- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 884
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19936
- تىزىملاتقان
- 2010-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- UID
- 4227
- يازما
- 884
- تېما
- 27
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19936
- تىزىملاتقان
- 2010-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- توردا
- 330 سائەت
|
تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟
ئاپتورى : ئىزچى
1.ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي مىزانلىرىمىزدا
پۇل-مال، دەپن-دۇنيا، ئابرۇي، نەسەب-مەنسەب، ئىمتىياز ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەر روھى سىڭگەن ۋە ياكى سەۋەبچىلىك تەسىرى بولغان قىز-يىگىت تويى بىزدە ئەزەلدىن ساغلام-پاك (ھالال) توي ھېسابلانغان ئەمەس. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن توي-تۆكۈن مىزان-قائىدىلىرىمىزدە، جۈملىدىن نىكاھ-توي «رىسالە»مىزدە بۇ قارىشىمىز مۇنداق دەلىللەنگەن:
«... نىكاھىدىن مۇددىئا : نىكاھى قېتىلغان قىز-يىگىتنىڭ پاك-ھالالەت خۇدايى بەندىچىلىكى ئۈچۈن، ئەبەدىل-ئەبەد جۈپتى ھەمدەملىكى ئۈچۈن، خۇدالىق پەرزەنت ئۈچۈندۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇر مۆمىنلىرىمىزنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرى ئاشكارا ۋە خۇپىيانە تەمەدىن، زورلۇق-ناشايان ئەلەمدىن، كۇفرانە ھەشەم-مالامەتلەردىن، دەپن-دۇنيا ساراسىمىلىرىدىن، نەھى ھارامدىن (قويۇق-سۇيۇق، قاتتىق-يۇمشاق، مەست ۋە بىھوش قىلغۇچى خۇرچ-بۇيۇملاردىن -- ئىزچى)، قەرزدىن، بىچارىلىك ئەلەملىرىدىن، شەرمى-ھايادىن ... پۈتۈنلەي خالى، بەندىلىكتە ساۋابلىقى روشەن ئادەت يوسۇن ... بىلەن تامام بولمىقى شەرتتۇر ...».
توي-مۇراسىملىرىمىزدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار توغرىسىدا بۇ «رىسالە»دە يەنە تۆۋەندىكى زۆرۈرىيەتلەر قەيت قىلىنغان: «... نىكلاھى قېتىلغان مەزكۇر ئىككى مۆمىننىڭ ھەقدار ھامىيلىرى (ئاتا-ئانا، بىۋاسىتە ھامىيىلىك ئاكا-ئۇكىلىرى -- ئىزچى) نىڭ خۇدالىق خالىس ھەمدەملىكى، مۇراد-مەقسەت بىرلىكى، شەپقەت-شاپائەت ئېتىبارى مەزكۇر ئىككى مۆمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە تەقدىرىگە مەنبەدۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇرلەرنىڭ دەستۇرخان-سورۇنلىرى، مەسۇمە(قىز -- ئىزچى) نىڭ تويلۇق ھەققى مېھرى، تويلۇق بوغچا ۋە تويلۇق باراۋەت...لىرى ھامىيلىرى ۋە نىكاھى قېتىلغان ئىككى مۆمىننىڭ نەفتانە مال-دۇنيا مادارىغا بىنائەن ھەم شۇلارنىڭ قۇربىتى، رازىلىقى بىلەن زەخىمسىز، زورلۇقسىز ئۆتمىكى خۇدالىق دالالەتتۇر... نىكاھ-توي ئىنسان ئۈچۈندۇر. مال-دۇنيا، مەئىشەت ئۈچۈن بولمىقى دىنىمىزغا مۇخالىپتۇر...».
