مەن ئۈچۈن بىر قۇچاقلاپ قويە .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمۇسەن؟
يوللانمامنى ياقتۇرغىنىڭغا رەھمەت.  كەچۈر بەزى سەھىپىلەردىكى ئىنكاسلار تەستىقلىنىدۇ،شۇڭا بەزىدە ئاشۇنداق سەل كىچىكىپراق چىقىدۇ.

مۇبارەك سىزگىمۇ كۆپ تەشەككۈر ئەزىزىم.

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

كۆيۈمچان ئەزا

别靠近我!

UID
2683
يازما
293
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
9745
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 18:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق ئاچا ،تېمىڭىزغۇ بەك ئىسىل ئىكەن ،ھارمىغايسىز
                                                


سىزدىن سورايدىغان ئىش بار ،
تېما يۇللاي دېسەم خەت بەك غەلىتە چىقىپ قېلىۋاتىدۇ ،يادەم قىلىڭە ،10 قېرىندىشىمدىن ياردەم تەلەپ قىلسام ،سىزگە ئۇخشاش خەۋەر يۇق ، ئەدەپسىزلىك قىلىپ قۇيدۇم ، كۆرۈپ بولۇپ بۇ ئىنكاسىمنى ئۆچىرۋەتسىڭىز بولىدۇ   

爱一个人,只要放在心底就好了~

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12613
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 18:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مىڭ بىر كېچە" دىكى گۈزەل ھېكايەتلەر كىشىگە ئىنتايىن چوڭقۇر ئىستېتىك بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ . تۇلۇقسىزدا ئوقۇغان تاتلىق چۆچەكلەرنى ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت .

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
625
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 19:26:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ بىر كېچە  بۇ   رىۋايەتتىكى  پىرسۇناجلارنىڭ ئىسىملىرمۇ ئادەمنى ئۆزلىرگە بەك جەلەىپ قىلدۇ . مەن كېچىك ۋاقىتلىرمدا ئاتام رەھمىتى   ئىشتىن چۈشۈپ  كېچىلىرى  دائىىم  كىتاب ئوقۇيتتى  ئۇنىڭ  مىڭ بىر كېچە دېگەن كىتاپلار توپلىمىنى  شۇنچىلىك قىزقىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلاشتۇرپ كۆرۈپ چىققىنى  كۆرۈپ مەنمۇ بەك قىزىقىپ  ئاتام يوق چاغلاردا كىتاب جازىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ ئوقۋالاتتىم .ئاتام سەن كېچىك چوڭ بولغاندا مۇشۇ كىتابلار ساڭا قالدۇ شۇ چاغدا ئوقۇ دەپ قويمايتتى  شۇنداقتىمۇ يوق ۋاقىتلىردا  كۆرۈپ يۈرۈپ ئوقۇپ تغگەتكەن ئىدىم .  شەھرىزات  نىڭ كەچۈرمىشلىرى  ھىلھەم  ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش