تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1992|ئىنكاس: 17

ئو كەلمەسكە كەتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42931
يازما
15
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئو كەلمەسكە كەتتى


ئو بالدۇر ياكى كىيىن بۇلسۇن،ھەممىمىز ئاخىر بىر كۈن باردىغان يەرگە__مۇقەددەس ھەم مەڭگۈلۈك ئاللانىڭ دەرگاھىغا،ئەتىۋارلىندىغان پەيغەمبەر يېشىدا ئولۇق ئاي،ئولۇغ كۈنلەر بۇلغان رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىردا ھىچكىمگە‹‹خۇش››دەپ قۇيمايلا جىممىدە كىتىپ قالدى.قۇلىنى كۆسەي ،چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ،ئوتتۇز يىللاپ تۈننى تاڭغا ئولاپ تەرىتىگە سۇ بەرگەن سۈيۈملۈك ئايالىغىمۇ ئۆزىنىڭ كىتىدىغانلىغىدىن بىشارەرت بەرمەستىن ئۈنسىز خاتىرجەم كىتىپ قالدى...   20-ئەسىر ئويغۇر تارىخىدىكى تۈمۈر خەلىپە،خۇجا نىياز ھاجى قاتارلىق شەخسلەرنىڭ نامزى چۈشۈرۈلگەن ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىت __نۇغاي مەسچىتىدە ئونىڭ نامزى چۈشۈرلۈۋاتقاندا،ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى تۇيۇقسىز نامازغا ئۈلگۈرۈپ كىلىپ،ماتەم سۈكۈتىگە چۆمگەنتى.   ئو ئادەم ئويغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ،ئەتسى ئۈچۈنمۇ ناھايتى كېرەكىلىك ئادەم،ئونىڭ ئورنىنى بىر مۇنچە ئويغۇرلار بىرلىشىپمۇ تولدۇرالمايدىغان ئادەم ئدى.يايلاقتا بۈرە ھوۋلاپ تۇرمىسا قۇي پاڭقۇش كېسىلى بۇلۇپ،قۇتۇر بېسىپ قىرلىپ كەتكەنگە ئوخشاش،ئونىڭ نامزىغا قاتناشقان كۈچلۈك رەقىبلىرى ئوزاق مۇددەت قېلىچلىشىپ دۇئېلغا چۈشكەن چەۋەنداز رەقىبى يىقىلغاندىن كىيىن قېلىچىنى تۇتۇپ نىمە قىلشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغاندەك،ياشاش ئەھمىيەتسىز،زىرىكىشلىك تويۇلۇپ،رەقىبىنى سېغىنغاندەك بۇلۇشۇپ قېلىشقان بۇلۇشى ئېھتىمال.   بىز بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىزكى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىمىسا بۇلمايتى دەيمىزكى،زامانىمىزدىكى ئويغۇر ئالىملىرى ئچىدە ئونىڭ خاسىيەتلىك تەرپى،بىرى،ئو ئگەللىگەن شۇنچە كۆپ بىلىمىگە لايىق ئۆز خەلقىگە بىر مۇنچىلىغان ئسىل كىتابلارنى يىزىپ بەردى،بىر مۇنچە نەرسىنى ئچىگە سۇلاپ ئولۇق بىولۋېلىپ،ھۆپۆپكە ئوخشاش ئچىدە سېسىتىۋېتىدىغان بەزى ئېتى ئولۇق،سۈپۈرسى قۇرۇق ئالىملىرمىزدەك ئەخمەقلەرچە ياشىمىدى،يەنە بىرى،ئو تېخى ئشتىن قالماي،قەلمىنى تاشلىماي،بىلگەنلىرىم مەن بىلەن تۇپا ئاستىغا كىرىپ كەتمىسۇن،ئەۋلادلارغا قالسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز شىددەت بىلەن توم- توم كىتابلارنى يىزىۋاتقانتى.ئونىڭ تىنىم تاپماي ئۆگىندىغان،ئزدىندىغان،تىرشىدىغان ،ئشلەيدىغان روھى سۇرۇنلارنى بېشىغا كىيىپ،خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئاتىدىغان،ئۆزىنى ماختاپ،ئۆزدىن باشقىنى ئاساسسىز ئنكار قىلىپ سېسىتىدىغان،سەللىىسى چوڭ،قۇرۇق سۆلەت ئالىملىرمىزدىن مىڭ ئەۋزەل ئدى.بىز بىر بىرمىزنى،ھەتتا ئوقۇتقۇچى-ئوستاز چوڭلارنى تىللاپ قارغاپ يۇقۇرى تۆۋەن قاتراپ بىر بىرمىزنى چېقىشنى،پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ،‹‹كەسپى پىتنىچى››لەردىن بۇلۇشۇپ يىتىشىپ چىقتۇق.بىر بىرمىزنى قەدىرلىمەيمىز،ھۆرمەت قىلمايمىز،بىر بىرمىزگە يۇل قۇيمايمىز،ئۆز-ئارا كەڭ قۇرساق بۇلمايمىز ،بىز كۆپ ھاللاردا ئۆز-ئارا گەپلەشسەكمۇ،سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس،بەلكى بىرەر غەيۋەت ئوچۇرىغا ئگە بۇلۇش مەخسىدىدە گەپلىشىمىز،سالاملىشىمىز،مۇڭداشساقمۇ غەيۋەت شەكلىدە بۇلسا بەك ھۇزۇرلىنىپ مۇڭدۇشۇپ كىتىمىز.   ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى،ھەممە پىتنە-پاسات ،غەيۋەت شىكايەتلەرنىڭ چوڭى ئويغۇرلارنىڭ خىللىرى يىغىلغان ئۈرۈمچىدىن تارقىلىدۇ،بۇ پىتنە پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەر ناھىلەردە ياڭيۇ كۆپەيگەندەك بىر بىرنى تۇغۇپ بىر پۈتۈن ئويغۇر جەميىتىنى شەكىللەندۈردۇ.