«... مەسۇمە تەرىپىدىن ئۈچ ھامىيە (قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، چوڭ ئاتا-چوڭ ئانىسى، بىۋاسىتە ھامىيلىق يەتكۈزىدىغان بالاغەتلىك چوڭ قېرىنداشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ --- ئىزچى)، يىگىتتىن بىر ھامىيە (ئاتا-ئانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى) تويدىن خالىس نېسىۋە ئالماق جايىزدۇر... ئۇنىڭدىن غەيرىلەرنىڭ نەپ ئالمىقى ھارامدۇر... رەئەييە-پۇقرانىڭ قىزلىق توي بوخچا-بوغۇنچىلىرى قوش قاتتىن لىباس (بىر جۈپتىن باش-ئاياغ ئېغىزمان كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى)، قوش قەۋەتتىن ئەۋرەت كىيىملىرى (ئىچ كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى)، لېچەك (ئىككىدىن باز ياغلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ-- ئىزچى)، زىبۇزىننەت (بايلار ئالتۇندىن، ئادەتتىكى پۇقرالار كۈمۈشتىن زىرە، بىلەزۈك، ئۈزۈك ئالمىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى) لەر بىلەن تەللەنمىكى ئەزەلدىن ئادەتتۇر... مەسۇمەنىڭ توي لىباسلىرى ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھەم لايىق تەل قىلىنمىقى، ھەرىتە (قەرز ئېلىپ تۇرغان) بولماسلىقى تەلەبتۇر... مەھبۇبىنى رازى ۋە مەمنۇن قىلماق، ئەلەمسىز خەۋەر ئالماق، كىيىندۈرمەك... ئەرگە ئۆمرىۋى شەرت ھېسابلانغان، مېھرى پاكلىقىنى ئۆز روزىگاھىدىن (ئېرىدىن -- ئىزچى) غەيرىگە بۇزماقتىن، ئەر ئۆمرىگە خىيانەت قىلماقتىن خالى ۋەيراف بولماق، ئائىلە، پەرزەنت ۋە خۇدايى تىرىكچىلىكتە ئەرگە ھەمياران بولماق، مېھرى بەرۈك مەسۇمە خاتۇنغا خۇدالىق ئەمەل، مەجبۇرىيەتتۇر...».
ئۇيغۇرلارغا خاس بولمىش بۇ «توي رىسالىسى»دە يەنە مۇنداق تەكىتلەنگەن : «... نىكاھى چۈشكەن ئىككى مۆمىننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئىنسانلىق تەڭلىكى، ۋابال-ساۋابىنىڭ ئورتاقلىقى، رىزقى-تەقدىرىنىڭ ھەم دىيانەت-ساداقىتىنىڭ بىرلىكى، مەزكۇر مۆمىنلەرنىڭ ئىرادە-ئىختىيارىغىلا خاستۇر، دەخلى-تەرۈزسىزدۇر...».
«... نىكاھ-توي جەرەستانلىرى (نىكاھ-توي سورۇنلىرى، مۇراسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ -- ئىزچى)نى بىر چاي، بىر توي، بىر مەشرەپ، بىر سالام، بىر قىچقىرىق، بىر يۈز ئاچقۇ ۋە بىر خاتىمە دۇئا دەستۇرخانى بىلەن تاماملىماق شەرىئەت دالالىتىدۇر. مۇسۇلمان توي پاتىھەلىرىنى ئاچكۆزلۈك، ھەشەمخورلۇق، ھەسەت، بۇزۇپ-چېچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپخورلۇقى بىلەن ئۆتكۈزمەك دەۋزىخى گۇناھىدۇر...»
