سزدىن مۇنداق بىر سوئال سورىغىم كىلىۋاتىدۇ ؟سىز ئۇ بالا بىلەن يۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا يىگىتىڭىز سىزگە نىمە سەۋەپتىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكنى ئىيتىپ بەرگەنمۇ؟ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا قانچە يىللىق مۇھەببەت باركەن؟مۇھەببىتى چوڭقۇرمىكەن ؟
بەلكىم ئىرىڭىز بىر ئالدامچىدۇكوڭلىڭىزگە ئالماڭ .بۇنداق دىيىشىمدا سەۋەپ بار.چۇنكى مېنىڭ كەچۇرمۇشىممۇ سزگە ئوپمۇ ئوخشاش. مەنمۇ بۇرۇن بىر بالا بىلەن 10يىل يۇرگەن توي قىلىش يېشمىزغا يەتكەندە مىنىڭ خىزمىتىم مۇقۇم ئەمەس قارش تەرپنىڭمۇ خىزمىتى بولمغاچقا توي قىلىشنى رەت قىلىپلا كەلگەن چۇنكى ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى ھەقىقى ياخشى كورسەكلا تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولغاندا توي قىلساقمۇ كېچىكمەيمىزغۇ دەپ ئويلەيتىم.نەق 10يىل بولغان يىلى تۇرمۇشىمىزدا بېر سىلكنىش بولدى ،سورۇسىڭىز سەۋەپ نۇرغۇن ،ھىچ قايسى جىڭغا توختىمايغان گەپلەر ،بەزىلەر دىدى مىېنى پۇلى بار خىزمىتى بار بالىنى تېپىۋالدى دەپ ،بەزىلەر ئۇنى خىزمىتى بار قىزنى تېپۋالدى دەپ شۇنداق قىلىپ مىكى-مىكى گەپلەر چېقىشقا باشلىدى.شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بىر- بىرىمىزگە ئىشەنمەي يۇرۇۋردۇق ،سىرتقى قىياپىتىم مۇلاىيم ،نازۇك بولغان بىلەن ناھايتى قىزلىق غورۇرى كۇچلۇك قىز ئىدىم ،ئۇنىڭ ماڭا يۇزسىزلىك قىلىشىنى كەچۇرەلمەيتىم .مىش -مىش گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي يۇرگەن چاغلاردا بىر دوستۇم ماڭا ئەقىل ئىشلىتىپ ئۇنىڭ تىلغۇنىنى كەشۇرۇپ بىقىشىمنى ئىيتىى .دوستۇم بىلەن كوچمە خەۋەرلشش شىركىتىگە بىللە بېرىپ نۇمۇرنى تەكشۇردۇم(مەخىپى نۇمۇرنى بىلەتتىم)قارىسام راست باشقلار دەگەندەك بىر تىلغۇن نۇمۇرى ئاز دىگەندە 50-60قىېتىم كوپ دىگەندە100نەچچە قىېىم ئۇرۇلدىكەن،بىراق قارشى تەرەپلە ئۇرۇدىكەن .بۇنىڭغا قاراپ باشقلار بۇنى ئازدۇرۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم.قايتىپ كىلىپ ئوزىدىن سورىسام قارشى تەرەپ ئۇنى بەك ئىزدەيغانلىقنى ئۇنىڭ پەقەت مىېنىلا ياخشى كورىغانلقىنى ئييتى ،مەن ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتىم (ئوزمنىنى ئۇنىڭغا يۇزسىزلىك قىلىپ قويماى دەپ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى كەتكۇزۋەكەن ئىدىم.)شۇنداق قىلىپ ئارىدىن 4ئاي ئوتكەندە ئۇنىڭ توي خەۋرى كەلدى ،قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەي قالدىم ،ئۇ قىز كىم دىمەمسىز؟ئاتا-ئانىلىرمىز خۇددى ئاچا سىڭىللەردەك ئوتىدىغان بىر يەرلىك يىقىن تۇنۇشلاردىن ئىدۇق ،ئۇنى ئۇنداق قىلىدۇ دەپ چۇشۇمگىمۇ كىرمىگەن ئىدى.كوڭلۇمگە شۇنداق كەلدى ئۇ چاغدىكى ھالىىتمى سورىماڭ ،چوڭلارنىڭ ئايرىلغانغا ئولمەيمەن ئەقىدەمگە يىغلايمەن دىگىنى راسكەن دەپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ توينى قىلۋەتتى.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالىدىم ،ئاپامنىڭ يېغامنى كورۇپ قالماسلقى ئۇچۇن سېرتلاردا يغلاپ -يغلاپ بولۇپ ئويگە كېرەتتىم ،چۇنكى ئاپامنىڭ ماڭا قاراپ ئىچ ئاغرىغى تارتىۋىلشىنى خالىمايتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇ توي قىلىپ 1ھەپتىدىن كىيىن ماڭا تىلغۇن قىلدى،تىلغۇننى ئالماي دىسەم تىخى تىلغۇننى ئىلىپ ئۇنىڭغا گەپلىرمىمنى دىۋالماقچى بولدۇم.
تىلغۇننى ئىلىپلا ئۇنىڭ نىمە ئۇچۇن شۇنداق قىلغانلىقنى سورۇدۇم. ئۇ نىمە دىدى دىمەمسىز؟
سىزنى جىنىمدنمۇ ئارتۇق كورەتىتىم ،سزنى دەپ ئاچىلىرمىدىممۇ ۋاز كەچكەن بىرق سىز توي قىلىشقا پەقەت قوشۇلمىدىڭىز؟ئۇنىڭ بىلەن بىر تىلغۇن پاراڭلىشىپ قويغان بىلەن ئۇنىڭدىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم،ئارلىقلاردا ئۇنىڭ ماڭا ئييقان سوزلىرىنى ھەر قانداق ئادامگە ئېيتسا ئيشىەنمەي قالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىنپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياش توكۇپ يۇردۇم.كېيىن دوسلىرىمىدىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئالدىمغا كىلىپ ئۇزىگە ئىشنىشىمنى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىدىغانلىقنى ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ماڭا قيىداپ توي قىلغانلىقىنى ئيېتى ،براق ئۇ يەنە ئايالنىڭ ئالدىغا كىلىپ يەنە باشقىچە يالۋۇرىدكەنتۇق.
سىز ھەرگىز ئەنسىرمەڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتى يەپ تاشلىۋەتكەن ئالمىنى ئاغزىغا ئالماسلقى مۇمكىىن ،بۇ بىر ئوتكۇنچى مەزگىل سىز تەخىر قىلسىزڭلا بۇ كۇنلەرمۇ ئوتۇپ كىېتدۇ ،بۇرۇنقى مۇھەببتىمۇ ئۇزىنىڭ ھەقىقىي بەختنى تاپىدۇ،ئۇ قىزمۇ بۇرۇن ئوزىنى ئالدىغان ئادمگە ئەمدى ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ،ئۇ قىز پەقەت كوڭلىنى ئىچىپ ئويناۋاتىدۇ خالاس.
سىزگە ئاللاھ دىن سەۋر تىلەيمەن.....