ئۈرۈمچىدىن بارغان ئادەمدىن،ھەر يەرلەردىكى پىتنە پاساتچىلار‹‹ھە...ئۈرۈمچىدە نىمە يېڭى گەپ بار؟›،دىگەن سىپايە سۇئال بىلەن ‹‹ئەھۋال ››ئگەللەپ دەرھال‹‹كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسى››غا كىرگۈزۈپ،تۈركۈملەپ كۆپەيتىپ تارقىتىدۇ،مانا بۇ ئسىمىزنى بىلسەك ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بۇغان ئادەت ئكەن.شۇڭا ئويغۇر بۇلماق بەك تەس،ئويغۇرغا ئالىم بۇلماق تېخىمۇ تەس.   تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاڭ ئەقەللىي قانۇنيىتى __مىۋىنىڭ شۈپۈگى،بۇغداينىڭ سامىنى...بۇلدىغانلىغىدىن ئبارەت تەبىئى قانۇنيەت بۇيىچە،بىز بۇ ئالىمنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرنى ئەپو قىلالمىدۇق،بىكار تەلەپ ھارامزادىلەرنىڭ سانسىز جىنايى قىلمىشىلىرى ئۈستىدىن،كېچىسى ئورا كۇلاپ،كۈندۈزى ئەلخۇمار بۇلۇۋالدىغان مۇناپىقلار ئۈستىدىن،بىر ئشنى ياخشى قىلىپ،يۈز ئشنى يامان قىلدىغان نائەھلىلەرنىڭ ئۈستدىن نەپرەتلەنمەي،كەمچىلىگىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشۈدىغان بىر ئولۇق ئالىمىمىزنى يەتتە ياشتىن يەتمىز ياشقىچە ھەممىمىز قارغىدۇق،بىز ئۆزىمىز ھەممىمىزنىڭ ئلاھ ياكى پەرىشتەئەمەس،بەلكى بەندە __ ئادەم ئكەنلىگىمىزنى،ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق نۇقسانىمىز بارلىقنى ئويلىمىدۇق،ئەكسىچە ئۆزىمىزنى پەرىشتە،باشقىلارنى ئالۋاستى كۆرسىتىپ ياشاپ كەلدۇق.   شۇنداق ئېيتىشقا بۇلۇدىكى،ئەگەر ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئمىن ياۋرۇپالىق ئالىم بۇلغان بۇسا،ئونىڭ ئەسەرلىرنى تۇتىيا بىلگەن،ئۆزىنى پەرىشتە ھىسابلىغان بۇلار ئىدۇق.ئەگەر ئابدۈشكۈر مۇھەمەت ئىمىن روس،گېرمان،خەنزۇ بولغان بۇسا بىز كۆرسەتكەن كۈننىڭ يەنە بىر تەرپىنى كۆرگەن،قالتىس قەدىرلەنگەن بۇلار ئىدى.   ئو ئنتايىن يۇۋاش ئادەم ئدى،سۇرۇنلاردا سۆز تالاشمايتى،كۈرۈشكەندە قۇل تالاشمايتى،ماڭغاندا يۇل تالاشمايتى،كوللىكلىتىپ رەسىمگە چۈشكەندە چەتتە ياكى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتى.باشقىلار يۈزىدىن يۈزىگە تىللىغاندىمۇ تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر -بېسىق بۇلاتتى.كېچە كېچىلەپ سۇكۇلداپ مۇرىت توپلاپ گوروھۋازلىق ياكى يۇرۇتۋازلىق قىممايتى،قۇرۇق شۆھرەت قۇغلىشىپ بەتخەجلىك،سۆلەتۋازلىق قىممايتى.1958-يىلىدىن1978-يىلغىچە تارتىۋېلىنغان ئۆمرى ئۈچۈن ئېچىنىپ،ۋاقىتنى ئالتۇن بىلىپ ئشلەيتى،ئشلەيتى...   ئو كىشىلەرگە ئازار بەرمەيتى،ھەتتا ئاستى-ئۈستى قۇشنىلىرىمغا دەخلى يەتمىسۇن،دەپ گۆشنى پالتىدا چانىماي،ھەرىدەپ كەسكەن ئادەم ئدى. دىمەك بۇ ئالىمىمىز ھەممە ئشنى ئەقىل ئشلىتىپ قىلار ئىكەن.   شۇنداق قىلىپ،ئونى كۈمۈپ قۇيدۇق.ئو كەتتى،كەلمەسكە كەتتى،ئويغۇرغا ئالىم بۇلغانغا تۇيۇپ،خۇشمۇ دىمەي كەتتى.بۇ نادان خەلىق ئويغۇر ئۈچۈن جۇۋاز كالىسىدەك يۇۋاشلىق بىلەن ئشلەپ بىرۋاتقان،بىر ئۈزى نەچچە ئون ئالىمنىڭ ئشىنى قىلىپ ئۈلگۈرۋاتقان بىر ياراملىق ئالىمنى يۇقۇتۇپ قۇيدى.بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىگىمىز بۇيىچە تىرىك چېغىدا سېسىتىپ،ئۆلگەن چېغىدا قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ ئۇنى يادلاپ تۇرۇپتىمىز.ھەي كەم ئەقىل قېرىنداشلار،تىرىك چېغىمىزدا بىر بىرمىزنى قەدىرلەيلى...   ئالىم كەتتى.نۇرغۇن نەرسىلەرنى يىزىشقا ئۈلگۈرەلمەي ھەممىنى ئېلىپ كەتتى،بىلشىمىز كېرەككى،بۇ بىزنىڭ شور تەلەيلىكىمىزنىڭ بىر ئسپاتى.ئاللا: ‹‹مەن غەزەپ قىلغان قۇۋم ئارسىدىن ياخشىلارنى ئەكېتىش بىلەن شۇ قەۋىمنى جازالايمەن››دېگەنكەن.بىز داۋاملىق جازالىنىشتىن پاتراق قۇتۇلۇشنىڭ يۇلى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى،بىز لەنەت تاشلىرمىزنى ياخشىلارغا ئەمەس،شەيتانلارغا ياغدۇرۇشنى ئۆگىنىۋالايلى.   ئېسىمىزدە بۇلسۇن،ئولۇق ئويغۇر ئالىمى ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئويغۇر جەميىتىدىكى دۇزاخ ئازابىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەڭگۈلۈك ئارامگاھقا كەتتى.   