توي قىلىشقان ئەر-خوتۇننىڭ تويدىن كېيىنكى ئۆمۈرلۈك مۇناسىۋەت-مەجبۇرىيەتلىرى ئۇيغۇرغا خاس بولمىش بۇ «توي رىسالىسى»دە يەنە مۇنداق قەيت قىلىنغان : «... ئەي يىگىت! ئاگاھ ۋە ۋاقىب بولغىنكى، نېرىسى ئۈچ ئايلىقتىن ئارتۇق سەپەرگە تاشلاپ كەتمىگەيسەن، ئۈچ مەرتەبە قەستەن گۇناھ سادىر قىلمىغۇچە بىر زەررە (تاك ئېتىپ) چەكمىگەيسەن؛ ئۆمۈرۋايەت خارلىق-خاھلىقتا، پەقىرچىلىكتە، پىغان-ھەسرەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ بولغۇسى پەرزەنتلەرنى خارلىق-خاھلىقتا، خۇدايى ئىسلامدىن غەيرىي ھالەتتە ھەم يامان كۈن، ناشايان تىرىكچىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ سەۋدايى-غەزەب، گۇمان بىلەن ۋە ياكى مەست-بىھۇشلۇقتا نىيەت بۇزۇپ پاكتسىز ‹تالاق› قىلمىغايسەن... مەزلۇمە شەكسىزدۇر»
«ئەي مەزلۇمە! ئاگاھ ۋە ۋاقىب بولغايسىزكى، سۆيگىنىڭىزنىڭ ئىككىلا ئالەملىك ھەققى-نېسىۋىسىگە قارا سانىمىغايسىز، نامەھرەمگە قارىمىغايسىز؛ ئەرنىڭ ھالال ئەمرىگە، لەبزىگە، ئەرلىك ھۆرمىتىگە مۇخالىپ ھەۋەسكە، شەيتان ۋەسۋەسىسىگە بېرىلمىگەيسىز. بولغۇسى پەرزەنتلەرنى ئۆز ئەجدادى ئىزىدىن تايمايدىغان، ۋاپادار، تەندۇرۇست، مۇسۇلمان، ئەھلى ۋەتەن، ئىشچان، ئەخلاق-ئەدەبلىك ... ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ، ئەۋلادى خىللىقنى ۋە ئەۋلادى پاكلىقنى ... ئادا قىلغايسىز...»
ئىسلامىيەتنىڭ توي-تۆكۈن پرىنسىپلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي قائىدە-يوسۇنلىرى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇ خىل يەرلىك نىكاھ-توي رىسالىلىرى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈنچىلىك تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك يازما نەمۇنىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئەجداد ئەدىبلىرىمىزدىن ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن قائىدە-مىزانلىرىمىز سۈپىتىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان يەنە باشقا بەزىبىر يازما خاتىرىلەردىمۇ قىز كۆيگەن، يىگىت سۆيگەن، تەڭتۇشلۇق، جىسمانىي سالاھىيەت، ئىختىيارلىق ئۆلچەم قىلىنغان، قۇدىلار رازىلىق بېرىشكەن، ئەل-يۇرت لايىق بىلگەن، مادارى يەتكەن خىراجەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ سورۇن ئاچقان، دەستۇرخان يايغان، ئادەت-قائىدە ئورۇندىغان، تەقدىرىگە قەرز، دەرد قالمىغان توينىڭ دىنىمىزدا «سۈننەت» ھېسابلانغان خۇدالىق پاك توي بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
جەمئىيىتىمىزدە بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش، پۇل تېپىشقا بېرىلىش كەيپىياتى ئۆرلىگەندىن بۇيان پۇلپەرەستلىك (پۇلغىلا چوقۇنۇش، پۇلنىلا ئويلاش، پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق قىلىق-قىلمىشلاردىن يالتايماسلىق، ساختىپەزلىك، ھارامخورلۇق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق... قىلىش) خاھىشلىرى باش كۆتۈرۈپ جەمئىيەتلىشىپ كەتتى. پۇلغىلا يۈزلەنگەن، پۇل ھەممىگە قادىر بولۇۋاتقان جەمئىيەتتە چىرىكلەشكەن شەخسىيەتچىلىكنىڭ، چىرىكلەشكەن ئىجتىمائىي كەيپى-ساپاچىلىقنىڭ ۋە چىرىكلەشكەن ھەم تېخىمۇ ياۋۇزلاشقان پۇل تېپىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەۋج ئالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق جەمئىيەتتە مىللىي ئاڭ، مىللىي قائىدە-مىزان، مىللىي ئەخلاق، مىللىي تۇرمۇش ئەنئەنىلىرىنىڭ رولىنى، خىسلەت-خاسىيەتلىرىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىجتىمائىي پەنلەر ھەم مەدەنىيەتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغداپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ ساھەلەرنىڭ ئالىم-ئۆلىما، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پاكلىق-پەزىلەتلىرىنىڭ راۋاجىنى قوغداپ قېلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەنئەنىۋى مىللىي خىسلەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ پاكلىق شان-شۆھرىتىنىمۇ قوغداپ تۇرغىلى بولماي قالىدۇ. پۇل-بايلىق ھېسسىياتى ئۈستىدە زامانىۋى مەدەنىيەت، زامانىۋى ئەقىل-ئىدراك ھككۈمرانلىق قىلمىسا ئۇ خىل پۇل-بايلىق ھېسسىياتى ئاقىۋەتتە چېكىدىن ئاشقان ئىجتىمائىي چىرىكلىكنى، پۇلدار شەخسلەر ۋە پۇلدار تەبەقە-گۇرۇھلارنىڭ ھەرخىل بۇزغۇنچىلىقلىرىنى، شۇنىڭدەك ئېكسپىلاتاتسىيە، ئېزىش ئىمتىيازلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەت كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ، ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ خىل پۇل غايىسى ئاقىۋەت بىزنى مىللىي روھىمىزدىن، غايىمىزدن، قەدىر-قىممەتتىن ھەتتا بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنى ساغلام روھىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىدۇ.
