- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1346
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2456
- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- UID
- 17057
- يازما
- 1346
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2456
- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- توردا
- 232 سائەت
|
بىز توي قىلغان 90-يىللاردا قىز تەرەپ رەھمەت تازىم، دەپ ئوغۇل تەرەپنى كۈتۈپ، ھارغىچە لاتا-پىتە تارقىتاتتى، ئاندىن يەنە مال تاپشۇرۇش، ئاقلىق چاي، توي چېيى، چىرلاق، جۈمەلىتىش دەپ بىر توقاي مېھمان كۈتەتتى، ئوغۇل تەرەپتە مەھەللىگە توي، يىگىت تەرەپ چىرلاق، ھاردۇق چېيى دېگەنلەر بىلەن بىر مۇنچە ئىش بولاتتى. بىراق تويلۇق نورمال ئىدى.
ھازىر ئاقلىق چاي، رەھمەت تازىم، جۈمەلىتىش، مەھەللىگە بېرىلىدىغان توي،( يىگىت تەرەپ) دېگەن بۇ تۆت تۈرلۈك ئىسراپچىلىق يوقىتىلدى، رەسمىيەت ئاددىيلاشتى، بىراق قىز-يىگىتنىڭ تەلىپى ئېشىپ، بىچارە ئانىلار قىز مېلىنىڭ دەردىدە، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بىنا ئۆينىڭ يۇقۇرى ئىجارىسىنىڭ دەردىدە تۈگىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
ھازىر قىز چىقارماقمۇ تەس، ئوغۇل ئۆيلىمەك ئاندىن تەس!زادى ئامال يوقمىدۇ بىز خەقنىڭ بەزى ئىشلىرىغا، شۇنچە ھەشەم -دەرەم بىلەن تويىنى قىپ قويسا ،تەييارغا ھەييار بولغان بۇ ئەتىۋالىقلار شۇنچىكى ئىشلار ئۈچۈن ئۆيىنى بۇزۇپ ئولتۇرغان. |
|