   

                           

مەنبە:ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم  ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئمىننىڭ ياتقان جايى  ،ياخىشلارنىڭ قاتارىدا بولسۇن ،،،ئاللاھ  ئۇ خىزىر سۈپەت ،كەڭ قورساق، ئېغىر-بېسىق،ئاق كۆڭۇل ،باشقىلارغا يامانقى  يوق كىشىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ،،،

UID
43172
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇرئالىمىمىزنىڭ ئۇلۇپ كەتكەنلىكىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلۇرىمىز،ۋە قايغۇرىمىز!!!!
بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ياقان يىرى جەننەت بولغاي!!ئۈزىنىڭ خەلقى ئۇچۇن خىزمەت قىلغان  ياخشى كىشىلەر ئۇنتۇلمايدۇ!!!
ھەجەپ بالدۇرراق بىلەلمەي قاپتۇق،مۇمكىن بولغان بولسا نامزىغا قاتنىشىۋالغان بولساق نىمدىگەن ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلار ئىدى ،ئەپسۇس!!

UID
4964
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1177
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ھەرپى كېلىدىغان يەرگە ئو ھەرپى، ئو ھەرپى كېلىدىغان يەرگە ئۇ ھەرپى ئىشلىتىلىپ، ئادەمنى ئەجەب بىئارام قىلدى بۇ تېما.