بىزدە ھازىر باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىجتىمائىي كەيپىيات چىرىكلىكى ھەم بۇ خىل كەيپىياتنىڭ تۈر-تەركىبلىرىدىن بىر ساھە بولۇپ تۇرغان توي-تۆكۈن مۇراسىملىرىدىكى تۆۋەندىكى چىرىكلىكلەر يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.
قىز-يىگىت تويى تاپاۋەت پۇرسىتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
ئۆزىنى «مەن» چاغلايدىغان بەزى پۇل-ۋەجخۇمار كىشىلەر رېسىدە بولغان مەسۈمە قىزلىرىنىڭ نىكاھ-تويىنى تاپاۋەت پۇرسىتى، نام-شۆھرەت تېپىش پۇرسىتى قىلىۋېلىپ، بولغۇسى كۈيئوغۇل تەرەپنى ئېغىرلاشقان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈلپەتلەرگە دۇچار قىلىشىۋاتىدۇ. مەن بۇلتۇر يازدا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ھەم مۇلازىمەت مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان بىر توينىڭ ئوغۇل تەرەپ چىقىم خاتىرىسىدە مۇنداق قۇرلارنى ئۇچراتتىم: «... قىزنىڭ تويلۇق كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت ... چىقىمى 19750يۇئەن، قۇدىلار دەستۇرخان سورۇنلىرى چىقىمى 10200يۇئەن، توي ھەم ھەر خىل چايلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك چىقىمى 9900يۇئەن، ۋىچىركا چىقىمى 7500يۇئەن، توي-مەرىكىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماشىنا-پىكاپلار، سازەندىلەر، ناغرىچىلار، سۈرەتچىلەر، سىنئالغۇچىلار، ئاشپەزلەر، خىزمەت قىلغانلار ... چىقىمى، زال ئىجارىسى (بۇ ماتېرىيال يېزىلغان دەۋر 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرى بولغاچقا رېستوران ئاز بولغاچقا ئىدارىلەرنىڭ زاللىرى ئىجارە ئېلىنىپ توي قىلىناتتى -- دادخاھ)، سۇنغان قاچا-قومۇچ، بۇزۇلغان مۈلۈك-جاھازلار ئۈچۈن كەتكەن چىقىم جەمئىي 11400يۇئەن، قىز-يىگىت ئۆيىنى جابدۇش، ئۇلارنى رازى قىلىش چىقىمى 22140يۇئەن، جەمئىي 81مىڭ 900يۇئەن بولغان».
تۆت يەردە تىجارەت دۇكىنى بار، چەتئەللەرگە چىقىپ-كىرىپ تىجارەت قىلىش ئىمتىيازى بار، ھاجى-ھەرەمى، ئەل-خالايىق ئىچىدە «ئىمان»، «ۋىجدان»، «مىللەت»، «غۇرۇر»، «ئەخلاق» دېسە ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان بۇ يېقىن بۇرادىرىم خخ ھاجى بايۋەچچە ئارزۇلۇق ئۈچ قىزىنىڭ رېسىدە بولغان بىرىنى --- «خ ئوماق»نى ھازىرقى چاغلاردىكى ئوتتۇراھال باھالىق بىر پىكاپنىڭ باھاسىغا توغرىلاپ بازارغا سالغان. دېمەك بۇرادىرىم خخ ھاجى بايۋەچچە ئوماق بىر قىزىنى مېھرىبان كۈيئوغۇل بالىسىغا ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە ساندۇق لاتا-پىتىگە، بىر ئوچۇم زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىغا، بىرتالاي ھەشەم كۆزنەكلىرىگە، ناھايىتى داغدۇغا ھەشەمنىڭ ئاتاقلىرىغا بېرىۋەتكەن.
شۇنىڭغا ئېچىنماي تۇرالمايمىزكى، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى پاك مۇھەببەتنى مەنبە قىلغان نىكاھ-توي ئادىتىمىز مانا ئەمدىلىكتە ئەنە شۇنداق ئېغىرلاشتۇرۇلغان پۇل-ۋەج زەربىسىگە، ناھايىتى كۆپ دەردىسەرلىكنىڭ، كەيپى-ساپاچىلىقنىڭ، ئۇچىغا چىققان شۆھرەتپەرەستلىكنىڭ، سازايى ھەشەمخورلۇقنىڭ ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئىسراپخورلۇقنىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلگەن.
«پۇل ھەممىگە قادىر» دەپ قارايدىغان زامانىمىزنىڭ نادان بايۋەچچىلىرىدىن سوراپ كۆرەيلى : پۇل-ۋەج، بەدخەجلىك قىز-يىگىت مۇھەببىتىنىڭ ئۇلى، قىز-يىگىت بەختىنىڭ تەقدىرى كاپالىتى بولالامدۇ؟ قىز-يىگىت مۇھەببىتىنى ئىناۋەت ئاساسى بولالامدۇ؟ مۇھەببەتنىڭ كلچىمى بولالامدۇ؟ ...
بىز ئوغۇل ئۆيلەش، قىز چىقىرىش چىقىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن پاتمان قەرزگە بوغۇلۇپ ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان، توي قىلىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، ئالدامچىلىق ھەتتا بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ تۈرمىلەرگە كىرىپ قالغان، مەگۈلۈك تەقدىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەن يىگىتلەرنى،قىزلارنى، قۇدىلاشقۇچى ئاتا-ئانىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ پۇلپەرەستلىرىمىز بۇ خىل ھادىسىلەرگە ئىچ ئاغرىتامدۇ ؟ كۈلەمدۇ ؟
پۇل-ۋەج ھېسسىياتى نىكاھ-مۇھەببەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە يۈزلەنگەندىن بېرى جەمئىيىتىمىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي ئەدەبسىزلىكلەر، ھەر خىل ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىقلار كۆپىيىپ كەتكەندىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدا تولا ئاجرىشىدىغان، توي قىلىشنى خاھلىمايدىغان، توي-نىكاھسىز جىنسىي بۇزۇقچىلىقى بولغان زىناخورلۇ قىلىشىدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. خاپىلىقتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان، چېكەرمەن، ئىچەرمەن بولۇپ قالىدىغان، نومۇسىنى ساتىدىغان، ئۆلۈۋالىدىغان، ساراڭ بولۇپ كېتىدىغان ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن رەزىللىكلەرنى قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇشۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ شۆھرەتخۇمار بايۋەچچىلىرىمىز ۋە پۇلخۇمار قۇدا-باجىلىرىمىز بۇ خىل ئىجتىمائىي مىللىي بۇزۇلۇشنى نېمە دەپ چۈشىنىدۇ؟
نىكاھ-توي مۇراسىملىرى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا جامائەت ۋە جەمئىيەتكە خاس خەلق مۇراسىملىرىدۇر، قىممەتلىك مىللىي ئەنئەنىدۇر. توي-تۆكۈن چىقىملىرىنى ئاشۇرۇۋېتىش، ھەشەمخورلۇق، داغۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، شۆھرەتپەرەستلىك ... قىلىقلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن ئادەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش قىلمىشلىرى بەرىبىر جامائەت ۋە جەمئىيەتكە مەنسۇبلانغان ئىجتىمائىي ئېغىرچىلىق بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، مىللەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىدۇ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى خارابلاشتۇرىدۇ، شۇ تىپتىكى پۇلدار بايلار ۋە ئۇلارنىڭ چىرىك ئادەت-قىلىقلىرى بىر قىسىم جامائەتچىلىكنىڭ ئەگىشىدىغان ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ناھايىتى ئاجىز ھالەتتىكى ئۇيغۇر ئېكېئولوگىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنى ئېغىر مىللىي بۇزۇلۇشنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى، دېمەي مۇمكىن ئەمەس.
توي-تۆكۈننىڭ تەقدىرى مەنپەئەت كۆزلىگەن بەزى قۇدىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ
ئەركىن نىكاھ-مۇھەببەت نىكاھلانغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق بېغىشلىشى لازىم ئىدى. ۋەھالەنكى، پۇل ۋە شۆھرەت مەقسەت قىلىنغان نىكاھنى قىز-يىگىت ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىلار ۋاكالىتەن ھۆددىگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنى سودىغا ئايلاندۇرۇۋالغاچقا، قۇدىلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشتىلا قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىق ھالدا تولىمۇ سىرلىق ۋە ساختا قىياپەتكە كىرىدۇ. ھەممە ئىش «قىل» ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ «قىل» چۇچۇسىنى بىرقانچە سۇخەنداز دەللاللار ۋە ياكى «تۈك ئۈندۈرگۈچى» «توي مەسلىھەتچىلىرى» تۇتقان بولىدۇ. تويدىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىكتىن تاكى تويدىن كېيىنكى رەھمەتچىلەرگىچە ئىككى ئائىلە كۆرۈنۈشتە ئىناق، ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە «پىكرى جىق» بولىدۇ. ھەتتا يامانلىشىپ قوشۇمچە «ئىشتىراپ ئېلىش» ياكى نىكاھنى بۇزۇپ قايتا «سودا» قىلىش ھالەتلىرىگە راۋاجلىنىدۇ، بۇ دۈشمەنلىشىشنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قۇدىلارنىڭ كېلىشەلمەسلىكى، يالغان ھىجىيىشلىرى، تويى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئارىلىشىپ، قاملاشمىغان سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىپ يۈرۈشلىرى تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە دەز كەتكۈزۈۋېتىدۇ. بۇ ھال كېلىپ كۈيئوغۇل بىلەن قېيىنئاتا-قېيىنئانا، كېلىن بىلەن قېيىنئاتا-قېيىنئانا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتكە پىلتا بولۇپ بېرىدۇ. جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن نىكاھتىن ئاجرىشىش، ئائىلە بۇزۇش، ئەر بۇزۇش، خوتۇن بۇزۇش، ئىچەرمەن-چېكەرمەن بولۇپ كېتىش، جىدەل-ماجرا، ھەتتا ئەر-ئىئوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي مېيىپلىك، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى...نىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مەنپەئەت ئىزدەپ، داغبازلىق قىلىپ بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئىللىق نىكاھ-توي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشكە، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشقا سەۋەبچىلىك قىلىشىۋاتقان ئۇنداق قۇدا-باجىلارنى قانداقمۇ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنگەن، دېگىلى بولار؟ پەقەت پۇل-مال، مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق «قۇدا-باجا»لىق، «تۇغقان »چىلىقنىڭ بۇزۇلمايدىغىنى يوق ھەم بۇنداق ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنىڭمۇ بۇزۇلمايدىغىنى يوق. يىگىت-قىزنىڭ ئىللىق مۇھەببىتىگە سالقىنلىق يۈرۈشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تىرىكچىلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش قەبىھ سەت قىلمىشتۇر.
مەنبە :http://hi.baidu.com/erkmandadxah ... cbfc1d8718bf53.html |
|