etikad يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 20:54 
تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىكى ئىملا خاتالىقىنى كۆرمىگەنگە قا ...
بۇرادەر، شۇ كۈنكى كەيپىياتىمدا سىزگە قوپال تېگىپ قويغىنىمنى ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز! مەنمۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى تۇنجى كۆرۈپلا ھەم خۇشال بولغان ھەم ھەيران قالغان. سەۋەبى: مەنمۇ مۇشۇ ئەسەرنى يوللاشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ ئىككىلىنىپ قالغان، چۈنكى مەن بۇ بىچارە ئالىمىنى مەدھىيلەپ ئەسەر يازسام بەزىلەر تازا خۇشال بولالمىغانىدى... مەن تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپ شۇڭا خۇشال بولغانىدىم. ھەيران قالغان يېرىم بولسا، ماۋزۇدىلا ئىملا خاتالىقىغا يول قويۇلۇپتۇ. ئەمما مەن ئىككىسىنى دەڭسەپ بېقىپ يەنىلا بۇ ئىملا خاتالىقىغا ۋاقتىنچە سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم، چۈنكى بۇ ئەسەرنى تورغا يوللىغۇچى ماڭا ئوخشاش ئەنسىرەپ ئولتۇرمايلا يوللاپتۇ.(ئەسلىغۇ بۇ ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى!) شۇڭا مەن ئاران يوللانغان بۇ تېمىنى ئىملا جەھەتتىن سۆكۈپ، يوللانغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇپ يۈرمەي دەپ قالدىم.
مەن ئادەتتە ئىنكاسىلىرىمنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، قول يازمامنىڭ ئىملاسىمۇ ئاساسەن ئۆلچەملىك، لېكىن شۇندىمۇ ئىملاغا چۈشۈرمەي يېزىپ سالغان خەتلىرىم بار بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىمىزنى ھەر ئىككىلىمىز بىلەيلى، رامىزان كۈنلىرىدە بۇنداق دەتالاش قىلىپ يۈرۈشسەك، ئالىمنىڭ روھىمۇ قورۇنۇپ قالىدۇ!...
يەنە بىر گەپ: بىزنىڭ ئېيتىشىدىغىنىمىز تىل ۋە ئىملا ئەمەس، بەلكى شۇ تىل،ئىملانى بۇزغۇچىلار بولۇشى كېرەك!
تور ئىگىلىرى بولمىش تەھرىر ئەپەندى ۋە خانىملار، ئىملاغا دىققەت قىلىپ، تەھرىرلىك قىلغايسىلەر!
مەشھۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن گەرچە چەتئەللەرگىمۇ تونۇش بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلىرىمىز تېخى ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ! شۇڭا ھەممىمىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، دوستلىرىمىزغا ئۇنى تەرىپلەپ تەشۋىق قىلايلى! ئوباما بىلەن بىن لادىندەك مىللىتىمىزگە پايدىسى يوقلارنى بىلىدىغان ئادەملىرىمىز مىللتىمىزنىڭ بۇ مەشھۇر ئالىمىنىمۇ بىلىپ قالسۇن...