باھا سۆز

sadik22  تىمىدىن چەتنەپ قۇسۇر ئىزدەيدىغانلاردىن ھەممىمىز بىزار  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
yvsvpjan  يېزىلىپ قالغان ھەرپمۇ ياكى مەزكۇر تېمىمۇ؟؟ ئەسلىدە ھېچ قايسىسى ئەمەس ھە!؟...  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
yvsvpjan  خاتالىقى ئۈسىتىدە ئويلانساق بولماسمۇ؟! سىزنى بىئارام قىلىۋاتقىنى خاتا  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
yvsvpjan  بىرەر ئىككى ھەرپنىڭ خاتا يېزىلغانلىقى بىلەن ھېسابلاشقۇچە، ئۆزىمىزنىڭ  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
39194
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2012-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئون بەش كۈنلۈك ئالەمگە كىلىپ كىتەر مىھمان بىز.    (ناخشاتېكىىسى)                            ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھانغا بىر-بىرىمىزبىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتكەنگە نىمە يىتىدۇ

UID
37509
يازما
97
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
97
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالىمىنىڭ ئېسىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ!! دۇنيادا بەزىلەر قىلىچ بىلەن ئادەم قۇتقۇزسا، يەنە بەزىلەر قەلەم بىلەن ئادەم قۇتقۇزىدۇ. قەدرى تۈزۈك قىلىنماي كەتكەن مەشھۇر ئالىم ھەم پەيلاسوپ  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (ئىسمىنىمۇ بولسا توغرا يازايلى ھەم ئاتايلى) دەل  قەلەم بىلەن ئادەم قۇتقۇزىدىغانلاردىن ئىدى... ئەختەم ئۆمەرگە ۋە تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت ! ئالىمىنڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ يوقىتىش!!...

UID
42499
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  ھەقەقەتەنمۇ ئالىملىرىمىزنىڭ ئالىمى.  ھېچكىم ئاچمىغان، ئەڭ قىيىن تېمىلاردا ئەڭ كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن ، ئىلمىي ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ بۈيۈك ئالىمىمىزدۇر. بۇ جەھەتتە تېخى ھىچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ .  ‹ فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى› ، ‹ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى› ، ‹ غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى › ، ‹ ئۇمۇمى ئىستىتىكا› ، ‹ قاتلاملىق ئىستىتىكا› ، ‹ ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى› ، ‹ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا› ، ‹ شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتى› ، ‹ قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى› ، ‹ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە › ، قاتارلىق بېباھا ئەسەرلىرى ئىلمىي قىممىتىنىڭ يوقىرىلىقى، پايدىلىنىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى بىلەن يىللارسېرى قىممىتى ھەسسىلەپ جۇلالىنىۋاتقان ئەسەرلەردۇر . .

UID
34340
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى بىز بەك كېچىكىپ تۇنۇدۇق..... ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.

باھا سۆز

geniablat  توغرا دەيسىز.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
7375
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2010-11-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپسىز ئۆي دېرىزىسى يوق ئۆيدۇر. كىتاپ بىلەن ياشىساڭ مەڭگۈ ھەسرەتتە قالمايسەن . ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: مېنىڭ ھاياتىم پۇل چېكى ياكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ساناش بىلەن ئەمەس، بەلكى كىتاپ-ژورنال سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاش بىلەن ئۆتتى دېگەن ئىدى .
تېما ئىگسىىگە ۋە بۇ تېمىنىڭ ئىملاسىنى «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال »دېگەندەك ،بىركۆزىنى قىسىۋىلىپ تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىغا سەممىيلىك بىلەن شۇنى مۇراجىئەت قىلىمەنكى ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا ئۆزىڭىز دېققەت قىلمىسىڭىز ،بالىڭىز چالا ئۆگىنىپ قالسىمۇ بىلەلمەي قالىسز !شۇڭا بۈگۈنكى ئىشىڭىزغا مەسئۇلىيەتچان بولغانلىقىڭىز ،ئەتە ئۈچۈن مەزمۇت قەدەم تاشلىغانلىق بولىدۇ .
رامزاندا ياخشى ئىشلارنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ بولارمىش ،قالغىنى قېرىنداشلىرىمغا ئامانەت !
.

UID
17664
يازما
146
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
716
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        بىز ئۇدۇنياغا كەتكۈچۈلەرگە دۇئا قىلىپ ،،،  ،،، ،،،  ھايات تۇرغان ئالىملىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يىتەيلى|

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش